elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2939|ئىنكاس: 34

==ئېرىشكەندىن يوقاتقىنىم كۆپ ==

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2011-11-24 16:10:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                                                                   ئېرىشكەندىن يوقاتقىنىم كۆپ
                                                           ( بىر ئۇيغۇر پوتبۇل ھەۋەسكارنىڭ ئاغزىدىن )

ئىنسان بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان ۋاقتىدىلا  خۇدا ئۇنىڭ دىلىغا بىر '' ئىشىق '' نى سالىدۇ ، شۇ ئىشىق ئۇنى بىر ئۆمۈر ھەر كويلارغا سالىدۇ !                                                                                                                                                              خاتىرەمدىن .
                                                  
تېخى باشلانغۇچ مەكتەپكىمۇ كىرمىگەن ۋاقىتلىرىم ، مەھەلىمىزنىڭ يوقىرسىدىن ئىقىپ ئۆتىدىغان ئۆستەڭنىڭ ئاستىدا ئۆزئارا تۇتاش كەتكەن بىر نەچچە خامان بولدىغان ، بۇغداي يىغمدىن باشقا ۋاقىتلاردا ئاساسەن بوش تۇردىغان بۇ يەر مەھەلىمىزدىكى ئۇششاق - چوڭ توپ ھەۋەسكارلىرنىڭ يىغىلدىغان جايى ئىدى ، بولۇپمۇ كەچ تەرەپلەردە  بۇ يەر ئاۋات بازارنىڭ نەق ئۆزىلا بولاتتى ، قايسىدۇ بىر ئانا ئۆزنىڭ  گەپ ''ئاڭلىماس '' ئوغلىنى  قايسىدۇ بىر ياش چوكان ئۆزنىڭ تېخىچە  '' كىچىكلىكىنى '' تاشلىمىغان جۈپتىنى مۇشۇ يەردىن تاپاتتى.  بالىلارمۇ مەكتەپتىن يىنىپ كىلىپلا  دادىسى ئالدىغا سىلىپ بەرگەن نەچچە تۇياق قوينى توپا توزتۇپ قوغلىغىنىچە بۇ مەيدانغا چاپاتتى ، مەيدانغا كەلگەندىن كىيىن قويلىرنى ئۆستەڭ ياقىسدىكى چۆپلىككە ھايدىۋىتىپ بەخرامان توپ ئويناشقا چۈشەتتى ، ئۇلار ئۈچۈن دەرىس قۇڭغىرقى چىلنىش بىلەنلا مەكتەپنىڭ توپلىق مەيدانغا تەمشەلگەن باللارنى قوغلاشقا تەييار تۇرغان مەكتەپنىڭ كۆزەتچىسنىڭ ھوقۇقى بۇ يەرگە ھەرگىزمۇ يەتمەيتتى . . .
                              
بالىلىقىم ئەنە شۇنداق خىرامانلىقتا ئۆتۈپتىكەن ، يىللار بىر بىرنى قوغلاپ ئۈتىۋەردى . مەنمۇ باشلانغۇچنى تۈگەتكەندىن باشلاپ ئۇ يەرگە  بىرىپ توپ ئوينىيالماس بولۇپ قالدىم ، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا  مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى بىزنىڭ ئۇ مىھىرلىك مەيدانىمىزنىڭ ئىزناسىمۇ قالمىغان ئىدى  ، شۇنىڭدىن باشلاپ  مەكتەپنىڭ تىمدىن ئارتىلىپ كىرىپ توپ ئوينايدىغان بولۋالدۇق ، تاكى كۈزەتچى قۇغلاپ - توپىمىزنى تارتۋالغۇچە مەكتەپ مەيدانىدا بولاتتۇق ، مەكتەپتە ئۇ يوق كۈنلىرى بىز ئۈچۈن قوياش ئەڭ پارلىغان كۈن بىلەن تەڭ ئىدى ...
  تولۇق ئوتتۇردىكى ئەڭ چوڭ ئۆكۈنۈشۈم  ، بىرەر قىتىممۇ تەغدىرلىنىپ ئوقۇماسلىقىم بولماستىن '' مەكتەپنى گۈزەللەشتۈرۈش '' شامىلدا  مەيداننى ئاغدۇرۋىتىپ چىم تېرىپ بىزنى ساق بىر يىرىم يىل مەيدانغا يىقىن يوللاتماسلىقى  ۋە مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى تەنتەربىيگە ئىمتىھان بىرەلمىگىنىم بولۇپ قالدى ...
              
                                                                                            خۇدا سالغان ئوت
قانچە يىشىمدىن باشلاپ توپنى سۆيۈپ ئوينىغىنىم تازا يادىمدا يوق ، مەن ئىسىمنى بىلسەم مەندىن چوڭلار مەھەلدە توپ ئويناپ يۈرەتتىكەن ، خۇددى بۇ بىر قوۋىمغا ئورتاق مىراس كەسىپتەك  بىزنىڭ باللىق ۋاقىتلىرمىز تەبىيلام توپ بىلەن سىڭشىپ كىتەتتىكەن   ، لېكىن شارائىت - مۇھىت تۈپەيلى  بۇ يولدا ئۇزاققىچە ماڭالىغانلار يوقنىڭ ئورنىدىلا ئىدى .ئەڭ تەلەيلىكلىرى ئاپتۇنۇم مەركىزدىكى  ئۇنۋىرىستىتقا بارالايتتى ...

    گەرچە تەنتەربىيگە ئىمتىھان بىرەلمەي كۆڭلۈمگە مەڭگۈلۈك ھەسرەتتىن بىرى دەپىنە قىلىنغان بولسىمۇ ، لىكىن مەن يەنىلا ئۇنىڭدىن مىھرىمنى ئۈزەلمىدىم ، ھەر قىتىملىق تەتىل ۋاقتىدا بىزنىڭ بۇ كىچككىنە ناھيىمىزدە بىز كىرمىگەن مەيدان ئاز قالاتتى ، ( كىچىكىمدىن باشلاپ بىر مەھەلدە توپ ئويناپ چوڭ بولغانلارنىڭ ئىچىدە مەنلا ئەڭ تەلەيلىكى بولۇپ ئاخىرغىچە ئوقۇپ قالغان ئىدىم ) شۇڭا  ھەر تەتىل ۋاقتى تۇرمۇشنىڭ ، تىرىكچىلىكنىڭ غىمدە كىتۋاتقان شۇ ئاغىنلىرىم ئۈچۈنمۇ ئالەمچە خوشاللىق ۋاقىتلار ھىساپلىناتتى ، ئارمىزدا ئالاھىدە تېخنىكىسى يوقىرلارمۇ يوق ، بىزنى پەقەت توپقا بولغان ئوتتەك ئىشتىياق توختاتمايتتى  ،  مۇشۇ سەپىرلىرمىزدە قانچە يەردىن خوشال قانچە يەردىن خاپا قايتىپ كەلگىنىمىز ، قانچە قىتىم يوللاردا پىيادە قالغىنىمىز  ، قانچە قىتىم باشقىلار بىلەن سوقۇشقىنىمىز ، قانچە قىتىم باشقىلارنىڭ مەيداندىن قوغلانغىنمىز ...يادىمدىمۇ يوق . بىراق بۇ ئىنتىلىشلەر ئەڭ ئاخىردا ماڭا   پۇت قولۇمنىڭ بىر قىتىمدىن سۇنىشى ۋە ھازىرقىدەك  پۇتۇمنى سەل ئاۋايلاپ مڭىشنى ئاتا قىپتۇ  . ( ئۇرۇق تۇغقانلارنىڭ قارشى تۇرشنى دىمسەممۇ بولار )  
     بىراق مەن يەنىلا بۇنىڭدىن مىھرىمنى ئۈزەلمىدىم ، مېنىڭ خوشاللىقىم - قايغۇممۇ مۇشۇنىڭدا ئىدى ، ئۇنى كۆرسەم ھەممنى ئۇنتۇيتتۇم ، مۇئەللىم دەرىس سۆزلەۋاتقان چاغدا  كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ  خىيالىمنى توپىلىق مەيدانغا ئەۋەتىپ بولاتتىم ، توسۇشلار مەن ئۈچۈن ئۆردەككە سۇ يۇقمىغاندەكلا ئىش ئىدى ، ھىلھەم يادىمدا تۇرۇپتۇ ، بىر  قىشلىق تەتىل مەزگىلدە سىرتقا چىقىپ كەتكىلى ئۇزۇن بولغان بىر ئاغىنەم يۇرتقا قايتىپ كەلدى  ،بىر نەچچە ئاغىنىنى قوشۇپ  تاماق ئىتىپ ئۆيگە چاقىردۇق ، ئۇلار ئۆيگە كىلەي دەپلا قالغان ۋاقتىدا ( ئىشىك ئالدىدا ساقلاۋاتاتتىم )  بىرى تېلفۇندا مۇسابىقە بارلىقىنى ئۇقتۇردى  ، ئۇلارنى بىر چىرايلىق ئۆيگە باشلىدىم ، ئاندىن  چاندۇرماي ئىچىدىكى بىرنى ئاستا چاقىرىپ قۇلاققا پىچىرلىدىم دە - تىكۋەتتىم ....
                                                                           ئاخىرقى بايان
                      
نىملا بولمىسۇن بۇ يولدا ئۆزەم بىلگىنىمچە مىڭىپ بىقىپتىمەن ،تالاي يېڭى ھەمراھلار قىتىلدى  ~ تالايلىرى سەپتىن چۈشۈپ قالدى ، گەرچە تۈرلۈك سەۋەپلەر جېسمىمنى   توپنىڭ كەينىدىن بۇرۇنقىدەك راۋرۇس قوغلىيالماس قىلىپ قويغان بولسىمۇ ، بۇ يولدىن پەقەتلا مىھرىم قالغىنى يوق ...
                                                            ئېھ  ئاللاھ !   بۇ يولۇمنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئوغلۇمنى نىسىپ قىلغايسەن !

دوستانە ئەسكەرتىش : مەلۇم شەخىسكە باغلاپ ، خاتا چۈشىنۋالماڭلار .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
ئاتېللا + 50 ئىجادىي يازما

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-11-24 19:30:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما تىما يامان ساز تىما بوپتۇ ...

راست ھەممىزدە شۇنداق بىر ئىشتىياق بار .... مىنىڭمۇ جۇمە كۈنى كەچتە باللار بىلەن توپ ئويناپ كەچ قېلىپ دادامنىڭ ئېسىپ قويغىنى ھىلىمۇ يادىمدىن چىقمايدۇ ... 1 ئاي بۇرۇن دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئېغىر ھەركەت ، توپ ئوينىمىسىۇن دىسە يەنە شۇ توپنى ئوينايتىم ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-11-24 19:42:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما تېمىڭىزنى ئوقۇپ  مىنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىم ئىسىمگە كىلىپ قالدى  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-11-24 20:01:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پېقىرمۇ ھاياجان ئىلكىدە توپ تىپىپ باقمىغىلى ئەسىر بولاي دەپتۇ ...    بىراق توپتىن نىرى كىتىپ باقماپتىمەن ...  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-11-24 20:07:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىڭىزنى كۆرۇپ ھەقىقەتەن تەسىرلەندىم مەنمۇ سىزگە ئوخشاش ئۆزۇپ بولالمىساممۇ كەلگۈسىدە چوقۇم ئوغلۇمنى توپچى قىلىمەن!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-11-24 20:08:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كۈنلەر نىمانچە تىز ئۆتكەن  
ياخشى يېزىپسىز يەنە باردۇ  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-11-24 20:18:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما بوپتۇ ، ئاۋۇ رەسىمىدىكى ۋارتارچى مىنىڭ ئاغىنەم ھازىر ئۇمۇ ئۇزىنى بەك تاشلىۋەتتى ،
بولمسا ئۇنىڭىدەك ۋارتارچىلار شىنجاڭدا ساناقلىق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-11-24 20:19:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ئاستىدىكى رەسىمدىكى ۋارىتا ئەمىندە توپ ئوينىغان پوسكاملىق ئالىم دىگەنشۇ ...
باشلانغۇچتىلا تاللاپ ئىلىپ كەتكەن ھازىر بولسا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتىدۇ .....
تولۇق ئوتتۇردا چاغدا مەكتەپكەكەلگەنتى مەكتەپ كوماندىسىدىكى باللا بىللە توپ ئوينىغانتۇق لىكىن يامان ئومۇچۇكتە تىزكەن ھەركىتى .ئەگەر شارائىت  بولۇپ مۇشۇبالا بىرەر بىرلەشمىدە توپ ئويناپ قالسىمۇ تىزلا نامى چىقىپ كىتىشى مۇمكىنتى لىكىن ھەي .....بىزگە شەرىت- شارائىت ياربەرمەيدىكەن ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-11-24 20:19:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى ئەكرەم77دە2011-11-24 20:18يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
ياخشى تىما بوپتۇ ، ئاۋۇ رەسىمىدىكى ۋارتارچى مىنىڭ ئاغىنەم ھازىر ئۇمۇ ئۇزىنى بەك تاشلىۋەتتى ،
بولمسا ئۇنىڭىدەك ۋارتارچىلار شىنجاڭدا ساناقلىق  

سىز مۇ پوسكامدىن ما............
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-11-24 20:32:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى dilhuxدە2011-11-24 20:01يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
پېقىرمۇ ھاياجان ئىلكىدە توپ تىپىپ باقمىغىلى ئەسىر بولاي دەپتۇ ...    بىراق توپتىن نىرى كىتىپ باقماپتىمەن ...  
قېرىغاندا شۇنداق بوپ قالىدۇ ئەمدى... ياش ۋاقتىڭلىنى ئەسلەپ سەۋىر قىلغاچ ئوتتۇرۇڭلا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-11-24 21:37:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ ساز تېما بوپتۇ. بالىلىقتىكى شۇ خاماندىكى توپ ئويناپ يۈرگەن ۋاقىتلارنى ئەسلىتىپ قويدى،مەھەللە بىلەن مەھەللە مۇسابىقە ئويناپ،كەچ كىرگەننىمۇ تۇيماي ئاينىڭ يورىقىدا ئويناۋېرەتتۇق. ھەي!ئەڭ غەمسىز ،ئەڭ خۇشال يۈرگەن ۋاقىتلىرىم شۇ بولسا كىرەك.ئاتام رەھمەتلىكمۇ ماڭا ھەمراھ ،يېنىمدا بولاتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-11-24 21:49:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رازاق ئاخىرى ئۆز ئۆتمۈشىنى يېزىپتۇ..... تېماڭ ياخشى چىقىپتۇ.... پۇتۇڭنى ھازىرمۇ ئاياپ ماڭغىنىڭغا قارىغاندا خېلى ئېغىر يارلىنىپتىكەنسەندە... يارلانغىنىڭغا بىر يىلدىن ئاشىتى بولمىسا... تىزراق ساقىيىپ كېتىشىڭگە تىلەكداشمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 16:56

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش