ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 27 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بارسېلونانىڭ ئويناش ئۇسۇلى ئەسلىدە گوللاندىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ كىرۇيېف،ۋانباستىن،رېجكارد،گۇلىتلار بار ۋاقتىدىكى ئويناش ئۇسۇلى ئىدى.كېيىن كىرۇيېف بۇ ئويناش ئۇسۇلىنى بارسېلوناغا تەدبىقلىدى،بارسېلونا بۇ ئويناش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەقىقىي سەنئەتلىك پۇتبولنىڭ سېھرى كۈچىنى كۆرۈپ يەتتى ۋە گوللاندىيەنىڭ بۇ ئويناش ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇپ،ئۇنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى.ئەلۋەتتە بۇ جەرياندا ،كىرۇيېف،ۋانگال،رېجكارد قاتارلىق تېرېنېرلار؛ئوۋېيماس،كوكۇ،قوشماق دېبورلار،كىرۇيىۋىت قاتارلىق پۇتبولچىلارنىڭ تۆھپىسى چوڭ بولدى.گۇئادىئوۋلا بۇ ئويناش ئۇسۇلىنى ۋايىغا يەتكۈزدى.خاۋى بىلەن ئىنىستانىڭ ئوتتۇرا مەيداننى كونتىرول قىلىشى،مېسسىنىڭ ھارماي-تالماي قارشى تەرەپ مۇداپىئە سېپىنى قالايمىقان قىلىشى،ئالۋېزنىڭ ياندىن ئەجەللىك توپ تاشلىشى،پۇيول،پېك،ئابىداللارنىڭ مۇداپىئەنى ياخشى قىلىش بىلەن بىللە ھۇجۇمغىمۇ قاتنىشىپ تۇرۇشى،ۋالدىزنىڭمۇ قىسقا پاسلارغا قاتنىشىپ تۇرۇشى...بارسېلونا كوماندىسىنى سەنئەتلىك پۇتبولنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇردى.بارسېلونا كوماندىسىنىڭ ئويناش ئۇسۇلىدىن ئەندىزە ئالغان ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسى ياۋروپا ۋە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ يېڭى خوجىسىغا ئايلاندى.ئەنئەنىۋىي ئويناش ئۇسۇلىدىن ۋاز كەچكەن گوللاندىيە دۆلەت كوماندىسى بولسا بارغانسېرى مەستانىلەرنىڭ ئاغرىنىشىغا دۇچار بولماقتا.
ھەقىقىي پۇتبولنى سۆيىدىغانلار بارسېلونانى قوللايدۇ،چۈنكى ئۇ كىشىلەرگە پۇتبولنىڭ سېھرى كۈچىنى قايتىدىن ھېس قىلدۇردى. |
|