ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3240 |
تۆھپىسى: سەر |
|
پۈتكۈل بىرلەشمە مۇسابىقە ئاساسەن قىشلىق دەم ئېلىشقا كىرىپ كەتتى.ئەمما ھازىر مۇسابىقە بولمغان بىلەن ھەر قايسى كۇلۇبلار ئۇنىڭدىن مۇھىم بولغان بىر خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولۇپ قالدى.
يەنى ئۇ بولسىمۇ يېرىم مۇسابىقە پەسلىدە بىر قېتىم كىلدىغان شۇنداقلا يەنە بىر يىلدا ئىككى قېتىم كىلدىغان قىشلىق يۆتكىلىش بازىرىدىن ئىبارەت.ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، كېلەر يىللىق قىشلىق يۆتكىلىش بازىرى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى يەنى ھەپتىنىڭ ئىككنچى كۈنى باشلىنىدىغان بولۇپ ، شۇ ئاينىڭ 31-كۈنى كەچ سائەت 19:00تاقىلدىكەن . بۇ قىسقىغە يۆتكىلىش بازىرى بارلىق بىرلەشمە مۇسابىقىدىكى كۇلۇبلارغا نىسبەتەن بىر پۇرسەت بولۇپ قالىدۇ. دېمەك بۇ يىللىق قىشلىق يۆتكىلىش بازىرنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈپ تۇرغان ئىتاليە بىرلەشمىسى كولۇبلىرغىمۇ چوڭ پۇرسەت ئىلىپ كېلىدۇ.قىشلىق يۆتكىلىش ۋاقىتى قىسقا بولۇش ۋە بەزى بىر بىرلەشمە مۇسابىقىلەر ھازىرغىچە ئاخىرلاشمىغانلىق سەۋەبلىك نۇرغۇنلىغان چوڭ سودىلارغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرستىشى مۇمكىن.ئالدىنقى بىر قىشلىق يۆتكىلىش بازىرىدا ئىتاليە بىرلەشمىسى مىلان كۇلۇبى كاسانى قاتارلىق تۆت توپچىسىنى سېتۋالغان ئىدى.ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى گوللاندىيەلىك ۋان بومېل ۋە كاسانىدىن ئىبارەت ئىككى توپچى ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان ئاتا قىلىپ ئۆزلىرنىڭ ياخشى ئىپادىسى بىلەن كۇلۇبتا ئاساسلىق ئەزا بولۇپ قالدى.بۇ قېتملىق قىشلىق يۆتكىلىش بازىرىدا مىلان كۇلۇبى ھازىر كوماندىدا ئەڭ كەمچىل بولغان ئوتتۇرا ھۇجۇم ئورنىغا بىر توپچى سېتۋالماقچى .شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتا ئۇلارنىڭ بىرىنچى بولۇپ كۆزلەپ قويغان ئەڭ چوڭ نىشانى بولسا مانچېستر شەھەر كۇلۇبى توپچىسى ئارگېنتىنالىق تېۋىزدىن ئىبارەت .مىلان كۇلۇبى بۇ قېتملىق يۆتكىلىش بازىرىدا تېۋىزدىن ئىبارەت بۇ داڭلىق توپچىسىنى ھەرگىز قولدىن بىرىپ قويمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتا ھەر قېتملىق يۆتكىلىش بازىرىدا ئەڭ ياخشى پۇرسەتلەر ئەڭ ئاخىردا ، يەنى يۆتكىلىش بازىرى تاقىلىش ئالدىدا ئىلىپ بىرىلدۇ.ئەمما بۇ قېتىم مىلان كۇلۇبى مانچېستر شەھەر كۇلۇبىغا ئارگېنتىنالىق توپچى تېۋىزغا نىسبەتەن ئاۋۋال ئىجارىگە ئىلىپ ئۇنىڭدىن كىين سېتۋېلىش پىلانىنى ئوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ ، مانچېستر شەھەر كۇلۇبى تەرپىدىن بۇ تەلەپ رەت قىلنغان . شۇنىڭ ئۈچۈن مىلان كۇلۇبى قىشلىق يۆتكىلىش بازىر ئاخىرلىشىدىغان قىسغىنە 1ئاي ۋاقىت ئىچىدە ئېغىر بېسىقلىق بىلەن كۈتۈپ تۇرۇپ ئۆز مەقستىگە يەتمەكچى بولىۋاتىدۇ.ئەمما ئەڭ ئاخىرقى قارار ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئېرىشەلمەسلىك پاجىئەسى يەنىلا شۇ مانچېستر شەھەر كۇلۇبى تەرپىدىن بەلگلىندۇ . |
|