akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1224|ئىنكاس: 17

چېلسى تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
         گەپنى قانداق باشلاشنى بىلمىدىم، بولدىلا گەپنى چېلسىنىڭ قۇرغۇچىسى ھېنرىي ئاۋگۇستۇس مېرىس(Henry Augustus Mears) تىنلا باشلاي.
         مېرىس ئىنتايىن قىزغىن بىر تەنھەرىكەت مەستانىسى ئىدى. يۈز يىلنىڭ ئالدىدا ئەنگىلىيەدەپۇتبول ۋۇجۇتقا كەلگەن ۋە تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان، ئەمما لوندوندا تېخى بىرەر يۇقىرى سەۋىيىلىك پۇتبول كوماندىسى يوق ئىدى. دەل مۇشۇ چاغدا مېرىس پۇتبولدىن ئىبارەت بۇ بازارنى ياقتۇرۇپ قالدى شۇنداقلا ئۆزى قول تىقىپ بىر ئىش قىلىشنى نىيەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سىتانفورت كۆۋرىكى تەنتەربىيە مەيدانىنى سېتىۋالدى ھەمدە بىر كوماندا قۇرۇشنى پىلانلىدى. شۇنىڭ بىلەن مېرىس ئەڭ ئاۋۋال ئەسلىدىنلا بار بولغان فۇلھام كوماندىسىنى تاپتى ۋە ئۇلارنىڭ سىتانفورتقا كېلىشىنى ئۈمىد قىلدى، ئەمما ئىجارە باھاسىدا كېلىشەلمىگەنلىكتىن فۇلھام كوماندىسى يەنىلا ئەسلىدىكى كراۋىن مەيدانىدا قېپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن مېرىس بىر تەنتەربىيەمەيدانىدا سودا قىلغىلى بولمىغىدەك دەپ ئويلاپ ئۇ ئىشتىن چېكنىپ چىقماقچى بولدى. ئەمما 1904-يىلى كۈزنىڭ مەلۇم يەكشەنبە كۈنى مېرىسنىڭ ئىددىيىسىدە بۇرۇلۇش پەيدا بولدى. يەنى شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مېرىسنىڭ شېرىكى فۇرېدىرىك پارك (弗雷德里克-帕克) ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ ئۇنىڭ بەل قويىۋەتمەسلىكىنى ئېيىتتى، ئەمما مېرىس خۇددى بىر قارارغا كېلىپ بولغاندەك قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پاراڭلاشقاچ سەيلە قىلىشقا باشلىدى. تۇيۇقسىز مېرىس پاركنى قاتتىق چىشلىۋالدى، پارك قاتتىق ئاغرىقنى ھېس قىلدى ھەم ئۇ ئورۇندىن قانمۇ چىققانىدى، ئەمما پارك ھېچ كۆڭلىگە ئالمىغاندەك قىلاتتى. شۇنى بىلەن مېرىس پاركقا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، خۇددى بىر نەرسىلەرنى ئويلىغاندەك تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭغا:«سەن بېسىمغا ئىنتايىن بەرداشلىق بېرەلەيدىكەنسەن.......» دېدى، مېرىس ئۆزىنىڭمۇ دوستىغا ئوخشاش زەربىگە ئۇچرىغاندا ئۇنىڭغا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارىشى كېرەكلىكىنى ھىس قىلغاندەك بولدى دە، قارارىنى ئۆزگەرتتى ۋە پاركقا:«ئەتە سائەت توققۇزدا مېنى ئىزدە، بىز ئالدىراش بولۇپ كېتىدىغان بولدۇق.» دېدى.
        ئادەتتىكى باشقا كوماندىلارغا ئوخشاش ئاۋۋال كوماندا قۇرۇلۇپ، ئاندىن مەيدان ياسالغىنىغا سېلىشتۇرغاندا چېلسى دەل ئەكىسچە ئىدى. سىتانفورت كۆۋرىكى پۇتبول مەيدانى بار بولغان مېرىس مۇشۇ ئاساستا بىر كوماندا قۇرۇپ چىقىشنى ئويلىدى. 1905-يىلى3-ئاينىڭ 10-كۈنى سىتانفورتنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر مەيخانىدا مېرىس ۋە ئۇنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرى يىغىن ئېچىپ يېڭى بىر پۇتبول كۇلۇبىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى. دەسلەپتە كىشىلەر بۇ كۇلۇبنىڭ نامىدا بىرلىككە كېلەلمىدى، «سىتانفورت كۆۋرۈكى پۇتبول كۇلۇبى»، «لوندون پۇتبول كۇلۇبى»،..... دېگەندەك بىرنەچچە ئىسىملار رەت قىلىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا«چېلسى پۇتبول كۇلۇبى» دېگەن نام ھەممەيلەننىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ رەسمىي ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ بېكىتىلدى، شۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرغىچە يۈز يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بۇ ھىكايە رەسمىي باشلاندى.
        1905-يىلى چېلسى پۇتبول كۇلۇبى قۇرۇلدى، جون تەيت روبېتسون كۇلۇپنىڭ بىرىنچى قول باش تېرىنىرى بولدى،شۇنداقلا كوماندىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى ئىدى. كۇلۇپ دەسلەپتە بىرقىسىم نامى ئانچە چىقمىغان توپچىلار بىلەن توختام ئىمزالىدى. ئەسلى كوماندىنىڭ جايلاشقان ئورنىغا ئاساسەن كۇلۇپ جەنۇبى رايۇن مۇسابىقىسىگە قاتنىشاتتى، ئەمما تەستىقلانمىغانلىقتىن كۆپ ھاللاردا شىمال قىسىمدىكى كۇلۇپ بىرلەشمىلىرى چېلسىنى مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلاتتى. 1905-يىلى5-ئاينىڭ 29-كۈنى چېلسى پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشتى، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇلار تېخى رەسمىي مۇسابىقە ئويناپ باقمىغان ئىدى.
    
            كۆك ئارمىيە تارىخىدىكى ئەڭ....
تارىختىكى بىرلەشمە مۇسابىقىدىكى ئەڭ چوڭ نومۇر بىلەن ئۇتۇش چېلسى2:9 گىروسوپۇ كوماندىسى(1906-يىلى9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېنگىلاند ب دەرىجىلىك مۇسابىقىسى)
لوڭقا مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ چوڭ نۇمۇر بىلەن ئۇتۇش چېلسى0:13 Jeunesse Hautcharage كوماندىسى
تارىختىكى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيىتى چېلسى 8:1 ۋولفخامپدۇن كوماندىسى(1956-يىلى9-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېنگىلاند ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسى)
بىر مۇسابىقە پەسلىدە ئەڭ ئاز نومۇر(2 نومۇرلۇق تۈزۈم )7 نومۇر (1906-07 مۇسابىقە پەسلى ئېنگىلاند ب دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسى)
بىر مۇسابىقە پەسلىدە ئەڭ كۆپ نومۇر(3نومۇرلۇق تۈزۈم )99 نومۇر(1988-89 مۇسابىقە پەسلى ئېنگىلاند ب دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسى)
بىر مۇسابىقە پەسلىدە ئەڭ ئاز توپ كەتكۈزۈش 15 توپ (2004-05مۇسابىقە پەسلى ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى )
بىر مۇسابىقە پەسلىدە ئەڭ كۆپ توپ ئۇرۇش 103 توپ (2009-10مۇسابىقە پەسلى ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى )
تارىختىكى ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى بوبى تانبۇرىن 213 توپ .(1958-يىلدىن 1970-يىلغىچە)
تارىختىكى ئەڭ كۆپ مەيدانغا چىققان توپچى لۈن خارىس 655 مەيدان (1962-يىلدىن1982-يىلغىچە)
كۇلۇپتىكى ئەڭ قىممەت توپچى ھەممىمىزگە تونۇشلۇق فېرناندو تورىس (50مىليون فونستېرلىڭ)

         كۇلۇپ بەلگىسىنىڭ ئۆزگىرىش تارىخى
1905-يىلدىن 1952-يىلغىچە

1952-يىلدىن 1953-يىلغىچە

1953-يىلدىن 1986-يىلغىچە

1986-يىلدىن 2005-يىلغىچە

2005-يىلدىن ھازىرغىچە

               چېلسىنىڭ مەيدانى سىتانفورت كۆۋرۈكى
ئومۇمىي سىغدۇرالايدىغان ئادەم:42055 نەپەر




    ئاساسلىق ئېرىشكەن شەرەپلىرى
  تۆت قېتىم ئېنگىلاند يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسى چېمپىيونلىقى.
1954-55 مۇسابىقە پەسلى ئېنگىلاند ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى چېمپىيونى، 2004-05، 2005-06، 2009-10 مۇسابىقە پەسىللىرى ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە چېمپىيونى
   ئالتە قېتىم ئېنگىلاند پۇتبولچىلار ئۇيۇشمىسى لوڭقىسى چېمپىيونلىقى
1970,1997,2000,2007,2009,2010- يىللىرى
   تۆت قېتىم ئېنگىلاند بىرلەشمە لوڭقىسى چېمپىيونلىقى
1965، 1998، 2005، 2007- يىللىرى
   تۆت قېتىم رايونلار لوڭقىسى چېمپىيونلىقى(社区盾杯 دىگەننى مۇشۇنداق ئاتاپ قويدۇم، توغرىسىنى دەپ بېرەرسىلە)
1955، 2000، 2005، 2009- يىللىرى
   ئىككى قېتىم ياۋروپا غالىپلار لوڭقىسى چېمپىيونلىقى
1970-71-مۇسابىقە پەسلى، 1997-98- مۇسابىقە پەسلى
    بىر قېتىم ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونلىقى
1997-98- مۇسابىقە پەسلى.
چېلسى 107 ياشقا تولغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن
http://my.tv.sohu.com/u/vw/14972634

ئەسلى نۇرغۇن نەرسىلەرنى يازماقچى ئىدىم بۈگۈن پەقەت ۋاقىت چىقىرالماي مۇشۇنچىلىكلا يازدىم، مۇمكىن بولسا قالغىنىنى تولۇقلاپ قويىمەن، توغرا چۈشىنەرسىلەر!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-3-11 00:39:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ تۇغۇلغان كۈنگە ئاتاپ بۈگۈنكى مۇسابىقىدە غەلبە قىلىشنى ئۈمۈد قىلىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-3-11 00:43:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورېسنى چۈشەمىگىننى دەيمە ، يىرىم مەيداندىن كىيىن بولسىمۇ بىر چۇشەسە بولىتى !!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-3-11 00:57:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇگۇنكى مۇسابىقىسىگە ئۇتۇق تىلەيمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-3-11 01:09:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئېغىز گەپ .... مۇنبەر پۇلى لازىم بولسا  مىنى ئېزدە   

ئالامەت تىما بوپتۇ بۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-3-11 01:13:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازاي دەپ ۋاقىت چىقىرالمىغانتىم. بەك ياخشى تېما بولۇپتۇ. چېلسى تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك! بۈگۈن غەلبە چۇقۇم ساڭا مەنسۇپ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-3-11 01:18:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ چېلسى تۇغۇلغانكۈنۈڭگەمۇبارەك بولسۇن.           
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-3-11 01:19:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توررىسنى چۈشۈرسە بولاتتى مەيدانغا دىۋە تازا ئىچىلالمايۋاتىدۇ       
تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن چىلسىي  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-3-11 01:19:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ قۇشۇننىڭ چېلسىنى يېزىپ كەتكىننى ،باسا توغۇرلۇقمۇ ئانچەمۇنچە يېزىپ قويىلى (چاقچاق)

ئەممە نوچى چىقىپتۇ بۇتىما    ھازىر كۆرىۋاتىمەن مۇسابىقىسىنى تورېىس يوق ماتا ھازىر چۈشتى ،ما تېرنېرنىڭ تاھتىكا ئۇۇنلاشتۇرىشى بولىدىكەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-3-11 01:27:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن كوك بورىلەر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-3-11 01:45:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەپسىلى يېزىپسىز...
ئىنتېرمۇ ئالدىنقى كۈنى 104 ياشقا كىرىپتىكەن،مۇنبەردىكى ئىنتېرچىلار جىمجىتلا بۇلۇپ كەتتى...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-3-11 01:46:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرى دىۋە 68 مىنۇت بولغاندا بىر توپ ئۇردى شۇنداق قىلىپ ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى 100- توپنى ئۇرۋالدى  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 02:17

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش