- تىزىملاتقان
- 2011-1-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 525
- نادىر
- 4
- يازما
- 525
|
مۇنبەردىكى باللارغا جىددى ئەسكەرتمە
بىر توپ بالا سىنىپتا ، ياشاپ كەلدۇق ئەزەلدىن ،
گاھى خۇشال ياشىساق ، جىدەل تېپىپ پۇتپولدىن
بىرى ئۆچ بوپ مادىرىتقا ، ئىبرەت قىلسا مىلەننى ،
بىرلىرىنىڭ دەردى كۆپ ، قايناپ ياشار باسادىن ،
كۈندە ھەرخىل، مەزمۇندا سۆزلىنىدۇ دەرىسلەر ،
مىسسى ، رۇنى ،رونالدۇ ، گاھى ھەرخىل مەشىقلەر
كۆزنى ياشلاپ يىغلىتىپ ، پەيدا بولسا يارلىنىش ،
مەستانىسى يۈرەكتىن ، تىلەر ياخشى تىلەكلەر .
سىنىپ مەسئۇل ۋەزنىلىك ، نەسھەتلەرنى قىپ تۇرار ،
بەزى ئەزا قەدەمدە ، ئۆز دوستىغا تىغ ئۇرار
بىرى قوغداپ كاكانى ، بىرى پىپى ئىلاھ دەپ .
قېرىنداشقا تىل سېلىپ ، ئېغىزى خۇددى قىغ پۇرار .
بىرى دەيدۇ مورىنىيو ، مېنىڭ ئۇلۇغ جان دادام ،
گۇ تېرنىرنىمۇ دەيدىكەن ، دادا باشقا ئۆز تاغام ،
دىيىلمەيدۇ نىمىشقا ؟! بالدۇر كەتكەن لۇتپۇللا ،
قېرىندىشىم - ھەمشىرىم ، ئىسمى ئۆچكەن جان ئاكام .
كۈندە باردۇر مۇنازىر ، جىدەل- ماجىرا قوشۇلۇپ
گاھى تاۋكا قۇرىمىز ، پۇلنى بەرمەي ئۇرۇشۇپ ،
يىراقتىكى چولپانغا ،چۇقۇنۇۋېلىپ ئۆلگىچە .
ئايغى چىقماس ھىچقاچان ، قۇرۇق تامنى ئۆرۈشۈپ .
ماختاپ كەتسەك پاتونى ، شوخ كۈلەمدۇ يۈرەكلەر ،
ماس كەلمەسمۇ ئۆتكۈرگە ، ئاشۇ ئىلھام سۈپەتلەر ،
مەيلى كۆتۈرۈڭ ھاپاشلاپ ، رائول ياكى سانجىسنى ،
لىكىن ئەستىن چىقمىسۇن ، بارى ، شەۋكەت ،ئەكرەملەر .
بەزەن چاغدا مۇنبەردە، گوروھۋازلىق بوپ قالار ،
ئالۋاستىنىڭ سۈيىدە ، ئىنتىر ، بەيرىن تەڭ ئاقار ،
بىر جىسىمغا يارىشىپ ، ھەر خىل كىيىم ،ئىسىملەر ،
يىلتىزداشنى - قېرىنداش ، يىلان كەبى تەڭ چاقار .
بىزنىڭ سىنىپ مۇشۇنداق ، گاھى خۇشال گاھ تاپا ،
بىرى كۈلسە قاقاقلاپ ، بىرى يۈرەر بوپ خاپا .
ھەر يەرلەردىن يىغىلدۇق ، شۇ پۇتپولنىڭ ئوتىدا ،
ئىجىل - ئىناق ئۆتەيلى ، ياڭرىتىپ بىز شوخ سادا .
مەنبە---- تاڭنۇر « خەيرۇللا قۇربان » بۆرتالا .
مۇشۇ مۇنبەردىكى ئىشلاردىن ئىلھام « قۇراشتۇرما »
ئىككى دەريا ، ئىككى قىرغاق، ئىككى ئادەم ،
تاش ئېتىشىپ ،گال سىقىشىپ ، تاپىمىز ماتەم .
دەريا تىنىچ ، قىرغاق تىنىچ ، ئۇلار شادىمان .
ئالتۇن تاجدا ، ھەل بىرىمىز ، قەلبىمىزدە غەم .
ئەسكەرتىش ---- ئەسلى ساتىدىغان قىلاي دىگەن بۇ تېمىنى ، لىكىن ئەھمىيىتىنى ئويلاپ ئۇنداق قىلمىدىم ، شۇڭا بايلار ئازراقتىن ئىھانە قىلارسىلەر ، 5 - 10 مىليون دىگەندەك .  |
-
ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 44
باھا خاتىرىسى
|