elan ornielan orni
كۆرۈش: 12681|ئىنكاس: 50

مۇنبەر يېڭى قوللانمىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2007-10-29 00:35:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
مۇنبەر يېڭى قوللانمىسى



   مۇنبەرنىڭ نەشىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ئىنتايىن ياخشى بولدى . ئەمما بەزى ئەزالارنىڭ بۇ خىلدىكى مۇنبەرنىڭ ئىقتىدارىدىن تولۇق پايدىلىنالماسلىقى مۇمكىن شۇڭا بۇ قوللىنىش دەرىسلىكى يوللاندى.

(1)


1) تېزىملىتىش كېلىشىمنامىسىنى ئوقۇپ قوشۇلامسىز ياكى قوشۇلمامسىز ئۆزىڭىز بەلگىلەڭ.
2) قوشۇلىمەن دېگەننى بېسىپ بولۇپ قارىسىڭىز تىزىملىتىش رامكىسىغا كىرىسىز .
ئاۋۋال ئىسمىڭىزنى يېزىڭ، ئاندىن تەكشۈرۈش نى بېسىپ تېزىملىتىپ بولغانمۇ بولمىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ. ئەگەر تىزىملاتمىغان بولسا كىيىنكى باسقۇچقا كىرىڭ.
3) پارول كىرگۈزۈڭ ، كىرگۈزگەن پارولىڭىز ئەڭ ياخشىسى بىخەتەرلىكى ئوتتۇراھالدىن يوققىرى بولسۇن.
4) تەستىق كۇدى ، ياندىكى رەسىمدىكى ساننى كىرگۈزسىڭىزلا بولىدۇ.
5) ئېلخەت تولدۇرۇڭ ، تولدۇرغان ئېلخېتىڭىز چوقۇم سىزنىڭ ئىشلىتىدىغان ئېلخېتىڭىز بولسۇن ، كىيىن پارولىڭىزنى ئۇنتۇپ قالغاندا مۇشۇ ئارقىلىق ئالالايسىز.

__قالغانلىرىنى دىمىسەممۇ ئاساسىي جەھەتتىن قىلىپ كىتەلەيسىز .

(2)



كونتىرول تاختا بولسا مۇنبەردىكى مۇھىم ئىقتىدارلىرىنىڭ بىرسى بولۇپ،سىز ئۇيەردىن نۇرغۇرلىغان مەشغۇلات ۋە سېستىما ئۇچۇرلىرىنى بىلەلەيسىز.
كونتىرول تاختا   تىزگىن تاختا  باش بېتى ،ماتىريال تەھرىرلەش،ماتىريال كۆرۈش،دوستلار قاتارى،ھوقوق كۆرۈش،مەشخولات خاتىرىسى،سودا پۇلى باشقۇرۇش،ئەزا گۇرۇپىسى،ساقلىغۇچ ۋە مېنىڭ تېمام قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ھەر قايسى تۈرنى ئايرىم چۈشەندۈرىمىز.
كونتىرول تاختا  باش بېتى - ئاساسىي ئۇچۇر ، ئەڭ يېڭى بەش پارچە قىسقا ئۇچۇر ،ساقلىغۇچتىكى ئەڭ يېڭى بەش پارچە تېما،سودا پۇلى باشقۇرۇش،ئىختىيارى نۇمۇر ۋە قوشۇلغان دوستلۇق توپى قاتارلىق ئۇچۇر راملىكىرىدىن تەركىپ تاپقان .
ئارخىپ تەھرىرلەش - سىز بۇ يەردىن ئۆزىڭىزنىڭ ماتىرىياللىرىڭىزنى ئۆزگەتەلەيسىز. دېققەت : ئەزالىق مۇھىم ئۇچۇرىلىرنى ئۆزگەرتكەندە چوقۇم پارول يېزىشىڭىز كېرەك.
ئارخىپ كۆرۈش - بۇ يەردىن سىز مۇنبەردىكى باھارلىق تەپسىلى ئۇچۇرلىرىڭىزنى كۆرەلەيسىز.
دوستلىرىم - سىز بۇ يەردىن ئۆزىڭىزنىڭ دوستلىرىنى كۆرەلەيسىز ۋە قوشالايسىز.
ئەزالار ھوقوقى - سىز بۇ يەردىن مۇنبەردە قانداق ھوقۇقلىرىڭىز بارلىقىنى كۆرەلەيسىز.
سودا پۇلى باشقۇرۇش - سىز بۇ يەردىن سودا پۇلىڭىزنى قاچىلاش باشقۇرۇش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلالايسىز.
ئالاھىدە ئەزا گۇرپىسى - سىز بۇ يەردىن سېستىمىمىز تەمىنلىگەن ئەزالار گۇرۇپپىسىنى ۋاقىتلىق سېتىۋىلىپ شۇ ئەزالار گۇرۇپپىسىنىڭ ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمان بولالايسىز.
ساقلىغۇچ - بۇ يەردە سىزنىڭ ساقلىغان تېمىلىرىڭىز ساقلىنىدۇ.
تېمىللىرىم - بۇ يەردىن سىزنىڭ يوللىغان تېمىلىرىڭىزنى كۆرەلەيسىز.


(3)


ئۇچۇر باش بېتى - ئۇچۇر ھالەت رامكىسى ،  ئىقتىدار ئىستونى ۋە كەلگەن ئۇچۇرلىرىڭىز قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن.
ئۇچۇر ھالەت رامكىسى - سىزنىڭ بار بولغان ئۇچۇر سانى ، ساندۇق سىغىمى ۋە ئىشلىتىش پىرسەنتى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئىقتىدار ئىستونى - قۇبۇللاش ساندۇقى ، يوللاش ساندۇقى ، ئىز قوغلاش ، يېڭى ئۇچۇر يېزىش ، قۇبۇل قىلمايمەن ،قۇرۇقداش قاتارلىق ئىقتىدارلار توپلانغان.
1) قۇبۇللاش ساندۇقى - بۇ سىزنىڭ كەلگەن ئۇچۇرلىرىڭىز ساقلىنىدىغان ساندۇق بولۇپ ، ئادەتتە ئىككى خىل شەكلى بار ، بىرسى ئوپچە ئۇچۇر  يەنە بىرسى شەخسىي ئۇچۇر . ئوپچە ئۇچۇر بولسا سېستىما ۋە باشقۇرغۇچىلاردىن كېلىدىغان ھەممە ئەزالارغا ئورتاق ئەۋەتكەن ئۇچۇرنى كۆرسىتىدۇ. شەخسىي ئۇچۇر بولسا ئەزالار بىلەن ئەزالار ئارىىسدا يېزىلغان ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىدۇ.
2)يوللاش ساندۇقى- بۇ سىزنىڭ يوللىغان ئۇچۇرلىرىڭىزنى كۆرىدىغان ساندۇق. بۇ يەردە ساقلىنىدىغان ئۇچۇرلار سىز يازغان ئۇچۇرلارنى ساقلاش تۈرىنى تاللىغاندىكى ئۇچۇرلار ساقلىنىدۇ.
3)ئىز قوغلاش - بۇ ئەۋەتكەن ئۇچۇرلارنى قارشى تەرەپ كۆردىمۇ يوق ، دېگەندەك ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز. يەنە ئۆچىرەلەيسىز
4)يېڭى ئۇچۇر يېزىش - بۇنى دېمىسەممۇ بولار ، بۇ ئارقىلىق ئۇچۇر يازىسىز ئەلۋەتتە. دېققەت : سىز يوللاش ساندۇقىغا ساقلاش تۈرىنى تاللىسىڭىز يوللىغان ئۇچۇرىڭىز يوللاش ساندۇقىدا ساقلىنىدۇ ، بولمىسا ساقلانمايدۇ.
5)قارا تىزىملىك - يەنى رەت قىلىش قىلماسلىقنى تاللاش ئىقتىدارى بولۇپ ، سىز بۇ يەردىن ئۇچۇر قۇبۇل قىلمايدىغان ئەزا تۈرىنى ياكى ئايرىم بىر ئەزانىڭ ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلمايدىغان قىلىپ تەڭشەشكە بولىدۇ.
6) قۇرۇقداش - بۇ ئارقىلىق سىز ئۇچۇر ساندۇقىڭىزدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆچۈرەلەيسىز.
كۆپ ئۇچرايدىغان مەسلى:  ناۋادا سىزگە بىر يېڭى ئۇچۇر كىلىپ سىز ئۇ ئۇچۇرنى كۆرەلمىگەن بولسىڭىز ئۇنداقتا سىزنىڭ قوبۇللاش ساندۇقىڭىز توشۇپ كىتىپتۇ دىگەن گەپ . ئۇنداق بولغاندا ۋاقتى ئۆتكەن ئۇچۇرلاردىن بىرقانچىنى ئۆچۈرۋەتسىڭىزبولا بولىدۇ.



(4)


بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق سىز مۇنبەردىكى بارلىق سىتاتىستىكا ئۇچۇرلىرىنى كۆرەلەيسىز ، لېكىن بۇنىڭ ئۈچۈن دەرىجىڭىز توشىشى كېرەك.
سىتاتىستىكا باش بېتى - ئىقتىدار ئىستونى ۋە ئەزالار سىتاتىستىكىسى ، يازما سىتاتىستىكىسى ،توردىكىلەر سىتاتىستىكىسىدىن تۈزۈلگەن ئۇچۇر رەمكىسىدىن تۈزۈلگەن.
ئىقتىدر ئىستونى - ئاساسىي سىتاتىستىكا ،IP سىتاتىستىكىسى،باشقۇرغۇچىلار سىتاتىستىكىسى،باشقۇرۇش ئەھۋالى،توردىكىلەر،ئەزا دەرىجىسى،سەھىپە دەرىجىسى،يازما دەرىجىسى قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن.
1)ئاساسىي سىتاتىستىكا - ئەزالار سىتاتىستىكىسى ، يازما سىتاتىستىكىسى ۋە توردىكىلەر سىتاتىستىكا ئۇچۇر رامكىسىدىن تۈزۈلگەن.
2)IP سىتاتىستىكىسى - يىللىق IP سىتاتىستىكىسى ۋە ئايلىق IP سىتاتىستىكىسىنى سىزگە تەپسىلى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
3)گۇرپا باشقۇرۇش - سىز بۇ يەردىن مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلارنى ۋە قايسى سەھىپىگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى يەنە كىرمىگەن ۋاقىتلىرىنى ..بىلىۋالالايسىز ۋە ھاكازا
4)باشقۇرۇش سىتاستىكىسى - باشقۇرغۇچىلارنىڭ باشقۇرۇش مەشغۇلات سىتاتىستىكىسنى بىلالايسىز.
5)توردىكىلەر - سىز بۇ يەردىن توردا بار تورداشلارنىڭ قايسى سەھىپە قايسى تېمىلارنى زىيارەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلالايسىز.
6)ئەزا قاتارى - سىز بۇ يەردىن مۇنبەردىكى بارلىق ئەزالارنىڭ مۇنبەردىكى دەرىجىسىنى بىلىۋالالايسىز
7)سەھىپە قاتارى- سىز بۇ يەردىن سەھىپىلەرنىڭ دەرىجىسىنى بىلالايسىز.
8)يازما قاتارى - سىز بۇ يەردىن تېما ۋە يازمىلارنىڭ دەرىجىسىنى بىلالايسىز.


(5)


بۇ مۇنبەرنىڭ ئاساسى ئىقتىدارى بولۇپ ئەگەر سىزنىڭ يازما يوللاش ھوقۇقىڭىز باشقۇرغۇچى تەرپىدىن جازالىنى ۋاقىتلىق ياكى مەڭگۈلۈك ئېتىپ قويمىغانلا بولسا ، ھەممە ئەزاللار ئورتاق ئىشلىتەلەيدۇ.
سىز كۇنۇپكىسى ئارقىلىق تېما يوللىيالايسىز.
تېما يوللاش ھالىتىگە كىرگەندىن كىيىن ئاۋۋال تېمىسىنى يازىسىز.
ئەگەر تېما بېشدا رەسىم كۆرسەتمەكچى بولسىڭىز Icon دىكى رەسىملەرنىڭ بىرىنى تاللاپ قويسىڭىز بولىدۇ ياكى تاللىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
تەھرىرلىگۈچنىڭ ئوڭ تەرەپىگە قارىسىڭىز بىر قىسىم ئۇچۇرلار بار Wind Code Open ، img - Open،flash - Open دېگەندەك ، بۇلار ئايرىم ئايرىم ھالدا uypw code نى ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى ، img كودى ئارقىلىق رەسىم قىستۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى ۋە قىلەش ئەۋەتەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئۇنى ئاستىغا قارىسىڭىز شۇنداق ئوماق بولغان سېستىما ئىپادىلىرى بار ، سىز بۇلارنى تېما ئارسىغا خالىغانچە قىستۇرسىڭىز بولىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ ئىپادىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز [يەنە بار] كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئىپادىنى كۆرەلەيسىز.
ئۇنىڭ ئاستىغا يەنە قارىسىڭىز ئۆزىڭىز تاللاپ ئىشلىتىدىغان تۈرلەر بار ، مەسىلەن ؛ HTML كۇدى ئىشلىتىش (ھوقۇقىڭىزغا قارىلىدۇ)،ئاپتوماتىك url ئانالىز،ئىمزا قوللىنىش، ئاپتوماتىك ئالماشتۇرۇش،يېڭى ئىنكاس بولسا ئۇختۇرۇش قاتارلىقلار. ئۇلارنىڭ مەنىسى :
1.HTML كۇدى ئىشلىتىش - سىز يازغان تېمىڭىزدا HTML كودىنى ئىشلىتىپ تېخىمۇ كۆپ ئۈنۈمگە ئىگە بولالايسىز ، ئەگەر ھوقۇقىڭىز بولمىسا كۈرەڭ چىقىدۇ.
2.ئاپتوماتىك url ئانالىز - ئەگەر ئۇلانما ئادىرىس بولۇپ قالسا شۇ ئادىرىسنى دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇلىنىش ھالىتىدە چىقىرىپ بېرىدۇ.
3.ئىمزا قوللىنىش - تېمىڭىزدا ئىمزا كۆرىنىدۇ.
4.Wind Code ئاپتوماتىك ئالماشتۇرۇش - تېما ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك كود بولسا شۇنىڭغا ماس ھالدا كودقا ئۆزگەرتىدۇ.
5.يېڭى ئىنكاس بولسا ئۇختۇرۇش - ئەگەر باشقا ئەزالار ئىنكاس يازسا سېستىما ئېلخېتىڭىزگە بىر پارچە ئۇچۇر ئەۋەتىدۇ.
ئەمدى تەھرىرلىگۈچ ئىقتىدارلىرىنى چۈشەندۈرەي.

بۇ خەتنى توم كۆرسىتىدۇ.
بۇ خەتنى يانتۇ كۆرسىتىدۇ.
بۇ خەتنى ئاستى سىزىقلىق كۆرسىتىدۇ.
ئىناۋەتسىز خەت شەكلى

خەتنى ئاستىغا كىچىكلىتىدۇ.
خەتنى ئۈستىگە كىچىكلىتىدۇ.

نەقىل كەلتۈرۈش
كود يېزىش
سىزىق سىزىش

خەتنى ئوڭغا توغۇرلاش
خەتنى ئوتتۇرىغا توغۇرلاش
خەتنى سولغا توغۇرلاش
پۈتۈن ئابزاس بويىچە كۆرسۈتۈش

خەت رەڭگىنى تەڭشەش
خەت تەگلىك رەڭگىنى تەڭشەش

ئۇلىنىش قىلىش
ئۇلىنىشنى بېكار قىلىش

رەسىم قىستۇرۇش
كىنۇ ، ناخشا ،mp3،Flash قاتارلىقلارنى قىستۇرۇش
سودا ئۇچۇرى قوشۇش


ئاتسىغا قارىسىڭىز خەت سانىنى تەكشۈرۈش كۇنۇپكىسى بار ، باسسىڭىز يازغان خېتىڭىزنىڭ سانىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يېنىغا قارىسىڭىز يۈتكەن مەزمۇننى قايتۇرۋېلىش  كۇنۇپكىسى بار  ، ئۇ بىرەر مەشغۇلات سەۋەبىدىن ياكى بەت يېڭىلىنىپ دېگەندەك ئىشلار تۈپەيلىدىن يازغان خەتلىرىڭىز يۈتۈپ كەتسە مۇشۇ ئىقتىدار ئارقىلىق خېتىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيسىز.




ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يوللاپ تۇراي كىيىنچە داۋاملىق قوشۇلۇپ تەھرىرلىنىدۇ ..!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-10-6 15:10:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى چۈشەندۇرۇپ قۇيۇپسىز جۇما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2007-10-29 00:44:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللانمىنى چوقىلاپ قويساڭلار بەك ياخشى بولاتتى، يېڭى ئەزالار داۋاملىق كۆرۈپ تۇراتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2007-10-29 00:44:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بوپتۇ ،بولسا بۇنى مۇنبەرنىڭ كۆرىنىدىغانراق يىرىگە چىقىرىپ قويساق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2007-10-29 12:28:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ  php بەت بەك ياخشىكەن ....  بۇرۇنقىسىمۇ پەيزىتى..
بۇ  بەت ھازىر ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسى بوپتۇ !!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2007-10-29 16:28:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇنقىسىنى ئۈچۇرسەك  بولغۇدەك!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2007-10-29 16:38:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈلگۈچە دەرىجىنىمۇ يىڭىلىۋەتمەپسىلەر~!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2007-10-29 17:03:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەۋھەرلەپ قويساڭلار تېخى ياخشى ، بۇ يېڭى قوللانما تېخىمۇ ياخىشكەن!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2007-10-29 17:45:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى بوپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2007-10-29 18:03:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك بەلەن بوپتۇ .لېكىن سۈرئىتى بىرقەدەر ئاستىمۇ ياكى .مېنىڭ كومپىيۇتېرىمدا مەسىلە بارمۇ ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2007-10-30 13:44:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى بوپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2007-10-30 20:26:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇمۇ بولغىنى ، خۇددى ئۇنۋىرسال توربەتكىلا ئوخشاپ قاپتۇ!! [s:13]  [s:13]  [s:13]
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2007-10-31 21:02:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-23 02:44

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش