ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 522 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبىرىمىزدىكى پۇتبول سۈيەر ئەزىز قېرىنداشلار، كەمىنە كونا ئەزا ئارماندىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام،
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك، مۇنبىرىمىز دىيارىمىزدىكى ئەڭ چوڭ پۇتبول ھەققىدىكى مۇنازىرە مۇنبىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ، مانا بۈگۈن 2007-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ كىرگەن كۈندىن باشلاپ ھىساپلىغاندا مۇنبەردىكى زىيارەت ۋاقتىم نەق 666 سائەت بوپتۇ. بۇ مەن ئۈچۈن ئالاھىدە بىر سان، شۇ تاپتا مۇشۇ ۋاقىتنى ساقلاپ، ئۇخلىماي ئولتۇرۇپ، تىما يېزىۋاتىمەن، راست گەپنى قىلسام، بۇ مۇنبەر مىنىڭ ئىككىنچى ئاشىقىم. ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا بىر دوستۇمنىڭ تۇنۇشتۇرىشى بىلەن بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ كىرگەنىدىم. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ داۋاملىق زىيارەت قىلىپ كىلىۋاتىمەن، ئارلىقتا مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى دىيارىمىزدا تور تاقالغاندا شۇنداق قىممەتلىك بىر نەرسەمنى يۈتتۈرۈپ قويغاندەك ھىسياتتا بولۇپ قالغانىدىم. مانا ھازىر كۈنلۈك قىلىدىغان ئىشىم،ئىشخانىغا كىرىپ ئىشلىرىمنى بىرقۇر رەتلەپ بولغاندىن كىيىن سائەتلەپ بۇر تورنى زىيارەت قىلىش، گەرچە يوللىغان تىمىلىرىم ئاز بولسىمۇ، بىراق ئىنكاس يېزىپ توختىماي زىيارەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن. بۇ مۇنبەر ئارقىلىق مەن نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم، چۈشەندىم، تەرەققى قىلدىم،ئىلگىرلىدىم،ھازىر پۇتبول توغرىلىق خېلى ياخشى ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە بولدۇم، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ مۇنبەرگە ئالاھىدە رەخمەت ئېيتىمەن، ئاللا خالىسا بۇندىن كىيىنمۇ داۋاملىق زىيەرەت قىلىپ ماڭىمەن. مۇنبىرىمىزنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىنى، ئەزالىرىنىڭمۇ داۋاملىق كۆپىيىشىنى، ئىناق-ئىتتىپاق بولۇپ، پىكىرلىشىپ، ئورتاق ئىلگىرلىشىمىزنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.
بۇنى بىر تىما دىسەڭلارمۇ، رەخمەت خېتى دىسەڭلارمۇ، خوشلۇقكەن دىسەڭلارمۇ بولىدۇ ، مەن 666 سائەتكە يەتكەنلىكىمدىن خوش بولۇپ بۇ تىمىنى يېزىۋاتىمەن. توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. |
|