akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2722|ئىنكاس: 35

قارا قىزىل قۇشۇن مىلان (cska)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مىلان كوماندىسى مەن پۇتبولغا قىزىقاندىن تارتىپ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كوماندا،مىلان توغۇرلۇق بىر تەپسىلى تېما يېزىش پىلانىم بارتى،لېكىن خىزمەت تۈپەيلىدىن يېزىپ بولالمىغان،مانا بۈگۈ دوسلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنماقچىمەن.


مىلان پۇتبول كۇلۇبى (قىسقارتىلىپ ac مىلان)
Associazione Calcio Milan
قۇرۇلغان ۋاقتى:1899-يىلى12-ئاينىڭ16-كۈنى
تۇرۇشلۇق ئورنى: ئىتالىيە مىلان
يەنە بىرخىل ئاتىلىشى: قارا قىزىل ئارمىيەi Rossoneri ئالۋاستىil Diavolo

1899-يىلى 12- ئاينىڭ16-كۈنى بىر تۈركۈم توپ مەستانىلىرى مېھمانخانىنىڭ ياتاق ئۆيىدە بىرلىشىپ مىلان پۇتبول ۋە پالاق توپ كوماندىسىنى قۇرۇپ چىقتىMilan Cricket and Football SERIE A،كوماندىسنىڭ ئەڭ دەسلەپ قۇرغۇچىسى ئارفېلد.ئېدۋارد .1905-يىلىغا كەلگەندە پۇتبول ھەركىتىنىڭ ئۇمۇملىشىش ۋە ئالقېسقا ئېرىشىغا ئەگىشىپ كوماندا ئىسمىنى رەسمى ھالدا مىلان پۇتبول كۇلۇبى قىلىپ ئۆزگەرتتى.





بىرىنجى قېتىملىق قىيىن مەزگىل1908-1949-يىلى

1908-يىلى كوماندىسىكى بىر قىسىم ئىتالىيەلىك توپچىلار ۋە شېۋېتسارىيەلىك توپچىلار كوماندىدىكى ئېنگىلاندلىق ۋە شوتلاندىيەلىك توپچىلارنىڭ كوماندىنىڭ ئاساسلىق توپچىلىرى بولغىنىغا قايىل بولماي كوماندىدىن ئايرىلىپ چىقىپ يەنە بىر كىيىنكى 100يىل ۋاقىت ئىچىدە دۇنيادىكى نۇرغۇن مەستانىلەتنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان ئېنتېر مىلان كوماندىسىنى قۇرۇپ چىقتى. يەنە بىر تۇرۇپ ئىتالىيە پۇتبول جەمىيىتى كوماندىلارنىڭ چەتئەللىك توپچىلارنى ئىشلىتىشىنى چەكلىدى،بۇ سىياسەت بولسا بىۋاستە مىلانغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى. 1908-يىلىدىن باشلاپ 1948-يىلىغىچە بىرلەشمىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى بىر قېتىم 4-لىك بولدى،44يىل چىمپىيونلۇق بىلەن خوشلاشتى.


بىرىنجى قېتىملىق گۈللىنىش دەۋرى 1950-1979-يىلى

1949-يىلى تالانتلىق پۇتبولچى گۇننار. نودالنىڭ مىىلانغا قۇشۇلىشى مىلاننىڭ گۈللىنىشكە قەدەم قويغانلىقىنىڭ بەلگىسى بوپ قالدى.1949-1950 مۇسابىقە پەسلىدە نودال 37مەيدان مۇسابىقىغە قاتنىشىپ 37توپ ئۇرۇپ شۇ پەسىللىك بىرلەشمىنىڭ مۇنەۋەر مەرگىنى بۇلدى. كىيىن نودالنىڭ سەپداشلىرىدىن بولغان نېلېس.لىدخولىم ۋە ەۇننار. گېرېننىڭ قۇشۇلۇشى بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى شېۋېتسىيە ئۈچ ئات ھارۋېسىنى شەكىللەندۈردى.بۇلار بىرلىكتە تۇنجى پەسىلدە بىرلەشمىدە ئىككىنجىلىكنى قولغا كەلتۈردى،كىيىنكى پەسىلدە بولسا 44يىلدىن كىيىنكى بىرلەشمە چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈردى.
ياۋروپا مۇسابىقىلىرىدا 1955-1956-مۇسابىقە پەسلىدە تۇنجى قېتىم چىمپىيونلۇق لوڭقىسىغا قاتنىشىپ يېرىم ھەل قىلغۇچتا مادرىد كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.كىيىن1963-يىلى ۋە1969-يىلى بېنفىكا ۋە ئاياكىس كوماندىسىنى يېڭىپ ئىككى قېتىم چىمپىيونلۇق لوڭقىسى چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈردى.



ئىكىنجى قېتىملىق قىيىن مەزگىل 1980-1985-يىلى

رىۋىرا ۋە بىرقىسىم ئاساسلىق توپىلارنىڭ چېكىنىشىگە ئەگىشىپ مىلان ئىككىنجى قېتىملىق قىيىن مەزگىلگە دۇچ كەلدى، قىسقىغىنە3يىلنىڭ ئىچىدە ئىككى قېتىم ب دەرىجىگە چۈشۈپ كەتتى،بۇ دەل مىلاننىڭ تارىخىدىكى ئىككى قېتىم دەرىجە چۈشۈش بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ.


شانلىق مۇساپە: بېرلوسكۇنى دەۋرى

1986-يىلى شۇ ۋاقىتتىكى ئىتالىيە مىدىيالار كاتتېبېشى دەپ نام ئالغان سېلۋىئو.بېرلۇسكونى كوماندىنى سېتىۋالدى،ھەمدە مىلاننى ئەڭ كۈچلۈك كوماندا قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلىدى.ئارقا ئارقىدىن گۇلىت، باستېن،رېجىكار گولاندىيەلىك ئۈچ قېلىچۋازنى كوماندىغا يۆتكەپ كەلدى،ھەمدە شۇ ۋاقىتتا تېخى نامۇ يوق بولغان تېرېنېر ساگگنى تېرېنېرلىق ئورنىغا قويدى.شۇنداق قىلىپ مىلان ئېمپىرىيىسى دەۋرىگە قەدەم قويدى.مۇشۇ پەسىلدىلا مارادونا يېتەكچىلىكىدىكى ناپولى كوماندىسىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ بىرلەشمە چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈردى.چىمپىيونلۇق لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 5-0نەتىجە بىلەن مادرىدنى يەڭدى،ھەل قىلغۇچتا بولسا 4-0نەتىجە بىلەن بۇخارېست يۇلتۇز كوماندىسىنى يېڭىپ 3-قېتىملىق چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى.كىيىنكى پەسىللىك مۇسابىقىدە بېنفىكا كوماندىسىنى يېڭىپ ئارقا ئارقىدىن ئىككى قېتىم چىمپىيون بولدى،مىلان بولسا يېقىنقى20يىلنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاخىىرقى قېتىم ئارقا ئارقىدىن ئىككى قېتىم چىمپىيون بولغان كوماندا.ياۋروپا مۇسابىقىلىدە ياخشى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشىگە ئەگىشىپ بېرلۇسكۇنى بىرلەشمىدىكى ۋەزىيەت ئۈچۈن ساگگىنى ئتېرېنېرلىق ئورنىدىن قالدۇرۇپ شۇ ۋاقىتتىكى نامى بولمىغان ياشلار كوماندىسى تېرېنېرى كاپېللونى تېرېنېرلىق ئورنىغا قويدى. كاپېللونىڭ يېتەكلىشىدە مىلان ئۇدا ئۈچ يىل بىرلەشمە چىمپىيوننى بولدى،ھەم مۇشۇ دەۋەردە ئۇدا 58مەيدان يېڭىلمەسلىكتەك شانلىق ناتىجە ياراتىى. چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە 1994-يىلى 4-0 نەتىجە بىلەن بارسېلونانى يېڭىپ 5-قېتىم چىمپىيون بولدى.ئەپسۇن ئۈچ قېلىچۋازنىڭ كوماندىسىن ئايرىلىشى كاپېللونىڭمۇ كوماندىدىن ئايرىلىشىدىن كىيىن كوماندىنىڭ نەتىجىسى چۈشۈپ كەتتى،بېرلۇسكونىمۇ سىياسى سەھنىگە كۈچەپ كوماندىغا كۆپ كۆڭۈل بۆلمىدى،داڭلىق توپچىلاردىن ۋېئا ۋە روبېرت.باگگېئولار بولسىمۇ كۆرۈنەرلىك نەتىجە بولمىدى،5يىل چىمپىيونلۇقتىن خوشلىشىپ 1998-1999-يىلى مۇسابىقە پەسلىدە 5يىلدىن كىيىن بىرلەشمە چىمپىيونىنى قولغا كەلتۈردى.


يېڭى ئەسىرنىڭ بېشى ۋە ئوتتۇر يىللىرى

نەچچە يىل كوماندىنىڭ نەتىجىسىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرلەش بولمىغانلىقتىن 1999-يىلى ياۋروپانى زىل زىلگە سالدۇرغان ئۇكرائىنا كىيىف دىنامو كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى شېفچىنكونى كوماندىغا يۆتكەپ ئەكەلدى.2001-يىلى يازدا رۇي.كوستا فىلىپ. ئىنزاگى قاتارلىق توپچىلارنى سېتىۋالدى،لېكىن كوماندىنىڭ نەتىجىسى يەنە ياخشى بولمىدى،شۇنىڭ بىلەن ئانچېلوتتىنى تېرېنېرلىق ۋەزىپىسىگە قويدى.2002-يىلى يازدا بولسا رىۋالدو، تومماسون،نېستا قاتارلىق توپچىلارنىڭ كوماندىغا قۇلۇلىشى بىلەن كوماندىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك ئىلگىرلەش بولدى.200-2003-يىلى مۇسابىقە پەسلىدە گەرچە بىرلەشمىدە يۇۋېنتۇس ۋە ئېنتېر مىلاننىڭ ئارقىدا قالغان بولسىمۇ چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە يۇۋېنتۇس كوماندىسىنى يېڭىپ 6-قېتىم چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈردى.2003-يىلى نولسا بىرزىلىيە سان پاۋلو كوماندىسىدىن كاكانى كوماندىغا يۆتكەپ ئەكەلدى. يەنە بىر قېتىم بىرلەشمە چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈردى. كىيىنكى پەسىلدە بولسا يەنە كىرىسپو، سىتام قاتارلىق توپچىلارمۇ مىلانغا قېتىلدى،لېكىن چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 3-0 ئالدىدا تۇرۇپ ئاخىرى لېۋېرپول كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. 2006-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدىن كىيىن تلفۇن ۋەقەسى ياۋروپانى زىل زىلىگە سېلىۋەتتى،مىلانمۇ ئېغىر جازالاشقا ئۇچىردى،لېكىن مۇشۇنداق قىيىنچىلىق ۋاقىتتا 2006-2007يىلى مۇسابىقە پەسىلىدىكى چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈردى. كىيىن بولسا پاتو قاتارلىق توپچىلارنىڭ سېتىۋالغان بولسىمۇ كوماندىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولمىدى.





كوماندا گېربى
كوماندىنىڭ گېربى بولسا قىزىل رەڭلىك كىرىست بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن يۇمىلاق شەكىللىك قالقانسىمان گېرب،قىزىل كىرىست بولسا مىلان شەھىرىنىڭ شەھەر گېربى.گېربىگە كوماندىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى ۋە كوماندىسنىڭ تۇلۇق ئاتىلىشىنىڭ قىسقارتىلمىسى چۈشۈرۈلگەن.

كوماندا كىيمى

قارا قىزىل رەڭدىكى مايكا. ئاق رەڭلىك كالتە ئىشتان.1900-يىلى3-ئاينىڭ11-كۈنىدىن باشلاپ رەسمى مۇسابىقە كىيمى قىلىپ بېكىتىلگەن.ھەر پەسىلدە قارا زىلىق سىزىقچىنىڭ توم ياكى ئىنچىكىلىكى ئۆزگىرەپ تۇرىدۇ.



پۇتبول مەيدانى

سان سېرو پۇتبول مەيدانى
سان سېرو پۇتبول مەيدانى 1925-سېلىنغان، مىلان شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە تەۋە. مىلان ۋە ئېنتېر ئىككى كوماندىسىنىڭ تەڭ ئىشلىتىدىغان مەيدانى. .1925-يىلى مىلان دېرىكتورى پېترو. پېرېللې مىلان كوماندىسى ئۈچۈن بىر مەيدان سېلىپ بەرمەكچى بولغان،مەيدەنغا سان سېرو دېگەن ئىسىمنى ئىشلەتكەن، بۇ بولسا مىلان شەھىرىنىڭ سان سېرو رايونىنىڭ ئىسىمى.لېكىن يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مەيداننىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارىنىڭ كۆپىيىشى ،چىم سۈپىتىنىڭ ناچارلىشىشىغا ئەگىشىپ ھازىر ئىككى كوماندا ئايرېم مەيدان سېلىشنى پىلانلىماقتا.






كوماندا ھەمكارلاشقۇچىلىرى
كوماندىنىڭ ئاساسلىق ھەمكارلاشقۇچىسى ئەرەپ بىرلەشمە خەلپىنلىكى خەلىپە ئاۋېئاتسىيە شىركىتى.

كىيىم ۋە مەشىق ئەسلەلىرىنى تەمىنلىگىچى بولسا گېرمانىيە ئادىداس adidas

كوماندىنىڭ باشقا تۈردىكى ھەمكارلاشقۇچىلىرى بولسا:

نىۋىيا
ئاسمان تېلىۋىزىيەسى
ئوۋدى
بىرلەشمە سان پاۋلو بانكىسى
ئىتالىيە كۆچمە خەۋەرلىشىشى
D&G كىيىم كىچەكلىرى
ياپونىيە رىچو شىركىتى
aws تېز يوللانمىسى
شېۋېتسارىيە دېك شىركىتى
ياپونىيە sony
باۋارىيە پىۋا گورۇھى
گېرمانىيە ئامۋاي
شېۋېتسارىيە ئوتتۇرا دېڭىز تىرانسىپورت شىركىتى




كوماندا شان شەرەپلىرى

ئىتالىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسى:

1901-يىلى 1906-يىلى1907-يىلى 1950-1951-يىلى 1954-1955-يىلى 1956-1957-يىلى 1958-1959-يىلى 1961-1962-يىلى
1967-1968-يىلى 1978-1979-يىلى 1987-1988-يىلى 1991-1992-يىلى 1992-1993-يىلى 1993-1994-يىلى 1995-1996-يىلى 1998-1999-يىلى 2003-2004-يىلى 2010-2011-يىلى



ئىتالىيە لوڭقىسى:

1966-1967-يىلى 1971-1972-يىلى 1972-1973-يىلى 1976-1977-يىلى 2002-2003-يىلى


دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى:

1988-يىلى 1992-يىلى 1993-يىلى 1994-يىلى 2004-يىلى 2011-يىلى


ياۋروپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسىئ /چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى:


1962-1963-يىلى 1968-1969-يىلى 1988-1989-يىلى 1989-1990-يىلى 1993-1994-يىلى 2002-2003-يىلى 2006-2007-يىلى


ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى

1989-يىلى 1990-يىلى 1994-يىلى 2003-يىلى 2007-يىلى


ياۋروپا غالىبلار لوڭقىسى

1967-1968-يىلى 1972-1973-يىلى

toyota لوڭقىسى

1969-يىلى 1989-يىلى 1990-يىلى

دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى

2007-يىلى

لاتىن لوڭقىسى

1951-يىلى 1956-يىلى

ئوتتۇرا ياۋروپا لوڭقىسى

1981-1982-يىلى



مەڭگۈلۈك چېكىنگەن نۇمۇر
فىرانىك. بارېسسى 6- نۇمۇر
پاۋلو. مالدىنى 3- نۇمۇر (مالدىنى كىيگەن 3-نۇمۇرنى كىيىن مالدىنىنىڭ ئوغلى كىرىستىيان.مالدىنى ئىشلىتىدۇ.)





كوماندا ناخشىشى:

مىلان مارشى Inno Milan

Milan milan solo con te
Milan milan sempre per te
Camminiamo noi accanto ai nostri eroi
Sopra un campo verde sotto un cielo blu
Conquistate voi una stella in piã¹
A brillar per noi
E insieme cantiamo
Milan milan solo con te
Milan milan sempre per te
Oh oh oh oh oh
Una grande squadra
Sempre in festa olã¨
Oh oh oh oh oh
E insieme cantiamo
Milan milan solo con te
Milan milan sempre per te
Con il milan nel cuore
Nel profondo dell'anima
Un vero amico sei
E insieme cantiamo
Milan milan solo con te
Milan milan sempre con te
Oh oh oh oh oh ...





كومانداتوپ تەپكەن داڭلىق توپچىلار:

خېلبېرت. كىلپىن
گۇننا.نودال
خۇئان ئالبېرتو سىچىيافېنو
سېسار. مالدىنى
گىنىيا. رىۋىرا
گىئوۋانى. تىراپاتونى
مېدتېرىئو.ئالبېرتىنى
كارلو.ئانچېلوتتى
فىرانك.بارېسسى
ئالېكساندېرو.كوستاكۇتا
روبرت.دونادونى
پاۋلو.مالدىنى
ماۋرو.تسسوتى
پاۋلو.روسسى
رۇدى.گۇلىت
ماركو.ۋان باستېن
فىرانىك. رىجېكارد
روبېرت.باگىئو
ماركو.سىموننى
دىكانىئو
ئولىۋېر.بېلخوف
زىۋونىمىر. بوبان
ئېدگارت. دايۋېس
پاترىك.كىلۇيىۋېرت
مارسېل.دېسايلى
فورولىن. لادۇچىئو
دېيان.ساۋېچېۋىچ
جورجى.ۋېئا
لېئوناردو
داۋىد.بېكخام
رىۋالدو
كافۇ
سېرگىنىئو
دىدا
كاكا
رونالدو
رونالدىنخو
پاتو
روبىنىئو
ئېرنان.كىرىسپو
فېرناندو.رېدوندو
جاننارو.گاتتوسو
ئېلبېرت.گىلاردىنو
ئالېكساندر. نېستا
ئاندىرې.پىرلو
فىلىپ. ئىنزاگى
ماسسىمو.ئامبىروسسىنى
كىرىستىئان.ئابىياتتى
زامبوروتتا
ماركو.بورېللو
ئانتونىئو.كاسسانو
ئاندىرې.شېفچىنكو
  رۇي.كوستا
ياپ.سىتام
كىرالونس. سىدوف
زالتان.ئىبراھىموۋېچ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-2-10 13:55:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىما
كاكا پەچەت ئوينىغانتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-2-10 14:00:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىرىماي ئوقۇي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-2-10 14:17:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ئىسىل كۇلۇپ !
تىخمۇ ئىسىل تىمىلارنى يازغايسىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-2-10 14:24:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاكا مىلاندا ئوينىغان بولسا بۈگۈنكىدەك كۈنگە قالماستى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-2-10 14:37:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز..
قارا قىزىل قۇشۇننىڭ نادىر تېمىسى يېزىلغان يەردە نىمىشقا يۇۋىنۇتسنىڭ بولمايدۇ..ئەمدى مەن يازاي ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-2-10 14:44:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى توپ تەپكۈچىدە2012-02-10 14:37يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
ياخشى يېزىپسىز..
قارا قىزىل قۇشۇننىڭ نادىر تېمىسى يېزىلغان يەردە نىمىشقا يۇۋىنۇتسنىڭ بولمايدۇ..ئەمدى مەن يازاي ..

ئەمسە ساقلايمەن جۇمۇڭ توپ تەپكۈچىكا،،،،،،،،،،،،،ئەسلى تېمامنىڭ يەنە بىر مەزمۇنى بارتى،،لكىن  تاماق ئىتىۋاتقان،،،،قازان قايناپ كىتىپ،،،قۇشالماي قالدىممم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-2-10 16:00:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1908-يىلى كوماندىسىكى بىر قىسىم ئىتالىيەلىك توپچىلار ۋە شېۋېتسارىيەلىك توپچىلار كوماندىدىكى ئېنگىلاندلىق ۋە شوتلاندىيەلىك توپچىلارنىڭ كوماندىنىڭ ئاساسلىق توپچىلىرى بولغىنىغا قايىل بولماي

  --------------------------------------------------------------------------
ئېنگىلادلىق ۋە شوتلاندىيەلىك توپچىلارنىڭ ئىتالىيە ۋە شىۋىتسارىيەلىك توپچىلارنى يەكلىگەنلىك سەۋەبىدىن مىلان كوماندىسىدىن ئايرىلىپ ھەرقايسى مىللەت ۋە دۆلەتتىكىلەر بىر بىرىنى يەكلىمەيدىغان كەمسىتمەيدىغان كوماندا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن خەلىقئارا مىلان دىگەن كوماندىنى قۇرغان !! ھەرگىزمۇ ئاساسلىق توپچى بولغىنىغا قايىل بولمىغانلىقى ئەمەس !!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-2-10 16:10:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىلاننىڭ كوماندا گىربىدىن مۇنبەردىكى تارىمىدىن سوراپ باقسام :
سىلە دائىم ئىنتېرنىڭ 100 يىللىق كىرىست بېكىتىلگەن كىيىمىنى زاڭلىق قىلىپ فاشىىسىت تۈسىنى ئالغان دەيتىڭلار ... مۇشۇ پۇرسەتتە سورىۋالاي، ئۇنداقتا كىرىست بەلگىسى مىلاننىڭ گېربىسىدا باركەن .... بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك .... ئۇنداقتا سىلەر مەڭگۈلۈك فاشىسىت ئىكەنسىلەندە ؟!  گەپ بېرىپ ئۆزۈڭلىگە تەگدى !!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-2-10 16:15:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى پارلاقدە2012-02-10 16:10يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
مىلاننىڭ كوماندا گىربىدىن مۇنبەردىكى تارىمىدىن سوراپ باقسام :
سىلە دائىم ئىنتېرنىڭ 100 يىللىق كىرىست بېكىتىلگەن كىيىمىنى زاڭلىق قىلىپ فاشىىسىت تۈسىنى ئالغان دەيتىڭلار ... مۇشۇ پۇرسەتتە سورىۋالاي، ئۇنداقتا كىرىست بەلگىسى مىلاننىڭ گېربىسىدا باركەن .... بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك .... ئۇنداقتا سىلەر مەڭگۈلۈك فاشىسىت ئىكەنسىلەندە ؟!  گەپ بېرىپ ئۆزۈڭلىگەن تەگدى !!

مەن ئۇنى بىلمەيدىكەنمەن،،دېگىنىڭىزدەك  دېگەنلەرگە  تەگسۇن ،،،،لېكىن كىرىست بەلگىسى مىلان شەھىرىنىڭ گىربى،،،،،، بۇنى قايسى كوماندا ئىشلەتسە فشىس تۈسى ئالغان بولمايدۇدە،،،،،،،مۇھىم يىرى بولسا شۇ ،،مىلان كىرىست بەلگىسىنى كوماندا گىربىدە ئىشلەتكەن،،،،،،،،،،،  ئېنتېر بولسا كىيىمنىڭ بەزى يەرلىرىدە ئىشلەتكەن،،،،لېكىن ئىككىلى كوماندا ھەرگىزمۇ فاشىست تۈسى ئالغان بولمايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-2-10 16:23:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئسىىسىل تىما بوپتۇ............
   مىلان ھەقىقەتەن دۇنياۋى كۇلۇپ
777
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-2-10 16:26:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سان سىرو ؟؟؟؟   قايسى مەيدان بۇ ؟؟ بىزنىڭ مېئاززانىڭ قوشۇمچە ئىسمىغۇ دەيمەن  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-10 08:39

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش