akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1622|ئىنكاس: 30

«ھاياتلىق جەڭچىسى» ئابىدال جىگەر يۆتكەش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئابىدال جىگەر يۆتكەش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرماقچى

3 -ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتەئسپانىيە زەردارى بارسىلونا تور بىكىتىدە كوماندىدىكى فىرانسىيىلىك سول بېك ئابىدالنىڭ يېقىندا جىگەر يۆتكەش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بارسىلونا كۇلۇپ داۋالاش تارماقلىرىنىڭ بارسىلونا تور پونكىتىدا كۆرسىتىلىچە:«جىگەر كېسەللىكىنىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن ئابىدال مۇشۇ بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە جىگەر يۆتكەش ئوپىراتسىيىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىر يىل بۇرۇنلا ئابىدال كىسەللىك سەۋەبىدىن جىگەر يۆتكەش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرۇلماقچى ئىدى،ئەمما توپىنىڭ ئۆز ئارزۇسى ۋە كۇلۇبنىڭ توپچىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلىشىغا ھۆرمەت قىلىپ بۇ توغرىلىق ھېچقانداق خەۋەر بىرىلمىگەنىدى.»
ئىلگىرى لىئىر، لىئون قاتارلىق فىرانسىيە زەردارلىرىدا توپ تەپكەن ئابىدال 2007-يىلى بارسىلونا كوماندىسىغا قوشۇلغان بولۇپ، بارسىلونانىڭ سول تەرەپ مۇداپىئەسىدىكى بىرىنچى تاللاش بولۇپلا قالماي، يەنە جىددى ئەھۋاللاردا ئوتتۇرا بېكلىك رولىنى ئويناپ كوماندىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان.

2011-يىلى 3- ئايدا ئابىدال جىگەر ئۆسمىسى ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرۇش سەۋەپلىك مۇسابىقە مەيدانىدىن ئايرىلغانىدى،ئەمما ئۇ مۆجىزە يارىتىپ 5- ئاينىڭ باشلىرىدىلا ساقىيىپ چىقىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا باشلىغان ھەمدە شۇ يىلى ياۋروپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئاساسلىق سول بېك بولۇپ مۇسابىقىگە قاتناشتى ۋە كوماندا باشلىقىلىق بەلگىسىنى تاقاپ بارسلونا ئۈچۈن ياۋروپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى لوڭقىسىنى كۆتۈردى.

شۇنىڭدىن كېيىن بارسىلونا تەرەپ ئۇنىڭ كوماندىدىكى رولىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى ھەمدە بۇ يىل 1- ئايدا ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر يىل توختام ئۇزارتتى ۋە توختامنى يەنە 2015- يىلغىچە ئۇزارتىلىدىغان قىلىپ قوشۇمچە شەرتنىمۇ قوشتى.
ئابىدال بۇ يىل 2- ئايدا فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسى مۇسابىقىسىدا يارىلانغانلىقتىن، بىرنەچچە مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغانىدى، يېقىندا ئۇنىڭ مۇشۇ ھەپتە سېۋىللا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ساقىيىپ چىقىش مۇمكىنچىلىكى بار دېگەن خەۋەرلەر بولغانىدى، ئەمما ئۇ ھازىر ئوپىراتسىيە قىلىنىدىغان بولغانلىقتىن ۋاقتىنچە مۇسابىقە مەيدانىغا چىقالمايدۇ. ئابىدالنىڭ قاچان ئوپىراتسىيە قىلىنىلىدىغانلىقىغا قارىتا بارسىلونا تەرەپ تېخى ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىدى.

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-3-16 20:22:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارسىلونا بىلەن مىلان ئۇچرۇشقانلىق خەۋرىنى كۇترەلمەي جىگرى يېرلىپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-3-16 20:22:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس بوپ قالسا ....................
يىشىل چىملىقتىن خوشلاشقۇدەك   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-3-16 20:25:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-3-16 20:32:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا ئوپراتسىيە ئۇڭۇشلۇق بولسا بولاتتى ، ياخشى توپچىلار تىزراق ساقايسا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-3-16 20:50:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسۇلمان توپچىلارنىڭ ئالدى. بۇنىڭ ئايرۇپىلاندا قۇرئان ئوقۇۋاتقان كۆرىنىشى، مەيداندا  ناما ز ئوقۇغان كۆرىنىشى، مەيدانغا چىقىشتىن بۇرۇن دۇئا قىلىدىغان كۆرىنىشى....... لىكىن ئايالىغا كەيدۈرگەن كىيىمىزە......
ئاللا شىپالىق بەرسۇن، ئامىن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-3-16 20:55:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بىك ،،،ساقىيىپ كىتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇسۇلمانكەن ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-3-16 20:57:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسۇلمان دەپ ئاڭلىغان   ئۆزىمۇ ياخشى گۇي بۇممىسا      
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-3-16 21:11:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ىاللاھ شىپالىق بەرسۇن.....ىامىن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-3-16 21:17:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوپىراتسىيەسىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمىز...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-3-16 21:20:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالدۇر ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ، بالدۇر ئۆز ئورنىغا قايتىپ كىلىشىگە تىلەكداشمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-3-16 22:00:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمىلىيەتكە يۈزلەنمەي ئامال يوق ، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى كۈنلىرىنىڭ خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتۈشىنى تىلەيمەن !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 02:21

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش