ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم !
پۇتبول مۇنبىرىنىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىلىرى.سىلەرنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىڭلار نەتىجىسىدە پۇتبول مۇنبىرىمىز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ.شۇنداقلا سىز بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن پۇتبول مۇنبىرى مەۋجۈت بولىۋاتىدۇ.سىزلەرگە مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن چوڭقۇر رەھمىتىمىزنى بىلدۇرمىز.
ئەمدى گەپنىڭ يامىنىغا كەلسەم، يېڭى يىل كىردىغانغا 10 نەچچە كۈن قالدى، يېڭى يىلدا يىڭىچە قىياپەت بىلەن مۇنبەرنى تىخىمۇ گۈللەندۈرۈش مەخسىتىدە بۇ پائالىيەتنى باشلىدۇق ،،،،بۇ پائالىيەت 2007-يىلى، 2008 يىلى ، ئۆتكۈزۈلگەن، كېيىنكى 2 يىلدا بەزى بىر سەۋەپلەر تۈپەيلى توختاپ قالدى، توغرا چۈشىنىشڭلارنى ئۈمۈت قىلمىز.
تاللىغان ھەر بىر ئەزا ئىسمىنى ئىنكاس شەكىلدە يىزىشى كىرەك ئىنكاسنى باشقىلارنىڭ قايتا تەھرىرلەشكە بولمايدۇ .
ئاۋال كۆرۈپ ئاندىن بىلەت بىلەت تاشلاڭ !!!!!
ئەزالارنىڭ قىزغىنلىقنى تىخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن2011- يىللىق مۇنبەردىكى
1-ئەڭ ياخشى مۇنبەر باشلىقىنى تاللاش سانى (4)
2-ئەڭ ياخشى پۇتبول لۈكچىكى ۋە ئالىي ئەزا (4)
3-ئەڭ ياخشى تىز تەرەققى قىلۋاتقان مۇنبەر ئۈچۈن قوشقان توھپىسى كۆپ ئەزا تاللاش سانى (3)
4-ئەڭ كۆپ تىما يولىغان ئەزا تاللاش سانى (3)
5-ئەڭ كۆپ ئىنكاس يېزىلغان تېما تاللاش سانى (1) (تېما ئىسمى بىلەن ئاپتۇرنىڭ ئىسمى يېزىلدۇ)
6- مۇنبەردىكىلەر ياقتۇرۇپ كۆرگەن تېما تاللاش سانى(3) (تېما ئىسمى بىلەن ئاپتۇرنىڭ ئىسمى يېزىلدۇ)
7- ئەڭ ياخشى يېزىلغان تېما تاللاش سانى (3) (تېما ئىسمى بىلەن ئاپتۇرنىڭ ئىسمى يېزىلدۇ)
پائالىيەت مۇكاپاتى :تاللانغان ئەزالارغا بىردىن مۇنبەر مىدالى ھەم مەلۇم مىقداردا مۇنبەر پۇلى مۇكاپات بىرىلىدۇ .
بۇ پائالىيەت ھازىردىن باشلاپ كۈچكە ئىگە . تورداشلارنىڭ بۇ پائالىيەتكە قارىتا قانداق تەكلىپ-پىكىرى بولسا قويۇشىنى ، پائالىيەتكە قارىتا بىرلىكتە نازارەت قىلىپ باشقۇرشىنى قارشى ئالىمىز . ھەممىسىنىڭ بىرلىكتە ئاۋاز قوشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ..
ئەسكەرتىش :
ئىسىم كىرگۈزىدىغان ئورۇن چەكلىك بولغاچقا بارلىق ئەزالار ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىسمىنى ئىنكاسقا يازساق بولىدۇ .
بىرلا ۋاقىتتا 7 تۈرگە بەلگىلەنگەن بويىچە بىلەت تاشلىشى كىرەك . ئەزالارنىڭمۇ ئۆزىگە بىلەت تاشلاش ھوقوقى بار .
ئەگەر يېڭىدىن بىر نۇمۇر ئىلتىماس قىلىپ تاللىساڭلار ئىناۋەتسىز . IP نۇمۇرىڭلار ھەر ۋاقىت تەشكۈرىلىدۇ . .
بۇ تىماغا ئىنكاس يىزىش 2011- يىلى 12- ئاينىڭ 28 -كۈنى كەچ سائەت 10 دە ئاياقلىشىدۇ
مۇنبەر تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېلان چىكىشنى ئۇنۇتماڭ!
|