ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1822 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ھازىر ياۋروپا 5 بىرلەشمە ئەڭ ھالقىلىق پەيىتكە كىردى ،شۇنداقلا س رونالدو ،مىسسىي ،ۋانپىرىس قاتارلىق ھەرقايسى زەردارلارنىڭ مەرگەنلىرىمۇ ئەڭ ياخشى ھالىتىنى ساقلاپ مىڭىۋاتىدۇ .
ئەڭ يىقىنقى مۇسابىقە ئەھۋالىغا نەزەر سالساق ،ئالدىنقى ئىسپان بىرلەشمىسىدە س رونالدو 2توپ ئۇرۇپ 3:2 نەتىجە بىلەن خانلىق بىتىسنى يىڭىپ ،مادىرىدنى غەلبىگە ئىرىشتۇردى ،دەل بىركۈندىن كىيىن بارسىلوناچولپىنى مىسسىمۇ ئوخشاشلا 2 توپ ئۇرۇپ ،ئۆزىنىڭمۇ بوش ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ قويدى. ھازىرغا قەدەر ياۋروپا ئالتۇن كەش مۇكاپاتى نامزاتلىرى مەرگەنلەر تەرتىپىدە 32 توپ كىرگۈزگەن س رونالدو 64 نۇمۇر بىلەن بىرىنجى ئورۇندا ، مىسسىي ئىككىلا نۇمۇر پەرقى بىلەن 2-ئورۇندا رونالدودىن قىلىشماي توپ ئۇرۇپ قوغلاپ كىلىۋاتىدۇ ، رونالدو مىسسىنى ئالدىغا ئۆتكۈزمەي مۇشۇ ئورنىنى ساقلاپ ئاخىردا ياۋروپا ئالتۇن كەش مۇكاپاتىغا ئىرىشەلەمدۇ يوق بۇنىڭغا ھازىرچە بىرنىمە دىمەك تەس.
ئۇلاردىن باشقا يەنە ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدە پەۋقۇلاددە ئىپادىسنى ساقلاپ كىلىۋاتقان يەنەبىر چولپان بار ،ئۇ بولسىمۇ ئارسىنال كوماندىسىنڭ كاپتانى ۋانپىرىس ، ئۇمۇ بۇگۇنكى نىيۇكاسىر بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بىر توپ كىرگۈزۈپ بۇ پەسىلدىكى نەتىجىسى 26 توپقا چىقتى ، ۋانپىرىسنىڭمۇ ئالتۇن كەش ئىلىش ئىھتىماللىقى چوڭ، ئالاھىدە تىلغا ئىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ئېستونىيە بىرلەشمىسىدىكى لىتۋانىيەلىك ھۇجۇمچى ئالىكساندىر سىكۇلاجىۋىس بۇ پەسىللىك بىرلەشمە مۇسابىقىدە جەمىئي 46 توپ كىرگۈزگەن ، بىراق ئېستونىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئومومىي سەۋىيسى بەش چوڭ بىرلەشمىگە سىلىشتۇرغاندا كۆپ تۆۋەن بولغاچقا، ئۇنىڭ ئىرىشكەن ئومومىي نەتىجىسى ئارانلا 46 بولغان .
ئالدىنقى ھەپتىدىكى ھەرقايسى بىرلەشمىلەردە، مانچىستىر بىرلەشمىسىدىن رونىي 2 توپ ئۇردى ،بايرىندىن گومىس قالپاق ئويۇنى ئوينىدى ،مىلەندىن شىۋىتسىيلىك قاتىل ئىبراھىموۋىچ ۋە گىرمانىيە شالىك04 كۇلۇبىدىن خونتىلار ھەممىسى توپ ئۇرۇپ بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالدى . بۇ بىرقانچە دۇنياۋىي ھۇجۇمچىلار گەرچە ھەرقايسى دۆلەت بىرلەشمىلىرى مەرگەنلەر تەرتىپىدە ئالدىنقى ئورۇندا بولسىمۇ لىكىن ،س رونالدو ۋە مىسسىيلاردىن ئالتۇن ئاياق تالاشمىقى مۇشكۈل بىر ئىش.
تۆۋەندە ھازىرغا قەدەر بولغان ياۋروپا ئالتۇن كەش مۇكاپاتى مەرگەنلەر تەرتىپىدىكى ئالدىنقى 10 نەپەر پۇتبولچىىنى كۆرۈپ باقايلى:
|
|