ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 201 |
تۆھپىسى: سەر |
|

پەرھات بىشىكتاش كۇلۇبى ئالدىدا

پەرھاتنىڭ لۇنىڭ كوماندىسدىكى ۋاقتى
سوخو تەنتەربىيىسى خەۋىرى،جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول كۇلۇبلىرى بىرلەشمىسىدىكى شەنشى چەنبا كۇلۇبى تۈنۈگۈندىن باشلاپ كۇنمىڭدىكى خەيگېن مەشىق بازىسىغا يىغىلىپ،قىشلىق مەشىقنى باشلىدى.شىنجاڭلىق توپ مەستانىلىرىنى خۇشال قىلىدىغىنى شىنجاڭلىق ئۇيغۇر توپچى پەرھاتمۇ كوماندا بىلەن بىرلىكتە مەشىققە قاتناشتى.
لۇنىڭ پۇتبول مەكتىپىدىن چىققان بۇ ئەزىمىتىمىز بىر نەچچە يىللاردىن بىرى ئىزچىل لۇنىڭ تەييارلىق كوماندىسىدا توپ ئويناپ كەلگەن.بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا تۈركىيىدىكى زەردار كۈلۈپ بىشىكتاش كۇلۇبىنىڭ تەييارلىق كوماندىسىدا مەشىق قىلغان ۋە مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان.تۈنۈگۈن سوخو تەنتەربىيىسىنىڭ مۇخبىرى پەرھاتنى زىيارەت قىلغان بولۇپ،زىيارەت ئەھۋالىنى شىنجاڭلىق مەستانىلەر بىلەن ئورتاقلىشايلى دېگەن مەقسەتتە بۇ يەردە ئېلان قىلدۇق.
سوخو تەنتەربىيىسى مۇخبىرى:نېمە ئۈچۈن شەنشى كوماندىسىنى تاللاپ قالدىڭىز؟
پەرھات:بۇ ئاساسەن گاۋ خوڭپو(ئىلگىرىكى دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرى) نىڭ تەكلىپ قىلىشىدىن بولدى،بۇنىڭدىن ئىلگىرى لۇنىڭ تەييارلىق كوماندىسىدىكى ۋاقتىمدا كوماندىمىزنىڭ تېرىنىرى ماۋ سۇشىڭ مېنى ئۇنىڭغا تونۇشتۇرغان،بۇ قېتىم گاۋ تېرىنىرنىڭ تەكلىپى بىلەن شەنشى كوماندىسىغا كەلدىم.
سوخو تەنتەربىيىسى مۇخبىرى:گاۋ تېرىنىر بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچراشقاندىكى ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بېرەمسىز؟
پەرھات: بۇ ناھايىتى بۇرۇنقى ئىشلار،2001-يىلى 12 ياش ۋاقتىمدا لۇنىڭ پۇتبول مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا گاۋ تېرىنىر بىزنىڭ مۇسابىقىمىزنى كۆرگىلى بېرىپتىكەن،شۇ چاغدىكى بىزنىڭ كوماندا تېرىنىرى مېنى گاۋ تېرىنىرغا تونۇشتۇرغان،گاۋ تېرىنىر شۇ چاغدا بىزگە كۆپ ئىلھام بېرىدىغان سۆزلەرنى قىلغان.
سوخو تەنتەربىيىسى مۇخبىرى: بۇ قېتىم شەنشى كوماندىسىغا سىناق مەشىققە كېلىشتىكى نىشانىڭىز نېمە؟
پەرھات:بۇ يەرگە كېلىشتىن ئىلگىرى ماۋ تېرىنىر ماڭا شەنشى كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا ئالدى مەيداندا توپچى كەمچىللىكىنى،بۇنىڭ مەن ئوينايدىغان ئالدى بەل ئورنىغا بەك ماس كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى،شۇڭا ئۈزۈمنى سىناپ باققىلى كەلدىم.كوماندىغا ئەگىشىپ مەشىق قىلىپ ئۆز ئىقتىدارىمنى ئۆستۈرۈش ئويۇم بار.
سوخو تەنتەربىيىسى مۇخبىرى:ھازىر جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە مېر ئەخمەتجان،بارى قاتارلىق توپچىلار دەسلەپكى قەدەمدە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى،سىز ئۇلارغا سېلىشتۇرغاندا ئارتۇقچىلىقىم بار دەپ قارامسىز؟
پەرھات:ئەمەلىيەتتە ئۇلار دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىدە بۇرۇنراق توپ تەپتى،مەن بولسام لۇنىڭ كوماندىسىدا بىرىنچى سەپ كوماندىسىغا تاللىنالمىغاندىن كىيىن،چەتئەلگە چىقىشنى تاللىدىم،ئۇلار بولسا دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىدە توپ ئوينىدى.مېر ئەخمەتجان مېنى ئاكا دەپ چاقىرىدۇ،بارىمۇ مىنىڭ يېقىن دوستۇم.
سوخو تەنتەربىيىسى مۇخبىرى:بارىنىڭ دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىدىكى ئىپادىسى قالتىس بولدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە مەيداندىكى ئورنۇڭلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ،ئىككىڭلارنى سېلىشتۇرۇپ باقامسىز؟
پەرھات:بىز بىرلىكتە توپ ئوينىغان ۋاقىتلاردا ئۇلاردىن ناچار ئەمەس ئىدىم،گاھى چاغلاردا ئۇلاردىن ئۈستۈن تۇراتتىم.
سوخو تەنتەربىيىسى مۇخبىرى:لۇنىڭ پۇتبول مەكتىپىدە توغرىسىدا پاراڭلىشىپ باقساق.ئۇ يەردە دوستلىرىڭىز بارمۇ؟
پەرھات: شۇنداق،لۇنىڭ پۇتبول مەكتىپىدە تونۇش بىلىشلىرىم كۆپ،ھازىرقى دۆلەت ياشلار كوماندىسىدىكى ئۆتكۈر بىلەنمۇ ياخشى دوست،ئۇ مەندىن كىچىك،يەنە جىڭجىي،بىز بىللە توپ ئوينايتتۇق،بىر قېتىملىق مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر كوماندىسىدا بىز چېمپىيون بولغان،شۇ ۋاقىتتا مەن ئەڭ ياخشى ھۇجۇمچى بولۇپ باھالانغان.شۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە مەن ئۇرغان 5 توپنىڭ ھەممىسىنى جىڭ جىي ماڭا پاس بەرگەن.
سوخو تەنتەربىيىسى مۇخبىرى:تۈركىيىدىكى ئەھۋالىڭىزنى سۆزلەپ باقامسىز،بىشىكتاش كۇلۇبىمۇ جۇڭگو توپ مەستانىلىرىگە ناتونۇش ئەمەس.
پەرھات: مەن دەسلەپتە بىشىكتاشنىڭ ياشلار كوماندىسىدا تۇردۇم،كىيىن ئىپادەم ياخشى بولغاچقا،تەييارلىق كوماندىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقىلىرىگە قاتناشتىم.بىراق بىرىنچى كوماندىغا ئۆرلەشكە ئىمكان بولمىدى،ئۇ يەردە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندىم،بىراق مەن بارغاندىن كىيىن تۈركىيە پۇتبولىنى چېكىنىپ كەتكەندەك ھېس قىلدىم.
پەرھاتنىڭ كىچىك ئارخىپى:
1989-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان.
مەيداندىكى ئورنى: ئالدى بەل
بوي ئېگىزلىكى:1.75 مېتىر
ئېغىرلىقى:70 كىلوگرام
2004-يىلى 10-ئايدا مەملىكەتلىك 15 ياشلىقلار بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان.2005-يىلى 10-ئايدا مەملىكەتلىك 17 ياشلىقلار بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن.
ئالاھىدىلىكى:بەدەن سۈپىتى ياخشى،ۋارتار ئالدىدىكى ئۇرۇن تالىشىشى ياخشى.
ھۇررا !!!
مەنبە:http://nur.cn/html/news/42657.shtml |
|