ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1320 |
تۆھپىسى: سەر |
|
شەنبە كۈنى يەنى 10-مارىت يىڭى پەسىللىك جوڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول كۇلۇپلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ جوڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى دەپ ئىلىندى)نىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى گۈيياڭدا ئۆتكۈزىلىدۇ.بۇ يىل جوڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ھەر قايسى كوماندىلار كوماندىغا ناھايىتى كۆپ مەبلەغ سالدى،ئالاقىدار ماتىرياللارغا قارىغاندا،بۇ يىللىق جوڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى تارىختىكى ئەڭ كۆپ مەبلەغ سىلىنغان مۇسابىقە پەسلى بولۇپ،بىرلەشمىدىكى 16 كۇلۇپ ئۆز كوماندىللىرى ئۈچۈن 30 مىليارىت يۈەن مەبلەغ سالغان.تۆۋەندە بۇ پەسىللىك جوڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى بىز ئۈچۈن ئەھمىيەتكە ئىگە كۆرۈش نۇقتىللىرىنى تونوشتۇرىمىز.
يىشىل شەھەر كۇلۇبى ۋە بارى
شىنجاڭلىق ئۇيغۇر پۇتبولچى بارى تۇرۇشلۇق خاڭجۇ يىشىل شەھەر كۇلۇبىلا كوماندىغا 20 1 مىليارىت 300 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سالغان بولۇپ،كوماندىنىڭ بۇ يىللىق نىشانى بىرلەشمىدە 8-12 بولغان دائىرىدە پۇت تىرەپ تۇرۇش ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە يىڭى مۇسابىقە پەسلىدە،يىشىل شەھەر كۇلۇبى باشقا كۇلۇپلارغا ئوخشاش چەتئەللىك تېرىنىر تەكلىپ قىلدى.
كۇلۇپ خوجايىنى سوڭ ۋېيپىڭ بۇ يىل جوڭگۇ بىرلەشمىسىگە تۇنجى قىتىم ياپۇنيىدىن باش تېرىنىر تەكلىپ قىلىپ ئىلىپ كەلدى، يىشىل شەھەرنىڭ سامۇراي تېرىنىرى ئىلگىرى ياپۇن دۆلەت كوماندىسىنى يىتەكلەپ جەنۇبى ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسىنىڭ 16 كۈچلۈك كوماندا ئىچىگە ئىلىپ داڭلىق تېرىنىر،ئۇ كوماندىنى قولىغا ئالغاندىن كىيىن،يىشىل شەھەردە ياپون پۇتبول ئەندىزىسى بويچە ئۆزگەرتىپ چىقتى،كوماندىنىڭ ئويناش ئۇسلۇبى تېخمۇ ئىنچىكىلىشىپ،كوللىكتىپ روھى تەكىتلەندى.
يىشىل شەھەرنىڭ بۇ يىللىق ئىپادىسى قانداق بولىدۇ؟بۇ سامۇراي تېرىنىر جوڭگۇدا قانداق نەتىجە يارىتىدۇ؟ بارى بۇ تېرنىرنىڭ ئىچىدە تېخمۇ چاقنىيالامدۇ يوق؟بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ يىللىق جوڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى.
16 كوماندىنىڭ ئىچىدە 13 كوماندا چەتئەللىك تېرىنىر تەكلىپ قىلدى
ئۆتكەن مۇسابىقە پەسلىدە چەتئەللىك تېرىنىر 11 نەپەر بولۇپ،بۇ يىل بۇ سان 13 كە يەتتى،دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىدە پەقەت گاۋخوڭپو(شەنشى)،مالىن(لىياۋنىڭ) ۋە جۇخۇي(نەنچاڭ) دىن ئىبارەت 3 نەپەرلا جوڭگۇلۇق تېرىنىر قالدى،ئۇلار بۇ چەتئەللىك تېرىنىرلارنىڭ ئىچىدە پۇت تىرەپ تۇرالامدۇ-يوق؟يىڭىدىن جوڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە باش تېرىنىر بولۇپ كەلگەن دىجانا،تېنكات قاتارلىق تېرىنىرلار جوڭگۇ بىرلەشمىسىدە چىمپىيۇنلۇق تاجىنى كىيەلەمدۇ-يوق؟بۇ يىڭى پەسىللىك جوڭگۇ دەرجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى بىر قىززىق نۇقتا.
جوڭگۇدىكى «خان مادرېد» خىڭدا ۋە شەۋكەت
ئۆتكەن پەسىللىك جوڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە چىمپىيۇنى،جوڭگۇدىكى ئەڭ باي كۇلۇپ گواڭجۇ خىڭدا كوماندىسىنىڭ بۇ يىل چىمپىيۇنلىقنى ساقلاپ قىلىش ئىرادىسى ناھايىتى كۈچلۈك،ئۇلار بەش نەپەر چەتئەللىك ماھىرىنى ساقلاپ قالدى.يەنە بىر تەرەپ،خىڭدا بۇ يىل شىنجاڭلىق ئۇيغۇر پۇتبولچى شەۋكەتنى كوماندىغا قوشۇۋالدى،ئۇ نۆۋەتتە خىڭدا 1-كوماندىسىغا كىرگەن بولۇپ،بۇ مۇسابىقە پەسلىدە،خىڭدا كۇلۇبىدا يىتەرلىك مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئىرىشىپ قالسا ئۆزىنى نامايەن قىلىشى مومكىن.شەۋكەتنىڭ تۇنجى مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىپادىسى بىزنى زادى قانداق بولار؟
لۇنىڭ:مېر ئەخمەتجان ۋە ئۆتكۈر
جوڭگۇ بىرلەشمىسىنىڭ بۇ زەردارىنىڭ ئۆتكەن مۇسابىقە پەسلىدىكى نەتىجىسى ئانچە ياخشى بولمىدى،بىز كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلاردىن بۇ كوماندىغا جوڭگۇدىكى نۇرغۇن داڭلىق توپچىلار يىغىلغان،مېر ئەخمەتجان بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە سوغۇق ئورۇندۇققا باغلىنىش تەقدىرىدىن قۇتۇلارمۇ؟يىڭىدىن بىرىنچى سەپ كوماندىغا چىققان ئۆتكۈرنىڭ تۇنجى مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىپادىسى قانداق بولار؟باش تېرىنىر تېنكات بۇلارغا قانچىلىك پۇرسەت بىرەر؟بۇمۇ شىنجاڭلىق پۇتبولچىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان يەنە بىر قىززىق نۇقتا.
خىنەن قۇرۇلۇش ۋە ئابدۇۋەلى
يىقىندا ئابدۇۋەلىنىڭ خىنەن قۇرۇلۇش كوماندىسى بىلەن توختاملاشقانلىغى،ئۇنىڭ كوماندىدا 13 نومۇرلۇق كىيىمنى كىيدىغانلىغى خەۋەر قىلىندى.ئابدۇۋەلىنىڭ ئىككىنچى پەسىللىك مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى قانداق بولار؟يىڭى پەسىلدە ئۇ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالارمۇ؟بۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ.
دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانلار
بۇ يىللىق دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ چوڭ چولپان شۈبھىسىزكى فېرانسىيلىك ئانىرىكا بولۇپ،ئانىرىكا سەۋەپلىك شاڭخەي شىنخوا كوماندىسىمۇ تونولۇپ كەتتى،ئۇنىڭ تۇنجى پەسىللىك جوڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ئىپادىسى قانداق بولار؟ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يىل نۇرغۇن كۇلۇپلار بىرازىلىيە ۋە ئارگىنتىنادىن ھوجۇمچى سىتىۋالدى،بۇلارنىڭ ئىپادىسى قانداق بولىدۇ؟بۇ يىل دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىگە يىڭىدىن ئۆرلەپ چىققان دالىيەن ئاربىڭ كوماندىسى 100 مىليۇن يۈەن خەجلەپ،بەش نەپەر چەتئەللىك دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەزاسىنى كىرگۈزدى،ئۇلارنىڭ ئىپادىسى قانداق؟بۇلارمۇ بۇ يىللىق جوڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى يەنە بىر يارقىن نۇقتا. sports.people.com.cn |
|