akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2075|ئىنكاس: 18

ئېنگىلاند بىرلەشمە قۇرۇلمىسى(cska)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئېنگىلاند بىرلەشمە مۇسابىقىسى بولسا ياۋروپادىكى بىرىنجى ئورۇندا تۇردىغان بىرلەشمە،پۇتبول ھەركىتىمۇ ئەنگىلىيەدىن باشلانغان،بىز ئادەتتە ئېنگىلاند بىرلەشمىلىرى توغۇرسىدا توختالساق دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە،چىمپىيونلۇق بىرلەشمە،ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە قاتارلقلارنى ياخشى بىلىمىز،ئەمەلىيەتتە ئېنگىلاند پۇتبول قۇرۇلمىسى بىز ئويلىغاندە بۇنداق ئاددى ئەمەس!

مەن ئېنگىلاند پۇتبول بىرلەشمىلىرىنىڭ ئۇمۇمى ئەھۋالىنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي،،،



ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە
Premier League
يەنە بىر ئاتىلىشى بولسا بىراكلاي بىرلەشمىسى Barclays Premier League، بۇنداق ئاتىلىشىدكى سەۋەب بولسا ئەنگىلىيەدىكى داڭلىق بانكا بىراكلاي بانكىسى بىرلەشمىنىڭ نام ھۇقۇقىنى سېتىۋالغان شۇڭا بۇنداقمۇ ئاتىلىدۇ.
مۇسابىقىغە جەمى 20 كوماندا قاتنىشىدۇ. قوش ئايلانما ئۇچىرشىش جەمى 38مەيدان مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى ئۈچ كوماندا كىلەر پەسىللىك ئۇزغۇنلۇق سالاھىتىگە.ئەڭ ئاخرقى3كوماندا دەرىجە چۈشۈپ كېتىدۇ.




ئېنگىلاند ئىككىنجى كوماندا دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى
Premier Reserve League
جەمى 20 كوماندا مۇسابىقىغا قاتنىشىدۇ. شىمالى ۋە جەنۇبى دەپ ئىككى رايونغا ئايرىلىدۇ، قاتنىشىدىغان كوماندىلار ئاساسى جەھەتتى دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى كوماندىلارنىڭ ئىككىنجى كوماندىسى.




ئېنگىلاند ياشلار دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى
Premier Academy League
قاتنىشىدىغان كوماندا سانى جەنى40 بۇلۇپ abcdدىن ئىبارەت 4گۇرۇپىغا بۆلۈنۈپ مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىدۇ.




ئېنگىلاند چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى
Football League Championship
24 كوماندا مۇسابىقىغە قاتنىشىدۇ، قوش ئايلانما ئۇچىرشىش جەمى 46ئايلانما ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئالدىنقى ئىككى كوماندا بىۋاستە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىگە ئۆرلەيدۇ،ئۈچىنجىدىن ئالتىنجىغىچە بولغان كوماندا يەنە بىر دەرىجە ئۆرلەش سانىنى تالىشىدۇ. ئەڭ ئاخردىكى 3كوماندا ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىگە چۈشۈپ كېتىدۇ.




ئېنگىلاد ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسى
Football League One
24 كوماندا مۇسابىقە ئوينايدۇ.ئالدىنقى ئىككى كوماندا بىۋاستە چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە ئۆرلەيدۇ،ئۈچىنجىدىن ئالتىنجىغىچە بولغان كوماندا يەنە بىر دەرىجە ئۆرلەش سانىنى تالىشىدۇ. ئەڭ ئاخردىكى 3كوماندا ب دەرىجىىك بىرلەشمىگە چۈشۈپ كېتىدۇ




ئېنگىلاند ب دەرىجىلىك بىرلەشمىسى
Football League Two
كوماندا مۇسابىقە ئوينايدۇ.ئالدىنقى ئىككى كوماندا بىۋاستە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىگە ئۆرلەيدۇ،ئۈچىنجىدىن ئالتىنجىغىچە بولغان كوماندا يەنە بىر دەرىجە ئۆرلەش سانىنى تالىشىدۇ. ئەڭ ئاخردىكى 3كوماندا مەملىكەتلىك بىرلەشمىگە چۈشۈپ كېتىدۇ




ئېنگىلاند مەملىكەت بىرلەشمىسى
Football Conference
بۇ بىرلەشمە ئۈچ گۇرۇپىدىن تەركىن تاپقان،ئېنگىلاند پۇتبول ئۇيۇشمىسى مەملىكەتلىك بىرلەشمەConference Nationa.ئېنگىلاند پۇتبول ئۇيۇشمىسى شىمالى رايون بىرلەشمىسى Conference North ئېنگىلاند پۇتبول ئۇيۇشمىسى جەنۇبى رايون بىرلەشمىسى Conference South.
قاتنىشىدىغان كوماندىلار ئاساسى جەھەتتى يېرىم كەسپى يېرىم ئىشتىن سىرتقى كوماندىلاردۇر.




ئېنگىلاند شىمالى رايون دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى
Northern Premier League
جەمى 65 كوماندا مۇسابىقىغە قاتنىشىدۇ.
دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 21 كوماندا
ئا بىرلەشمىسى شىمالى رايون 22 كوماندا
ب بىرەشمىسى جەنۇبى رايون 22كوماندا





ئېنگىلاندجەنۇبى رايون بىرلەشمىسى
Southern Football League
66كوماندا قاتنىشىدۇ
دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىە22 كوماندا
ئا بىرلەشمە غەربى قىسىم 22كوماندا
ئا بىرلەشمە ئوتتۇرا قىسىم22كوماندا





ئېنگىلاند ئىسمىئان بىرلەشمىسى
Isthmian League
66 كوماندا قاتنىشىدۇ
دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە 22 كوماندا
ئا بىرلەشمە شىمالى رايون 22كوماندا
ئا بىرلەشمە جەنۇبى رايون 22 كوماندا




9-دەرىجىنى ئەڭ يۇقىرى دەپ قارالغان بىرلەشمىسى:
غەربى شىمالى بىرلەشمىسى. شەرقى شىمالى بىرلەشمىسى. شىمالى بىرلەشمىسى. غەربى بىرلەشمىسى. ۋېكسېس بىرلەشمىسى. سوسسېك بىرلەشمىسى.
گىرىتسىيە رايونى بىرلەشمىسى. مىدلان بىرلەشمىسى. بىرلەشمە رايون بىرلەشمىسى. شەرقى رايون بىرلەشمىسى. كېنت بىرلەشمىسى.
سىبارتاننىڭ جەنۇبى مىلاند بىرلەشمىسى. رايونلار بىرلەشمە بىرلەشمىسى. ئېسسېك يۇقىرى بىرلەشمىسى.


10- دەرىجىنى ئەڭ يۇقىرى دەپ قارالغان بىرلەشمىسى:
شەرقى مىلاند بىرلەشمىسى. غەربى جەنۇب يېرىم ئارال بىرلەشمىسى. غەربى مىلاند رايون بىرلەشمىسى. مىلاند بىرلەشمە بىرلەشمىسى.


11-دەرىجىنى ئەڭ يۇقىرى دەپ قارالغان بىرلەشمىسى:
ئانگېلۇ بىرلەشمە. بېردېفورد بىرلەشمىسى. بىرايتون خوف بىرلەشمىسى. كامبىرىج بىرلەشمىسى. ئوتتۇرا مىلاند بىرلەشمىسى.
چېشېر ئۇيۇشما بىرلەشمىسى. دورسېت دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى. شەرقى بېرېكشېر بىرلەشمىسى. شەرقى سوسېك بىرلەشمىسى.
ئېسسېك ۋە ساففوك چېگرا رايون بىرلەشمىسى. ئېسسېك ئولىمپىيا بىرلەشمىسى. گىلورېست بىرلەشمىسى. خامپىتون دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە.
خوتتېفورد يۇقىرى بىرلەشمىسى. كېنت يۇقىرى بىرلەشمىسى. لېچېستېر يۇقىرى بىرلەشمىسى. لېۋېرپول بىرلەشمىسى. مانچېستېر بىرلەشمىسى.
ئوتتۇرا ساسسېك بىرلەشمىسى. مېدېلسېكېس بىرلەشمىسى. شىمالى بېك بىرلەشمىسى. شىمالى ھامپىتون بىرلەشمىسى. شىمالى ھامپىتون رايون بىرلەشمىسى.
شىمالى بىرلەشمە. ئوكېسفورد يۇقىرى بىرلەشمىسى. پېتېربۇرگ بىرلەشمىسى. رېدېن بىرلەشمىسى. ساررى ئوتتۇرا دەرىجىلىك تالانتلىقلار بىرلەشمىسى.
ۋېلسېد بىرلەشمىسى. غەربى چېشېر ئىشتىن سىرتقى بىرلەشمىسى. غەربى لانكايسېر بىرلەشمىسى. غەربى رايتىن ئىشتىن سىرتقى بىرلەشمىسى.
غەربى سېساك بىرلەشمىسى. غەربى يورك بىرلەشمىسى. ۋېلتېشېر بىرلەشمىسى. ۋورتىن ۋە يېقىنقى رايون بىرلەشمىسى. ھامپ2004 بىرلەشمىسى.



12-دەرىجىنى ئەڭ يۇقىرى دەپ قارالغان بىرلەشمىسى:
ئولدېشوت بىرلەشمىسى. بۇرىستول دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى. بۇرىستول ۋە ئەتراپىدىكى رايونلار بىرلەشمىسى.
كورېنۋول بىرلەشمىسى. دوۋېن ۋە ئېكېستېر بىرلەشمىسى. شىمالى گېروستېر يۇقىرى بىرلەشمىسى. ھامپ تۆۋەن بىرلەشمە. شىمالى باك بىرلەشمىسى.
شىمالى دوۋېن بىرلەشمىسى. پۇرىموس ۋە غەربى دوۋېن بىرلەشمىسى. پۇرسىموتىس شەنبە بىرلەشمىسى. جەنۇبى دوۋېن بىرلەشمىسى.
سۇررى رايونى ئوتتۇرا دەرىجىلىك بىرلەشمىسى. شەرقى جەنۇب سۇررى بىرلەشمىسى. تېسسېد بىرلەشمىسى.


13-دەرىجىنى ئەڭ يۇقىرى دەپ قارالغان بىرلەشمىسى:
يېقىنقى ئولتېرېن ئومېن ئىشتىن سىرتقى بىرلەشمىسى. يېقىنقى ئاندوۋېر شەنبە بىرلەشمىسى. بانبو رايونى ۋە جېرسى ئۇيۇشمىسى. يېقىنقى شىنسىتوك بىرلەشمىسى
بوئېنموس شەنبە بىرلەشمىسى. يېقىنقى چېستېرفېلد ئىشتىن سىرتقى بىرلەشمىسى. يېقىنقى دونكاست يۇقىرى بىرلەشمىسى. فارموس ۋە خېلسڭتون بىرلەشمىسى.
يېقىنقى خېتتېرفود بىرلەشمىسى. خومبېر دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى. يېقىنقى ئىففولد بىرلەشمىسى. يېقىنقى لېچېستېر بىرلەشمىسى. لېچېستېر رايون بىرلەشمىسى.
ئوتتۇرا ئېكېستېر بىرلەشمىسى. مىلاند رايون ئايلانما بىرلەشمىسى. مېننىن بىرلەشمىسى. ئوتتۇرا شىمال خېرتېس بىرلەشمىسى. شىمالى لېچېستېر بىرلەشمىسى.
نوردىنھان يۇقىرى بىرلەشمىسى. شېففېلد ۋە خارام رايونلۇق بىرلەشمىسى. شېپېروس دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى. غەربى ھامپىتون شەنبە بىرلەشمىسى.
سوزېند بازىرى بىرلەشمىسى. يېقىنقى ۋېنچېستېر بىرلەشمىسى. يېقىنقى ۋېيتنىي بىرلەشمىسى


14-دەرىجىنى ئەڭ يۇقىرى دەپ قارالغان بىرلەشمىسى:
يېقىنقى باس بىرلەشمىسى. يېقىنقى بۇرېستول بىرلەشمىسى. چېلتېنھام بىرلەشمىسى. يېقىنقى سېرونسېستېر بىرلەشمىسى. يېقىنقى كىراۋېن بىرلەشمىسى.
يېقىنقى دېرىفېلد بىرلەشمىسى. دۇچ بىرلەشمىسى. شەرقى رېدېن ئىشتىن سىرتقى بىرلەشمىسى. شەرقى رېدېن رايون بىرلەشمىسى. ئېكېستېر سودا بىرلەشمىسى.
فورنېس دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى. گېلفورد ۋە ۋوكىن بىرلەشمە بىرلەشمىسى. يېقىنقى خالىفاكىس بىرلەشمىسى. يېقىنقى خاروگېت بىرلەشمىسى.
يېقىنقى خادېسفېرد ئۇيۇشما بىرلەشمىسى. يېقىنقى كىڭسىتون بىرلەشمىسى. لانكاشېر ئىشتىن سىرتقى بىرلەشمە. قىزىل لېد ئۈچ بۇرجەك بىرلەشمىسى.
ئوتتۇرا سامورسېت بىرلەشمىسى. نېۋكاستېل كورىندىئان بىرلەشمىسى. شىمالى گېروستېر بىرلەشمىسى. شىماى نورسېنبوران بىرلەشمىسى.
يېقىنقى قىزىل تاغ بىرلەشمىسى. يېقىنقى سىپېن بازىرى بىرلەشمىسى. يېقىنقى سىتېرالد بىرلەشمىسى. تانتون شەنبە بىرلەشمىسى. تويېنسېد ئىشتىن سىرتقى بىرلەشمىسى.
يېقىنقى ۋېكفېلد بىرلەشمىسى. يېقىنقى ۋېستون مار بىرلەشمىسى. يېقىنقى يېئوۋېل بىرلەشمىسى. يورك بىرلەشمىسى. يورك قېرى يىگىت بىرلەشمىسى.


15دەرىجىنى ئەڭ يۇقىرى دەپ قارالغان بىرلەشمىسى:
كولچېستېر ۋە شەرقى ئېسسېكتېر بىرلەشمىسى. ۋويت ئارىلى شەنبە بىرلەشمىسى.


16-دەرىجىنى ئەڭ يۇقىرى دەپ قارالغان بىرلەشمىسى:

جەنۇبى يورك ئىشتىن سىرتقى بىرلەشمىسى


18-دەرىجىنى ئەڭ يۇقىرى دەپ قارالغان بىرلەشمىسى:
يېقىنقى بۇررى بىرلەشمىسى. ئوتتۇرا جەنۇب نورفوك بىرلەشمىسى.

19-دەرىجىنى ئەڭ يۇقىرى دەپ قارالغان بىرلەشمىسى:
يېقىنقى خادېسفېلد بىرلەشمە بىرلەشمىسى

21-دەرىجىنى ئەڭ يۇقىرى دەپ قارالغان بىرلەشمىسى:
بۇرېستول ۋە ئاۋېن بىرلەشمىسى


ئېنگىلاند لوڭقا مۇسابىقىلىرى:


ئۇيۇشما لوڭقىسى



بىرلەشمە لوڭقىسى



رايون لوڭقىسى



بىرلەشمە لەۋھە تالىشىش لوڭقىسى


ئۇيۇشما لەۋھە تالىشىش لوڭقىسى

ئېنگىلاند رايون بىرلەشمىلىرى بىرلەشمە لوڭقىسى


ئېنگىلان ئۇيۇشما قۇتىسى لوڭقىسى (تەرجىمىسى مۇشۇنداقكەن)


پۇتبول ئۇيۇشمىسى دۆلەت بىرلەشمە سېستىمىسى لوڭقىسى



بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشكا بولىدۇكى ئېنگىلادنىڭ ھەرقايسى رايون،ھەر قايسى شەھەر ئاددىسى ھەرقايسى كىچىك بازارلارنىڭمۇ بىرلەشمە مۇسابىقىسى بار. مانا بۇ ئېنگىلاند پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ نەقەدەر ياخشىلىقىنى ،پۇتبول ھەركىتىنىڭ ناھايىتى كەڭ ئۇمۇملاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
dilhux + 50 ياخشى ...

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-2-3 16:55:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر نادىر تىما   
مەن بىلمەيدىغان ئىشلار جىقكەن تىخى   
مەن تىخى ئالدىنقى 3 كوماندا ئوزغۇنلۇققا قاتنىشىش بىلىتىگە ئىرىشىدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمە  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-2-3 16:58:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تىخى ئۇيۇشما لوڭقىسى دىگەن مۇسابىقىسىن بىرسىلا بارمىكن دىسەم
ئۇيۇشما لوڭقىسى ، ئۇيۇشما لەۋھە تالىشىش لوڭقىسى ۋە ئۇيۇشما قۇتىسى لوڭقىسى قاتارلىقلار بارئىكەن ئەمەسمۇ .
رەخمەت بۇرادەر كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-2-3 17:03:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىنى يادىلىۋالدىم  رەھمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-2-3 17:04:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى ronaldo10دە2012-02-03 16:58يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
مەن تىخى ئۇيۇشما لوڭقىسى دىگەن مۇسابىقىسىن بىرسىلا بارمىكن دىسەم
ئۇيۇشما لوڭقىسى ، ئۇيۇشما لەۋھە تالىشىش لوڭقىسى ۋە ئۇيۇشما قۇتىسى لوڭقىسى قاتارلىقلار بارئىكەن ئەمەسمۇ .
رەخمەت بۇرادەر كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم  

بۇندىن كىيىن تېخىمۇ يېڭى مەزمۇنلارنى يوللاش ئۈچۈن تىرىشىمەن،،،،،،،،،،،،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-2-3 17:04:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى تارىخدە2012-02-03 17:03يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
ھەممىنى يادىلىۋالدىم  رەھمەت
بىر كۆرۈپلا ھەممىنى يادلىۋالغان بولساڭلا  راسلا تارىخچىكەنسىلە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-2-3 18:28:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالامەت ئىسىل يىزىپسىز جۇمۇڭ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-2-3 19:05:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىرمان نىڭمۇ بۇنىڭدىنمۇ جىق چىقسا چىقىدۇكى ، كام چىقماسمىكى ...  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-2-3 19:28:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ  ئىنگىلانىدنىڭ  مۇسابىقە قۇرۇلمىسى تولۇق  ...................5 ياشتىن 50 ياشقىچە ھەممىسىنڭ مۇسابىقىسى بار ........
                           ھازىرقى ياپۇنىيەمۇ مۇشۇنداق ھەرتۇردىكى مۇسابىقىلەرنى يولغا قويىۋاتىدۇ................
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-2-3 19:41:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر چەتتىن ئوقۇپ چىقىپ ئۆزۈم بىر قول نادىرلىۋىتەي دىسەم ، ماۋۇ قىزىل پاچاق مەندىن تىز چىقىپ كېتىپ قاپتۇدە....


تېما ئېگىسىگە بىر تەكلىپ . مۇشۇ بىر بىرلەشمىلا بىلەن توختاپ قالماي ، ئىسپانىيە ، ئىتالىيە ، گېرمانىيە ، فىرانسىيە ، تۈركىيە بىرلەشمىلىرىنىمۇ ئايرىم ئايرىم تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ تېما يوللىسىڭىز سىزگە 50 مىليون مۇكاپات پۇلى بېرىمەن. مۇنبىرىمىزدە بىرلەشمىلەر توغۇرلۇق تولۇق يېزىلغان تېمىلار ئەزەلدىن كام بولۇپ كەلگەن ئىدى. نادىر تېمىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر !!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-2-3 19:57:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن جىق ئىكەن بىرلەشمىلەر،جوڭگۇدىمۇ مۇشۇنداق بولغان بولسا نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى،ئەڭ قىسقىسى شىنجاڭدا بىرلەشمە مۇسابىقە بولغان بولسىچۇ،شەھەرلەر ئارا،30 مەيدان مۇسابىقىدىن ھۇزۇر ئالار بولغۇيتۇق،ئاللا تىلىكىمگە يەتكۈزگەي......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-2-3 20:10:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىمىكەن ماۋۇ ،بىلىم دىگەن تاما تاما كۆل بولىدۇدە ،مەن بىلمەيدىغانلار كۆپكەن ،نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم.باشقا بىرلەشمنىمۇ ئىزدىنىپ كۆرەسىز.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-10 00:52

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش