پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 4361|ئىنكاس: 19

غۇلجا پۇتبولچىلىقىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى-ئابدۇراخمان ئەپەندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئارچا تەنتەربىي

59

تېما

0

دوست

116

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8331
يازمىسى: 116
نادىر تېما: 19
ياۋرۇ: 10051786
تۆھپە: 118
ۋاقتى: 235
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 14:56:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غۇلجىدىكى پۇتبولچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھبە قوشقان شەخسلەردىن بىرى ئابدىراخمان ئەپەندىدۇر.(1894-؟193- يىللار) ئابدۇراخمان ئەپەندى.1894-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان. دادىسى خۇدا بەردى موللام ئاتۇشنىڭ ئىكساق كەنتىدىن بولۇپ، ئابدىراخمان ئەپەندى تۇغۇلغان ۋاقىتلاردا غۇلجا مەدىرىسە مەكتىۋىدە مۇئەللىملىك بىلەن شۇغۇللانغان. ئابدۇراخمان ئەپەندى دەسلەپكى ساۋادىنى دادىسى خۇدا بەردى خەلپىتىم مۇدەرىسلىك قىلىۋاتقان غۇلجا مەدىرىسىدە ئالغان. شۇ ۋاقىتلاردا مۇسابايلارنىڭ غۇلجىدىكى زاۋىتى قۇرۇلۇپ، تىخنىكىلىك، مەلىكىلىك ئىشچىلارنى تەربىيلەش باشلانغان ۋە مۇسابايلاردىن باھاۋىدىن مۇساباي ئوقۇغۇچىلارنى روسيە بىلەن تۈركىيەگە  مۇسابايلارنىڭ خىراجىتى بىلەن ئوقۇشقا چىقىرىۋاتقان ۋاقىتلار بولۇپ،1908-يىلى ئابدۇراخمان ئەپەندى 14 ياشلارغا كەلگەندە  مۇسابايلار تەرىپىدىن تەربىيلىنىشكە ئەۋەتىلگەن. 1915-يىلى 21 يىشىدا ئوقۇشنى تاماملاپ ئىستامبۇل گالاتا سارايدا تەلىم ئالغان تۈرسۇن ئەپەندى بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ ئىكساقتىكى يىڭىچە پەننى مەكتەپلەردە دەرىس بىرىش بىلەن شۇغۇللانغان. يەتتە يىللىق تەربىيلىنىش جەريانىدا ئابدۇراخمان ئەپەندى كەڭ ئەۋىج ئىلىۋاتقان پۇتبول بىلەن قۇيۇق ئۇچراشقان ۋە پۇتبولنىڭ تىخنىكا نەزەرىيە-ئەمەلىيەتلىرى بىلەن پىششىق تونۇش بولغان پۇتبولچىغا ئايلانغان. ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ مائارىپ ۋە تەنتەربىيەدىكى ئوينىغان رولى ھەققىدە 1927-يىلى كاشىغەردە ئىكساق كۇماندىسىنىڭ تەركىۋىدە ئىنگىلاد ۋە شىۋىتسىيەنىڭ كۇنسۇل كۇماندىللىرى بىلەن مۇسابىقە ئوينىغان ئابدۇغۇپۇر مۇھەممەت ھەسەن1985-يىلى ئىكساق يىڭىچە مائارىپىنىڭ 100يىللىقى بىلەن چىقىرىلغان مەشئەل ژورنىلىدا ئىلان قىلغان «ئۇچمەس ئىزلار» ناملىق ئەسلىمىسى بىلەن بىزنى شۇ يىللاردىكى ئابدۇراخمان ئەپەندى بىلەن تۇنۇشۇش ئىمكانىيتىنى ئىگە قىلىدۇ. ئابدۇراخمان ئەپەندى ھەققىدىكى مەلۇماتلار مۇنداق قۇرلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.«مەن دەسلەپكە خەت ساۋادىمنى مەرھۇم ئانام راھىلە بۈۋىمنىڭ تەربىيىسىدە چىقاردىم.ئاندىن ئابدۇراخمان ئەپەندىدە ئوقۇدۇم. ئابدۇراخمان ئەپەندى بەستىلىك، كىلىشكەن،چىچەن، بەدەن چىنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان، بېلىملىك كىشى ئىدى. ئۇ بىزگە: <كىلەچەك بىلىملىك كىشىلەرگە مۇھتاج، سىلەر ياش كۈچەتكە ئوخشايسىلەر،تىرىشىپ ئۈگۈنۈپ ياراملىق كىشى بولۇپ چىقىڭلار .> دەيىتتى. بىز ئەينى ۋاقىتتا ھېساپ، ئانا تىل،تەبىئەت، تارىخ،جۇغراپىيە، ئەرەپ-پارىس تىلى، رۇس تىلى، خەنزۇ تىلى،ئىلمىي تەجۋىد، ئاقايىد زۇرۇرىيە،شىپاھىيە، رەسىم،تەنتەربىيە، غەزەل دەرسىللىرىنى ئوقۇيتتۇق. مۇكەررەم دىگەن تاتار ئوقۇتقۇچى رۇس تىلىدىن دەرىس بەرگەنىدى. ...ئابدۇراخمان ئەپەندى تەنتەربىيە دەرسىگە تولىمۇ ئەھمىيەت بىرەتتى...»

    يۇقارقى تارىخى بايان بىزگە ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ دەسلەپتە ئاتۇش ئىكساقتا ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى،بەزىدە تەنتەربىيە دەرسىنىمۇ بەرگەنلىكىنى بىلەلەيمىز.شۇ ۋاقىتتا تۇرسۇن ئەپەندى يىڭىچە پۇتبول ئاتالمىللىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئىكساقتا ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار، دىخانلار كۇماندىسىنىڭ قۇرۇپ چىقىۋاتقان ۋاقىتلار بولۇپ،تەبىئىيكى تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن ئوخشاشلا تۈركىيەدىكى پۇتبول مۇھىتىدا يىڭىچە پۇتبول بىلەن پىششىق تونۇش بولغان ئابدۇراخمان ئەپەندى تۇرسۇن ئەپەندىگە قولىغا قول،پۇتىغا-پۇت بولۇپ،ئىكساقتا پۇتبولنىڭ ئوموملىشىشغا بەلگىلىك تۆھبىلەرنى قوشقىنى ۋە ئوقۇتقۇچىلار كۇماندىسدا توپ  ئوينىغىنىمۇ ئېنىقتۇر. دىمەك 1927-يىلىدىكى كاشىغەردىكى مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ كۆپى ئابدۇراخمان ئەپەندىدىن ئېلىم ۋە پۇتبولدىن بەلگىلىك تەلىم ئىلىپ يىتىلگەن  كىشىلەردىن ئىدى.ئەمما نمىشقىدۇر ئابدۇغۇپۇر مۇھەممەت ھەسەن ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ ئىكساقتىكى ۋاقىتلىرىدا تەنتەربىيەگە ئەھمىيەت بىرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدىيۇ-ئۇنىڭ پۇتبول ئوينىغانلىقى ھەققىدە توختالمايدۇ.بەلكىم تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ كۆپرەك پۇتبولنى تۇتقانلىقىدىن بولسا كىرەك.

       1918 -يىللىرى ئابدۇراخمان ئەپەندى ئاتا- بوۋىسىنىڭ تۇغۇلغان ماكانىدىكى زىيارەت ۋە ئېلىم بىرىش ۋەزىرپىسىنى تاماملىغاندىن كىيىن كىندىك قىنى تۆكۈلگەن ماكان غۇلجىغا چىقىپ ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. ئالدى بىلەن ئەلا باي مەسچىتى يىنىدىكى مەكتەپ توغرا كۆۋرۈك مەكتەپلىرىدە دەرىس بەرسە ،كىيىن 1920-يىللىرى«مەكتىبى رۇشىدىيە»گە كىلىپ ئاقارتىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ۋە مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزىرپىسى بىلەن شۇغۇللىنىدو. كەينىدىن ئىكساقتىكى تۇرسۇن ئەپەندىمۇ مۇسابايلارنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ غولجىدا زىيارەت ۋە ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن بىر مەزگىل شۇغۇللىنىپ ،ئابدۇراخمان ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە غۇلجىنىڭ دەسلەپكى ئاقارتىش ئىشلىرى ۋە پۇتبولچىلىقنىڭ تەرەققىيەتىغا ئاساس سالىدۇ.

     ئابدۇراخمان ئەپەندىدىن ئاۋال سەمى بەگ ئەپەندى، ھەمزە ئەپەندى، ئېھسان ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەر غۇلجىدا پۇتبولچىلىقىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئومۇملىشىشغا تۈرتكىلىك روللارنى ئوينىغان. ئەمما غۇلجا دىيارىدىكى پۇتبولچىلىق كۆپرەك ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ ئىسمى بىلەن باغلىنىپ كىلىدۇ. مەرھۇم ئۇيغۇر يازغۇچىسى زۇنۇن قادىرى ئۆزىنىڭ «خاتىرىلەر» ناملىق كىتابىدا ئابدۇراخمان ئەپەندى بىلەن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ غۇلجىدىكى پۇتبولچىلىقنى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى تۆھبىسىنى مۇئەييەنلەشتۈردىغان مۇنداق قۇرلارنى قالدۇرۇدۇ.«0 192-يىلارنىڭ باشلىرىدا مۇسابايلار تەرىپىدىن غۇلجا شەھرى مەدىرىس يېنىدا ئۇيغۇرچە ئوتتۇرا دەرىجىدىكى پەننى مەكتەپ ئىچىلغانىدى.ئۇنىڭدا يىرىك مۇئەللىملەردىن ئابدۇراخمان شادى،تۇرسۇن ئەپەندى ...ۋە باشقا زىيالىلار ئوقۇتقۇچىلىق قىلاتتى...ئابدۇراخمان ئەپەندى ۋە تۇرسۇن ئەپەندىلەر مەكتەپ باللىرىغا تەنتەربىيە دەرسىنى بىرلەشتۇرۇپ يۈگۈرۈش،سەكرەش ۋە گىمناستىكىلارنى ئۈگەتكەندىن سىرىت،پۇتبول ئۈگىتىپ،غۇلجىدا تۇنجى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزگەن. ئۇلار يەنە ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ يىڭى مەزمۇندىكى ئويۇن نۇمۇرلىرىنى تەييارلاپ،ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا-ئانىلارغا كۆرسىتىپ ئالقىشقا ئېرىشكەن.»

     يۇقارقى بايانلارغا ئاساسلانغاندا ئابدۇراخمان ئەپەندى تەنتەربىيەنىڭ ئومۇمى تۈرلىرىدە تەڭلا يىتىلگەن بولۇپ،بىرخىل تۈر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان.بۇ ئابدۇغۇپۇر مۇھەممەت ھەسەننىڭ «ئۆچمەس ئىزلار»دىگەن ئەسلىمىسىدىكى ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ تەنتەربىيە جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى سۈرەتلەپ بەرگەن بايانلىرى بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە. يۇقارقى باياندا ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ  تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن غۇلجىدىكى تۇنجى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى تىلغا ئىلىش ئارقىلىق،ئۆز-ئارا كۆڭۈل ئىچىش خاراكتىردىكى پۇتبول ئويۇنىنىڭ تەرەققى قىلىپ،ئابدۇراخمان ۋە تۇرسۇن ئەپەندىلەرنىڭ تىرىشچانلىقىدا  ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار ھەتتا دىخان،ھۈنەرۋەنلەر ئارىسىدا بەلگىلىك ۋاقىتتا مۇقىم ئىلىپ بىرىلىدىغان مۇسابىقگە ئايلانغانلىقىنى بىلەلەيمىز.

     ئابدۇراخمان ئەپەندى غۇلجىدا ئىزچىل مائارىپ بىلەن ،جۈملىدىن پۇتبولنى ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن شۇغۇللانغان.شۇ چاغلاردا مۇسا بايلارنىڭ جاھان كۆرگەن ئەۋلاتلىرىدىن تەلئەت،ئابلەھەت قاتارلىقلار غۇلجىنىڭ پۇتبولچىلىقىنى ئابدۇراخمان ئەپەندىلەر بىلەن  كۇماندا تەشكىللەپ، پۇتبولنى مەكتەپ ۋە زاۋۇتتىن ھالقىتىپ ھەقىقى ئەل ئارىسىغا ئىلىپ كىرىشكە كۈچ چىقىرىشقان. مۇسابايلارنىڭ تىرە زاۋۇت كۇماندىسى تىپىك غۇلجىنىڭ يەرلىك كۇماندىللىرىدىن بىرى بولۇپ،بۇنىڭدىن سىرىت يەنە ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار كۇماندىللىرىمۇ غۇلجىنىڭ پۇتبولچىلىق ئىشلىرىنى يۈكسەلدۈرۈشكە ئىشتىراك قىلغىنى ئىنىق.

   ئابدۇراخمان ئەپەندى ھۆسەنباي ۋە باھاۋىدىن بايلارنىڭ ياردىمى بىلەن تاكى ئۇلار ۋاپات بولغۇچە مۇشۇ مەكتەپتە ئىشلەپ،غۇلجىدىكى تالاي شاگرىتلارنى يىتىشتۈرۈپ تەربىيلەپ،تالاي پۇتبول مۇسابىقىللىرىنى تەشكىللەپ  كەلگەن.ئەمما بۇ ئىككى مۈھتىرەم زاتنىڭ ۋاپات بولىشى بىلەن مەزكۇر مەكتەپ ئىقتىسادى تايانىچلىرىدىن ئايرىلىپ توختاپ قالغان.1928 -يىلى غۇلجىدىكى يەنە بىر مەشھۇر  زات ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسۇپ غۇلجا شەھرىدە »ئۈچ دەرۋازا مەكتەپ» قۇرۇپ غۇلجىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى سىلجىتىش رولىنى ئوينايدو.ئابدۇراخمان ئەپەندى تەكلىپ بىلەن بۇ مەكتەپكە كەلگەندىن كىيىن بۇ مەكتەپ تىزلا تەرەققى قىلىشقا باشلايدو.جۈملىدىن بۇ مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىمۇ يۈكسىلىپ ئىلى تەنتەربىيەسى ئۈچۈن  بەلگىلىك تۆھبىلەرنى قوشىىدۇ.

ئۈلۈم يېتەرلىك ن

4

تېما

0

دوست

743

جۇغلانما

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9333
يازمىسى: 743
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 50685
تۆھپە: 98
ۋاقتى: 403
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 14:58:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما  

ياخشىلىق قىل قول

3

تېما

0

دوست

489

جۇغلانما

ھەۋەسكار پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9895
يازمىسى: 489
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 10050465
تۆھپە: 101
ۋاقتى: 437
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 15:08:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسا بايدىن يەنە بىرى چىقسا بولاتتى ھازىرمۇ        
پۇتبولنى قانداق تېپىشنى ئۈگىتىپ قوياتتۇقتە ما بەسەيلەرگە

ئالغا مادرىد !

94

تېما

5

دوست

4998

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8971
يازمىسى: 4998
نادىر تېما: 5
ياۋرۇ: 119291
تۆھپە: 863
ۋاقتى: 1766
h
ھالەت

ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئۆمۈرلۈك شەرەپ مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 15:09:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تېمىكەن ... قېنى غۇلجىلىق باشلىقلار ..   
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ ؟

ئەڭ نوچىسى ~ رونالدو

205

تېما

0

دوست

4173

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8444
يازمىسى: 4173
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 10057504
تۆھپە: 624
ۋاقتى: 1073
h
ھالەت

مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 15:16:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن غۇلجىدا ئوقىۋاتقىلى 4 يىل بولدى ، ھەجەپ بۇ مويسىپىتنى تونمايمەنكە    
C:\Documents and Settings\Administrator

مەڭگۈلۈك مەستان

140

تېما

2

دوست

4833

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8725
يازمىسى: 4833
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 3091221
تۆھپە: 281
ۋاقتى: 947
h
ھالەت

مىلان لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 15:40:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇلغان شەخىسلەر

خۇشاللىقىم سەن پۇتبول!

7

تېما

0

دوست

1558

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9699
يازمىسى: 1558
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 1454145
تۆھپە: 462
ۋاقتى: 341
h
ھالەت

3 - لىك لوڭقىسى مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 15:51:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوپ رەك چىقسىكەن مۇشتاق بايلا  ........ توپنى قاندا تىپىشنى ئۇگتۇپ قوياتتۇق تە  

0

تېما

0

دوست

51

جۇغلانما

تاماشىبىن

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9488
يازمىسى: 41
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 51
تۆھپە: 295041
ۋاقتى: 9
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 17:29:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان  يوقتە ھازىر!! قىنى بىزدىكى بايلار!!!  ئۇيغۇر بالىلاردا  تالانت شۇنداق بار بولمىسا.....
مادرىد ئالغا !!!

ھۇررا شىنجاڭ !!!

280

تېما

12

دوست

4041

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9222
يازمىسى: 4041
نادىر تېما: 6
ياۋرۇ: 357064
تۆھپە: 1451
ۋاقتى: 1190
h
ھالەت

ئۆمۈرلۈك شەرەپ تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە مادرىد لۈكچىكى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 17:44:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ئۆزىمىزنىڭ تىمىسىكەن
شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان ئەزىمەتلەر ھۇررا !!!

ــــــــــــــــــــــــــــــ

19

تېما

0

دوست

1024

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8994
يازمىسى: 1024
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 51663
تۆھپە: 280
ۋاقتى: 1416
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 19:25:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامال بولسا رەسىمىنى بىر كۆرۈپ باققان بولساقچۇ؟

ۋاقىت ھەممىنى ئۇ

9

تېما

0

دوست

1222

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9706
يازمىسى: 1222
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 50786
تۆھپە: 186
ۋاقتى: 184
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 20:46:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈزۈمىزنىڭ يۇرت ئاتىسىكەن ياخشى تونىۋالدىم
777
مىللەت ئۇرۇشتا ئۆلمەيدۇ،سۈكۈتتە ئۆلىدۇ.777

تۈركىيە! تۈركىيە

0

تېما

0

دوست

1073

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10085
يازمىسى: 1073
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 10050085
تۆھپە: 445
ۋاقتى: 380
h
ھالەت

ئالاھىدە تۆھپە مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 21:53:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى ىوقۇتقۇچىلاردىن 1000نى بىر قىلىپ يۇغارسا ىابدۇراخمان ىەپەندىدەك ىادەمدىن بىرسى
پۈتمەيدۇ。
پۇتبول  دىنىي ئىتقادىمىزۋە ئىتتىپاقلىقىمىزدىن مۇھىم ئەمەس
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى
  
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Putbol.Cn ( 新ICP备12001847号-1 )