akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 995|ئىنكاس: 5

ئىتالىيە بىرلەشمە قۇرۇلمىسى(cska)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ بۇرۇن كىچىك دۇنيا لوڭقىسى دەپ نامى بولغان،لېكىن يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان داڭلىق توپچىلارنىڭ ئازلىشىش ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىرلەشمىنىڭ ئورنى تۆۋەنلەپ قالدى،ئۇزغۇنلۇق سانىمۇ4تىن3گە چۈشۈپ قالدى،لېكىن بۇنداق بولسىمۇ ئىتالىيە بىرلەشمىسى مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىرلەشمە، باشقا بىرلەشمىلەرنىڭ قۇرۇلمىلىرىنى تۇنۇشتۇپ ئۆتتۈم،بۈگۈن ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ بىرلەشمە قۇرۇلمىسىنى دوسلارغا تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي.





ئىتالىيە بىرلەشمە قۇرۇلمىسى4چوڭ سېستىمىغا ئايرېلغان.

بىرىنجىى: دۆلەت كەسپى ئىتىپاقى
Lega Nazionale Professionisti
قاراشلىق بىرلەشمە: ئا بىرلەشمىسى ۋە ب بىرلەشمىسى





ئىتالىيە پۇتبول ئا بىرلەشمىسى
Lega Serie A
ئىتالىيە ئەڭ يۇقىرى بىرلەشمىسى ئىتالىيە پۇتبول جەمىيىتى باشقۇرۇشىدىكى بىرلەشمەFederazione Italiana Giuoco Calcio
1929-1930 مۇسابىقە پەسلىدە رەسمى قۇرۇلغاندىن تارتىپ 2004-2005 مۇسابىقە پەسلىگىچە18كوماندا مۇسابىقىغە قاتناشقان.2004-2005 مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ 20كوماندا قاتنىشىشقا باشلىغان. بۇيىل مۇسابىقىنىڭ چىمپىيونى ۋە ئىككىنجى بولغان كوماندا بىۋاستە ئۇزغۇنلۇق بېلىتىگە ئېرىشىدۇ. ئۈچىنجى بولغان كوماندا سالاھىيەت مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدۇ.
نۇمۇر تەرتىۋى ئەڭ ئاخىردىكى ئۈچ كوماندا ب بىرلەشمىسىگە چۈشۈپ كېتىدۇ.





ئىتالىيە ب بىرلەشمىسى
Lega Serie B
ئىتالىيە بىرلەشمە سېستىمىسىدىكى ئىككىنجى دەرىجىلىك بىرلەشمە. جەمى22كوماندا قاتنىشىدۇ. چىمپىيون ۋە ئىككىنجى بولغان كوماندا بىۋاستە ئا بىرلەشمىسىگە دەرىجە ئۆرلەيدۇ.ئۈچىنجىدىن ئالتىنجىغىچە بولغان كوماندا دەرىجە ئۆرلەش سالاھىيەت مۇسابىقىسى ئارقىلىق يەنە بىر ساننى تالىشىدۇ.نۇمۇر تەرتىۋى ئەڭ ئاخىردىكى 4 كوماندا ئىتالىيە د بىرىنجى بىرلەشمىسىگە چۈشۈپ كېتىدۇ.



ئىككىنجى: ئىتالىيە كەسپى بىرلەشمە سېستىمىسى
Lega Italiana Calcio Professionistico

قاراشلىق بىرلەشمە:س بىرىنجى بىرلەشمىسى ۋە س ئىككىنجى بىرلەشمىسى




ئىتالىيە س بىرىنجى بىرلەشمىسى
Lega Pro Prima Divisione
ئىتالىيە بىرلەشمە سېستىمىسىدىكى 3- دەرىجىلىك بىرلەشمە. جەمى 36 كوماندا قاتنىشىدۇ. بۇلار A Bئىككى گۇرۇپىغا ئايرېلغان. ھەربىر گۇرۇپىدا18 كوماندا بار.
ھەربىر گۇرۇپىدىن ئىككىدىن جەمى 4 كوماندا ب بىرلەشمىسىگە دەرىجە ئۆرلەيدۇ. ھەربىر گۇرۇپىنىڭ ئەڭ ئاخىردىكى ئىككى كوماندا بىۋاستە د ئىككىنجى بىرلەشمىسىگە چۈشۈپ كېتىدۇ.يەنە بىر دەرىجە چۈشۈش سانىنى ھەربىر گۇرۇپىنىڭ ئىككى 17-بولغان كوماندا ئۆز ئارا مۇسابىقىلىشىپ يەنە بىر دەرىجە چۈشۈدىغان كوماندا بارلىققا كېلىدۇ.





ئىتالىيە س ئىككىنجى بىرلەشمىسى
Lega Pro Seconda Divisione
ئىتالىيە بىرلەشمە سېستىمىسىدىكى 4- دەرىجىلىك بىرلەشمە. جەمى 49 كوماندا قاتنىشىدۇ. A B C ئۈچ گۇرۇپىغا ئايرېلغان.
Aگۇرۇپا 17 كوماندا
B گۇرۇپا 16 كوماندا
C گۇرۇپا 16 كوماندا
ھەربىر گۇرۇپىنىڭ چىمپىيونلىرى دەرىجە ئۆرلەپ د بىرىنجى بىرلەشمىسىگە چىقىدۇ، ھەربىر گۇرۇپىنىڭ ئەڭ ئاخردىكى كوماندا جەمى ئۈچ كوماندا دەرىجە چۈشۈپ د بىرلەشمىسىگە قاتنىشىدۇ.





ئۈچىنجى:دۆلەت ئىشتىن سىرتقى ئىتىپاقى
Lega Nazionale Dilettanti
قارشلىق بىرلەشمە: ئىتالىيە د بىرلەشمىسى





ئىتالىيە پۇتبول د بىرلەشمىسى
Serie D
ئىتالىيە بىرلەشمە سېستىمىسىدىكى 5- دەرىجىلىك بىرلەشمە. ئىشتىن سىرتقى بىرلەشمىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى بىرلەشمە. جەمى 168 كوماندا قاتنىشىدۇ. بۇلار 9گۇرۇپىغا ئايرېلغان.

a گۇرۇپا: 20 كوماندا بار، بۇلار ئىتالىيە پىئېمونت، رىگۇرىيا، ۋالدېئوستا رايونلىرىدىن بولغان كوماندىلار.
b گۇرۇپا:20 كوماند بار، بۇلار ئىتالىيە لومبادى ۋە پىئېمونت رايونلىرىدن بولغان كوماندىلار.
c گۇرۇپا: 18 كوماندا بار، بۇلار ئىتالىيە ۋىنىتو رايونىنىڭ كوماندىلىرى.
d گۇرۇپا: 20 كوماندا بار، بۇلار ئىتالىيە لومبادى رايونىنىڭ كوماندىلىرى.
e گۇرۇپا:18 كوماندا بار،بۇلار ئىتالىيە توسكانا، ۋېنبۇرىيە،لازىئو رايونلىرىدىن بولغان كوماندىلار.
f گۇرۇپا:18 كوماندا بار،بۇلار ئىتالىيە ۋېنبۇرىيە رايونىنىڭ كوماندىلىرى.
g گۇرۇپا:18 كوماندا بار، بۇلار ئىتالىيە ساردىنىيا ئارىلىدىن بولغان كوماندىلار.
h گۇرۇپا:18 كوماندا بار، بۇلار ئىتالىيە كامپانىيە رايونىنىڭ كوماندىلىرى.
i گۇرۇپا:18كوماندا بار، بۇلار ئىتالىيە كامپانىيە رايونىنىڭ كوماندىلىرى.






تۆتىنجى: تېخىمۇ تۆۋەن دەرىجىلىك بىرلەشمە سېستىمىسى
سېستىما 5 دەرىجىگە ئايرېلغان،
ئىتالىيە بىرلەشمە سېستىمىسىدىكى6-دەرىجىلىك بىرلەشمە. رايولار بىرلەشمىسى.ccellenza ھەرقايسى رايونلارنىڭ رايون بىرلەشمىلىرى.28گۇرۇپا، 476 كوماندا قاتنىشىدۇ.
ئىتالىيە بىرلەشمە سېستىمىسىدىكى7-دەرىجىلىك بىرلەشمە. ئىتالىيە پۇتبول ھەركىتى ئۇمۇملاشتۇرۇش بىرلەشمىسى. 54 كىچىك رايونغا بۆلۈنۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ.893 كوماندا قاتنىشىدۇ.
ئىتالىيە بىرلەشمە سېستىمىسىدىكى8-دەرىجىلىك بىرلەشمە.ئىتالىيە بىرىنجى بىرلەشمىسى 106گۇرۇپا،1668 كوماندا قاتنىشىدۇ.
ئىتالىيە بىرلەشمە سېستىمىسىدىكى9-دەرىجىلىك بىرلەشمە.ئىتالىيە ئىككىنجى بىرلەشمىسىSeconda Categoria دۆلەت ئىشتىن سىرتقى ئىتىپاقى رايونلار كومېتېتى باشقۇرشىدىكى بىرلەشمە. 182گۇرۇپىغا ئايرېلغان.
ئىتالىيە بىرلەشمە سېستىمىسىدىكى10-دەرىجلىك بىرلەشمە.ئىتالىيە ئۈچىنجى بىرلەشمىسىTerza Categoria بىۋاستە رايونلار كومېتېتى باشقۇرشىدىكى بىرلەشمە.209گۇرۇپىغا ئايرېلغان.






ئىتالىيە ياشلار بىرلەشمىسى
جەمى 5دەرىجىگە ئايرېلغان.
U19、U17、U15 ئۈچ گۇرۇپىسى دۆلەت بىرلەشمىسى. ھەر قايسى ئا بىرلەشمىسىدىكى كوماندىلارنىڭ كوماندىلىرى ۋە ب بىرلەشمىدىكى كوماندىلارنىڭ ياشلار كوماندىسى، ئا بىرلەشمىدىكى بەزى كوماندىلارنىڭ 5دەرىجىدىكى ھەممە كوماندىلىرى بار.
Esordienti' and 'Pulcini رايون دەرىجىلىك ياشلار بىرلەشمىسى.








لوڭقا مۇسابىقىلىرى


ئىتالىيە لوڭقىسى
Coppa Italia
ئا بىرلەشمىسى ب بىرلەشمىسى س بىرلەشمىسى د بىرلەشمىسىدىكى كوماندىلار قاتنىشىدۇ.


دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى
Supercoppa italiana di calcio
بىرلەشمە چىمپىيونى ۋە ئىتالىيە لوڭقىسى چىمپىيونى تالىشىدۇ، ئەگەر بىرلەشمە ۋە ئىتالىيە لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى بولسا،ئىتالىيە لوڭقىسىدا ئىككىنجى بولغان كوماندا بىلەن تالىشىدۇ.



ئىتالىيە كەسپى بىرلەشمە لوڭقىسى
Coppa Italia Lega Pro
س بىرىنجى بىرلەشمىسى ۋە س ئىككىنجى بىرلەشمىدىكى كوماندىلار تالىشىدۇ.


ئىتالىيە د بىرلەشمىسى لوڭقىسى
Coppa Italia Serie D
1999-يىلىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلغان، د بىرلەشمىدىكى كوماندىلار قاتنىشىدۇ.


ئىشتىن سىرتقى بىرلەشمە لوڭقىسى
Coppa Italia Dilett
ئالتىنجى ۋە يەتتىنجى دەرىجىدىكى كوماندىلار قاتنىشىدۇ. چىمپىيونى د بىرلەشمىگە قاتنىشىش سالاھىتىگە ئېرىشىدۇ.


ياشلار لوڭقىسى
copa giovani
ياشلار بىرلەشمىسىدىكى كوماندىلار تالىشىدۇ.

TIM لوڭقىسى
ھەر پەسىل باشلىنىشتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلدىغان بەدەن قىزىتىش شەكلىدىكى لوڭقا مۇسابىقىسى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-2-7 23:25:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېزىۋاتقىنىڭىزنىڭ ھەممىسى  پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى تېمىلاركەن  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-2-8 11:05:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ....بولسا تېخىمۇ تەپسىلى قىلىپ يازارسىز...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-2-8 13:11:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما   ماڭا بىرەنى بەرسىڭىزچۇ ئىككىلىمىز مىلانلىق بولغاندىكىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-2-8 19:16:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تىما بوپتۇ ، رەخمەت  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-5-2 06:58:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇرەككەپمۇ قانداق...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-12 03:20

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش