ئىككى كوماندىنىڭ بۇرۇنقى مۇسابىقىلىرىدىمۇ كىرىستىيانو رونالدو ئۆزىنىڭ تېخنىكىلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرالمىغان بولۇپ، ھازىرغىچە خان مادرىد كوماندىسىغا ۋەكىل بولۇپ بارسىلونا بىلەن ئوينىغان 11 مەيدان مۇسابىقىدە رونالدو پەقەت 4 لا توپ كىرگۈزگەن، رونالدونىڭ رىقابەتچىسى بولغان بارسىلونا ۋۇجۇمچىسى مىسسى بولسا خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بىلەن ئوينىغان 16 مەيدان مۇسابىقىدە 13 توپ كىرگۈزۈپ، 8 قېتىم ھالقىلىق پاس بېرىپ بارسىلونا كوماندىسىنىڭ غەلبە قىلىشىدا ناھايىتى زور رول ئوينىغان. بۇ ئىككى نەتىجىنى سېلىشتۇرىدىغان بولساق كىرىستىيانو رونالدو تېخى مىسسى دىن خېلىلا يىراقتا قالغان. بىز ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى كۇلۇبلار مۇسابىقە ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق بۇ قېتىمقى مۇسابىقە پەسلىدە خانلىق مادرىد كوماندىسى ئون يەتتە مەيدان مۇسابىقىدە ئون تۆت مەيدان ئۇتۇپ، بىر مەيدان تەڭلىشىپ ئىككى مەيدان ئۇتتۇرغان، بارسلونا كوماندىسى بولسا ئون يەتتە مەيدان مۇسابىقىدە ئون بىر مەيدان ئۇتۇپ بەش مەيدان تەڭلىشىپ بىر مەيدان ئۇتتۇرغان. مادرىد كوماندىسى مەيلى قايسى كوماندا بىلەن مۇسابىقىگە چۈشسۇن كۆپ نۇمۇر پەرقى بىلەن ئۇتۇپ كەلگەن، كىرستىيانا رونالدومۇ ئۆزنىڭ ئاكىتىپ روھىي ھالىتى بىلەن بۇ قېتىملىق مۇسابىقە پەسلىدە 26توپ ئۇرۇش بىلەن ھۇجۇم رەت نۇمۇرىدا بىرىنجىلىكنى ساقلاپ كەلمەكتە، مېسسى بولسا 19 توپ ئۇرۇپ ئىككىنچى ئورۇندا تۇرماقتا، ئەمما شۇنچە كۈچلۈك بولغان مادرىد كوماندىسىى بارسلونا بىلەن بولغان مۇسابىقىلەردە ئۆز كۈچىنى كۆرسىتەلمەي قالدى، كىرستىيانا رونالدومۇ باشقا نۇرغۇن كوماندىلارغا توپ ئۇرۇپ قالپاق ئويۇنى قىلالىغان بولسىمۇ بارسلونا كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە تازا ئېچىلىپ كېتەلمىدى.
مېسسى بىللەن رونالدۇ ئىككىلىسى بىر بىرىدىن قېلىشمىغۇدەك توپچىلار، مەيلى ئۇلار قانچىلىك شەرەپلەرگە نائىل بولغان بولسۇن، توپ مەستانىلىرنىڭ ئۇلارغا بېردىغان باھاسى ھەممىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، نېمىلا دېگەن بىلەن رونالدونىڭ مەيداندىكى ماھارىتى، ئالداپ ئۆتۈش تېخنىكىسى،كوماندا ئەزالىرىى بىلەن ماسلىششى مېسسىنىڭكىگە يەتمەيدۇ، مېسسىنىڭمۇ ئىخىتىيارى توپ ئۇرۇش تېخنىكىسى،يىراقتىن ۋاراتارغا توپ ئۇرۇشى رونالدۇغا يەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا توپ ئويناش تېخنىكىسى بار.بۇنىڭغا توپ ماستانلىرى ئوبىكتىپ باھا بېرىش كېرەك، ئەلۋەتتە رونالدۇنىڭ توپ ئوينىشىنى ياخشى كۆردىغان مەستانلەرمۇ، مېسسنىڭ خۇددى توپنى پۇتىغا باغلىۋالغاندەك ئېلىپ مېڭىپ نەچچە ئارقا بېكنى ئالداپ ئۆتىدىغان ھەركەتلىرىنىمۇ ياخشى كۆرىدىغان مەستانىلەرمۇ بار. ئۇلارنىڭ توپ ئويناش ئۇسۇلىنى نەتىجىلىرىگە باغلاپ سېلىشتۇرۋالماسلىقىمىز كېرەك، نىمىلا دېگەن بىلەن بۇ ئىككى چولپان بىزگە پۇتبۇلنىڭ تېخىمۇ گۈزەللىكىنى تۇنۇتۇپ بەردى، بىز راسلا پۇتبولنىڭ ئەڭ گۈزەل دەۋرىدە پۇرىۋاتىمىز، بۇنىڭدىن پۇتبولغا قىزىقىدىغان توپ ھەۋەسكارلىرى ئۆزىمىزنىمۇ شۇنچە تەلەيلىك ھېس قىلساق بولىدۇ، خۇدايىم بىر كۈنلەردىمۇ بىزدىمۇ شۇنداق قالتىس توپچىلارنىڭ پەيدا بولۇشىنى، دەرىجىدىن تاشقىرى كۇلۇبلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۆرگىلى نىسىب ئەتكەي. |