پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 4937|ئىنكاس: 51

ياۋروپادىكى بەش يۇلتۇزلۇق پۇتبول مەيدانلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئالغا مادرىد !

94

تېما

5

دوست

5000

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8971
يازمىسى: 5000
نادىر تېما: 5
ياۋرۇ: 119300
تۆھپە: 865
ۋاقتى: 1767
h
ھالەت

ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئۆمۈرلۈك شەرەپ مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-1 06:48:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ياۋروپا قىتئەسى نۆۋەتتە پۇتبول قىزغىنلىقى ئەڭ يۇقىرى ، پۇتبول كۇلۇبلىرىنىڭ سانى ئەڭ كۆپ ، تارقىلىشى ئەڭ كەڭ ، پۇتبول مەيدانلىرى ئەڭ ھەشەمەتلىك، داڭلىق چولپانلار ئەڭ كۆپ يىغىلغان بىر رايۇن .  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياۋروپادا پۇتبول مەيدانلىرىمۇ يۇلتۇز دەرىجىسىگە ئايرىلدىغان بولۇپ تۆۋەندە مەن ياۋروپادىكى ئەڭ داڭلىق ۋە ھەشەمەتلىك سېلىنغان  بارلىق بەش يۇلتۇزلۇق پۇتبول مەيدانلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن . تونۇشتۇرۇشتىن بۇرۇن  قانداق مەيدانلار بەش يۇلتۇزلۇق مەيدانلار قاتارىغا كىرىدۇ ، يۇلتۇز دەرىجىسىگە ئايرىشنىڭ ئۆلچىمى قانداق مۇشۇ توغرىسىدا بىر چۈشەنچە بىرىپ ئۆتەي .
ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ۋە ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى پەقەت بەش يۇلتۇزلۇق پۇتبول مەيدانلىرىدىلا ئۆتكۈزۈزۈشكە بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.  
ئەمدى بەش يۇلتۇزلۇق پۇتبول مەيدانى ئاتىلىشنىڭ ئۆلچىمى بولسا :

1. چوقۇم 50مىڭ كىشىلىكتىن يۇقىرى ئورۇندۇق تەسىس قىلىنغان بولۇشى ۋە 50مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىن بىمالال مۇسابىقە كۆرەلەيدىغان مەيدان بولىشى كېرەك . 30مىڭدىن كۆپ 50مىڭدىن ئاز تاماشىبىن سىغىدىغان مەيدانلار تۆت يۇلتۇزلۇق مەيدانلار دەپ ئاتىلىدۇ.
2. مەيداندىكى ئۇرۇندۇقلارنىڭ يۆلىنىدىغان يۆلەنچۈگى بولغان بولۇش ( قىززىق بەلگىلىمىكەن ماۋۇ )
3.  مۇسابىقە ئوينىلىدىغان چىملىق مەيداننىڭ ئۇزۇنلىقى 105 مىتىر ، كەڭلىكى 68 مىتىردىن كىچىك بولماسلىق .
4. مەيداننىڭ ئىككى يان سىزىقى بىلەن تاماشىبىنلار ئولتۇرغان ئورۇننىڭ ئارلىقى 6مىتىر ، ئىككى ۋارتار بىلەن ۋارتار ئارقىسىدىكى تاماشىبىنلارنىڭ ئارلىقى 7.5مىتىر ئەتراپىدا بولىشى كېرەك .
5.  پۇتبول مەيدانىدىكى چىمنىڭ تۆت ئەتراپىدا ئېگىز دائىرىدە توسۇلغان رىشاتكا بولمىغان بولۇش .
6.  پۇتبول مەيدانىدا رېپىرلار ۋە ئىككى كوماندىنىڭ ئۆلچەملىك كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيى بولۇش ھەمدە ئىككى كوماندىنىڭ كىيىم ئالماشتۇردىغان ئۆيىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى ، يۇرۇقلۇق دەرىجىسى ،ئەسلىھەلىرى ۋە باشقا مۇھىتلىرى تامامەن ئوخشاش بولغان بولۇش .
7. رېپىرلارۋە پۇتبولچىلار كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدىن مەيدانغا بىۋاستە چىقالايدىغان ۋە قايتالايدىغان مەخسۇس ياسالغان يول بولۇش.
8.  چەكلەنگەن دورىلارنى تەكشۈردىغان مەخسۇس تەجرىبىخانىسى بولۇش.
9. مەيداندىكى چىرىقلارنىڭ مەيداندىكى ئاساسى سىن ئېلىش ئاپاراتى تەرەپكە چۈشكەن يۇرۇتۇش دەرىجىسى 1400 لېكىس (  يۇرۇقلۇق مەنبەسىدىن 1 مىتىر ئارلىقتا بولغان ئورۇننىڭ قۇبۇل قىلغان يۇرۇقلۇق مىقدارىنى ئۆلچەيدىغان بىرلىككەن ) مەيدان ئىچىگە يەنى چىملىققا چۈشكەن يۇرۇقلۇق 1000لېكىستىن چوڭ بولماسلىقى كېرەك .
10.  مەيدان ئىچىدىكى ۋە سىرتىدىكى تاماشىبىنلارغا مۇسابىقىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى نەق مەيداندىن تەپسىلى، ئۆلچەملىك، ئېنىق ، ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىدىغان  ئىلغار بولغان تارقىتىش ئۈسكۈنلىرى بولىشى كېرەك .
11. مەيداننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا مەڭگۈلۈك ئورنىتىلغان رەڭلىك تېلىۋىزىيە ئىكرانلىرى تەسىس قىلىنغان بولىشى كېرەك .
12. مەيداندا ئىلغار بولغان بىخەتەرلىك كونتىرول مەركىزى بولىشى كېرەك ھەمدە ساقچى، ئۆت ئۆچۈرۈش خادىملىرى، ۋە باشقا قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى بىلەن بولغان ئارلىقى يېقىن ۋە تىز سۈرئەتتە ئۆز -ئارا ئالاقىلىشالايدىغان بولۇشى كېرەك .
13. مەيدان ئىچى -سىرتىدا خەلىقئارادا ئورتاق قوللىنىلىدىغان يول بەلگىلىرى ۋە باشقا مۇھىم بەلگىلەر چاپلانغان بولىشى كېرەك .
14. تاماشىبىنلار رايونى ئەڭ ئاز بولغاندا ئىككى بۆلەككە ئايرىلغان بولىشى ،ھەربىر بۆلەكتە ئاز بولغاندا 50 ئورۇن مىيىپلارغا ۋە ئۇلارنىڭ قارىغۇچىسىغا تەسىس قىلىنغان بولىشى ، ھەمدە ھەر بىر بۆلەكتە مۇكەممەل بولغان تازلىق ئەسلىھەلىرى بولىشى كېرەك.
15.  ئاخبارات ۋاستىلىرى ،مۇخبىرلار ، فوتوگىرافلار ، تېلىۋىزىيەدىن بىۋاستە تارقىتىش خادىملىرىنىڭ يىتەرلىك ۋە قولايلىق ئورنى بۇلىشى كېرەك .
16. مۇقىم ۋە ئازادە ،بىخەتەر بولغان ئەزىز مېھمانلار ئورنى بولىشى ۋە 400دىن ئارتۇق ئەزىز مىھماننى ئەڭ ياخشى مۇسابىقە كۆرۈش ئورنى بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان بولىشى ، مەيداننىڭ يېقىن ئەتراپىدا ياقا -يۇرتلاردىن مۇسابىقە كۆرگىلى كەلگەن مەستانىلەرنى توللۇق رازى قىلالايدىغان مېھمان-سارايلار بولغان بولىشى كېرەك.
17. مەيدان جايلاشقان رايۇندا ئايرۇپىلانلار كىچە-كۈندۈز قاتنايدىغان چوڭ تىپتىكى ئايرۇدۇرۇم بولىشى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە مەزگىلىدە ئايرىدۇرۇمدا كۈنىگە 80نۆۋەتچى ئايرۇپىلان قاتناشقا كاپالەتلىك قىلالايدىغان بولىشى كېرەك .
18. مەيدان جايلاشقان رايۇندىكى مېھمان-سارايلار  500دىن 1000غىچە بولغان بەش يۇلتۇزلۇق ياتاقلارنى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە مەزگىلىدە تەنھەركەتچىلەرگە ۋە ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبىرى خادىملىرىغا تەييارلاپ بىرەلەيدىغان بولىشى كېرەك.

يۇقىردىكى رەسىم بولسا ياۋروپا قىتئەسىدىكى بەش يۇلتۇزلۇقۋە تۆت يۇلتۇزلۇق پۇتبول مەيدانلىرىنىڭ جايلاشقان ئورنى بولۇپ ، قىزىل رەڭدىكىسى بولسا بەش يۇلتۇزلۇق مەيدانلارنى، كۆك رەڭدىكىسى بولسا تۆت يۇلتۇزلۇق مەيدانلارنى كۆرسىتىدۇ.

ئەمدى ياۋروپادىكى بارلىق بەش يۇلتۇزلۇق پۇتبول مەيدانلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى :

1. خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ بېرنابۇ پۇتبول مەيدانى .
بېرنابۇ پۇتبول مەيدانى ئىسپانىيەنىڭ مادرىد شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ 80مىڭ تاماشىبىن بىمالال سىغىدۇ.   1944-يىلى 7-ئايدامادرىدنىڭ سابىق رەئىسى بېرنابۇ ئەپەندى 2مىليۇن (ئەينى ۋاقىتتىكى ئىسپانىيە پۇلى) سەرىپ قىلىپ يېڭى پۇتبول مەيدانى ياساپ چىقماقچى بولغان لىكىن كىيىن مەبلەغ يىتىشمىگەنلىكتىن ئاشكارا مەبلەغ سالغۇچى تەكلىپ قىلغان. ھەمدە قۇرۇلۇشقا يىتەرلىك مەبلەغنى توپلاپ چىققان.
3يىلدىن كىيىن بۇ ئۇلۇغ قۇرۇلۇش ئاخىرى پۈتكەن، ھەمدە 37مىليۇن مەبلەغ كەتكەن.  1954-يىلغا كەلگەندە ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى كۈرۈش سۇپىسى سېلىنغان. شۇ يىلى بۇ مەيداننىڭ ئىسمى بېرنابۇ دەپ ئاتالغان.  
1982-يىلى دۇنيا لوڭقىسى مۇناسىۋىتى بىلەن بېرنابۇ مەيدانى يەنە بىر قېتىم چوڭ دائىرىدە ئۆزگەرتىلگەن. مەيدان ئۆگزىسىنىڭ 4تىن 3قىسمى يېپىپ 90مىڭ كىشىلىك قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.  1992-يىلىغا كەلگەندە مەيداننىڭ 4-قەۋىتىمۇ سېلىنىپ تېخىمۇ ئېگىزلىتىلگەن.    فىلوروندىنو دەۋرىگە كەلگەندە 100مىليۇن ياۋرو مەبلەغ سېلىنىپ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆزگەرتىپ رىمونىت قىلىنغان.
                                                                                                     

2. مىلان ۋە ئېنتىر كۇلۇبىنىڭ: سانسىرو(مىلاننىڭ)\ مىئاززا (ئېنتىرنىڭ) پۇتبول مەيدانى.
بۇ مەيدان ئىتالىيەنىڭ مىلان شەھىرىگە جايلاشقان ، 1925-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى  ياسالغان بولۇپ 35مىڭ تاماشىبىن سىغىدىغان قىلىپ لاھىيەلەنگەن. 5مىليۇن لىرا مەبلەغ كەتكەن. 1935-يىلى مىلان كۇلۇبى مەيداننى شۇ يەرلىك ھۆكۈمەتكە سېتىۋەتكەن.  شۇنىڭدىن كىيىن ھۆكۈمەت بۇ مەيداننىڭ 2-قەۋىتىنى ياساپ چىققان.  تاماشىبىن سانىمۇ 60مىڭغا كۆپەيگەن.  1990-يىلى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆزگەرتىلىش ئارقىلىق 3-قەۋىتىمۇ ياساپ چىقىلغان ھەمدە 82مىڭ 955ئادەم سىغىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.  


                                                                                                                                                  


3.  بارسىلونا كۇلۇبىنىڭ نوكامپۇ پۇتبول مەيدانى .
بۇ مەيدان ئىسپانىيەنىڭ بارسىلونا شەھىرىگە جايلاشقان ،  1957-يىلى ياسالغان بولۇپ 1998-يىلى قايتا رىمونىت قىلىنغان. جەمئىي 98مىڭ تاماشىبىن سىغىدۇ.  ئېگىزلىكى 48مىتىر،  يەر كۆلىمى 55مىڭ كۇۋادرات مىتىر،

                                                                                                                                                                   


4. مانچىستىر بىرلەشمە كۇلۇبىنىڭ كونا تىرانفورت مەيدانى.
بۇ مەيدان ئەنگىليەنىڭ مانچىستىر شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ.  76مىڭ 200ئادەم سىغىدۇ. 1910-يىلى ياسالغان بولۇپ 2000-يىلى قايتا رىمونىت قىلىنغان. 2006-يىلى مەيداننىڭ شەرقى شىمال بىلەن غەربىي شىمال تەرىپى چوڭ كۆلەمدە كېڭەيتىلگەن ۋە بۇرۇنقى 68مىڭ كىشىدىن 76مىڭ كىشىلىككە كۆپەيتىلگەن.  
                                                                                                                                                                            

5. بايرىن مىيۇنخىن كۇلۇبىنىڭ ئارىيان پۇتبول مەيدانى .
ئارىيان پۇتبول مەيدانى 2005-يىلى ياسالغان بولۇپ . جەمئىي 69مىڭ تاماشىبىن سىغىدۇ.  گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخىن شەھىرىگە جايلاشقان.
بۇمەيداننى سېلىشقا 280مىليۇن ياۋرو مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ ، 2006-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى مۇشۇ مەيداندا ئۆتكۈزگەن . 2002-يىلى 10-ئايدا بايرىن رەئىسى بېككىنبور يېڭى مەيداننىڭ ئۇل سېلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن . 2005-يىلى 4-ئايدا رەسمىي پۇتكەن.



6. ئارسىنال كۇلۇبىنىڭ خەلىپە پۇتبول مەيدانى.
ئارسىنالنىڭ بۇ مەيدانى 2006-يىلى سېلىنغان بولۇپ ، 60مىڭ 432ئادەم سىغىدۇ.


7. مادرىد رىقابەتنىڭ كالدېرون مەيدانى.
بۇ مەيدان ئىسپانىيەنىڭ مادرىد شەھىرىگە جايلاشقان. 54مىڭ 500ئادەم سىغىدۇ. 1966-يىلى قۇرۇلغان.


8. شارىك 04 نىڭ ۋېلتىنىس مەيدانى .
بۇ مەيدان 2001-يىلى ياسالغان بولۇپ 53مىڭ 994ئادەم سىغىدۇ.



9. فەنەر باغچە كۇلۇبىنىڭ مەيدانى .
بۇ مەيدان تۈركىيەنىڭ ئىستانبول شەھىرىگە جايلاشقان. 2005-يىلى ياسالغان ، 52مىڭ 500ئادەم سىغىدۇ.


10. بېنفىكا كۇلۇبىنىڭ لۇز پۇتبول مەيدانى
بۇ مەيدان پورتىگالىيەنىڭ لىسسىبون شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ ، 1954-ياسالغان ،2003-يىلى قايتا رىمونت قىلىنغان.  جەمئىي 65مىڭ 647ئادەم سىغىدۇ.



11. فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ پۇتبول مەيدانى.
79مىڭ 782ئادەم سىغىدىغان بولۇپ ،  1998-يىلى سېلىنغان.  فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىگە جايلاشقان .



12. ۋىنبولى پۇتبول مەيدانى
بۇ مەيدان 1927-يىلى سېلىنغان بولۇپ 2007-يىلى قايتا سېلىنغان . ئېنگىلانىد دۆلەت كوماندىسىنىڭ مەيدان .  ئەنگىلىيەنىڭ لوندون شەھىرىگە جايلاشقان .  90مىڭ ئادەم سىغىدۇ.  



13. دورتمونىد كۇلۇبىنىڭ مەيدانى .
گېرمانىيەنىڭ دورتمونىد شەھىرىگە جايلاشقان،  1972-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ ، 2006-يىلى قايتا رىمونىت قىلىنغان. 67مىڭ ئادەم سىغىدۇ.


  
14. سېۋىللا كۇلۇبىنىڭ مەيدانى .
بۇمەيدان ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭمۇ مەيدانى بولۇپ ،  57مىڭ 631 ئادەم سىغىدۇ. 1997-يىلى ياسالغان.



15. رىم ئولىمپىك پۇتبول مەيدانى
بۇ مەيدان ئىتالىيەدىكى رىم كۇلۇبى بىلەن لازىئو كۇلۇبىنىڭ مەيدانى بولۇپ ، 82مىڭ ئادەم سىغىدۇ.  1952-يىلى ياسالغان .



16. ئىسپانىيەلىكلەر كۇلۇبىنىڭ مەيدانى
بۇ مەيدان ئىسپانىيەنىڭ بارسىلونا شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ ، 56مىڭ ئادەم سىغىدۇ. 1927-يىلى سېلىنغان، 1992-يىلى قايتا رىمونىت قىلىنغان.



17. موسكىۋا سىپارتاك كۇلۇبىنىڭ مەيدانى
جايلاشقان ئورنى روسسىيەنىڭ موسكىۋا شەھىرى. 84مىڭ ئادەم سىغىدۇ.  1956-يىلى ياسالغان، 1997-يىلى قايتا رىمونىت قىلىنغان.


18. بىرلىن ھىتا كۇلۇبىنىڭ مەيدانى
بۇ مەيدان گېرمانىيىنىڭ بېرلىن شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ ، 75مىڭ ئادەم سىغىدۇ.  1936-يىلى ياسالغان، 2004-يىلى قايتىدىن ئۆزگەرتىلگەن.


19. ئافىنا ئولىمپىك مەيدانى
بۇ مەيدان گىرىتسىيەنىڭ ئافىنا شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ ، 72مىڭ ئادەم سىغىدۇ. 1982-يىلى ياسالغان بولۇپ 2004-يىلى قايتا رىمونىت قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.



20. مىل لېنيوم مەيدانى
ۋىلىش ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ مەيدانى بولۇپ ، 72مىڭ 500ئادەم سىغىدۇ، 1999-يىلى ياسالغان.  



21. ئالۋالادې پۇتبول مەيدانى
بۇ مەيدان لىسبون رىقابەت كۇلۇبىنىڭ مەيدانى بولۇپ ، پورتىگالىيەنىڭ لىسبون شەھىرىگە جايلاشقان. 50مىڭ ئادەم سىغىدۇ. 1956-يىلى ياسالغان، 2003-يىلى قايتىدىن ئۆزگەرتىلگەن.



22. سەرگەردانلار كۇلۇبىنىڭ مەيدانى
بۇ مەيدانغا 50مىڭ 500ئادەم سىغىدۇ . 1991-يىلى ياسالغان.



23. ھامبۇرگ كۇلۇبىنىڭ مەيدانى
بۇ مەيدان گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىگە جايلاشقان. 57مىڭ ئادەم سىغىدۇ. 1953-يىلى ياسالغان، 2006-يىلى قايتا ئۆزگەرتىپ سېلىنغان.


24. خەمپىدۇن مەيدانى
بۇ مەيدان ئايال پادىشاھ باغچە كۇلۇبىنىڭ مەيدانى بولۇپ ، 52مىڭ 54ئادەم سىغىدۇ. 2002-يىلى ياسالغان.



25. ئاۋىستىرىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ مەيدانى
بۇ مەيدان ئاۋىستىرىيىنىڭ ۋىنا شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ ، 53مىڭ ئادەم سىغىدۇ. 1986-يىلى ياسالغان.



26. پورتو كۇلۇبىنىڭ مەيدانى
بۇ مەيدان پورتىگالىيەنىڭ پورتو شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ ، 50مىڭ ئادەم سىغىدۇ، 2003-يىلى ياسالغان.



27. فېيجىنورد مەيدانى
بۇ مەيدان گوللاندىيەگە جايلاشقان بولۇپ ، 52مىڭ ئادەم سىغىدۇ، 1999-يىلى ياسالغان.



28. ئاتاتۈرۈك ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانى
بۇ مەيدان تۈركىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ مەيدانى بولۇپ ، ئىستانبولغا جايلاشقان، 80مىڭ ئادەم سىغىدۇ، 2001-يىلى ياسالغان.


29. ئامىستىردام مەيدانى
بۇ مەيدان ئاياكىس كۇلۇبىنىڭ مەيدانى بولۇپ، گوللاندىيىنىڭ ئامىستىردام شەھىرىگە جايلاشقان. 51مىڭ 620ئادەم سىغىدۇ. 1996-يىلى ياسالغان.



30. دېل ئالپى مەيدانى
بۇ مەيدان يۇۋىنتۇس كۇلۇبىنىڭ بۇرۇنقى مەيدانى بۇلۇپ ، ئىتالىيەنىڭ تۇرىن شەھىرىدە ، 67مىڭ 200ئادەم سىغىدۇ، 1990-يىلى ياسالغان.
ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ئوغلانى + 100 داۋاملىق  ..........
dilhux + 50 رەخمەت ~
گىلادىئاتور + 20 ياخشى تېما

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 170   باھا خاتىرىسى

كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ ؟

چېلسى، ئارسىنال

3

تېما

1

دوست

207

جۇغلانما

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  2597
يازمىسى: 152
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 10050000
تۆھپە: 150
ۋاقتى: 55
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-1 10:00:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا تۈرۈك ئولىمپىك مەيدانى پۇتبول مەيدانىمۇ يا ؟؟

慢摇吧 مۇ ؟؟؟   

ئامان بول قوماندان!

136

تېما

3

دوست

4453

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  6817
يازمىسى: 4453
نادىر تېما: 3
ياۋرۇ: 9250981
تۆھپە: 971
ۋاقتى: 1608
h
ھالەت

مانچىستىر لۈكچىكى يازما يوللاش ئۇستىسى مۇنبەر قىززىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-1 10:26:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەيرىن مىيۇنخىننىڭ ئارىيان، ئارسىنالنىڭ خەلىپە... تەھرىرلەپ قويۇڭ...


بەلەن تېما بوپتۇ مۇنۇ... بەلگىلىمىلەرگە قاراپ ھەيران قالدىم... مەيداننى سالغانغىلا ھىساپ ئەمەسكەن، ئەتراپىدىكى شەرت-شارائىتمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىكەن....
نادىرلاشقا تىگىشلىككەن...  

مادىرىت سەن بىر

155

تېما

0

دوست

2034

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9361
يازمىسى: 2034
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 10053647
تۆھپە: 99
ۋاقتى: 691
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-1 10:31:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبدان تېما بوپتۇ مەنمۇ مۇشۇ توغۇرلۇق بىر تېما يازماقچى ئىدىم ۋاقتىم چىقماي قالغانتتى ئىنتايىن ياخشى ئىش قىپسىز ئاپىرىن!

تۆمۈر دوسىت !

502

تېما

4

دوست

6000

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  132
يازمىسى: 6000
نادىر تېما: 32
ياۋرۇ: 58658
تۆھپە: 53147229
ۋاقتى: 858
h
ھالەت

ئالاھىدە تۆھپە تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-1 10:32:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ مەيدانلار پۇتبول ئويۇنلىرىدا بەك ھەيۋەتلىك چىقىدۇ ، بولۇپمۇ رىم ئولمىپىك مەيدانىدا توپ ئويناشقا مەن بەك ئامراق ..
تالىشە ، قاچانغىچە مۇشۇنداق بىر -بىرىسىڭنى قان قىلارسەن ؟؟

ئالغا مادرىد !

94

تېما

5

دوست

5000

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8971
يازمىسى: 5000
نادىر تېما: 5
ياۋرۇ: 119300
تۆھپە: 865
ۋاقتى: 1767
h
ھالەت

ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئۆمۈرلۈك شەرەپ مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-1 10:32:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى رونالدودە2011-12-01 10:00يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
ئاتا تۈرۈك ئولىمپىك مەيدانى پۇتبول مەيدانىمۇ يا ؟؟

慢摇吧 مۇ ؟؟؟   
ماتىرىياللاردىكى ئىسمى ئاشۇنداقكەن ..  شۇڭا  شۇنداق دەپ ئالغان  
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ ؟

ئالغا مادرىد !

94

تېما

5

دوست

5000

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8971
يازمىسى: 5000
نادىر تېما: 5
ياۋرۇ: 119300
تۆھپە: 865
ۋاقتى: 1767
h
ھالەت

ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئۆمۈرلۈك شەرەپ مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-1 10:33:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما سەت رەسىملەر يەنە چىقماپتىغۇ     ئاللا ..  ئاللا  

قايتىدىن چاپلاپ قويدۇم   ئەمدى بولغاندەك قىلىدۇ
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ ؟

پۇتبول خاندانلىقى

141

تېما

32

دوست

2858

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  22
يازمىسى: 2858
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 55422
تۆھپە: 1098
ۋاقتى: 1215
h
ھالەت

بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-1 10:59:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى salkin2011دە2011-12-01 10:31يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
ئوبدان تېما بوپتۇ مەنمۇ مۇشۇ توغۇرلۇق بىر تېما يازماقچى ئىدىم ۋاقتىم چىقماي قالغانتتى ئىنتايىن ياخشى ئىش قىپسىز ئاپىرىن!


ئۇنداقتا سىز ئاسىيادىكى پۇتبول مەيدانلىرى توغرىسىدا تىما يېزىڭ..
ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە، ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!

ھۇررا  

17

تېما

2

دوست

2770

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9341
يازمىسى: 2770
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 1068974
تۆھپە: 515
ۋاقتى: 933
h
ھالەت

مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-1 11:22:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلانىڭ ئارسىدا بارسلونانىڭ  ئادەم سانى ئەڭ جىقكەن   98 مىڭ

كۈنلەر تېخى ئالد

49

تېما

0

دوست

3356

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  7065
يازمىسى: 3356
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 50336
تۆھپە: 204
ۋاقتى: 905
h
ھالەت

مىلان لۈكچىكى ئالاھىدە ئىلگىرلەش

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-1 11:52:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارسىلونانىڭ مەيدانى بەك ھەيۋەتمۇ قانداق .................100مىڭ ئادەم بارسا،بارسا دەپ بىر توۋلاشلىرى بار.............

مادرىت غەيرەت  

14

تېما

0

دوست

577

جۇغلانما

زىيارەت چەكلەنگەن ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9771
يازمىسى: 577
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 441704
تۆھپە: 255
ۋاقتى: 567
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-1 12:16:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمما ئىسىلكەن جۇمۇ .

مادرىدنى يامان د

8

تېما

0

دوست

365

جۇغلانما

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9734
يازمىسى: 213
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 10050000
تۆھپە: 150
ۋاقتى: 72
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-1 12:19:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىد نىڭ ئېسىل جۇمۇ .........
دۇنيا مادرىد دەپ خىتاپ قىلماقتا........
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى
  
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Putbol.Cn ( 新ICP备12001847号-1 )