akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 13735|ئىنكاس: 171

ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 16- ئايلانما [دېربى]

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2011-12-11 07:10:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
مادرىد 1 - 3 بارسلونا





12- ئاينىڭ 11 - كۈنى ئۇيغۇر ۋاقتى سەھەر 3 تە ئۆتكۈزۈلگەن 2011 - 2012- يىللىق ئسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ  16- ئايلانمىدىكى
ھەممە كۆز تىككەن مادرىد - بارسا ئوتتۇرىسىدىكى دېربى بېرنابو مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى.
22 سىكونتا بېنزىمانىڭ ئۇرغان توپى بىلەن مادرىد ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان بولسىمۇ، لېكىن سانچىز، شاۋى (مارسىلو)، فابرىگاس لارنىڭ كەينى كەينىدىن توپ ئۇرشى نەتىجىسىدە ئۆز مەيدانىدا 1 - 3 يېڭىلدى.




مادرىد سەپ شەكلى:  4 - 2 - 3 - 1
كاسىللاس، كونتىراۋ، راموس، پې پې، مارسىلو، لاس دىيالا (63 - مىنوتتا قەدىرا)، ئالونسو، دىمارىيا (68 - مىنوتتا يىگۇايىن)، ئۆزىل (58 - مىنوتتا كاكا) ،  رونالدو، بېنزىما


بارسلونا سەپ شەكلى: 4 - 3 - 3
بالدىس، ئالۋىس، ېېك، پۇيۇل، ئابىدال، شاۋى، بوسكاس، ئىنىستا (89- مىنوتتا پىدىرو)، مېسسى، فابرىگاس (79- مىنوتتا كەيتا)، سانچىس (84 - مىنوتتا ۋىللا)


مۇسابىقە جەۋھىرى:
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-12-11 07:11:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:ئىسپانىيە 16- ئايلانما  خەۋەر دېربى

بارسېلونا مەستانىلىرىنى تەبرىكلەيمەن ، مادرىدنىڭ تولۇقلاشقا تېگىشلىك جايلىرى خېلى كۆپكەن ،مادرىد ئالدىنقى مەيدان جۇڭگو گۇمپىسى
بىلەن خېلى بىر ئىش قىلىپ باقتى ، لاس دىيارا مېسسىنى خېلى ياخشى مۇداپىيە قىلدى ، مادرىدنىڭ پاستا كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرى بەك كۆپ ، ئىشقىلىپ مادرىد ئارقىدا قالسىلا چوقۇم ئۇتتۇرىدىكەن ، پۈتۈن كوماندىنىڭ كەيپىياتى بىراقلا چۈشۈپ كەتتى .

مۇشۇ رونالدونى كۈزىتىپ باقسام بولۇپمۇ مۇشۇ بارسا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە توپ ئۇرۇش ئىستىكى ئالاھىدە يۇقىرىكەن ، يۇقىرى تۇرۇپ ئازراق پۇرسەت بولسىلا توپنى تەپسەملا بولدى دەپ قارامدۇ ئىشقىلىپ بىسىم بىلەن كۈچەپ تېپىپ باقىدىكەن ، تەپكەن توپى يابىر يانغىراق ماڭمايدىكەن ، پاس بېرىدىغان يەردە بەرمەي تېپىپ بېقىپ ، تېپىدىغان يەردە پاس بېرىپ يۈردى ، قارىسا شەخسىي تېخنىكىسى مېسسىدىن يۇقىرىدەك بىراق ئىشۇ مېسسىدەك توپنى ئوڭغا سولغا ھەيدەپلا ئالداشنى بىلىدىغان ئادەم مادرىدنىڭ بېكلىرىنى ھاسىرىتىپ يۈردى ، لېكىن ما رونالدو شۇ سۈرئەت بىلەنلا ئۆتىمەن دەپ ئۈنىمى يوق.............
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-12-11 07:11:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇخلىماي ئولتاغانغا چۇشلۇق ئىش بولمىدى !!!
شۇنداق بىر ياخشى باشلنىش بولۇپ تۇرۇقلۇقمۇ ...ھەي ....شۇنداق ياخشى پۇرسەتلەرنى قولدىن بىرىپ قويدى ،دىمالىيا بەك ياخشى ئوينىغان لىكىن  مارىسلۇ دىگەن بالىغا نىمە دىسەك بولا ، 2-توپقىغۇ ئامال يوق ،3-توپتا ئارۋىسنىڭ يىنىدىكى مارىسلۇ قىنى !!؟؟ ھەي ...مادىرىت ، مۇداپىيەدە يەنىلا يوچۇق كۆپكەن !!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-12-11 07:12:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارسانىڭ ئوينىشىغا يانا ئۇنى بۇنى دىيىش ھاجاتسىزكەن .... شۇنداق ماسلشىپ ئوينىدى ... ئېنىستا مادىرىدنى ۋەيران قىلىۋەتتىغۇ ... لاسنىڭ چۈشىشى باسانى تېخمۇ ئالدىغا چىقىرۋەتتى ...


ئارۋىس پاس دىگەننى دەل جايىغا تاشلاپ قويدى ... مىنىڭچە راموس بولغان بولسا بەلكىم فابىرىگاس ئۇرامايتى

بارسادىن ئىپادىسى ئەڭ ياخشىسى دەل پۇيول
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-12-11 07:13:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەپ مورىنئۇدائەمەس،،،بارسانڭ ئادەملىرى ھەقىقەتەن كۈچلۈك،،،

بارسا ھەقىقەتەن كولىكتىپسمان كۇماندىكەن،،،،11ئادىمى ئۈز-ئارا تولوق ماسلىشالايدىكەن،،،

مادىرىتنڭ ئولار ئۈستدىن غالىپ كىلىشى ھەقىقەتەن تەس،،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-12-11 07:13:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارسا غالىپ،،،،ئۇزغۇنلۇقتا مىلەن چوقۇم ياساپ قۇيدۇ بارسانى،،،،جەڭ تېخى ئالدىمىزدا،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-12-11 07:13:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادىرىت ھالى شۇكەنغۇ  ئۇخلىماي كۇرگەنگە تۇشلۇق ئىش  بۇلمىدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-12-11 07:14:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادىرىت بارسانى كۆرسە بەك تىترەپ كېتەمدۇ ياكى بارسا مادىرىتنى كۆرسە بەك كۈچلىنىپ كېتەمدۇ ؟ ئالدىغا ئۇچرىغان كوماندىنىڭ ھەممىسىنى سۈپۈرۈپ ماڭغان مادىرىتنىڭ بۈگۈنكى ھالىغا ۋاي ، بېنزېمانىڭ كىرگەن توپىدىن باشقا كاكانىڭ بىرلا خەتەرلىك توپىنى كۆردۈم ،ئۇششاق رونالدو مەيدانغا چۈشمىدىما ؟

مورىنخو دەۋرىدىكى مادىرىت گۇادىئولا دەۋرىدىكى بارسانى بېشىنى يەرگە ئۇرسىمۇ ئۇتالمىغۇدەك !~~!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-12-11 07:14:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:ئىسپانىيە 16- ئايلانما  خەۋەر دېربى

ئۇخلىماي ئولتاغانغا چۇشلۇق ئىش بولمىدى      
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-12-11 07:15:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:ئىسپانىيە 16- ئايلانما  خەۋەر دېربى

1. مۇسابىقىنى كۆردۇق ھەققىقى دۈشمەن ئۇلار بولسىمۇ سوقاشماي ياخشى ئويناپ تۈگىدى، مۇنبەردىكى ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمىز ئۇلارنى دەپ بىر بىرىمىز بىلەن ئاداۋەت بولۇپ قالمىسۇن.

2.گەرچە مەن مادرىت مەستانىسى بولساممۇ بارسېلونانىڭ ئۇتقىنىنى تەبرىكلەيمەن.
3. ئەگەر بارسا مەستانلىرى سەل ئىشىپ كەتسە، ھېچ ۋەقەسى يوق ، ئۆزىنىڭ شورى بىزمۇ 3 نۇمۇر ئالدىدا.

    
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
apandem بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2011-12-11 07:15:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-12-11 07:15:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك _بەك   ھالال ئۇتتۇرۇش ،بولدى ،ئاۋۋال توپ كىرگۈزۈۋىلىپ خۇدىنى بىلمىسە ئەشۇنداق يەر چىشلەيدىغان گەپ ،ئۇرغان توپتا تەلەي ئامىلى بولماي ، پاكىز كىرگەن بولسا ،قانداق ئويناپ كىتەتتىكەن تاڭ ،،  
رونالدو دىگەن ئاداش تىپىپ باقتى باشتا ، توپنى ئىسراپ قىلىپ ، كىيىن قۇسقىمنى كەلتۈرۈپ ،دىيالا مۇ چەكلەنگەن رايون بىلەن ئوتتۇرا مەيدان ئارىلىقىدىن پۇتىغا تپ چۈشسە 1ھەيدىۋىتىپ ۋاراتاغا تىپىۋاتىدۇ ،ئۇزۇن پاس  بولغان بولسا نىمە دەي ،
شۇنىڭ بىلەن مانا ئەمسە دەپ 2.توپنى يىدى ،2.توپ پۈتۈنلەي راموستىن كەتتى ،مىسسى 2ئادەمنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرۋاتسا كەينىگە يانماي ،نىمىگە يەنە ئالدىغا چىقىۋالىدۇ ،پې پې يۈگرەپ باقتى يەنىلا    [s:68
2.توپنى يەپلا يەنە سەل تەشكىللىنىپ ئوينىسا ھىچ بولمىسا تەڭلىشىتى ،ئۇتىشىمۇ يوق ئەمەستى ،لىكىن ھاياجىنىنى باسالماي قىلىپ ،3.توپنىمۇ يىۋالدى ،شۇنىڭ مانا ئەمسە تاز بوساڭ گەدەنگىچە بول دەپ ،قاراملىق بىلەن ئويناشقا باشلىدى ،نىمە پايدىسى ؟؟؟
ئاخشامقى ئۇتتۇرۇشتىكىى ئەڭ چوڭ سەۋەبكار رونالدو ،كىرىش نىسپىتى 65%يۇقۇرى بولغان توپتىن 2.نى يۈزىنى پولادەك قىلىپ كەتكۈزىۋەتتى ،كۆتىرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال دەپ ،2.مەيداندا مانا ئەمىسە ،دەپ ۋاراتاغا تەپسە بولدىغان توپنى پاس بىرىپ بۇزدى ، ئۇنىڭ قىلچىلىك مەيداندا ئالاھىدە رولى تىخىمۇ بولمىدى ،ھەمدە ئالدى مەيداندا توپ كونتىرول قىپ ئەكىرىپ چىرايلىق بىرە قىتىملىق تەشكىللەنگەن ھۇجۇم ئاساسەن يوق دىيەرلىك ،   



ئاخشام كوماندىنىڭ يۈزىنى سەل ساقلشقا سەۋەبچى بولغانلار   پې پې ،بىلەن كاسىللاس ، 
  ئۇنىڭ ئۈستىگە تىرنېرمۇ ئادەم تازا توغرا ئالماشتۇرمىدى ،ئەسلىدە ئۆزىلگە ھىگۇايىن چۈشۈپ ،دىمارىيا چۈشۈپ كەتمەسلىكى كىرەكتى ، ھەم كاكادىنمۇ بەك چوڭ ئۈمىد كۈتكەن ئىدى ئەپسۇس ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان بولمىدى ،قەدىرا چىققاندا ،مىسسىنىڭ ئامراق ئادىمى چىقتى دەپ ئويلىۋىدىم راس دىگەندەكلا قەدىرادىن قىينالمايلا ئۆتۈپ ،ئارۋىسقا پاس بىرىپ 3.توپنىڭ كىرىشىگە سەۋەب بولدى ،ئىسىت شاھىن  نىڭ مۇداپىئەسى ھەر ھالدا لاسقا ئوخشىشىپ كىتىتى..شاھىن چىقمىدى ..







شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاخشام بارسېلونا ،يەنىلا ئۆزىنىڭ ھەيۋىسىنى قايتا نامايەن قىلدى ،قانداق نامايەن قىلدى؟ ئەلۋەتتە ،
ئۆزلىرى بىلەن ھۇجۇمغا ھۇجۇم ئويناپ قاپ يۈرەكلىك قىلغان كوماندىلار نىڭ ھامىنى يەر چىشلەپ قالدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ،بارسېلونانى يىڭىشنى خىيال قىلىۋاتقانلارنى قايتا بىر ئويغىتىپ قويدى ......  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-28 09:01

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش