ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1320 |
تۆھپىسى: سەر |
|
خەلق تورى خەۋىرى،31-يانۋار جوڭگۇ پۇتبولچىلار جەمئىيتى 16 ياشلىقلار دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش تېزىملىكىنى ئىلان قىلدى جوڭگۇ پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى شەرقى ئاسىيا ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچتىكى مۇسابىقىلىرىگەقاتناشتۇرۇش مەقسىتىدە بۇ كوماندىنى تەشكىللىگەن.كوماندا 2-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە گواڭجۇدا يىغىپ مەشىقلەندۈرلىدىكەن.
ھەممىمىزنى خۇشھال قىلىدىغىنى بۇ تېزىملىككە شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيتىدىن ئابدۇلئەزىز ئىسىملىك بىرئۇيغۇر ئۆسمۈرمۇ كىرگەن بولۇپ،بۇ بالىنىڭ دۆلەت كوماندىسىغا كىرىشى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز پۇتبولچىلىغىدىكى يەنە بىر يۈكسىلىش ھىساپلىنىدۇ.بۇ ئەلۋەتتە باللىرىمىزغا تېخمۇ مەدەت بولغۇسى.
دۆلەت 16 ياشلىقلار پۇتبول كوماندىسنى يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش
توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش
شەرقى ئاسىيا ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچتىكى مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن،جوڭگۇ پۇتبولچىلار جەمئىيتى دۆلەت 16 ياشلىقلار پۇتبول كوماندىسىنى 2-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە گواڭجۇدا يىغىپ مەشىقلەندۈرۈشنى قارار قىلدى.
كوماندا يىتەكچىسى:لى شىياۋ گواڭ
باش تېرىنىر:سۇ ماۋشىڭ
تەنھەركەتچىلەر:
شاڭخەي پۇتبولچىلار جەمئىيتىدىن:لى شىياۋمىڭ،خواڭ بوۋېن،لىڭ شىچۈەن،شۈ تىيەن يۈەن،شەن خەي ياڭ
شەندۇڭ لۇنىڭ كۇلۇبىدىن:جاڭ چىڭ،لى خەيلوڭ،ۋۇشىياۋ بو
دالىيەن يېتىڭ كوماندىسىدىن:جاۋ جېمىڭ،جاڭ خۇي،جىن سۈي شىيەن
بىجىڭ گوئەن كۇلۇبىدىن:جوڭ جىيۈ،خاۋ رۈنزى(جوڭگۇ دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئىلگىركى توپچىسى خاۋ خەيدوڭنىڭ ئوغلى)،چېن چىي
سېچۈەن پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىدىن:جاڭ شىيۇ ۋىي
شىنجاڭ پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىدىن:ئابدۇلئەزىز
بۇلاردىن باشقا ماھىرلار خاڭجۇ،شەنشى،تىيەنجىن چاڭچۈن قاتارلىق جايلاردىكى جوڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلىشمىسىدىكى كۇلۇپلارنىڭ تەييارلىق كوماندىللىرىدىن كەلگەن بولۇپ،بۇ كوماندىغا جەمئى 20 پۇتبولچى چاقىرتىلغان بولۇپ، شىنجاڭلىق بۇ ئەزىمەتنىڭ بۇ پۇرسەتنى قەدىرلەپ ياخشى مەشىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. |
|