ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3240 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بايا تور ئارلاۋىتىپ ھۇررا تۇر بىتىدە بۇ خەۋەرنى كۇرۇپ قالدىم ( ئەمدى كۇچۇرمىچىكىك قىلدى دەپ قالماڭلار) ناھايتى ياخشى ئۇيغۇر پۇتپۇلچىلىقىنى راۋاجلاندۇردىغان تىمىكەن شۇڭا بىزمۇ بىر تەكلىپ پىكىر بىرىپ باقساق دىگەن ئۇمىتىمەن ھەرگىز بۇلمىغىر ئىنكاسلارنى يىزىپ قىزغىزلىققا سۇغۇق سۇچاچماڭلار
ئۇيغۇر پۇتپۇل كۇلۇبى تۇغرىسىدىكى مۇنازىرە
پۇتبولغا بولغان ھېرىسمەنلىكىم تۈپەيلىدىن مۇنبەرگە پات-پات كىرىپ تۇرىمەن ، ئەمما خىزمىتىم ئالدىراش بولغاچقا بىرەر تېما ياكى ئىنكاس يېزىشقا مۇۋاققەت بولالمىدىم ، ئۆتكەندە تورداشلارنىڭ تەكلىپى بويىچە توردا بىريۈەن پۇتبول كۇلۇبى پائالىيىتى يولغا قويۇلدى ، بۇ پائالىيەتتىن ھەم خوشال بولدۇم ھەم تولىمۇ بىئارام بولدۇم ، خوشال بولىشىم نۇرغۇن تورداشلار ئاكتىپ پىكىر قوشتى ، بىرقىسىملىرى ئاز بولسىمۇ ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى ئىزھار قىلدى ( ئەمما پەرەز قىلىشىمچە بۇ پائالىيەتمۇ بىر ئىزدا توختاپ قالدى ) ، بىئارام بولىشىم بۇ ئىشنىڭ ھۇجۇدقا چىقمىقى بەسى مۈشكۈل ئىش ئىدى ھەم تامامەن ئەمەلگە ئاشمايدۇ دەپ قارايتتىم ،شۇڭا مەنمۇ بىرنەچچە يۈز يۈەننى ئاجرىتالماي بېشىمنى ئىچىمگە تىقىپ توختاپ قالغانىدىم . ( ئەگەردە ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىش بولسا شەخسەن ئۆزەم ھەر يىلى 10 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلغان بولاتتىم ، گەرچە بۇ پۇل كۆپ بولمىسىمۇ ) ،بىراق بۇنداقلا توختاپ قالغىلىى بولمايدىكەن ، شۇ قىزغىنلىق ،شۇ ئۈمۈد ئارزۇلار قەلبىمىزدىن ئۆچمەيدىكەن ، شۇڭا شىنجاڭدا قانداق قىلغاندا بىر كەسپى كۇلۇپ قۇرۇپ چىققىلى بولىدىغىنى توغرىسىدا كۆپ ئويلاندىم ،ھەم ئۆز ئارزۇلىرىم بويىچە ئازراق پىلانمۇ تۈزۈپ باقتىم ،شۇڭا مۇشۇ ھەقتە كۆپچىلىك بىلەن قايتا بىر پىكىرلىشىپ باقساق دەيدىغان ئۈمۈدتىمەن . I
نۆۋەتتە شىنجاڭدا كەسپى پۇتبول كۇلۇپ قۇرۇشتىكى توسالغۇ ئاساسەن ئىككى جەھەتتىكى قىيىنچىلىق ،بىرى مەبلەغ قىيىنچىلىقى يەنە بىرى بولسا شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىدارىسى جۈملىدىن شىنجاڭ پۇتبول جەمىيىتىدىكىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلمەسلىكى ، خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىقى ھەتتا توسقۇنلۇق قىلىشى بولىشى مۇمكىن . ئەمما ئىقتىسادى قىيىنچىلىق ھەل بولسا بەلكىم باشقا ئىشلارنىڭ ھەل قىلىپ كىتىشىگە ئىشەنچىم كامىل ، خوش ئەمىسە گەپ بۇ ئىقتىسادنى كىمنىڭ چىقىرىش ياكى قانداق توپلاشقا قالدى ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر كارخانىلارنىڭ چوڭراقلىرى بۇنداق زور ئىقتىساد تەلەپ قىلىدىغان ئەمما مەنپەئەت يوق ئىشقا مەبلەغ سېلىشنى خالىمايدۇ ، خالايدىغانلىرىنىڭ بولسا كۈچى يەتمەيدۇ ، بىر يۈەن پائالىيىتىدە دىيىلگەندەك شەخىسلەرنى ئىشتىراك قىلىشقا توغرا كەلسە ، بەلكىم بۇ پۇللار يىغىلىپ كۇلۇپ قۇرۇلغىچە ، ئۆمرىمىز يار بەرمەسلىكى مۇمكىن .... ئۇنداقتا بۇ ئىشنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك ؟ مەن ئۆز پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاي :
قۇرۇلماقچى بولغان كۇلۇپقا يىللىقى 1 مىليون يۈەن خىراجەت كىتىدۇ دەپ پەررەز قىلساق ( مەشىق مەيدانى ئىجارىگە ئېلىش ، پۇتبولچىلار ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى ، مۇسابىقىغە قاتنىشىشى چىقىملىرى ) مېنىڭچە كۇلۇپ قۇرۇشتىن ئاۋۋال نەچچە ئونلىغان كارخانىچى ،سودىگەرلەرگە چاقىرىق قىلىپ ، بىر سودا خارەكتىرىنى ئالغان شىركەت ياكى كارخانا قۇرۇپ چىقىش كېرەك ، يەنى بىر كارخانىچى ياكى سودىگەر يىلدا 10 مىڭ يۈەن ( ئون مىڭ يۈەن ) پۇل چىقارسا ،يۈز ئادەمدىن 1 مىليون يۈەن ( بىر مىليون يۈەن ) يىغىلىدۇ ، ( مەن تونۇيدىغان مۇشۇنداق ئىش بولۇپ قالسا 100-200 مىڭ يۈەن پۇل چىقىرالايدىغانلارمۇ بار ئەلۋەتتە ) ، بۇ پۇلنى شىركەتكە مەبلەغ قىلغان ئاساستا مەلۇم خىل مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىپ شىنجاڭ بازارلىرىغا سالساق بولىدۇ ( مەسىلەن ھۇررا ماركىسىدا ھەرخىل كىيىم - كېچەكلەرنى ئىشلەپ چىقىرىپ ، پۈتۈن شىنجاڭ تەۋەسىدە مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىنى ئېچىش ،خۇددى ئىلچى كىيىملىرىدەك ) ،شۇنداقلا سودىنى باشلاش بىلەن تەڭ كۇلۇپ قۇرۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ . ھەم بارا-بارا مۇكەممەللەشتۈرگىلى بولىدۇ . ( ئەگەر مەبلەغ ئەمەلىلەشسە شىركەت سودىسىنى ئوڭۇشلۇق يۈرۈشتۈرۈشكە ئىشەنچىم كامىل ) .بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك بىر نۇقتىنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكە توغرا كىلىدۇ :
شىركەت قۇرۇش ئۈچۈن ( يەنى كۇلۇپ قۇرۇش ئۈچۈن ) پۇل ئىئانە قىلغۇچىلار كۇلۇپ ئەزاسى شۇنداقلا شىركەت پايچېكى بولىدۇ ، يەنى قوشقان پۇلىغا قارىتا پاي ھىسابلىنىدۇ ، ھەمدە پۇل ئىئانە قىلىش ئىشىنى ھەريىلى تاكى شىركەت ئۆز چىقىملىرىنى ئۆزى تولۇق كۆتۈرەلىگۈدەك بولغۇچە ئىئانە قىلىدۇ ، كەلگۈسىدە شىركەت پايدىغا يۈزلەنگەندە شۇ كىشىنىڭ قوشقان پاي ھىسابى بويىچە پايدا ئايرىپ بېرىلسە بولىدۇ . ( بەلكىم شىركەت 5 -10 يىلغىچە ئۆزىنى قامدىيالماسلىقى ،بەلكىم بىرنەچچە يىلدىلا پايدا يارىتىشى مۇمكىن ) بۇنداق بولغاندا پۇل ئىئانە قىلغۇچىلار ھەم ساخاۋەتچىگە ئايلىنىدۇ ھەم كەلگۈسىدە ئىقتىسادى مەنپەئەتكە ئېرىشى مۇمكىن ( بەلكىم بۇنداق ئىئانە قىلغۇچىلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئىقتىسادى مەنپەئەتنى ئەمەس بەلكى ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىنى كۆزلەيدۇ ) .بۇنىڭدىن باشقا شىركەتنى قوللىغان باشقا كارخانىلارغا پايدىلىق بولىشى ئۈچۈن بارلىق پائالىيەتلەردە شۇ كارخانىنى ياكى مەھسۇلاتلىرىنى ھەقسىز تەشۋىق قىلىشقا بولىدۇ ، ھەمدە شۇ كارخانا ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ۋە ئېلان تەشۋىقاتلىرىدا شىنجاڭ پۇتبول كۇلۇبىغا ئەزا كارخانا ياكى شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنى قوللىغان كارخانا دىگەندەك ئاتالغۇلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ .
ئەسكەرتىش : مەزكۇر شىركەت تەرەپسىز باشقۇرۇلىشى يەنى ھېچقانداق بىر شىركەتنىڭ قارمىقىدا بولماسلىقى ، شۇنداقلا شىركەتنىڭ مالىيە ئەھۋالى ئوچۇق ئاشكارا بولىشى ، مەخسۇس نازارەتچىلەر بولىشى ،شۇنداقلا ھەرقانداق پايچېك ھەرقانداق چاغدا مالىيەنى سۈرۈشتۈرەلەيدىغان بولىشى كېرەك . بۇ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە توغرا كىلىدۇ ( خەق پۇلنى بىكارغا بەرمەيدۇ دە ) ، شۇڭا مېنىڭ پىلانىم ئالدى بىلەن بىرنەچچە كىشىدىن تەركىپ تاپقان بىر گۇرۇپپا تەشكىللەش ئارقىلىق ئالدى بىلەن بىر قىسىم كىشىلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ، ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ،توردا كەڭ تەشۋىقات قىلىش . ئىشىنىمەنكى مۇشۇنداق بىر ئىش باشلانسا نۇرغۇنلىغان بىكەت باشلىقلىرى ئۆزىنىڭ تور بىكەتلىرىدە ھەقسىز تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ ( جۈملىدىن ئۇلىنىش تور بىكەتلىرى ،شۇنداقلا بىرنەچچە چوڭ تور بىكەتلەر ) .شارائىت پىشىپ يىتىلگەندە شەخسەن ئۆزەممۇ پۇل چىقىرىش بىلەن تەڭ پىدائىيلىق خىزمىتىگە ئاتلىنىمەن مۇشۇ ئىشلار ۋۇجۇدقا چىقسا شىنجاڭ بىرلەشمىسى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئىشلىرىنىۇ مېنىڭچە ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ .( يېقىندا بىر ساخاۋەتچى ئاكىمىز ئۆز يېنىدىن 200 مىڭ يۈەن پۇل چىقىرىپ شىنجاڭ بىرلەشمىسى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش پىلانىنىڭ بارلىقىنى ، ئەمما ئىشنى نەدىن باشلاشنى بىلمىگەنلىكىنى ھەمدە مېنىڭ ياردەم قىلىشىمنى ئېيتقان ئىدى ، ھازىر يۇقارقى ئىشلار توغرۇلۇق مەسلىھەتلىشىۋاتىمىز )
بۇ پىلاننى مۇشۇ يەرگىچە سۆزلەي ، ئەمدى كۆپچىلىكتىن سورايدىغىنىم كۇلۇپ قۇرۇلسا كۇلۇپنىڭ بىر يىللىق خىراجىتى ئۈچۈن تەخمىنەن قانچىلىك مەبلەغ كىتىشى مۇمكىن ؟ ( كەسپى كۇلۇپ قۇردۇق دىگەندىمۇ ، دەسلەپكى چاغلاردا توپچىلارغا پەقەت تۇرمۇش پۇلىلا تارقىتىپ تۇرالىشىمىز مۇمكىن ، ھەرگىزمۇ چەتئەللەردىكى ياكى ئىچكىرىدىكى باشقا كۇلۇپلارغا سېلىشتۇرۇپ پىكىر قىلماڭ )
پۇتبول كۇلۇبى قانداق ئىقتىسادى قىممەت يارىتىدۇ ؟ بىز شىنجاڭدا كۇلۇپ قۇرساق كەلگۈسىدە ئىقتىسادى قىممەت يارىتالىشىمىز مۇمكىنمۇ ؟.
( بۇنداق دېسەم ماۋۇ ئاداش پۇل تېپىش ئارزۇسىدا يۈرۈپتۇ دەپ ئويلاپ قالماڭلار يەنە ، بۇ ئىشلار توغرىلىق مۇكەممەل بىر پىلان تۈزۈلسە شۇنداقلا بىر قىسىم كىشىلەر بىلەن كۆرۈشكەندە بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويماي بولمايدۇ )
ئەسكەرتىش : بۇ تېمىنى مۇنبەر يۈزىدىلا بىۋاستە يازغاچقا بەك چۇۋالچاق بولۇپ قالدى ، بەلكىم نىمە دىمەكچى بولغىنىمنى نۇرغۇلىغان تورداشلار چۈشىنەلمەي قالغان بولىشى مۇمكىن ،قالغىنىنى ئاستا - ئاستا چۈشەندۈرەرمەن ، ۋاقىت -شارائىت ياربەرسە يۈز تۇرانە ياكى تېلېفوندا پاراڭلاشساق تېخىمۇ ياخشى بولاتتى .
ئۈرۈمچى ئوتقاش شىركىتىدىن بەختىيار خالق ، تېلېفون 18999826020
★★ |
|