akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1190|ئىنكاس: 13

قەھرىمانلار بىرلەشمىسى ۋە ئىسپانىيە دىربىسي

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قەھرىمانلار بىرلەشمىسى ۋە ئىسپانىيە دىربىسي

ئۇزاق بوپتۇ، ئويۇن تەرىقىسىدە بىر نەرسە يىزىپ باقمىغىلى، چ چ نىڭ يىڭىدىن چىققان(ئۇنچىلىك يىڭىمۇ ئەمەس)ئويۇنى قەھرىمانلار بىرلەشمىسى(英雄联盟)نى ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان بولۇپ قالدىم. بۇنىڭدىمۇ پۇتبۇل بىلەن باغلىنىشلىق نۇرغۇن جايلىرى باركەن. شۇڭا مۇشۇ باغلىنىشنى نەزەردە تۇتۇپ بۇ تېمىنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. تېمىنى يىزشتىن بۇرۇن بۇ تېما توغىرلۇق ئازراق ئىزاھات بىرىپ ئۆتەي.
بۇ ئويۇندا ئاساسلىق قىلىپ ئىككى بىر بىرىگە قارمۇ-قارشى بولغان ئىككى ھەربىي كۈچنىڭ تالاش-تارتىشى ئارقا كۆرنىش قىلنغان، سىياسىي ئارقا كۆرىنىش دىسەكمۇ بولىدۇ. بۇلارنىڭ بىرى دىماشىيا: ئۆزىنى ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنىڭ سىموۋۇلى دەپ قارايدىغان بىر دۆلەت، ئەلۋەتتە تېمىدىكى دىماشىياغا ۋەكىللىك قىلدىغان كۇلۇب بۇ مەنىدە بولماسلىقى مۇمكىن.
رۇكساس:دىماشىياغا قارشى قۇتۇپتىكى، قۇرال كۈچى ھەممىنى بەلگىلەيدۇ دەپ قارايدىغان،ھەربىي كۈچى ئارقىلىق دۇنياغا خوجا بولماقچى بولغان  دۆلەت،  دىماشىيا بىلەن تۈپتىن قارشى، مەيلى سىياسىي تۈزۈلمە ۋە ياكى باشقا جەھەتتىن بولسۇن شۇنداق.

سىلىشتۇرماقچى بولغان ئىككى كۇلۇب بولسا: ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى ئىككى كۇلۇپ : بارسلونا كۇلۇبى بىلەن خان جەمەتى مادىرد كوماندىسى.
نېمىشقا بۇ كۇلۇبنى تاللىغانلىقىمنى ئەسكەرتىپ ئۆتەي.
1.    مەن ئۆزەم مىلان كوماندىسىنىڭ مەستانىسى، مىلاننىڭ شىرىن دۈشمىنى بولغان ئىنتىر، يۇۋىنتۇس،رىم  قاتارلىقلارمۇ بۇ  تىېمىغا چۈشىدۇ. لىكىن بۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدا ئۇنداق چوڭ سىياسى ئارقا كۆرىنىش يوق، لىكىن بارسلونا بىلەن مادىردنىڭكدە بار. ئىنگىلانىدنىڭكىدە يوق. گىرمانىيە ۋە فىرانىسيە بىرلەشمىسدىمۇ يوق، شوتلاندىيە بىرلەشمىسىدە باركەن. لىكىن ئۇلارنىڭ يارقىن نۇقتىسى بۇلارنىڭكىدەك رۇشەن ئەمەس. گەپنىڭ قىسقىسى مەن ئۆزەم شوتلاندىيە بىرلەشمىسىنى پەقەت چۈشەنمەيمەن.
2.    دىماشىيا بىلەن رۇكساس قەھرىمانلار بىرلەشمىسىدىكى كۈچى ئەڭ زور بولغان ئىككى دۆلەت، باشقا دۆلەتلەر بۇلارغا تاجاۋۇز قىلىش ئەمەس ئۇلارغا قارشى يامان نىيەتتە بولۇشتىنمۇ ئەيمىنىدۇ. تۆت چوڭ بىرلەشمىدە پەقەت ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىلا يىقنقى نەچچە يىلدىن بۇيان مۇشۇ ئەھۋال كۆرلۋاتىدۇ، ئىغىرلىشىپ كىتىپ بارىدۇ، ئۇلار  ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتمۇ بۈگۈنكى كۈندە يۇقىرى پەللىگە كۆتىرلدى. ھالبۇكى ئىتالىيە، ئىنگىلانىد، گىرمانىيە قاتارلىق بىرلەشملەردە بۇ خىل ئەھۋال رۇشەن ئەمەس، خىلى كۆپ كوماندىنىڭ بىر-بىرىگە خىرىس قىلغۇدەك ئەمىلىي كۈچى بار.
3.    قەھرىمانلار بىرلەشمسىدىكى قەھرىمانلارنىڭ ئىچىدە ئايال قەھىرىمانلارمۇ،سەلبىي قەھىرىمانلارمۇ  بار. شۇڭىلاشقا بىر قىسىم دوستلىرىمىزنىڭ ياقتۇردىغان چولپانلىرى شۇ قەھرىمانلارغا ئوخشىشىپ قىلىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە ئۇيۇنى بىلەن ئارقا كۆرىنىشى توغىرسىدىكى ماتىرياللىرنى ئوقۇپ باققان بولساڭلار  ئۇقىسلەر. ئاخىردا بۇ ئويۇننى ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان دوستلارنىڭ مەن بىلەن بىرلكتە ئوينىشىڭلارنى قارشى ئالىمەن.

ئۇرۇش ئىنىستۇتى-ئىسپانىيە بىرلەشمىسى.
ئۇرۇش ئىنستۇتى –بۇ يەردە نۇرغۇنلىغان قەھرىمانلار، نۇرغۇنلىغان چاقىرغۇچىلار 召唤师 لار بار. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئۆزى ۋەكىللىك قىلۋاتقان تەرەپنىڭ شان شۆھرىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. ئوخشاشلا ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى 召唤师لارمۇ شۇنداق، 召唤师دىمەك كۇلۇپ مەشقاۋۇللۇق دىمەك، چۈنكى كۇلۇپ مەشقاۋۇلىلا ئۆزىگە قانداق توپچىلارنىڭ لازىملىقىنى ئوبدان بىلىدۇ، توپچى يۆتكەش، سىتۋىلىش ئىشلىردىكى قارارى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، يىتەرلىك مەبلەغ(ئويۇنچۇقتا ئالتۇن تەڭگە金币) بولسا ھەرقانداق قەھرىماننى سىتۋالالايىسز،  ئۇرۇش ئىنستۇتىدا يەنە بىر مۇھىم ئورۇن 审判قىلىش رولىنى ئۆتەيدىغان ئورۇن بار، ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى بۇ رولنى ئۆتەيدىغان ئورۇن دەل ئىسپانىيە پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى، ئىككى داڭلىق 召唤师  بارسلونا كۇلۇبىنىڭ تىرىنىرى گۇدىئاۋلا بىلەن مادىرىد تىرنىرى مورىنيو

ئەمدى ھەر قايسى قەھىرىمانلارنىڭ ئالاھىلىكىگە كەلسەك:
  تەجرىبە ۋە پۇل: بۇ ئويۇندا سىز قانچە جىق ئوينىسىڭىز، قارشى تەرەپنى قانچە جىق مەغلۇپ قىلسىڭىز سىز ئىرىشكەن تەجىرىبە شۇنچە كۆپ بولىدۇ، ئەگەر سىز ئۇرۇشقا قاتناشماي ئۆينى باقسىىڭز ئۇنداق تەجرىبە ۋە پۇل كەلمەيدۇ، پۇتبۇلدىمۇ ئوخشاش، مۇسابقىدە ئاساسلىق ئەزا بولۇپ ئوينايدىغان ئەزالار بىلەن زاپاس ئەزالارنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە مۇئاشى ئوخشىمايدۇ.

تۇغما تالانىت 天赋 ۋە ئەپسۇن符文( مۇشۇنداق تەرجىمە قىلامدۇ ياكى)؟: بۇ ئىككىسى قەھرىمانلارنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئىششىغا ئەگىشىپ ئارتىپ بارىدۇ، ئوخشىمايدىغان يىرى 符文نى پۇلغا ئالىسىز، بۇ كۇلۇبلارنىڭ ئۆزىگە ياخشى مەشقاۋۇللارنى ۋە دوختۇرلارنى تاللىغىنغا ئوخشىشىپ بارىدۇ.  بۇ ئىككى جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە بولغان كىشى دەرىجىسى تەڭ بولغان قەھرىمانلارنى گەپ-سۆز يىڭىپ تاشلايدۇ. بىراق مەسىلىنىڭ نېگىزلىك يىرى شۇ قەھرىمانلارنى كونتىرول قىلۋاتقان召唤师 لارنىڭ ئۇلارنى قانداق يۇسۇندا جەڭگە سىلىشى، شۇ قەھرىماننىڭ قانداق ئورۇننى ئوينىشى قاتارلىقلار.  英雄联盟دىكى سەپ شەكلىمۇ دەل پۇتبۇلدىكى سەپ شەكىلىگە چۈشىدۇ،  ئەڭ كۆپ قوللىنىلدىغان سەپ شەكلى: بىر ياردەم خارەكتىرىنى ئوينايدىغان قەھرىمان(补助性英雄)، بىر كونتىرول قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان قەھرىمان(控制性英雄)  بىر تانكا(坦克)، بىر جەڭچى(战士) يەنە بىرگە يىراقتىن ھوجۇم قىلالايدىغان قەھرىمان(远程物理攻击性)، پۇتبۇلدىمۇ  ئاساسەن مۇشۇنداق تاللىنىدۇ.
ياردەم خاراكتىردىكى قەھرىمانلار_ ئىككى يان بىك، مىلان ئاباتى،  كونترول قىلىش ئىگە تىپىدىكى قەھرىمانلار_ توپ كونتىرول قىلىشى ياخشى بولغان ئوتتۇرا مەيدانلار  مىلان روبىنخو، تانكا تىپىدىكى قەھرىمانلار_بەدەن ساپاسى جەھەتتىن يىتىشكەن بىكلەر مىلان: دىياگو سىلۋا،  جەڭچى_ ئادەتتە بۇلارنى قارشى تەرەپكە زەربە بىرىپ قان خورىتشقا ئىشلىتىدۇ، قارشى تەرەپكە بولغان تەھدىتى يۇقىرى، 输出伤害能力高  دىمەك، بۇلار  پىشقان تەجرىبىلىك نۇمۇر ئىلىش تىپىدىكى ھوجۇمچىلار،  مىلان: ئىبراھىموۋىچ، ئىنزاگى.  يىراقتىن ھوجۇم قىلدىغان قەھرىمانلار: يىراقتىن قىلغان ھوجۇملىرى بىلەن قارشى تەرەپنى ساراسىمىگە سالىدۇ، بۇلارنىڭ كونتىرول تىپىدىكىمۇ تىپلىدۇ، ئاساسلىق يىراقتىن توپ تىپىپ نۇمۇر ئالدىغان توپچىلار شەكلىگە مۇشۇلار چۈشىدۇ، مىلان: بوئاتىڭ.

ئەمدى بۇ توغىرلۇق چۈشەنچىلەر تۈگەپ قالدى، گەپنىڭ نەق ئۆزىگە كەلسەك:
دىماشىيا ۋە بارسلونا: سىياسىي جەھەتتىن ئانچە جىق ۋەز سۆزلىگۈم يوق ۋە بەلكىم دىماشىيادەك ئادالەت تۇغىنى كۆتەرگەن بۇ دۆلەتنى بارسلوناغا ئوخشاتسام بەلكىم بەزىبىر داڭلىق ئادالەتچى مادىرىد مەستانلىرىغا ياقماسلىقى مۇمكىن. مورىنيو كەلگەندىن بىرى يۈكسىلۋاتقان مۇنۇ زىددىيەت ۋە بىر قىسىم كۆز قاراشلىرىم دىماشىيانى بارسلوناغا ئوخشىتىشقا مەجبۇر قىلدى، ئەگەر دىماشىيانى مادىرىدقا سىموۋۇل قىلدىغانلار بولسا شۇ بويىچە ئۆزگەرتىپ قوبۇل قىلساڭلار بولىدۇ.
قەھرىمانلار ۋە چولپانلار:
1.    دىماشىيانىڭ پەخىرى(德玛西亚之力-盖伦)- گەيلۈن : دىماشىيا دۆلىتىنىڭ پەخىرى، دىماشىياغا ۋاكالىتەن نۇرغۇنلىغان جەڭلەرگە قاتناشقان، دىماشىيانىڭ ئەڭ پەخىرلىنىدىغان قەھرىمانى، دىماشىيا خەلىقنىڭ سىموۋۇلى،  ئويۇن ئىچىدە ئۇنىڭ مۇداپىئە ئىڭى ھەممىدىن يۇقىرى، يىرىم جەڭچى يىرىم تانكا، ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى: جەڭ ئەھۋالىدىن يىراقلاشقان ئەھۋال ئاستىدا ھەر بىر سىكۇنىتتا ئۆزىنىڭ قىنىنىڭ 0.5 پىرسەنتىنى تولۇقلاپ ماڭىدۇ، ئەگەر ئىككىنچى ئىقتىدارىنى ئاچسىڭىز ھەر بىر كىچىك ئەسكەرنى ئۆلتۈرسىڭىز 0.5 ساۋۇت ۋە سىھرىي زەربىگە بولغا چىداملىقنى ئاشۇردۇ، ئەڭ  كۆپ بولغاندا 30 نى قاتىدۇ. سىز ئۆلسىڭىزمۇ(ئەمىليەتتە ئۆلۈش دىگەن ئۇقۇم ئۇ ئويۇندا مەۋجۇت ئەمەس) قوشۇلغان قىممەتلەر يوقمايدۇ، گەيلۈننىڭ جەڭدىكى ئەڭ زور ھاقارىتى رۇكساسدىكى رەھمىسىز قىلىچ 不详之刃دەپ نام ئالغان كاتالىناغا يىڭىلىپ قالغانلىقى.
بارسلونانىڭ پەخىرى-پۇيۇل: پۇيۇل بارسلونا كوماندىسىنىڭ كاپىتانى، بارسلونا كوماندىسىنىڭ مەنىۋىي داھىيىسى، مەيداندىكى سەزگۈرلىكى، يۇقىرى بولغان ئورۇن ئىلىش، كاللا توپ ئىلىشى ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ھوجۇمچىلاردىنمۇ پاكار ئىكەنلىكىنى چاندۇرمىغان،  ئۇ لامانىسيا پۇتبۇل مەكتىپىدىكى بىكلەرنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى ، ئۇمۇ گەيلۈنگە ئوخشاشلا يىرىمدىن ئىككى ئىقتىدارلىق: ئوتتۇرا بىك ۋە يان بىكلەرنى ئوينىيالايدۇ، ،مۇھىم ھالقىلىق توپلارنى ئۇرۇپ كوماندىنى قۇتقۇزۇپ قالالايدۇ. پۇيۇلنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ زور داغ بەلكىم ئۆز مەيدانىدا مادىردنىڭ چىمپيۇنلىقىنى تەبىرىكلىگەنلىكى بولىشى مۇمكىن.
2.    دىماشىيا پادىشاھى(德玛西亚皇子-嘉文四)-جىياۋىن4،  دىماشىيانىڭ يىڭىدىن چىققان پادىشاھى، ئويۇندىكى ئورنى كۆپىنچە ھاللارا گەيلۈنغا ئوخشاشلا يىرىم جەڭچى،يىرىم تانكا ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ، لىكىن ھوجۇم ئىڭى مۇداپىئە ئىڭىدىن يۇقىرى، ئۆز ۋاقتىدا بىر قىتىملىق جەڭدىن يىڭلگەندىن كىيىن ئەسىرگە چۈشكەندە گەيلۈن تەرىپىدىن قۇتقۇزۋىلىنغان، كىيىن ياقا-يۇرتلاردا غەلىتە مەخلۇقلارنى ئۆلتۈرۈپ ئۆزىنى كۈچلەندۈرگەن. ئۇنىڭ قىنىدا دىماشىيانىڭ رۇكساسقا بولغان ئۆچمەنلىكى ۋە قىساسى سىڭىپ كەتكەن.
بارسلونانىڭ بوي پادىشاھى-پىك، مەيلى سىز ئىتراپ قىلىڭ ياكى قىلماڭ شاكىرا بىلەن تونۇشۇشتىن بۇرۇنقى پىكىنىڭ بارسلونادىكى ئىپادىسىگە خىلى كىشلەر قايىل بولىدۇ، ئۇمۇ جىياۋىنغا ئوخشاش سەرگەردانلىقىنى باشتىن كەچۈرگەن، باشقا جاي(مانچىستىر بىرلەشمىسى)گە بىرىپ بىلىم ئاشۇرۇپ كەلگەن، كەلگەندىن كىين بارسلونانىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئەزاسىغا ئايلاندى،  بىرلا يىتەرسىز تەرىپى پۇيۇل يوق ھالەتتىكى  بارسلونانىڭ مۇداپىئە سىپى پۇيۇل بار ۋاقتىسىدىكە قارىغاندا ئاجىز، پۇيۇل پىكىنى بۇ قاتمال ۋەزىيەتتىن قۇتۇلدۇرالادىغان گەيلۈندۇر، ئەگەر پىك شاكىرە ۋە پۇتبۇل بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلالىسا بەلكىم بارسلونانىڭ شاھى دەپ ئاتىلىپ قىلىشمۇ مۇمكىن.
دۆباڭ باشقۇرغۇچىسى(德邦总管)-جاۋشىن(赵信)  、ئويۇندىكى قان سىرىشى (伤害输出性高) ئەڭ يۇقىرى قەھرىمانلارنىڭ بىرى، بۇ قەھرىمان دىماشيانىڭ ئۆزىدىن چىققان قەھرىمان ئەمەس، بۇنى ئەينى ۋاقىتتىكى دىماشىيانىڭ ئادەملىرى جەڭ مەيدانىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققان، بۇ ھەم كونتىرۇل ھەم قان سىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان قەھرىمان. ھوجۇم سۈرئىتى ۋە كونتىرول قىلىش ئىقتىدارى تىز،  مەيلى كومپىيۇتىر ۋە ياكى ئادەملەر بىلەن قارشى ئوينىغاندا ئەڭ قارشى ئىلىنىدىغان قەھرىمان.
بارسلونانىڭ قەھىرىمانى-مىسسىي: مىسسىينىڭ كىلىپ چىقىشى لامناسىيە پۇتبۇل مەكتىپىتىدىن ئەمەس، ئەينى ۋاقىتتىكى بارسلونانىڭ كۇلۇپ رەھبەرلىرى مىسسىيىنىڭ داۋالىنىش ھەققىنى تۆلەپ بۈگۈنكى كۈندە مىسسينىڭ داڭلىق چولپان بولۇش يولىنى راۋانلاشتۇرۋەتتى، ئەگەر بارسلونا بولمىغان بولمىسا بەلكىم بۈگۈنكى چولپان مىسسيمۇ بولماسلىقى مۇمكىن ئىدى. ياخشى بولغان توپ كونتىرول قىلىش ئىقتىدارى، نۇمۇر ئىلىش ئىقتىدارى مىسسىينىڭ بەدەن جەھەتتىكى ئاجىزلىقنى تولۇقلىغان.
4-يورۇقلۇق قىزى(光辉女郎-克拉丝)-كېلاسى: كونتىرۇل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان قەھرىمان، بىرلا ۋاقىتتا بىردىن كۆپ قەھرىماننى كۆپ كونتىرول قىلالايدۇ، ئەگەر سىز مۇشۇ تىپتىكى قەھرىمانلارغا ئامراق بولسىڭىز مەن سىزگە مۇشۇ قەھرىماننى تەۋىسيە قىلىمەن، سۈرئىتىنى ئاستلتىش، قاتۇرۇپ قويۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكى بار. لىكىن ھوجۇمغا چىدامچانلىقى ئاجىز. تانكا ياكى جەڭچىلەرنىڭ قوغىدىشىغا مۇھتاج.
بارسلونا مۆتىۋىرى_ئىنىستا: ئىنستا بارسلونانىڭ جەڭ تاكتىكىسىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، سىلىق-سىپايە، يۇمشاق توپ ئوينايدۇ، مەيداندىكى ئىنستانى سىز ئاچچىقلانغان ھالدا كۆرلمەيسىز، توپ كونتىرول قىلىش مەيدان تەشكىللىشى ياخشى، ئوخشاشلا بەدىنى ئاجىز، مۇداپىئە ئىڭى ياخشى ئەمەس. مۇداپىئە ئىڭى ياخشى بولغان ئارقا بەلنىڭ قوغدىشى بولسىلا ئاندىن ئىنستا ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى ھالىتىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.
5- خەنجەر پىشۋاسى-يى(无极剑身-易): ئويۇندىكى ئورنى :جەڭچى، قان سىرىشى ياخشى، ئاساسلىقى قارشى تەرەپنىڭ زەمبىرەك سۇپىسىنى بۇزۇشقا ئىشلىتىلىدۇ، چۈنكى بۇ ئويۇندا زەمبىرەك سۇپىسىنىڭ بىخەتەر بولىشى ئويۇننىڭ غەلبىلىك ئاياغلىششىدىن دىرەك بىرىدۇ.  يى ئۆزىنىڭ ھوجۇم سۈرئىتىنىڭ تىزىلىكى ۋە سۈرئىتىنىڭ تىزىلىكى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ ئويلىمىغان يىردىن چىقىپ ھوجۇم قىلالايدۇ.  بەلىكىم دىيىشىڭلار مۇمكىن، يى دىماشىياغا تەۋە ئەمەس دەپ، لىكىن ئىسىڭىزدە بولسۇنكى يى رۇكساسقا قارشى تۇردىغان دىماشىيا ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.
بارسلونانىڭ ئۆپكىسى-شاۋى: دەرۋەقە سىز ئويلىغاندەك شاۋىنىڭ ئۇنداق يۇقىرى تىزلىكى يوق، توپ ئۇرۇپ نۇمۇر ئىلىش ئىقتىدارىمۇ يۇقىرى ئەمەس، لىكىن ئۇنىڭ يىنىڭ ئورنىنى ئىلىشىدىكى سەۋەپ: ئەجەللىك پاسلىرى ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىئەسىنى بىتچىت قىلىشىدا ، بۇ يىرى يىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى قارشى تەرەپنىڭ ئەڭ چوڭ مۇداپىئەسى زەمبىرەك سۇپىسىنى بۇزۇش بىلەن ئوخشىشىپ كىىتىدۇ.

6-دىماشىيا قاراۋۇلى_لىيئاۋ (哨兵之荡-莱奥): دىماشىيانىڭ ۋەكىللىك قەھىمانىنىڭ بىرى، ئويۇندىكى ئورنى تانكا، ياردەمچى شەكىلىدە ئىشلىتىدۇ، ئۆزىنىڭ ھوجۇمى يىراق مۇساپىلىق ھوجۇمغا تەۋە، كونتىرول ئىقتىداردىن قارشى تەرەپنى مەسخىرە (嘲讽)قىلدىغان ئىقتىدارى بار،ئۇنىڭ ئىقتىدارىغا ئۇچرىدىڭىز دىگەن گەپ سىز ئۇنىڭ يىمى بولدىڭىز دىگەن گەپ، چۈنكى ئۇ سىزنىڭ ھوجۇمىڭىزنى ئۆزىنىڭ ھوجۇمىغا قوشۇپ سىزگە ياندۇرۇپ بىرىدۇ.
بارسلونا ئارتىسى-بۇسكىس: بۇسكىسنىڭ كوماندىدىكى رولىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ، ئۇ شاۋى ۋە ئىنساتنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرشدىكى ئەڭ ياخشى ھەمراھ، مەيداندا ئۆزىنىڭ  ئەڭ چوڭ رولى تانكىلىق رولىنى جارى قىلدۇرغاندىن سىرىت يەنە لىيئاۋغا ئوخشاش嘲讽 ئىقتىدارىنىمۇ جارى قىلدۇرالايدۇ ، ئۇنىڭ شۇ گۇمپىسىغا چۈشكەنلەرنىڭ مەيداندىن چۈشكىنى چۈشكەن، ئۇنڭمۇ ئانچە-مۇنچە يىراقتىن توپ ئۇرۇپ قويىشى بار. لىكىن نۇمۇر ئىلىش ئاز ئۇچرايدۇ.

مۇشۇنچىلىك ئوقۇغاچ تۇرۇڭلار، داۋامىنى كىيىن يەنە يازىمەن، مەزمۇن بەك ئۇزىراپ يىزىشقا بەك ئەپسىز بولۇپ قالدى.

كىيىنكى ساندا تۇنۇشتۇردىغىنمىز_ بارسلونانىڭ قالغان ئاساسلىق بەش ئادىمى ۋە دىماشىيا قەھرىمانلار سىپىدىكى بەش قەھرىمان.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-2-21 11:34:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوخشىتىش خېلى ئەتراپلىق بولغاندەك .  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-2-21 11:40:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چ چ  نىڭ يڭى چىققان ئۇيۇنىما ئۇ   英雄联盟دىگەن  بولسا  ئادىرىسىنى يوللاپ قويغان بولسىڭز كۇرۇپ باقارمىزكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-2-21 11:51:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەھرىمانلار بىرلەشمىسى(英雄联盟)

بۇ ئويۇننى ئويناپ باقمىغانكەنمەن، قىسقىسى ئەمدى ئاڭلاۋاتىمەن، تېما ئىگىسى سىزنىڭ سىموۋىل قىلغىنىڭىزدا مەسىلە يوقكەن، مادرىدنىڭكىنى نىمىشقا يازمىدىڭىز ؟    بەلكىم سىز دۇنيا ۋە ئىسپانىيە تارىخىدىكى سىياسىغا دائىر ئىشلارنى ئانچە تولۇق چۈشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن،  ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى بۇ ئىككى كۇلۇپنىڭ زىدىيىتىگە 100 يىدىن ئارتۇق ۋاقىت بولدى.  لېكىن سىز مادرىتنى ئىزچىل زوراۋانلىق ۋە قورال كۈچىنىڭ سىموۋىلى دەپ قارىسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز. ئەلۋەتتە ، شۇنداق بىر مەزگەىللەرمۇ بولغان،  ئۇلارنىڭ سىياسىي زىدىيىتى 1916-يىلدىكى شاھلىق لوڭقىسىدىن 1970 يىلدىكى شاھلىق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچىغىچە بولغان مەزگىلدە ئىزچىل مەۋجۇت بۇلۇپ كەلگەن،  ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئۇرۇش پۇتبول مەيدانىغا سىڭىپ كىرىپ ئىزچىل ئىس تۈتەكسىز يۈز بېرىپ كەلمەكتە.

دۇنيا تارىخىغا قىزىقىدىغان مەستانىلەردىن شۇنى سوراپ باقاي: قايسى بىر پادىشاھ ئۆز دۆلەت پۇقراسى ئىسىيان كۆتۈرسە قاراپ تۇرىدۇ؟

سەۋەبى، بارسېلونا ئەزەلدىن ئۆزىنى ئىسپانىيە دۆلەت تەۋەلىكىدە دەپ قارىمايدۇ. گەرچە 1870-يىلدىلا كاتالونىيە زېمىنىغا جايلاشقان بارسېلونا زېمىنى ئىسپانىيە شاھلىقى ھۆكۈمرانلىقىدىكى تېرېتورىيەگە تەۋە بۇلۇپ بولغان.  لېكىن كاتالونلۇقلارنىڭ ئېگىلمەس مىللەتچىلىك روھى، ئۇلارنى ئۆزلىرى ئايرىم قىلىپ كۆرسەتكەن.  قول قوي دىسە مەن ئۇلارنىڭ مىلللەتپەرۋەرلىك روھىغا ۋە پۈكۈلمەس ئىرادىسىگە ئەڭ قول قويىمەن.
ئەمدى مادرىدقا كەلسەك ، تارىختىن بۇيان ئۆزىنى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئەلادى دەپ قارايدىغان كاستىللىقلار قەدىمدىن تارتىپ كۈچلۈك بولغان ھەربى ۋە ئىجتىمائىي ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ئىسپانىيەنىڭ غوجىسى بۇلۇپ كەلمەكتە. شۇڭا ئۇلار قول ئاستىدىكى خەلىقنىڭ ئۆزىگە قەتئىي سادىق بولىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ.  ئۇلار بارسېلونادەك سانائەت ۋە بايلىق مەنبەسىنى ھەرگىزمۇ قولدىن چىقىرىپ قويمايدۇ،ئەلۋەتتە.

تارىخ ئوقۇغانلار دەپ بېقىڭلار پادىشاھنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق سۈرى ۋە ھەيۋىسى بولمىسا ئۇ قانچىلىك پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ؟

مېنىڭچە سىياسىي جەھەتتىكى ئىشلارنى ئوخشىتىشقا بولسىمۇ ،لېكىن پۇتبولچىلىقتىكى ئىشلارنى ئوخشىتىش ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس دەپ ئويلايمەن.  چۈنكى ئۇلارنىڭ سىياسى ئۇرىشى ئاياقلاشقانغا 40 يىل بوپ قالاي دېدى.  ھازىر پەقەت چىملىق مەيداندىكى ئۇرۇش ئەڭ ئادىل ئەڭ كەسكىن بولماقتا،  ئويۇندىكى ئاشۇ شەخىسلەرنى مەيلى بارسانىڭكى چولپانلىرىغا ئوخشۇتۇڭ ياكى مادرىتنىڭكىگە ئوخشىتىڭ ھەر ئىككىلىسىگە چۈشىۋېرىدۇ. ئەجىبا مادرىتتا قەھرىمان، ساداقەتمەن، باشلامچى، ئۈمۈدۋار توپچىلار يوقمۇ؟    مېنىڭچە تامامەن بار.

مەن ئۆز كۆز قارىشىمنى دەپ بولدۇم.  ئەمدى جىق سۆزلىگۈم يوق ، ئشقىلىپ ماۋۇ تېمىنىڭ  يەنە بىر پارتىلاش تېمىسى بوپ قالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-2-21 11:59:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسپانىيە بىرلەشمىسى - ئۇرۇش ئىنىستۇتى
ماۋۇ ياخشى ئوخشىتىش بولۇپتۇ ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-2-21 13:37:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوخشىتىش خېلى ئەتراپلىق بوپتىكەن .. لىكىن مادرىدنى  ئانچە ھۆرمەت قىلمىغان ئاساستا يېزىلىپ قالغاندەك قىلامدۇ  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-2-21 13:38:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى balapekirدە2012-02-21 11:51يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
قەھرىمانلار بىرلەشمىسى(英雄联盟)

بۇ ئويۇننى ئويناپ باقمىغانكەنمەن، قىسقىسى ئەمدى ئاڭلاۋاتىمەن، تېما ئىگىسى سىزنىڭ سىموۋىل قىلغىنىڭىزدا مەسىلە يوقكەن، مادرىدنىڭكىنى نىمىشقا يازمىدىڭىز ؟    بەلكىم سىز دۇنيا ۋە ئىسپانىيە تارىخىدىكى سىياسىغا دائىر ئىشلارنى ئانچە تولۇق چۈشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن،  ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى بۇ ئىككى كۇلۇپنىڭ زىدىيىتىگە 100 يىدىن ئارتۇق ۋاقىت بولدى.  لېكىن سىز مادرىتنى ئىزچىل زوراۋانلىق ۋە قورال كۈچىنىڭ سىموۋىلى دەپ قارىسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز. ئەلۋەتتە ، شۇنداق بىر مەزگەىللەرمۇ بولغان،  ئۇلارنىڭ سىياسىي زىدىيىتى 1916-يىلدىكى شاھلىق لوڭقىسىدىن 1970 يىلدىكى شاھلىق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچىغىچە بولغان مەزگىلدە ئىزچىل مەۋجۇت بۇلۇپ كەلگەن،  ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئۇرۇش پۇتبول مەيدانىغا سىڭىپ كىرىپ ئىزچىل ئىس تۈتەكسىز يۈز بېرىپ كەلمەكتە.

دۇنيا تارىخىغا قىزىقىدىغان مەستانىلەردىن شۇنى سوراپ باقاي: قايسى بىر پادىشاھ ئۆز دۆلەت پۇقراسى ئىسىيان كۆتۈرسە قاراپ تۇرىدۇ؟
.......

تېمىدا ئەسكەرتىپ قويدۇم. ھەم مادىردنىڭكىنى يازمايمەن دىمىدىم. دىماشىيانى پۈتۈنلەي بارسلوناغا سىموۋۇل قىلنىدۇ دەپمۇ دىمىدىم، دىماشىيانى مادىردقا ئوخشاتساڭلارمۇ بولىدۇ دىدىم، ھەر كىمنىڭ كۆز قارىشى ئۆزىگە توغىرا، مەن مادىردنى زوراۋان دىمەكچى ئەمەس، ئويۇننىڭ ئارقا كۆرنىشى مۇشۇ ئىككى دۆلەتنى ئاساس قىلىپ راۋاجلانغانلا يىرى بار خالاس،  ئەسكەرتىپ قويدۇم، بۇ بىر ئويۇن. ئويۇندىكى ھەرقايسى قەھرىماننىڭ ئۆزىنىڭ مەستانلىرى بار، مەسىلەن: رۇكساسدىكى كاتالىنا، قان شورىغۇچى شەپەرەڭ دىگەنلەرنىڭ تاللاپ ئويلىنىش نىسبىتى يۇقىرى، مەن پەقەت شۇ قەھرىمانلارنىڭ ئوخشىتلىملىرىنى يىزۋاتىمەن. دىماشىيا تۈگىسە ئاندىن رۇكساسنى يازىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-2-21 13:42:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىنىڭ بىشىنىلا ئوقۇپ ئايىغىنى ئۇقۇمامسىلەر ياكى مەن باشتىن ئاخېر خاتا يىزىپتىمەنما؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-2-21 14:03:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى ئۇششۇقدە2012-02-21 13:38يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :


تېمىدا ئەسكەرتىپ قويدۇم. ھەم مادىردنىڭكىنى يازمايمەن دىمىدىم. دىماشىيانى پۈتۈنلەي بارسلوناغا سىموۋۇل قىلنىدۇ دەپمۇ دىمىدىم، دىماشىيانى مادىردقا ئوخشاتساڭلارمۇ بولىدۇ دىدىم، ھەر كىمنىڭ كۆز قارىشى ئۆزىگە توغىرا، مەن مادىردنى زوراۋان دىمەكچى ئەمەس، ئويۇننىڭ ئارقا كۆرنىشى مۇشۇ ئىككى دۆلەتنى ئاساس قىلىپ راۋاجلانغانلا يىرى بار خالاس،  ئەسكەرتىپ قويدۇم، بۇ بىر ئويۇن. ئويۇندىكى ھەرقايسى قەھرىماننىڭ ئۆزىنىڭ مەستانلىرى بار، مەسىلەن: رۇكساسدىكى كاتالىنا، قان شورىغۇچى شەپەرەڭ دىگەنلەرنىڭ تاللاپ ئويلىنىش نىسبىتى يۇقىرى، مەن پەقەت شۇ قەھرىمانلارنىڭ ئوخشىتلىملىرىنى يىزۋاتىمەن. دىماشىيا تۈگىسە ئاندىن رۇكساسنى يازىمەن.
ھە ئەسلى مۇنداق كەندە       كىيىنكى قېتىم رۇكساسنى مادرىدقا ئوخشىتىپ يازسىڭىز چۇقۇم پىچەت چىقىدۇ    
ما تېما ھەقىقەتەن ئىجادى تېما بوپتۇ ..   نادىرلەيلى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-2-21 14:43:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوخخو ئاداش سىرتقا تۇلا چىقماي دۇكان باقساڭ خېلى ئىجادى تىمىلارنى يوللايدىكەنسەن جىما .  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-2-21 14:55:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۇ ئويۇندا ئوينايدىغان كالا دەپ پې پې مىكى دەيمەن شۇنداقمۇ يا .      منىڭچە ئۇنىڭدىكى زەمبىرەكىچىلەرنى قاپقىچىلارغا ئوخشاتساڭ تازا كىلىدۇ . نىمشقا دىسەڭ بىر داڭلىق قاپقىچى بىرگە بىر كەلگەن ھۇجۇمچىنى تۇسالايدۇ . ئۇيۇندىكى زەمبىرەككمۇ شۇ .  لىكىن ئىككى ئۈچ ئادەم بىراقلا كەلسە ھەرقانداق ئۇستا قاپقىچى بولسىمۇ ( بىك يوق ھالەتتە ) توپ يىگىنى يىگەن .    يەنە بىرسى ئۇيۇندا قانچە دەرىجە ئاشقانسىرى كىيىن ئۇ زەمبىرىكلەرنىڭ رولى ئانچە قالمايدۇ . بۇ ۋاقىت دەل رونالدو ، مېسسسى ، كىچىك رونالدولارنىڭ تەلۋىلەشكەن ۋاقتىدا ھەرقانداق بىك ھەم قاپقىچىنىڭ ئۇلارنىڭ توپىنى تۇسالمىغىنىغا ئوخشايدۇ .    مەن ئۇيۇندىكى زەمبىرىكلەرنى مۇنداق ئوخشتىمەن ،   ئۇيۇندىكى بىرنىچى زەمبىرەك بارسىلونا ياشلار كوماندىسنىڭ  ۋارتاسى ، ئىككىنچى زەمبىرەك بارسىلونا كوماندسىسىدا بار  لىكىن تىزمىلىككە ئالىمادىس كىرىپ قالمىسا ئىسسمىنمۇ بىلمەيدىغان 3-ۋارتار ، ئۈچىنچى زەمبىرەك پىنتو ، 4-زەمبىرەك ۋالدىس بۇ زەمبىرەك ۋەيران بولسىلا توپ يەيدىغان ۋارتا لىمى قالدۇ . بۇ دەل ئۇيۇندىكى ئەسكەر چىقىدىغان بازا .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-2-21 17:48:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇلۇق يېزىلىپ بولسا خېلى ياخشى نەرسە چىققۇدەك. ئوخشىتىشلار ماس كەپتۇ.
داۋامىنى ساقلىدىم ئەمىسە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-27 03:01

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش