elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1897|ئىنكاس: 19

گوللاندىيەنىڭ كونا زەردارى - ئاجاكىس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تۇۋەندە گوللاندىيەنىڭ كونا زەردارى ياۋرۇپادىكى 5چوڭ بىرلەشمىنى چولپانلار بىلەن تەمىنلەپ چولپان تەمىنلەش بازىسى دەپ ئاتالغان ئاجاكىس كوماندىسى بىلەن تۇنۇشۇپ ئۇتەيلى.
كوماندا ئىسمى----ئامىستېردام ئاجاكس پۇتبول كۇلۇبى(قىسقارتىلىپ Ajax Amsterdam,AFC Ajax ياكى Ajax, AJAXدەپمۇ ئاتىلىدۇ)
قۇرۇلغان ۋاقتى-----1900يىلى3-ئاينىڭ 18-كۇنى
كوماندا مەيدانى--ئامىستېردام پۇتبول مەيدانى

كوماندا بەلگىسى


كوماندا كىيىمى---


تەپسىلاتى
ئاجاكس ئامىستېردام پۇتبول كۇلۇبى ( Amsterdamsche Football Club Ajax قىسقارتىلىپ Ajax Amsterdam,AFC Ajax ياكى Ajax, AJAXدەپمۇ ئاتىلىدۇ .) 1900 – يىلى ، گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردامدا قۇرۇلغان داڭلىق پۇتبول كۇلۇبى . كۇلۇبنىڭ تارىخىغا ئاساسلانغاندا بۇ كۇلۇب تارىختىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان 10 پۇتبول كۇلۇبىنىڭ بىرسى بولۇپ ، ھازىرمۇ گوللاندىيىدە ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ۋە ئەڭ ئالقىشلانغان كۇلۇبنىڭ بىرى ، فېيېنورىد روتتېردام ( Feyenoord Rotterdam ) ۋە فىلىپىس تەنتەربىيە بىرلەشمىسى (Philips Sports Union ) بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ گوللاندىيە پۇتبول ساھەسىدىكى ئۈچ كوزۇر كوماندا دەپ ئاتالغان . ئاجاكس كۇلۇبى داڭلىق پۇتبول تەنھەرىكەتچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش جەھەتتە دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ ، بولۇپمۇ ئۆسمۈر ماھىرلارنى تەربىيىلەش سېستىمىسى نۇرغۇنلىغان پۇتبول چولپانلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان . ئاجاكس كۇلۇبىنىڭ ئەزالىرى دائىم دۆلەت كوماندىسىنىڭ نۇقتىلىق ماھىرى بولاتتى ، مەسىلەن ، جون كرىيۇف( Johan Cruyff) ماركو ۋان باستىن (Marco van Basten)قاتارلىقلار .








2000يىلدىن بۇيانقى نەتىجىللىرى

2000 – يىل 3 – ئاينىڭ 21 – كۈنى ، ۋوتىرس (Waters ) تېرىنىر بولغان ئاجاكس كۇلۇبىنىڭ بۇ پەسىلدىكى مۇسابىقە نەتىجىسى ئىنتايىن ناچار بولدى ، ۋوتىرسمۇ بۇ كۈنى ئىشتىن بوشىتىلدى . ياش تېرىنىر ۋەست خوف (West Hof) ئۇنىڭ ئورنىغا ۋاقىتلىق تېرىنىر بولۇپ ، كېيىنكى مۇسابىقىلەردە تېرىنىرلىق قىلدى . مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا ، بۇ كوماندا يەنىلا ياۋروپا رايونىدىكى مۇسابىقىگە ئاتلاندى ، ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىدە يۇتىرچ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقى سەۋەبىدىن ، ياۋروپادىكى چېمپىيونلۇقتىن دەرىجىسى چۈشۈپ ، ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇتبول بىرلەشمىسى (UEFA Cup) لوڭقىسىغا ئېرىشتى .

2000 – يىل 7 – ئاينىڭ 1- كۈنى ، ئاددىيرەنس (Adriaanse ) ۋەست خوفنىڭ ئورنىنى بېسىپ 2001 – 2000 يىلىدىكى مۇسابىقە پەسلىدە تېرىنىر بولدى . قىزىقارلىقى شۇكى ، ۋەست خوف ئاجاكستىن ئايرىلىپ ، ئاددىيرەنس بۇرۇن تېرىنىر بولغان ۋىليام (William II) IIكوماندىسىدا تېرىنىر بولدى . بۇ يېڭى تېرىنىر تېرىنىر بولغان مەزگىلدە كەڭ كۆلەمدىكى ماھىرلارنىڭ كوماندىدىن چېكىنىش ئەھۋالى يۈز بەرمىدى ، پەقەت برايىن لاۋدىرۇپ ( Brian Laudrup ) لا كوماندىدىن چېكىندى



2001 – يىل 8 – ئاينىڭ 22 – كۈنى ، 2002 – 2001 يىللىق مۇسابىقە پەسلىنىڭ مۇقەددىمىسى ئاددىيرەنىسنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويدى ، ئاجاكس كوماندىسى ياۋروپا سالاھىيەت مۇسابىقىسىنىڭ 3 – مەيدانىدا شوتلاندىيە كېلتىك ( Celtic )كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ شاللىۋىتىلدى ، شۇنىڭ بىلەن ياۋروپا چېمپىيونلۇق تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمىدى .

2001 – يىلى 11 – ئاينىڭ 29 – كۈنى ، ئاجاكس كوماندىسى گەرچە بىر كۈن بۇرۇن ئىككىگە قارشى ئۈچ نەتىجە بىلەن تېۋېنتى(Twente) كوماندىسىنى يەڭگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئاددىيرەنس يەنىلا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتەك تەقدىردىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى . كۇلۇب 24 سائەت ئىچىدە يېڭى تېرىنىر لوناد كوئىمەن (Ronald Koema ) ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى رۇدى كرول (Rudi krol) نى ئېلان قىلدى . لوناد كوئىمەن ئاجاكس كوماندىسىنى ياۋروپا سالاھىيەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرالىغان ئەڭ ئاخىرقى تېرىنىر بولۇپ قالدى


2002 – يىلى 5 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ، چېمپىيون بولىدىغانغا مۇشۇ كۈندىنمۇ ياخشى كۈن بولامدۇ ؟ ئاجاكس كوماندىسى نېجمىگىندا (Nijmegen ) نۆلگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن ئۇتۇپ ، كۇلۇب تارىخىدىكى 28 – قېتىملىق گوللاندىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى .


2003 – يىلى 4 – ئاينىڭ 23 – كۈنى ، ئاجاكس كوماندىسى

ياۋروپا سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە ئاخىر ئازدۇر – كۆپتۇر نەتىجىگە ئېرىشتى ، كوئىمەننىڭ كوماندىسى ياۋروپا سالاھىيەت مۇسابىقىسىنىڭ چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە بۆسۈپ كىرىپ ، AC مىلان كوماندىسى بىلەن تۇتۇشتى . ئىككى كوماندا ئامىستېردامدىكى ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مەيدانىدا نۆلدە نۆل نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى ، ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقە داۋاملىشىپ 90 مېنۇت بولغىچە ئىككى كوماندا يەنە ئىككىدە ئىككى نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى ، بۇ ۋاقىتتا ئاجاكس كوماندىسى مېھمان كوماندا سۈپىتىدە توپ كىرگۈزۈش ئۈستۈنلىكىگە ئىگە بولدى ، ئەمما كېيىنكى ئۇزارتىلغان مۇسابىقە ۋاقتىنىڭ بىرىنچى مېنۇتىدىلا توماس كىرگۈزگەن بىر توپ ئاجاكس كوماندىسىنىڭ سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىش چۈشىنى بەرباد قىلدى .


2003 – يىلى 12 – ئاينىڭ 9 – كۈنى ، 2004 – 2003 يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ، ئاجاكس كوماندىسى ياۋروپا رايونىدا يەنە بىر قېتىم مەغلۇب بولدى . ئاجاكس كوماندىسى گراز AK (Graz AK ) كوماندىسىنى ئۇتقاندىن كېيىن ياۋروپا چېمپىيونلۇقنى تالىشىش رەسمى مۇسابىقىسىگە قاتناشتى ، ئەمما AC مىلان ، سېلتا (CELTA) ۋە برۇگگېي (Brugge) كۇلۇبلىرىنى يېڭەلمەي ، ئىككى مەيدان ئۇتۇپ تۆت مەيدان ئۇتتۇرۇپ گۇرۇپپىدىن چۈشۈپ قالدى .


2004 – يىلى 4 – ئاينىڭ 25 – كۈنى ، ساھىبخان مەيداندا نۆلدە نۆل نەتىجە بىلەن نېجمىگىن كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالغاندىن كېيىن ، ئامىستېرداملىقلار ئاجاكس كوماندىسىنىڭ 29 – قېتىملىق بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلىدى .


2005 – يىلى 2 – ئاينىڭ 25 – كۈنى ، بىرلەشمە چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدا فرانسىيە ئاۋشېررىي (Auxerre) كوماندىسى تەرىپىدىن شاللىۋېتىلگەن كۈنى ، كوئىمەن ئىشتىن بوشىتىلدى . كرول بىلەن سلوت (Slote) ئۇنىڭ ئورنىغا چىقتى .

2005 – يىلى 3 – ئاينىڭ 3 – كۈنى ، مېچىل (Michels) 77 يېشىدا ۋاپات بولدى ، بۇ داڭلىق تېرىنىرنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى .

2005 – يىلى 3 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ، دەننىي بلايىند (Danny Blind) تېرىنىر بولۇپ ، ئاجاكسنىڭ يېڭى تېرىنىرى بولۇپ قالدى .

2005 – يىلى 5 – ئاينىڭ 22 – كۈنى ، ۋان دېر ۋارت (Van Der Vaart) ئاجاكس كوماندىسىدىكى ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىسىنى ئوينىدى ، گەرچە رەسمىي خوشلاشمىغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ ھامبۇرگ كوماندىسى بىلەن (The Hamburg Club) توختام تۈزۈشكەنلىكىنى ، پات ئارىدا كېتىپ قالىدىغانلىقى ھەممە ئادەمنىڭ كۆڭلىگە ئايان ئىدى .


2006 – يىل 1 – ئاينىڭ 8 – كۈنى ، قىشلىق مۇسابىقە پەسلىدە خانتېلار (Huntelaar) خاررېنۋېن (Heerenveen) كوماندىسىدىن يۆتكىلىپ ، ئاجاكس كوماندىسىغا قوشۇلدى ، بۇ ئوتتۇرا ھۇجۇمچى ئاجاكس كوماندىسىدا ئۆز رولىنى ناھايىتى ياخشى جارى قىلدۇردى . شۇ يىلى 5 – ئاينىڭ 7 – كۈنى ئاجاكس كوماندىسى فىلىپىس تەنتەربىيە بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىدە كوماندىنىڭ چېمپىيونلۇققا ئېرىشىشىدە زور كۈچ چىقاردى .

2006 – يىل 7 – ئاينىڭ 3 – كۈنى ، خېنك (Henk) ئاجاكس كوماندىسىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ ، بلايىندنىڭ ئورنىدا ئاجاكسقا تېرىنىر بولدى .

2006 – يىل 8 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ، ئاجاكس كوماندىسى بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى بىرىنچى شان – شەرەپنى قولغا كەلتۈرۈپ ، ستام (Stam) ۋە پېرېس(Peres) نىڭ كۈچ قوشۇشى بىلەن بىرگە قارشى ئۈچ نەتىجە بىلەن فىلىپىس تەنتەربىيە بىرلەشمىسى كوماندىسىنى يېڭىپ ، شۇ يىلقى كرۇيف (Cruyff) لوڭقىسىغا ئېرىشتى .

2007 – يىلى 5 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ، داۋىس (Davis) ھالقىلىق بىر توپنى كىرگۈزدى ، ئاجاكس كوماندىسى نۇقتا توپ تېپىپ ئالكامار (Alkmaar) كوماندىسىنى يېڭىپ ، گوللاندىيە لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى ساقلاپ قالدى .

2007 – يىلى 8 – ئاينىڭ 11 – كۈنى ، ئاجاكس كوماندىسى يەنە بىر قېتىم كرۇيف لوڭقىسىغا ئېرىشتى ، گەبريال (GABRIel) نىڭ يىراقتىن تەپكەن بىر توپى بىلەن ، ئاجاكس كوماندىسى نۆلگە قارشى بىر نەتىجە بىلەن فىلىپىس تەنتەربىيە بىرلەشمىسى كوماندىسىنى يەڭدى .


2007 – يىل 8 – ئاينىڭ 26 – كۈنى ، ۋەسلېي سنېيدېر (Wesley Sneijder) 16 يىل توپ تەپكەن ئاجاكس كوماندىسىدىن ئايرىلىپ ، شۇ يىلى يازدا يۇقىرى ھەق بىلەن ئىسپانىيە خان جەمەتى مادرېد كوماندىسىغا كەتتى .

2007 – يىلى 8 – ئاينىڭ 29 – كۈنى ، ئاجاكس كوماندىسى ياۋروپا سالاھىيەت مۇسابىقىسىدا ئۇتتۇرۇپ قويدى . چېخىيەنىڭ پراگۇ سېلاۋىيە (Slavia Prague) كوماندىسى بىلەن ئىككى مەيدان مۇسابىقە ئوينىغاندىن كېيىن ئاجاكس كوماندىسى شاللىنىپ كەتتى .

2008 – يىل 4 – ئاينىڭ 20 – كۈنى ، ۋان دېر ۋارت ۋە سنېيدېردىن كېيىن ، خېتىنگا (Heitinga) مۇ ئاجاكس كوماندىسىدىن ئايرىلىپ ، ئىسپانىيە مادرېد كوماندىسىغا قوشۇلۇپ كەتتى .

2008 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ، ۋەن باستېن (Van Basten) ئاجاكس كوماندىسىغا قايتىپ كېلىپ باش تېرىنىر بولدى . بىراق يەنە بىر مۇسابىقە پەسلىدىن كېيىن ، بۇ داڭلىق باش ھۇجۇمچى ئېستىپا بەردى ، ئۇنىڭ ئورنىغا جون ۋانتىسچىپ (John Van 't Schip) سەپلىنىپ مۇسابىقىنى تۈگەتتى .






2009 – يىل 6 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ، مارتېن جوي (Martin Jol) ئاجاكس كوماندىسىغا باش تېرىنىر بولدى .

2011 – يىل 5 – ئاينىڭ 15 – كۈنى ، ئاجاكس كوماندىسى ساھىبخان بولۇپ تېۋېنتى كوماندىسى بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشتى ، سېم دىجۇڭ (Siem de Jong) ئالدىنقى يېرىم مەيداندا بىر توپ كىرگۈزدى ، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە تېۋېنتى كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان ھۇجۇمچىسى دېننىي لەندزات (Denny Landzaat) ئۆزىنىڭ ۋارتارىغا بىر توپ كىرگۈزدى ، مېركىل جەنىسون (Marcell Jansen) ئارقىدىنلا يەنە بىر توپ كىرگۈزدى ، سېم دىجۇڭمۇ يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ ئاجاكىس كوماندىسى بىرگە قارشى ئۈچ نەتىجە بىلەن تېۋېنتې كوماندىسىنى يەڭدى ، ئىككى نومۇر ئۈستۈنلۈك بىلەن 2004 – يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى گوللاندىيە Aدەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى . بۇ ھەم ئاجاكس كوماندىسىنىڭ 30 – قېتىملىق بىرلەشمە مۇسابىقىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىشى ئىدى .


2012 – 2011 يىلىدىكى ئەزا ئۆزگىرىشى
يۆتكىلىپ كەلگەنلەر


نومۇرى ئورنى ئىسمى

19 ھۇجۇمچى دېمىترى بۇليكىن
21 ھۇجۇمچى دېرك بويىرگېتتىر
9 ھۇجۇمچى كولبين سېگسورسون
25 ئوتتۇرا مەيدان تۇرانك سېرور
28 ئوتتۇرا مەيدان ماتس رىتس
22 ۋارتا جەسپىر سېللىيسىن
16 ئوتتۇرا مەيدان تەيئو جونسون



يۆتكىلىپ كەتكەنلەر

ئوتتۇرا مەيدان ۋاندېر خېيدىن
ۋارتار مارتېن سىتىكلۇنبۇرگ
بېك دەنيلىس
ۋارتار سېرگىيو پەدت
ئوتتۇرا مەيدان دەمي دې زېۋۇ
ئوتتۇرا مەيدان لىندگرېن


مىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق تىما يېزىشىپ بولغاچقا بەزى ئاتالغۇلار توغرا بولماي قالغان بۇلىشى مۇمكىن،شۇڭا شاكىلىنى ئېلىۋېتىپ مېغىزىنى ئىستىمال قىلغايسىزلەر!

مەنبە:بەيدۇ تورى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-1-7 01:56:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئورۇن ئېلىپ قويۇپ ئالدىرماي ئوقاي       نادىر تېمىدەك قىلىدۇ   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-1-7 02:34:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجاكىس نۇرغۇنلىغان چولپانلارنى يېتشتۈرۈپ چىققان كۇلۇب      
نادىرلاپ قويسا بولغۇدەك ماۋۇ تېمنى خېلى ئەجىر سىڭدۈرۈپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-1-7 02:36:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇئارېز دەك قاتىل توپچىنى تەربىلىگىنىگە بارىكاللا  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-1-7 03:18:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامان جۇمۇ!   دۇنيادا بالا تەربىيلەش بازىسى دىگەن نامى بار!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-1-7 10:44:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوماندا ئىسمىنى ئۇيغۇر تىلىدا ئاياكىس دەپ تەرجىمە قىلىمىز،چۈنكى j ھەرپى گوللاندىيە تىلى ۋە بىرقىسىم تىللاردا yتەلەپپۇزدا ئوقۇلىدۇ،،،،،،،،ئاتىكاچىلىق قىپ سالدىم   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-1-7 10:48:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسمۇ قىرى زەردار!!! مىرئەخمەت بارالىغان بولسا    بىر تەربىيلىۋەتكەن بولسا؟!!!!! ساراڭ كۆرەلمەس چوشقىلار ھەسەت قىلىپ بارغىلى قويمىدى!!!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-1-7 12:00:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىنىدىرمۇ مۇشۇ يەدىن چىققانغۇ...ھەقىقەتەن پۇتبۇلچى تەبىيلەش بازىسى بۇ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-1-7 12:13:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجاكىس كوماندىسىغا قارىتا تەپسىلى چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم ...رەخمەت سىلىگە  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-1-7 12:15:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى دىلكاردە2012-01-07 12:13يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
ئاجاكىس كوماندىسىغا قارىتا تەپسىلى چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم ...رەخمەت سىلىگە  
مەخسۇس سەن ئۇچۇن يازدىم جۇمۇ سەن ئاجاكىسنى بىلمەيمەن دىگەنلىكىڭ ئۇچۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-1-7 12:48:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجاكىسمۇ زەردار كوماندا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى بار بۇلارنڭمۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-1-7 13:15:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باللا بىلەن ۋې8 ئويناپ قالساق  مۇشۇ ئاقاكىسنىڭ مەيدانىنى تاللايتۇق  .   نامىغا لايىق ئىسىل كوماندىلارنىڭ بىرسى  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 18:45

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش