akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2335|ئىنكاس: 26

قوشكېزەكلەرنىڭ پەرقى ( تۇنۇش)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2011-12-26 20:20:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
قوشكېزەكلەرنىڭ پەرقى



مىلان قوشكېزەكلىرى - ئېنتىر ۋە ئاس مىلانلار بىر ئۆيدىن ئايرىلىپ چىققان بولسىمۇ، ھەممىگە ئايان بولغاندەك ئۇلارنىڭ خاراكتىرىدە خىلمۇ - خىل ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇت، مانا ئەمدىلەتىن بىز شۇلارنى مۇنازىرە قىلماقچىمىز :

1. كۇلۇپ كېلىپ چىقىشى :
ئا س مىلەن ۋە ئىنتېر مىلانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكىسى 1899 -يىلى ئەنگىلىيىلىك ئەدخۇارىس قۇرۇپ چىققان « مىلان پۇتبول ۋە تېن توپ كۇلۇبى» بولۇپ، 1908- يىلىغا كەلگەندە مىلان كۇلۇبى ئىچىدىكى پىشقەدەملەر كۇلۇپتا ئىتالىيىلىكلەرگە بەكرەك ئېتىبار بەرگەن، باشقا دۆلەتتىن كەلگەن توپچىلار چەتكە قېقىلىشقا ئۇچىراپ تۇرغان، شۇ سەۋەبتىن كۇلۇپ ئىچىدىكى چەتئەللىك توپچىلار بېسىمغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كۇلۇپتىن ئايرىلىپ چىقىپ، تېخىمۇ كۆپرەك چەتئەللىك توپچىلارنى مىلاندا توپ تىپىشكە قىززىقتۇردى ۋە كۇلۇپ ئىسمىنى شۇنىڭغا ماس ھالدا «خەلقئارا مىلان» دەپ ئاتىدى.  شۇنىڭدىن كىيىن كىيىمگە ئىشلىتىلگەن رەڭمۇ ئاس مىلاننىڭ قىزىل - قارا كىيىمىگە قارشى، قارا - كۆك رەڭگە ماسلاشتۇرۇلدى. خۇددى كىيىنكى مىئاززا ئېيىتقاندەك : « پۇتبول دۇنياسىغا تەڭرىمۇ قىززىقىدۇ دېيىلسە، چۇقۇمكى ئىنتېر مىلانغا قىززىقىدۇ، ئۇنداق ئەمەس دېيىلسە نىمىشقا كېچە رەڭگى كۆك، كۇندۇزى ئاسمان كۆك ؟ » مانا مۇشۇنداق قىلىپ 100 يىلدىن ئارتۇق كۈچلۇكلەر ئۇچىرىشى بارلىققا كەلدى.

2. خاراكتىر جەھەتتە :
كىلىپ چىقىش ئوخشىمىغانلىقتىن ئىككى كۇلۇپ ئوتتۇرسىدىكى خاراكتىرمۇ ئوخشىمايتتى، ئا س مىلەننىڭ قېنىغا سىڭىپ كەتكىنى بىر قەدەر ئەنئەنىۋىچى، شۇ سەۋەبلىك توپ ئۇسلۇبى جەھەتتە شۇنچە يىللاردىن بۇيان ئاساسەن چوڭ ئۆزگىرىش يوق، ساجى، كاپېيلو ياكى كىيىنكى ئەنچىلودى دەۋرىدىن بولسۇن ئاساسەن مۇقۇملاشقان « مۇداپىيەنى ئاساس قىلىپ، كۈچلۇك ئوتتۇرا مەيدانغا تايىنىپ، قايتۇرما ھۇجۇم بىلەن دۇشمەننى يېقىتىش » تاكتىكىسى بىلەن مېڭىپ كەلدى. دەل مۇشۇنىڭ ئەكسىچە خەلقىئارا مىلان - ئىسلاھاتچى، تاكتىكىدا توختىماي يېڭىلاش بۇرۇپ تۇرىدۇ، دەسلەپكى«مۇستەھكەم مۇداپىيە» كىيىنكى «قايتۇرما ھۇجۇم» ئۇسۇلى بولسۇن، ياكى كىيىنكى تېخىمۇ دادىللىق بىلەن بارلىققا كەلگەن « ھۇجۇم - ھۇجۇم - يەنە ھۇجۇم» دېگەندەك شۇ سەۋەبتىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىن ھۇجۇمغا ماھىر بولغان دۇنياۋى ماھىرلار كام بولۇپ باقمىدى.

3. كۇلۇپ ئىسمى :
ئىككى كۇلۇپنىڭ ئىسمىدىنلا كۆرۇنۇپ تۇرۇپتىكى بۇ ئىككى كۇلۇپ ئوخىشىمىغان ئىككى خىل كۆز قاراشنىڭ ۋەكىلى، ئا س مىلاننىڭ دەسلەپكى ئىسمى ئېنگىلىزچىگە يېقىن بولغان « ف س مىلان»بولغان بولسا، كىيىنكى ئىتالىيەنچىگە ماسلاشتۇرۇلغان «ئا س مىلان » دىن كۆرۇۋېلىش تەس ئەمەسكى كۇلۇپنىڭ كۆز قارىشى - « ئىتالىيە كۇلۇبىنى ئىتالىيەلىكلەر باشقۇرۇلىدۇ» توپچىلارنىڭ ھېسياتىغا تېخىمۇ كۆڭۇل بۆلۇپ تۇرىدىغان مىلاندا ئىتالىيە توپچىلىرىنىڭ باشقىچە ئورۇن تۇتىدىغان مەدەنىيىتى داۋاملىشىپ كەلمەكتە، كۇلۇپ تارىخىدىكى كوماندا باشلىقىغا قارايدىغان بولساق، باررېسى، مالدىنى، كاستاكۇتا دىن تاكى ئەنبىروسىنىغىچە بولغان ئارلىقتا پەقەت ئىتالىيىلىك توپچىلار كوماندا باشلىقى بولۇپ كەلگەن، ھەتتا ئەنبىروسسىنىغا ئوخشاش ئورۇندۇقتا ئولتۇردىغان بولىشىدىن قەتئىينەزەر. دەل شۇنىڭ ئەكسىچە ئىنتېر مىلاندا ھەر قايسى دۆلىتنىڭ توپچىلىرىغا ئوخشاش ئېتىبار بېرىلىپ كەلدى، پەقەت ئىقتىدار بولسىلا دۆلەت تەۋەلىكى قايرىلىپ تۇرۇپ، قوش قوللاپ قارشى ئېلىنىپ كەلدى، دەسلەپكى كوماندا باشلىقى شىۋىتسىيىلىك بولغان بولسا، ھازىرقى كاپىتان - ئارگىنتىنالىق زاننىتى.

4. تارىختىكى يۇقىرى پەللىرى :
ئىنتېر مىلاننىڭ تۇنجى قېتىملىق يۇقىرى پەللىسى  1963- يىلى باشلاندى. بۇ دەۋىردە ئالتە قېتىم بىرلەشمە چىمپىيونلىقىنى، ئىككى قېتىم ئۇزغانلىق لوڭقىسىنى ئالدىئ ئا س مىلەننىڭ تۇنجى يۇقىرى پەللىسى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50- يىللىرى باشلاندى بۇ جەرىياندا 4 قېتىم بىرلەشمە لوڭقىسى ئالدى، 80- يىللارغا قەدەم قويغاندا ئىككى كۇلۇپ رەسمىي زىمىن بۆلۇشۇشكە باشلىدى، 1986 - يىلى دەرىجە چۇشۇپ كەتكەن مىلان كوماندىسىغا رەسمىي خوجايىن بولدى، شۇنىڭدىن كىيىن مىلان يېڭى تەرەققىياتقا قەدەم قويدى، ئىنتېر بولسا گېرمان جەڭ ھارۋىلىرى دەۋرىدىن كىيىن بىرلەشمە لوڭقىسىغا قول تەككۈزۇپ باقمىدى، كىچىك موراددى دادىسىنىڭ ئارزۇسىغا بىنائەن يېڭىچە ئىرادە بىلەن ئىنتېردا ئىسلاھاتنى باشلىۋەتتى، كىيىنكى « تېلغۇن ۋەقەسى»دىن كىيىن ئىتالىيىدە نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، ئاشكارلانمىغان نۇرغۇن سىرلار ئاشكارلاندى ...

5. مىلان شەھىرى :
تارىختىن قارايدىغان بولساق مىلانلىقلار باشقا لاتىن قان سېستىمىسىدىكىلەرگە ئوخشىمايدۇ، ئۇلار لۈنباتلارنىڭ كىيىنكى ئەۋلاتلىرى بولۇش سۇپتىدە گېرمان قان سېستىمىسىغا تېخىمۇ يېقىن، شۇڭا مىلان شەھىرىدە گەۋدىسى ئېگىز، سېرىق چاچلىقلار ئىتالىيىنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىن خېلىلا جىق، مەدەنىيەت جەھەتتىمۇ ئەقىل بىلەن ئىش قىلىشنى، جەمىئەت تەرتىۋىنى قاتتىق كونتىرول قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئىتالىيىنىڭ مەركىزى رىم بىلەن سېلىشتۇرغاندا مىلان خېلىلا پاكىز. شۇنداق مەدەنىيەت ئارقا كۆرۇنىشى سەۋەبلىك ئىككى كوماندىنىڭ باشقۇرۇش ئۇسۇلىمۇ باشقا ئىتالىيە كۇلۇبلىرىغا سېلىشتۇرغاندا باشقۇرۇش تۇزىمى مۇكەممەل، قاتتىق.

6. شەرەپلەر :
ئا س مىلەننىڭ ئالغان شەرەپلىرى ئىنتېر مىلاندىن جىق، چىمپىيونلۇق قېتىم سانىغا قارايدىغان بولساقلا ئا س مىلەننىڭ كۆپ شەرەپكە ئېرىشكەنلىكىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس.

7.مەشھۇر چولپانلار :
ئا س مىلەن - ئۈچ قېلىچۋاز، ئىنتېر - ئۈچ جەڭ ھارۋىسى. ئاس مىلەن - ئارتافېي، لىۋېيلا، باررېسى، مالدىنى، كاكا ... ئىنتېر - مىئاززا، فاچچېتى، ما زولا، زاننىتى، رىكوبا، رونالدو...

8.باشقۇرۇش قاتلىمى -
ئاس مىلەن ئۈچ كاتىۋاشنىڭ بىرلىكى، بېرلۇسكىنى، گالىيانى، بۇلايىدا مانا بۇلار ھازىرقى ئا س مىلەننىڭ كاتىۋاشلىرىدۇر، ئىنتېر مىلەن - مۇراددى بىر ئادەمنىڭ دېگىنى ھېساب.

9.باشقىلار :
ئا س مىلەن ھۆكۇمەت تەرەپكە تېخىمۇ يېقىن، مەيلى ئەينى دەۋردىكى مۇسسۇلىن بولسۇن، ياكى كىيىنكى ھۆكۇمەت زۇڭلىلىرى بولسۇن ئا س مىلەن كوماندىسىغا بىرقەدەر يېقىن. ھەتتا مۇسسۇلىن شۇ ۋاقىتتا مىئاززانىڭ ئىنتېردىن مىلانغا يۆتكىلىش ئىشىغىچە ئارلاشقان. ئىنتېر مىلان بولسا سودا ساھاسىگە بىر قەدەر يېقىن ... بىر مەيداننىڭ ئىككى ئىسمى بار « سان سېرو» ۋە « مىئاززا » . ئىتالىيىنىڭ تۆت يۇلتۇزىنىڭ ئىچىدە مىئاززا ۋە ئا س مىلەن لىۋېيلا - ماردىنى دەۋرىدىكىلەر بار.   06 - يىلىدىكى ماتتىراز، 82- يىلدىكى ئىتالىيە كوماندا باشلىقى بېرگامى بولسۇن، ياكى مالدىنى - پېرلولار بولسۇن ئىتالىيىنىڭ چىمپىيونلۇقى ئۈچۈن ئاز بولمىغان كۈچ چىقاردى ...

مىلان شەھىرىنىڭ بىر قىسىم مەنزىرلىرى :










باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +45 يىغىش سەۋەبى
ئاتېللا + 45 يامان ئەمەس

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-12-26 22:12:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر ئىككىلىسىنىڭ مۇداپىيىەسى پېچەت ئىدى بۇرۇن ، يېقىندىن بۇيان بۇرۇنقى ئىتالىيەچە ئويناشقا قىزىقىپ قېلۋاتىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-12-26 22:49:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېينىمىز ئىنتىر  مىلاندا راس چەتئەللىك توپچىلار كۆپرەك   ئەمدى چۈشەندىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-12-26 22:59:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  مېنىڭچە بىر تەرەپلىمە يېزىلىپ قالغان تېما بولۇپ قاپتۇ... ياخشى ئوقۇپ چىقسا مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇردىكەن. خۇددى بارلىق شان شەرەپلەر ئىنتىرغا خاستەكلا... ‹‹ تەڭرىمۇ ئىنتىرغا ئامىراقتى ›› دىگەن ئۇقۇمدىنلا ھەممىسى چىقىپ تۇرىدۇ. ھەقىقىي شەخسىي ھېسىيات بىلەن يېزىلغان تېمىكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-12-26 23:19:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى چوكىناتدە2011-12-26 22:59يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :

  مېنىڭچە بىر تەرەپلىمە يېزىلىپ قالغان تېما بولۇپ قاپتۇ... ياخشى ئوقۇپ چىقسا مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇردىكەن. خۇددى بارلىق شان شەرەپلەر ئىنتىرغا خاستەكلا... ‹‹ تەڭرىمۇ ئىنتىرغا ئامىراقتى ›› دىگەن ئۇقۇمدىنلا ھەممىسى چىقىپ تۇرىدۇ. ھەقىقىي شەخسىي ھېسىيات بىلەن يېزىلغان تېمىكەن.


ئۇ گەپنى مىئاززا دېگەن، مەن قۇشۇپ قويدۇم ... ھىسياتچان مەخلۇق بولغان ئىنسان ھامان بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالىي بولالمايدۇ ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-12-26 23:55:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنداقكەندە!!!تۇغما رەقىپلەركەن!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-12-27 00:53:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىلەن بىلەن ئىنتېر  بىزگە قان رەقىپلەردەك كۈرۈنگىنى بىلەن ئەمىليەتتە ئىككى كۇلۇپ يۇقىرى قاتلىمىنىڭ مۇناسىۋىتى ئۇنچىۋالا يىرىك ئەمەس ،ئىككى كۇلۇپ ئوتتۇرسىدا  توپچى سېتىۋېلىش سېتىپ بېرىش ئىشلىرى بۇلۇپ تۇرىدۇ . مەسىلەن پېرلو بىلەن سىدورفمۇ ئۆز ۋاقتىدا بىۋاستە ئىنتېردىن مىلەنگە يۆتكەلگەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-12-27 01:12:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى چوكىناتدە2011-12-26 22:59يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :

  مېنىڭچە بىر تەرەپلىمە يېزىلىپ قالغان تېما بولۇپ قاپتۇ... ياخشى ئوقۇپ چىقسا مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇردىكەن. خۇددى بارلىق شان شەرەپلەر ئىنتىرغا خاستەكلا... ‹‹ تەڭرىمۇ ئىنتىرغا ئامىراقتى ›› دىگەن ئۇقۇمدىنلا ھەممىسى چىقىپ تۇرىدۇ. ھەقىقىي شەخسىي ھېسىيات بىلەن يېزىلغان تېمىكەن.
مىنىڭ قارشىم سىلنىڭكىگە قارغاندا دەل ئەكسىچە ...... ما بالا ئىنتىر مەستانىسى بولغانكىن تىخى بەكرەك ئىنتىر تەرەپتە تۇرۇپ يازماي ((ب)) تەرەپتە تۇرۇپ يىزىپتا .......... ئىتالىيە كۇلۇپلىرىغا ھەجەپ ئۆچكەنلە سىلە ... ئاشۇ ئۆچلىكىڭلە بۇيىل ئۇزغۇنلۇق شاللاشتا يۈرەك كىسىلى قىپ قويمىسۇن سىلنى ..............
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-12-27 01:15:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى BiLaLدە2011-12-27 01:12يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :

مىنىڭ قارشىم سىلنىڭكىگە قارغاندا دەل ئەكسىچە ...... ما بالا ئىنتىر مەستانىسى بولغانكىن تىخى بەكرەك ئىنتىر تەرەپتە تۇرۇپ يازماي ((ب)) تەرەپتە تۇرۇپ يىزىپتا .......... ئىتالىيە كۇلۇپلىرىغا ھەجەپ ئۆچكەنلە سىلە ... ئاشۇ ئۆچلىكىڭلە بۇيىل ئۇزغۇنلۇق شاللاشتا يۈرەك كىسىلى قىپ قويمىسۇن سىلنى ..............


  مەن ھېچقاچان ئىتالىيە كۇلۇبلىرىغا ئۆچ بولۇپ باقمىغان... ئىتالىيە كۇلۇبلىرىدىن مىلانغا ئەڭ ئامىراق بولغانلىقىم ئۈچۈن يۇقارقى ئىنكاسنى يازغان مەن. ئېنىقلا بىر تەرەپلىمىلىك قاراشقۇ ئۇ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-12-27 01:32:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېنتىر 4 كۈچلۈككە كىرىۋالسا بولاتتى ...    3 كۈچلۈكمۇ يا  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-12-27 01:33:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى چوكىناتدە2011-12-27 01:15يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :



  مەن ھېچقاچان ئىتالىيە كۇلۇبلىرىغا ئۆچ بولۇپ باقمىغان... ئىتالىيە كۇلۇبلىرىدىن مىلانغا ئەڭ ئامىراق بولغانلىقىم ئۈچۈن يۇقارقى ئىنكاسنى يازغان مەن. ئېنىقلا بىر تەرەپلىمىلىك قاراشقۇ ئۇ...
ئۇمۇمەن سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزمۇ مىلان تەرەپتە يېزىلغاندەك، مەندىمۇ ئىنتېر تەرەپتە تۇرۇپ يېزىلىدۇ ... لېكىن بىر قەدەر ئۇبىكتىپ، ھېچ بولمىغاندا ئىككى ئېغىز قۇرۇق گەپ بىلەن تۈگىمىگەن ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-12-27 12:30:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى BiLaLدە2011-12-27 01:12يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :

مىنىڭ قارشىم سىلنىڭكىگە قارغاندا دەل ئەكسىچە ...... ما بالا ئىنتىر مەستانىسى بولغانكىن تىخى بەكرەك ئىنتىر تەرەپتە تۇرۇپ يازماي ((ب)) تەرەپتە تۇرۇپ يىزىپتا .......... ئىتالىيە كۇلۇپلىرىغا ھەجەپ ئۆچكەنلە سىلە ... ئاشۇ ئۆچلىكىڭلە بۇيىل ئۇزغۇنلۇق شاللاشتا يۈرەك كىسىلى قىپ قويمىسۇن سىلنى ..............
مەنمۇ شۇ قاراشتا ، ئىنتېرچى تۇرۇپ ، بەكلا ئوتتۇرا مەيداندا تۇرۇپ يېزىپتۇ ، مەستانە بولغاندىكىن ئازراق ھېسيات ئارىلاشتۇرۇپ يازمامدۇ دەيمەن ، تۇنۇش بۇرادەرنى مەستانىلەر يىغىنىدا ئوبدانراق تەنقىدلەپ قويمىساق بولمىغۇدەك.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-11 08:47

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش