ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1822 |
تۆھپىسى: سەر |
|
«تىلگىراف كىزىتى» نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە ،لىۋىرپول ئاساسلىق ھۇجۇمچىسى سۇيارىز فىرانسىيە ئاخپارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى سەپدىشى دىياگو لۇگانو نىڭ ئىزىنى بىسىپ فىرانسىيە زەردارى پارىژ لىرمان كۇلۇبىغا قىتىلىش ئىھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئىيتىپ مۇنداق دىگەن:«مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر كۇلۇپتا توپ تىپىشنى خالايمەن ، مەن پارىز لىرمان كۇلۇبىغا بىرىشىم مومكىن »
ئاخپارات ۋاستىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە ، سىۋىلىيە ۋە گىرمانىيە مىنشىنگىلادباخ كۇلۇبى ئايرىم ئايرىم ھالدا خان مادىرىد ئوتتۇرا بىك ۋالانى ۋە ئوتتۇرا مەيدان ساھىنغا ئىرىشىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن بولۇپ ، سىۋىلىيە كىلەر پەسىل ئىجارە شەكلىدە فىرانسىيلىك ياش ۋالانىنى كوماندىغا يوتكەشنى پىلانلىغان ، بۇ پىلان مادىرىد ۋە سىۋىليە ھەر ئىككى كوماندا ئۈچۈن پايدىلىق، مادىرىدتا زاپاس ئەزا قاتارىدا مەيدانغا چۈشىۋاتقان ۋالانى بەلكىم سىۋىليەكوماندىسىدا تىخىمۇ كۆپ پىشىپ يىتىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشىشى مومكىن .
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە گىرمانىيە مىنشىنگىلادباخ كۇلۇبىمۇ مادىرىدتا ئىشى تازا ئوڭ بولمايۋاتقان شاھىننى ئىجارە شەكلىدە گىرمانيەگە ئىلىپ كىتىشنى پىلانلىغان ، شاھىن مادىرىدقا كەلگەندىن بىرى تا ھازىرغىچە يارلىنىش سەۋەبىدىن ئاساسەن دىگۈدەك مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمىدى ، مادىرىدنى شاھىننى سىتىشى توغۇرلۇق خەۋەر چىققان بولسىمۇ لىكىن مادىرىد تەرەپ ئىنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن ، ئەگەر ئىجارىگە بىرىلسە ئىجارە ھەققى بىرمىليون 200 مىڭ ياۋرو ئەتراپىدا بولىشى مومكىن .
«كۈندىلىك ئەينەك گىزىتى » خەۋەرلىرى ، شەلىكلەر 0:1 نەتىجە بىلەن سىۋانىس كوماندىسغا ئۈتتۇرىۋەتكەندىن كىيىن ، ئارام ئىلىش ۋاقتىدا شەھەر كوماندىسىدىكى بالوتىلى ۋە يايا تورى ئوتتۇرسىدا ئازىراق زىدىيەت يۈز بەرگەن ، ئەنگىلىيە ئاخپارات ۋاستىلىرى گەرچە زىدىيەتنىڭ سەۋەبىنى ئاشكارلىمىغان بولسىمۇ لىكىن ،بۇ ئىككى ئەزا مۇسابىقە مەيدانىدىن ئايرىلىپ كىيىم يۆتكەش ئۆيىگە ماڭغىچە بولغان ئارلىقتا ئىكككسى ئوتتۇرسىدا بىر مەيدان ئىغىز جىڭى بولغان . |
|