akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1521|ئىنكاس: 15

مەشئەل كۆتۈرگەن كىشلەر  (1-بۆلۈم)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسكەرتىش: بۇ پوۋېسىت يازغۇچى خالىدە ئىسرائىل ھەدىمىزنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى بولغان ئىشلارنى بىرمۇ بىر تەكشۈرۈپ ماتېريال توپلاپ يېزىلغان تارىخى ئەسىرى بولۇپ بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتبول ھەركىتىگە بولغان چۈشىنىشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ دەپ قاراپ بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن، ئەسەرنىڭ ھەجىمى چوڭ، شۇڭلاشقا تورداشلار ئۈچۈن ھەم ئۆزەم ئۈچۈن ئەسەرنى قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن ئۈچ بۆلۈم قىلىپ يوللاشنى توغرا تاپتىم،ئەسەردىن ھەقىقى زوق ۋە بىلىمگە ئىگە بولساڭلا مەن شۇنىڭدىن خوش. ھۆرمەت بىلەن:
MOTIWAR



مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر
ئاپتورى: خالىدە ئىسرائىل

1857-يىلى ئەنگىلىيە ئىشچىلىرى دۇنيا بويىچە تۇنجى پۇتبول كۇلۇبىنى قۇردى
1863يىلى ئەنگىلىيەدىكى 11 پۇتبول كوماندىسى بىرلىشىپ تۇنجى پۇتبول جەمىيتىنى قۇردى
1870يىلى ئەنگىلىيە پۇتبول جەمىيتى دۇنيا بويىچە تۇنجى ئۆلچەملىك مۇسابىقە(يەڭگۈچى) پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئەنگىلىيە پۇتبول ھەركىتى كەڭ قانات يېيىپ،ئاۋىستىرىيە،ئاۋىستىرالىيە،ئىتالىيە،ئىسپانىيە،فىرانسىيە،بېلگىيە،گوللاندىيە قاتارلىق ئەللەرگە تارقالدى
1896-يىلى پۇتبول ھەركىتى خەلىقئارا ئولمىپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ قوشۇلدى.
1904-يىلى مايدا فىرانسىيدە خەلىقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى FIFA قۇرۇلدى.
1928-يىلى خەلىقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى 1930-يىلدىن باشلاپ تۆت يىلدا بىر قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى.........

1870-يىللىرى ئەنگىلىينىڭ مانچېستېر شەھىرىدىكى باغچە-مەيدانلاردا توپ تېپىپ يۈرگەن ئىشچىلارنىڭ ئارىسىدا بىر ئۇيغۇر يىگىتىمۇ بار ئىدى،بەسىتلىك،چاققان،زېرەك بۇ يىگىت يېڭىلا ئۆگىنىۋالغان بىر-قانچە ئېغىز ئېنگىلىزچەسۆزىگە تايىنىپ بۇ يەردىكى ئىشچىلار بىلەن ئوبدان چىقىشىۋالغان ھەم توپ ئويناشنىمۇ خېلى ياخشى ئۆگىنىۋالغانتى، كىشلەر ئۇنىڭدىن ‹‹سەن قەيەرلىك ››دەپ سورىسا ئۇ تۇرۇپ كېتىپ:
-مەن ئۈستۈنئاتۇشلۇق، ئۈستۈنئاتۇشنىڭ ئېكساق دېگەن يېرىدىن، دەپ جاۋاپ بېرەتتى. ھەممە ئىشقا قىزىقىدىغان ئەنگىلىيلىكلەر دۇنيا خەرىتىسىدىن ئۈستۈنئاتۇش ئېكساق دېگەن يەرلەرنى ئىزدەپ ئاۋارە بولاتتى. ئۇچاغلاردا ئۈستۈن ئاتۇش قەشقەر كونىشەھەر ناھىيسىگە قاراشلىق كىچىككىنە بازار بولۇپ ئۇنى ھەقىقەتەن دۇنيا خەرىتىسىدىن تاپقىلى بولمايىتتى. بۇ يىگىت ئاشۇ ئۈستۈن ئاتۇشنىڭ ئېكساق كەنتىلىك ھاشىم بالىخان ئىسىملىك يېتىم ئوغۇل ئىدى.
ئاتا-ئانىسىدىن كىچىك قالغان ھاشىم بالىخان ھاممىسىنىڭ قولىدا چوڭ بولدى،ئۇ ھاممىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيلىشى ئاستىدا قۇرئان ساۋادىنى چىقىرۋالغاندىن باشقا كۆچەت ئۇلاقچىلىقىغا ئۇستا بولۇپ چوڭ بولدى. ئايىقى چاققان،پاكىز ،چىرايلىق كىيىنىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان ھەرقانداق ئىشنى ئېپىگە كەلتۈرۈپ قىلىدىغان ھاشىم بالىخانغا ھاممىسىلا ئەمەس خولۇم-خوشنىلىرىمۇ ئامراق ئىدى،سۆزمەن-قىزىقچىلىقى،چىقىشقاقلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ كۆرگەنلا ئىشنى قىلىپ باققۇسى كېلىدىغان ھەردەم خىيال مىجەزىنىمۇ ئېغىر ئالمايىتتى. ئۇ ھەقتە سۆز ئېچىلسىلا بوۋايلار كۈلۈشۈپ‹‹(بالا بولسا شوخ بولسا، بولمىسا يوق بولسا) دەپتىكەن،ھاشىم بالىزە ئالامەت شوخ، كېلىشىملىك بالا بولدى، بۇ مۇشۇ مىجەزى بىلەن نەگە بارسا جان بېقىپ كېتەلەيدۇ›› دېيىشەتتى.
ھاشىم بالىخان 17-18ياش ۋاقىتلىرىدا ياشىنىپ قالغان ھاممىسى بىلەب غۇلجىغا چىقىپ كەتتى،ھاممىسى ئۇ يەردە ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن كارۋانلارغا ئەگشىپ ئەنجانغا چىقتى ، ئۇ يەردىن تۈركىيەگە باردى،ئىزمىردا مۇساپىرچىلىق ۋە يوقسۇزلۇقنىڭ دەردىنى تارتىپ يۈرگەن چاغلىرىدا زەرىف باي دېگەن ئادەمنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ،خەلىقئارا يۈك پاراخوتىنىڭ ياردەمچى يۈك تىزىملىغۇچىسى بولدى،ھەم پاراخوت بىلەن مانچېستېر شەھىرىگە بېرىپ بىر يىل تۇرۇپ قالدى،ئىككىنچى يىلى تۈركىيەگە قايتىپ ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تېرىسىنى ساتىدىغان بىر دۇكاندا بىر مەزگىل ئىشلەپ كېيىن خوجايىننىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن مال سېتىۋالغۇچىلارغا يول باشلاپ سىبىرىينىڭ بىر قىسىم جايلىرىغا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئالمۇتا،رۇسىيەنىڭ شەمەي شەھەرلىرىگە،كېيىن يەنە قازان شەھىرىگە باردى.
قازان ئەينى دەۋىردە غەرىپ بىلەن شەرىق ئوتتۇرسىدىكى مۇھىم ئىقتىسادى تۈگۈن بولۇپلا قالماي مەدەنيەت-مائارىپ ئىلىم-پەن ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان،غەرىپ دۇنياسى بىلەن شەرىق دۇنياسىغا تەۋە خىلمۇ-خىل مەدەنيەت ھادىسلىرى پىكىر ئېقىملىرى ئۆز-ئارا ئۇچىرشىپ توقۇنىشىدىغان ھەم بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىغان گۈللەنگەن زامانىۋى شەھەر ئىدى. رىقابەت تۈسى قويۇق،قىزىقارلىق تەنتەربىيە تۈرى بولغان پۇتبول بۇ يەردىكى مەكتەپلەرگە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنىۋاتاتتى.
ھاشىم بالىخان بۇ يەردىكى بۇ يېڭىلىقنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچىسى ھەم تەشەببۇسچىسى بولدى، ئۇ بۇ يەردىكىلەرگە ئەنگىلىيچە ئويناش قائىدىلىرنى ئۆگەتتى، مۇسابىقىگە قاتناشتى ۋە ناھايتى تېزلا بۇ يەردىكى داڭلىق توپچىلاردىن بولۇپ قالدى. شۇ مەزگىللەردە قازانغا سودا ئىشى بىلەن كەلگەن بىر يۇرىتلىقى، ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە داڭلىق باي- باھاۋدۇن ھاجى بىلەن كۆرۈشتى، ئۇلار ياش قورامى تەڭ،زېھنى كۈچى، پىكىر ھېسسياتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ياشلاردىن ئىدى،ئىككىسىلا يۇرتىنى،ئىكساقنى قىزغىن سۆيەتتى.نادانلىق نامراتلىق ئىلكىدە ياشاۋاتقان يۇرىتداش،قان-قېرىنداشلىرىنى،بۇلارنىڭ تەقدىرىنى كۆپ ئويلايىتتى، شۇڭا ئوي-پىكىرلىرى دائىم بىر يەردىن چىقاتتى،ھاشىم بالىخان ئۇزۇن يىل مۇساپىرچىلىقتا يۈرۈپ يۇرتىنى كۆپ سېغىنغانلىقى يۇرتىغا قايتىپ مۇشۇ يەردىكى باللارغا پۇتبول ئويناشنى ئۆگەتكەندەك، يۇرتىدا ئوشۇق ئويناپ يۈرگەن باللارغىمۇ پۇتبول ئۆگەتكۈسى بارلىقىنى ئېيىتقاندا باۋدۇنباي كۆزلىرىگە ياش ئالدى،ئۇمۇ يۇرتىدىكى قاراڭغۇ مەدرىسلەرنى ئىسلاھ قىلىش،دەرىسلىكلەرگە پەننى مەزمۇنلارنى قوشۇش،شارائىت يارىتىپ بۇ يەردىكىگە ئوخشاش يېڭى مەكتەپلەرنى قۇرۇش،تەن-تەربىيەسىنى يولغا قويۇش قاتارلىق خېلىدىن بېرى ئوي-خىيالىنى چىرماپ كېلىۋاتقان ئارزۇ-ئارمانلىرىنى سۆزلىدى.ئۇلار كۆپ قېتىم ئاشۇنداق سىردىشىپ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ پىلانلىرىنى تۈزۈشتى.باۋۇدۇن باي ھاشىم بالىخاننى يۇرتىغا قايتىدىغان كارۋانلار بىلەن بىللە يولغاسالىدىغان چاغدا ئۇنىڭغا ئۈچ دانە پۇتبول توپى ۋە بىر دانە ناسوس يوللۇق تۇتتى، بۇ توپلار پامىر تاغلىرىدىكى تىك،خەتەرلىك تاغلاردىن قار-مۇزلۇق داۋانلاردىن ساق-سالامەت ئۆتۈپ ھاشىم بالىخان بىلەن بىللە ئىكساققا يېتىپ كەلدى. تەۋەككۈلچىلىك روھىغا باي ئىكساق دېھقانلىرى پۇتبولنى ياختۇرۇپ قالدى. شۇنداق قىلىپ پۇتبول تەكلىماكان باغرىدىكى بۇ زېمىندا چوڭقۇر يىلتىز تارتىشقا باشلىدى.

1880 -يىلى ئىكساقنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى پۇتبول كوماندىسى بارلىققا كەلدى، ئۇلار دەسلەپتە تۆت ئادەم بىر گورۇپپا بولۇپ ئوينايىتتى. ھاشىم بالىخان،تاياخۇن،نامانكام،خەلەمكام،نەسپاخۇن، سوپىكام،نۇدۇككام،نەبىكام قاتارلىق پۇتبولچىلار ئىكساق شۇنداقلا پۈتۈن شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ تۇنجى قۇرلىرىنى يازدى.يىللارنىڭ ئۆتىشى بوران-چاپقۇنلۇق ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ پۇتبول ھەركىتى يېڭىلىق تەرەققىياتنىڭ سۈپىتىدە ئىكساقلىقلارنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتتى


بىرىنچى بۆلۈم تۈگىدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-4-3 19:57:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى   يېزىپسىز     
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-4-3 20:00:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-3 20:07:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پوۋېسىتنىڭ ئاران 10\\1قىسىمىنى يازدىم. جىقراق يازاي دېسەم بۇ پوۋېسىت قۇرۇلما جەھەتتىن ئۈچ بۆلەكتىن تەركىپ تاپىدىكەن. شۇڭا ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇردۇم.2-بۆلۈمىنى ئاللاھ خالىسا ئەتە يوللايمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-4-3 21:00:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزنىڭ داۋاملىق مۇشۇ تېمىغا تەھرىرلىنىپ مېڭىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. ئامال بار تولۇق يوللىسىڭىز... ھەقىقەتەنمۇ ياخشى تېمىغا تۇتۇش قىپسىز. چۈنكى كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ كىتاپ كۆرۈپ كېتىشىگە ۋاقىت ئاجىرتالىشى ناتايىن. لېكىن تور دۇنياسىدىكى ئازغىنە دەم ئېلىش ۋاقتىدا ئاز ئازدىن ئوقۇپ تۈگىتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-4-3 21:11:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما قۇلۇڭلىغا دەرت بەرمىسۇن ئاداش

مەندە ئىلكىتابى بار لازىم بولسا ئەۋەتىپ بېرىمەن .

كاللا دەششەت ئىشلەيدۇدە ، ئۈچ بۈلۈمنى ئايرىم ئايرىم يولىسا ئۈچ نادىر تىما دېگەن گەپ،بىراقلا يولىسا بىر نادىر  تىما .

ئەگەر يەنە ئىككى بۈلۈمىنىمۇ يوللىساڭلا تەتىلدە كەلگەندە داپەنجىدە مېھمان قىلىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-4-3 21:24:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر دىيارىمىزدىكى تۇنجى پۇتبول كۇلۇبىنىڭ قۇرلغان ۋاقتى، ياۋروپادىكى %98 پۇتبول كۇلۇبلىرىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتىدىنمۇ ئۇزۇنكەنتۇق، ھەي............... موتىۋەرگە ئېلھام كەپ قاپتۇ ھە............
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-4-4 12:11:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-4-4 14:04:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
<<باۋۇدۇن باي ھاشىم بالىخاننى يۇرتىغا قايتىدىغان كارۋانلار بىلەن بىللە يولغاسالىدىغان چاغدا ئۇنىڭغا ئۈچ دانە پۇتبول توپى ۋە بىر دانە پۇتبول توپى يوللۇق تۇتتى>>؟
ئەسلى ئەسەردە<< ئۈچ دانە پۇتبول توپى ۋە بىر دانە ناسۇس>>ئىدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-4-4 15:56:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-4-4 20:41:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامنى يوللىغاندا مۇشۇ تېمىڭىزنىڭ كەينىگىلا تەھىرلىۋەتسىڭىز، داۋملىق نادىر تېمىلارنىڭ چوققىسىدىن ئورۇن ئېلىپ تۇرسا دېگەن ئۈمىدتىمەن!  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-4-4 23:12:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا شىنجاڭ مەدەنىيىتى زورنىلىدا ئوقۇغان  ،قايتا ئوقۇي دەپ تاپالماي يۈرگەنتىم،مۇنبەرگە چىقىرىپ بەك ياخشى  قىپسىز .رەھمەت   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 07:15

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش