akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2540|ئىنكاس: 16

ئاپېنىندىكى سىگارتچىنىڭ ھېكايىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2011-12-19 18:04:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
  كۆك رەڭلىك كاپىتان   
    بىر تۇتام كۈلرەڭ چاچ ، بىر تال سىگارت ، بىر ئۇزغانلىق ، بىر دۇنيا لوڭقىسى ، «كۈمۈش رەڭ تۈلكە » دەپ ئاتالغان لىپپى يۇۋېنتۇسنىڭ ئىشتىراكچىسى، كۆك كىيىملىك قوشۇندا بولسا لىپپىغا ئامال يوق !!! باگگىيو بىر تېپىپ چىقىرىۋەتكەن نۇقتا توپتىن كېيىن، دۇنيا لوڭقىسىنى ئالىدىغانغا بىر قەدەممۇ قالمىغان ۋاقىتتا ساچچى تۇيۇقسىزلا بۇ لوڭقىدىن يىراقلاشتى، ئەكسىچە تېرېزىگۇت نۇقتا توپنى تۈۋرۈككە تەگكۈزگەندىن كېيىن لىپپى خۇشاللىقىنى باسالماي ئاشۇ بىر قەدەمنى چامدىدى، كۇلۇبتىن دۆلەت كوماندىسىغىچە لىپپى بىر رىۋايەتتۇر .....


    لىپپىنى تىلغان ئالغان ھامانلا  كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا كېلىدىغىنى يوغان بىر كۆز ئەينەك تاقىۋالغان ، ئاغزىغا بىر قوڭۇر رەڭلىك سىگارت چىشلىۋېلىپ مەيداندا قوماندانلىق قىلىۋاتقان بىرسى كېلىدۇ،ئەمما ئۇ توپچى ۋاقتىدا بىر داڭلىق ئوتتۇرا بېك ئىدى ، 1964 -يىلى ئارانلا 16 ياشقا كىرگەن لىپپى سامپۇدورىيا كوماندىسىنىڭ ياشلار مەشىق بازىسىغا تەكلىپ قىلىنىدۇ،1969-يىلى سامپۇدورىيا ئۇنى ساۋونا كومانسىسغا ئىجارىگە بېرىدۇ ، ئەمما بىر پەسىلدىن كېيىنلا سامپۇدورىيا ئۇنى يەنە قايتۇرۇۋالىدۇ،شۇنىڭدىن كېيىنكى 8 يىل ئىچىدە لىپپى سامپۇدورىياغا ۋاكالىتەن 274 مەيدان مۇسابىققا قاتنىشىپ 5 توپ ئۇرىدۇ ، 1979-يىلىغا كەلگەندە لىپپى بىستوئىس كوماندىسىغا يۆتكىلىدۇ ، ئۇ يەردە 3 پەسىل ئويناپ 34 يېشىدا يېشىل چىملىقتىن چېكىنىدۇ ،گەرچە لىپپى پۇتبولچىلىق تارىخىدا ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىغا 1 قېتىممۇ چاقىرتىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ياش ۋاقتىدا ئىتالىيە 23 ياشلىقلار كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 2 مەيدان مۇسابىققا قاتناشقان.

تەقدىر قىسمەتلىرى


   لىپپى چېكىنگەندىن كېيىن ئۇ قايتىدىن سامپۇدورىيا كوماندىسىغا كېلىپ سامپۇدورىيا كوماندىسىنىڭ ياشلار كوماندىسىغا مەشقاۋۇل بولدى. 3 يىلدىن كېيىن 37 ياشلىق لىپپى ئتاىلىيەدىكى بىر 4-دەرىجىلىك كۇلۇب بولغان لونتېدرا كوماندىسىدا ئۆزىنىڭ رەسمىي مەشقاۋۇللۇق ھاياتىنى باشلىدى. ئاندىن ئۇ ئارقا ئارقىدىن سىيېنا ، پىستوئىس ،كالالېسسىي،چېسىنا ، لۇچېنا كوماندىلىرىغا مەشقاۋۇل بولدى.1989-يىلى ئۇ تۇنجى بولۇپ ئىتالىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىدىكى كوماندىلارنى تۇتتى،ئۇ بولسىمۇ چېسىنا ئىدى،ئۇ بۇ ۋاقىتتا 41 ياش ئىدى،ئارقىدىن لىپپى يەنە ئارقا ئارقىدىن لۇچېنا،ئاتلانتا ، ناپولى قاتارلىقق كوماندىلارنى تۇتتى.بۇنىڭ ئىچىدە ئۇ 1993-1994 پەسىلدە سامپۇدورىيانىڭ ئەشەەدىي رەقىبلىرىدىن بولغان ناپولىنى يېتەكلەپ 6-ئورۇنغا ئېلىپ چىقىپ ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسىنى ئويناش سالاھىيىتىگە ئېرىشتۈردى.مانا بۇ ئۇنىڭ تۇنجى بولۇپ ئىتالىيەگە بىرلەشمىسىگە يۈزلىشىگە چىققان ئەڭ ياخشى پۇرسىتى ئىدى،مانا بۇ ۋاقىتتا ئۇ 46 ياش ئىدى.

ئىتالىيە بىرلەشمىسى كۈتۈۋېلىش  
      
    1994-يىلى لىپپى تۇنجى بولۇپ ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى مەيدانىدا چىقتى،ئەمما بۇ قېتىم ئۇ ناپولىدا ئەمەس بەلكى تاغىل ئات قوشۇنى يۇۋېنتۇستا ئىدى، يۇۋېنتۇستىكى 1-پەسلىدە،ئەزەلدىن زەردارلارنى تۇتۇپ باقمىغان لىپپى ئادەتتىن تاشقىرى بولغان ئاساسنى ياراتتى،پەسىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇ يۇۋېنتۇسنى يېتەكلەپ ئىتالىيە بىرلەشمە چىمپىيونى،ئىتالىيە لوڭقىسى چىمپىيونى ۋە ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقسىى چىمپىيونى قاتارلىق ئىتالىيە دۆلەت ئىچىدىكى 3 چوڭ لوڭقىنىڭ ھەمىسىنى ئالدى،ئۇ يۇۋېنتۇسنى تۇتقان تۇنجى پەسىلدىلا ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ ھۆكۈمرانى بولۇشتەك دەرىجىگە يېتىپ بولدى.ئۇ يۇۋېنتۇسنى يېتەكلىگەن 6 پەسىل ئىچىدە 1994-1995 ، 1996-1997 ، 1997-1998 پەسىللەردە ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقتى.

ياۋروپاغا جەڭ ئېلان قىلىش      
     
    لىپپىنىڭ يۇۋېنتۇستىكى 1-پەسلىدە ئۇ كوماندىنى يېتەكلەپ ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسىنى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگىچە يېتىپ كەلدى،ئەمما 2 ئايلانما ئوينىلىدىغان ھەل قىلغۇچتا يۇۋېنتۇس بىلەن پارما «ئىتالىيە ئىچكى ئۇرۇش» جېڭىنى ئېلىپ باردى،ئەمما يۇۋېنتۇس ئېچىنىشلىق ھالدا پارماغا يېڭىلىپ لوڭقىدىن بىر قەدەم يىراق قالدى.ئەمما كېيىنكى پەسىلدە ئۇلار ئۇزغانلىق ئويناش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى، چۈنكى يۇۋېنتۇس ئالدىنقى پەسىل چىمپىيون بولغاندە. ئەمما بۇ قېتىم لىپپى ئەڭ ئاخىرغىچە كۈلۈپ باردى،رىم ئولىمپىك مەيدىنىدا ئوينالغان ئۇزغانلىقنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە يۇۋېنتۇس بىلەن ئاجاكېس كوماندىسى 120 مىنۇت ئىچىدە 1:1 تەڭلىشىپ قالدى، قەبىي بولغان نۇقتا توپ جېڭىدە لىپپىنىڭ تاغىل ئات قوشۇنى ئاجاكېسنى مەغلۇب قىلىپ پۈتۈن ياۋروپانى بويسۇندۇردى.يەنە ئارقىدىن ئوينالغان ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقسىى بىلەن قىتئەلەر لوڭقسىىىدا يۇۋېنتۇس ئايرىم ئايرىم ھالدا پارىژ سانتا لىرمان بىلەن دەريا قىنى كوماندىسىنى يېڭىپ 3 شاھ بولۇشتەك پارلاق نەتىجىنى قولغا ئالدى.پارىژ سانتا لىرمان بىلەن  بولغان مۇسابىقتا يۇۋېنتۇس 1 گە قارشى 6 نەتىجە بىلەن قارشى تەرەپنى مەغلۇب قىلغان ئىدى.ئۇنىڭدىن كېيىنكى 2 يىلدا يۇۋېنتۇس ئۇدا ئۇزغانلىقنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرىپ كەلدى.ئەمما ئىككىلى مەيداندا ئېچىنىشلىق ھالدا دورتىموند بىلەن خان جەمەتى مادىرىدقا يېڭىلىپ قېلىپ يوغان قۇلاقتىن بىر قەدەم يىراق قالدى. ئەمما بۇ ۋاقىتتىكى لىپپىنىڭ قوشۇنى ياۋروپانى غال غال تىترەتكەن ئىدى.

قارا كۆك قوشۇنىغا قەدەم بېسىش

    1999-يىلى 2-ئايدا،نەتىجىسى ياخشى بولمىغان يۇۋېنتۇس قەھرىتا قىش مەزگىلىدە لىپپى بىلەن بولغان توختامنى بىكار قىلدى،شۇ يىلى يازدا ئىنتېر رەئىسى موراتتى لىپپىنى دەرھاللا تەكلىپ قىلىپ ئىنتېرنى قايتا قۇرۇشقا باشلاپ ئەكەلدى.ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى بۇ قېتىمقى تەكلىپ ناھايىتى قاملاشمىغان نىكاھقا ئايلىنىپ قالدى.لىپپى دەرىسكە چىققاندىن كېيىن موراتتىنى ئىنتېرنى بەك قوللىدى دىيىشكە بولىدۇ.ئەنە ئاشۇ ياز ئىنتېرنىڭ ئەڭ «غالجىرانە» يىلى بولدى،پۈتۈن يازغا كوماندىغا سالغان مەبلەغ 150 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.ۋىئېرى،مۇتۇ،بونۇكى،پېرۇججى،كوردوبا قاتارلىق چولپانلار بەس بەستە ئىنتېرغا ئېلىپ كېلىندى.دەل ۋاقىتتا دېيۆكۇف،سىمىڭنى،سوسسا ۋە پاگلىيۇكا قاتارلىقلار كوماندىدىن ئايرىلدى،كونا كوماندا باشلىقى بولغان بېرگومىمۇ يېشىل چىملىقتىن چېكىندى،ئەمما بۇ پەسىل ئىنتېر ئاران بىرلەشمە رەت تەرتىپىدە4-بولۇپ قالدى،كېيىنكى پەسىلدە بولسا ئاران بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينالغاندىن كېيىن لىپپىمۇ موراتتى تەرىپىدىن ئىشتىن بوشىتىلدى.

ھۆكۈمراننىڭ قايتىپ كېلىشى

    2002-يىلى ئىنتېردىن ئىشتىن بوشىتىلغىنىغا دەل 9 ئاي بولغاندا لىپپى يەنە بىر قېتىم تاغىل ئات قوشۇنى تەرىپىدىن چاقىرتىلدى.مانا بۇ سىگارتچى ئۆزىگە تونۇش بولغان مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن « 2-قېتىملىق ئىگىلىك تىكلەش»نى باشلىدى.ئىنتېردىكى بىر قاتار مەغلۇبىيەتلەر بۇ كۈلرەڭ تۈلكىنى خىلى ھالسىراتقان ئىدى.ئەمما ئۇ يۇۋېنتۇسقا قايتقان بىرىنچى پەسىلدە يەنە بىر قېتىم ئىتالىيە بىرلەشمە چىمپىيونىنى ئالدى.ۋە كېيىنكى پەسىلدە يەنە ئوڭۇشلۇق چىمپىيون بولدى.2002-2003 پەسىللىك ئۇزغانلىق مۇسابىقىسىدە،لىپپى باشچىلىقىدىكى تاغىل ئات قوشۇنى يەنە بىر قېتىم ھەل قىلغۇچقا كىردى.ئەمما ACمىلان بىلەن بولغان ھەل قىلغۇچتا 0:0 تەڭلىشىپ نۇقتا توپتا ئېچىنىشلىق ھالدا يېڭىلىپ قېلىپ،ئۇدا 3 قېتىم يوغان قۇلاقتىن بىر قەدەم نېرىدا قالدى.بۇ مەيدان مۇسابىقىمۇ ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئالتۇن دەۋرىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقلار بولغۇسى.!

ئالتۇن لوڭقىمۇ ئۇنى ھۆرمەتلىدى

   2004-يىلىدىكى ياۋروپا لوڭقسىىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسى دانىيە ۋە شىۋىتسارىيە قاتارلىق ئىككى دۆلەت كوماندىسىنىڭ « يەڭ ئىچىدە كېلىشى» سەۋەبىدىن گۇرۇپپىدىن شاللىنىپ كەتتى.پىشقەدەم مەشقاۋۇل تىراپاتونىمۇ دەرىستىن چۈشتى،دەل مۇشۇ ۋاقىتتا لىپپى تۇنجى قېتىم ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى بولۇش چاقىتمىسىنى قولىغا ئالدى ۋە ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىغا مەشقاۋۇل بولدى.2 يىلدىن كېيىن دۆلەت ئىچىدە «تېلىفۇن ۋەقەسى»قالايمىقانچىلىقلىرى يۈز بەرگەن ۋاقىتلاردا لپپى باشچىلىقىدىكى ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسى گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىنىڭ شاھىدى بولدى.لىپپىمۇ ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن ئالتۇن لوڭقىنى ئېگىز كۆتۈردى.

جەنۇبىي ئافرىقىدىكى چۈشنىڭ بۇزۇلۇشى

    دۇنيا لوڭقسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن لىپپى ئۆيىدە ئارام ئالدى.بىراق 2008-يىلى ياۋروپا لوڭقسىىنىڭ 8 كۈچلۈكلەر ئۇچرىشىدا ئىتالىيە ئىسپانىيەگە نۇقتا توپ جېڭىدە يېڭىلىپ قېلىپ شاللىنىپ كەتتى،دونادونىمۇ دەرھاللا دەرىستىن چۈشتى.مۇشۇ ۋاقىتلاردا لىپپى «قۇتقۇزۇش ئىلاھى»سۈپىتىدە ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىدا پەيدا بولدى،بىراق ، 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقسىدا 4 يىل ئاۋۋالقى سەپ شەكلى بويىچە كەلگەن ئىتالىيە كوماندىسى ئاللىبۇرۇن قېرىپ كەتكەن بولۇپ يەنىلا گۇرۇپپىدا ئېچىنىشلىق شاللاندى،بۇ ۋاقىتتا پىشقەدەم سىگارتچى لىپپى ھېچ ئامال تاپالمىدى.گۇرۇپپىدا 3 مەيدان يېڭەلمەسلىكتەك تارىخ لىپپىنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئىزى بولۇپ قالدى.

نۇقتا توپ ئەپەندىسى

    لىپپىنىڭ مەشقاۋۇللۇق ھاياتىغا قارايدىغان بولساق،مەيلى يۇۋېنتۇس ۋە ياكى ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسى بولسۇن لوڭقا تۈرىدىكى مۇسابىقنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلىرىدا ئۇنىڭ كوماندىسى ھەر قاچان نۇقتا توپ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەپ كەلدى،مەشقاۋۇللۇق سۈپىتى بىلەن لىپپى بۇ ئۆمرىدە 4 قېتىم ئۇزغانلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقسىگە كىرگەن،بۇنىڭ ئىككى مەيدانىدا 120 مىنۇت تەڭلىشىش ئارقىلىق نۇقتا توپ جېڭى قىلغان،بىر قېتىمىدا ئاجاكېسنى يەڭگەن،ئەمما يەنە بىر قېتىمىدا بولسا ئېچىنىشلىق ھالدا ACمىلانغا يېڭىلىپ قالغان.ۋە يەنە ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسى دۇنيا لوڭقسىى چىمپىيونى بولغان پەيتلەردە ، ئۇنىڭ كوماندىسى يەنە ئوخشاش بولغان نۇقتا توپ جېڭىدە غەلبە قىلىپ،3 يىل ئاۋۋالقى ئۆچىنى ئالدى.شۇڭا ئۇنى «نۇقتا توپ ئەپەندىسى» دېيىشكە بولىدۇ.

تىگىشلىك مۇكاپات ۋە جازادىن قۇرۇق قېلىش  

    يۇۋېنتۇس مەستانىلىرى ئۇنى ئىلاھ دەپ قارايدۇ،ئەمما ئىنتېر مەستانىلىرى ئۇنى ئالۋاستى دەپ قارايدۇ.2006-يىلى ئۇ خۇشال بولغان،ئەمما 2010-يىلى ئۇ نىمە قىلارىنى بىلمەي قالغان،نۇرغۇن زەپەر قۇچۇش بىلەن بىرگە،ئۇنىڭ بەزىبىر ئىشلىرىمۇ ئاشكارلىنىپ قالغان ئىدى.«تېلىفۇن ۋەقەسى »يۈز بەرگەن ۋاقىتلاردا ئاشكارلىنىشىچە لىپپى ئىنتېردىكى ۋاقتىدا ئادەم ئەكىرىش ۋە تازىلاش ئىشلىرىدا ئۆزى ئوغلى تۇرۇشلۇق بولغان GEA ۋاستىچى شىركىتى ئۈچۈن ئشىلىگەن ، ئەمما بۇ ئىش تەكشۈرۈش جەريانىدا ئىسپات تولۇق بولمىغانلىقتىن سىر بولۇپ قالغان.ئۇ ئىنتېر ۋە يۇۋېنتۇستكى ۋاقتىدا باگگىيوغا بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قاتتىق قوللۇقىنى ئىسپاتلىغان. بەلكىم بۇ قىلىقى « زەردىسى يوق ئادەم ئۇلۇغ ئەر بولالمايدۇ » نىڭ ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرۈلۈشى بولۇشى كېرەك.مەيلى قانداقلا بولسۇن ، پۇتبولغا نىسبەتەن ، لىپپى بىر كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان ئىقتىدارلىق، داڭلىق مەشقاۋۇل،بىز بۇنى ئۇنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىتالىيە پۇتبول تارىخىدىكى داڭدار كىشى بولالىغىنىدىن كۆرۈۋالالايمىز !!!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +32 يىغىش سەۋەبى
Яiwαyat + 32 تەرجىمە يازما

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-12-19 18:23:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  تىمىكەن  بۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-12-19 18:34:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈمۈش  تۈلكە دەپ لەقىمى بارغۇ دەيمەن  بۇنىڭ ئىسىمدە  قىلىشىچە ..ئاپىنىندىكى سىگارتچى ما ئاتىلىشىمۇ قالتىسكەن....



ھازىر نىمىش قىلۋاتىدۇ بۇ .....

ئىتالىيەلىك تىرنىلار ئىچىدە مۇشۇنىڭ بىلەن كاپىرۇغا  قول قۇيىمەن...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-12-19 18:37:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىچەت يېزىلىپتۇ ما تېما          نادىر .. نادىر  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-12-19 19:36:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ مەيداندىكى سىگارت چىشلەپ تۇرغان كۆرۈنۈشلىرى كىشىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ جۇما ئەمما .......  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-12-19 19:38:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 21قەۋەتتىكى پارلاقدە2011-12-19 19:36يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
بۇنىڭ مەيداندىكى سىگارت چىشلەپ تۇرغان كۆرۈنۈشلىرى كىشىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ جۇما ئەمما .......  


بۇرۇن شەمشادنىڭ بىر پاش سۈرىتى بولدىغان،،،،چېۋرانىڭغۇ دەيمەن.،....شاڭيەن چىشلەپ تۇرغان....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-12-19 19:44:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


مانا ماۋۇ سۈرئەتنى دەمسىلە ؟! لىپپى بىلەن ئوخشىشىپمۇ قالامدۇ قانداق ..... شەمشاد ئالاھىدە قىزىقىدىغۇ تېخىى بۇ گىۋارراغا....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-12-20 04:57:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گېۋارا ئۆلگەن بولسىمۇ تا ھازىرغىچىلىك كۇبا سىگارتلېرىنىڭ ئەڭ ياخشى ئېلانى بولىۋاتىدۇ بۇ رەسىم..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-12-20 12:11:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا  2006-يىلى  دۇنيا   لوڭقىسىنىڭ  ھەل  قىلغۇچ  مۇسابىقىسىدە  تۇتۇشقان   ئىككى  تېرنىرنىڭ   ( مۇشۇنىڭ  بىلەن دومىنىك )  2010 -يىلغا  كەلگەندە   تەقدىرى   ئوخشاش  بولدى  دىسە   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-12-20 12:26:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى تانكىچاقدە2011-12-20 12:11يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
توۋا  2006-يىلى  دۇنيا   لوڭقىسىنىڭ  ھەل  قىلغۇچ  مۇسابىقىسىدە  تۇتۇشقان   ئىككى  تېرنىرنىڭ   ( مۇشۇنىڭ  بىلەن دومىنىك )  2010 -يىلغا  كەلگەندە   تەقدىرى   ئوخشاش  بولدى  دىسە     
شۇنى دەيمە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-12-20 21:37:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ياخشى
بۇ يازمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى : پۇتبول كۇلۇبى , ئەسلى يازما ئادرىسى : read.php?tid=22970
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-12-21 21:53:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىنىن  دىگەن  ئىتاليىە نىڭ  بىر ئارىلغۇ  دەيمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-28 22:24

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش