akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1970|ئىنكاس: 19

يەتتىنجى تۆھپە: پۇتبول ھەركىتىنى باشلاش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2011-11-16 03:24:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ توققۇز چوڭ تۆھپىسى


يېقىندا بىزنىڭ نوپۇزلۇق بىر ژورنىلىمىزدا، 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى « مۇسابايېف جەمەتى»،«مۇھىتىيلار جەمەتى»،«تاشاخۇنۇم جەمەتى»دىن ئىبارەت داڭلىق ئۈچ جەمەتنىڭ بىر بولغان «مۇسابايېف جەمەتى»نىڭ ئەڭ مەشھۇر ۋەكىللىرى ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ بىزنى ئىپتىخارلاندۇردىغان، ئۇنتۇلماس توققۇز چوڭ تۆھپىسى ئېلان قىلىنغان.
مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلانىڭ ئۇنتۇلماس توققۇز چوڭ تۆھپىسىنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم بىر تۆھپىسىنى سىلەرگە تەغدىم ئېتىشنى لايىق تاپتىم....

يەتتىنجى تۆھپىسى: پۇتبول ھەركىتىنى باشلاش

[align=justify]2006-يىلى مەركىزىي تېلۋېزىيە ئىستانىسسنىڭ 1- يۈرۈش قانىلنىڭ «جۇڭخۇا مىللەتلىرى» پىروگراممىسىدا 85 ياشىلىق مۇھەممەت زۇنۇننىڭ ئائىلىسى ئاساس قىلىنىپ ئۈچ قىسىمغا بۆلۈپ تونۇشتۇرۇلغان«100يىللىق پۇتبول كەنتى» دېگەن مەخسۇس فىلىم بىلەن ئىكساق كەنتى پۇتۇن جوڭگو مىقياسىدا مەشھۇر «پۇتبول كەنتى»بولۇپ تونۇلدى.ھەر ئايدا ئىككى سان چىقىدىغان «تەنتەربىيە رەسىملىك ژورنىلى»نىڭ 2011-يىللىق10-ساننىڭ مۇقاۋىسىدا يۈز - كۆزى ئاپتاپتا كۆيۈپ قارداپ كەتكەن ئىكساقلىق پۇتبولچى باللارنىڭ شوخ، تېتىك قىياپىتى نامايان قىلىندى ھەم ژورنالنىڭ ئىچىدە 16 بەت ئاجىرتىلىپ، «شىنجاڭنىڭ100 يىللىق پۇتبول كەنتىنى زىيارەت-ئىكساق رىۋايەتلىرى»دېگەن ماۋزۇدا ئىكساق پۇتبولچىلىقىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى مەزكۈر ژورنالنىڭ مۇخپىرى ياڭنىڭ تەرپىدىن سۈرەت بىلەن مەزمۇن گىرەلەشتۈرۈلۈپ تونۇشتۇرۇلۇپ، جوڭگونىڭ تەنتەربىيە ساھەسىدىكلەرنىڭ ھەيرانلىقىنى قوزغىدى. بۇ تەبىئىي ھالدا ئىكساقنىڭ پۇتبول جەھەتتىكى نامىنى تېخىمۇ كەڭ ئەھمىيەتكە ئىگە قىلدى، بۈگۈنكى كۈندە ئىكساقنى جوڭگو بويىچە نامى مەشھۇر «پۇتبول كەنتى» شەرپىگە مۇيەسسەر قىلغان تۆھپىكار شەخىسلەر يەنىلا ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلاردۇر.



تەنتەربىيە تارىخىدىن مەلۇمكى،ھازىرقى زامان پۇتبول ھەركىتى 1860-يىللاردا ئەنگىلىيدە بارلىققا كەلگەن. ئۇزاققا قالماي پۇتۇن ياۋروپاغا پۇتبول ھەركىتى ئومۇملىشىپ دۇنياغا تارقالغان.20-ئەسىرنىڭ باشلىرى تۈركىيىدە پۇتبول كۇلۇبلىرى بارلىققا كەلگەن. ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلار تەرپىدىن 1905-يىلى تۈركىيگە ئوقۇشقا چىقارغان تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن ئابدۇراخمان ئەپەندى (شادى) شىنجاڭدا پۇتبول ھەركىتىنى تۇنجى قېتىم بارلىققا كەلتۈرگەن ئەزمەتلەر ھېساپلىندۇ.



تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن ئابدۇراخمان ئەپەندى 1915-يىلى تۈركىيدىن ئوقۇشىنى تۈگتىپ ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن ئاتۇش ئىكساقتا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا پۇتبول ئويناشنى ئۆگەتكەن. ئابدۇراخمان ئەپەندى 1920-يىلى غۇلجىدا روشتى (تولۇقسىز)مەكتىپىگە مۇدىر بولغان ھەمدە غۇلجىدا تۇنجى قېتىم پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئويۇشتۇرغان. تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ 1920-يىلدىن باشلاپ«ھۈسەينىيە مەكتىپى» دەپ ئاتالغان ئۈستۈن ئاتۇشتىكى ئىكساق مەكتىپىدە مەكتىپىدە پۇتبول ھەركىتىنى زور قىزغىنلىق بىلەن ئومۇملاشتۇرغانلىقىنى نامايەن قىلدىغان تارىخىي ۋەقەلەر ھەم رېئال ھادىسىلەر ئاز ئەمەس.   مەسلەن:ئىكساق پۇتبولچىلىقىنىڭ يۈكسەلگەن ھالىتنى قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ خادىملىرى ھەم مۇھاپزەتىچى ئەسكەرلەر بىلەن مۇسابىقىلەشكەندە ئۇتۋالغانلىقىدىن كۆرۋېلىشىقا بولىدۇ. ماتىريالدا بۇ مۇسابىقىە 1927-يىلى قەشقەرنىڭ ھازىرقى خەلىق مەيدانى بىلەن تۈمەنكۆل ئارلىقىدىكى ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس بېكىتى جايلاشقان ئورۇندا بىر دېھقاننىڭ بېدىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكى يېزىلغان. بۇ ۋاقىت تارىخى چىنلىققا خېلىلا ئۇيغۇن. چۈنكى بۇ مۇسابىقىدە سوۋېت ئىتتپاقى كونسۇلخانىسى ئادەملىرى ئۈچىنجى تەرەپ سۈپىتىدە مەيداندىكى تەرتىپكە كاپالەتلىك قىلغان ھەم رېپىرلىق قىلغان.1917-يىلى ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلبە قىلغاندىن كېيىن، روسيىنىڭ قەشقەردىكى كونسۇلخانىسى تېز خاراپلاشقان، ياڭزېڭشىن ھۆكۈمىتى يېڭى قۇرۇلغان پولشىۋېكلار ھۆكۈمىتىدىن قاتتىق ئەنسىرەپ كومىنىزىم ئىدېئولوگىيسىنىڭ شىنجاڭغا تارقىلىشىدىن قاتتىق ھەزەر ئەيلىگەن. بۇ 30 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى قەشقەردە روسىيە بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىپ كېلۋاتقان ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسى ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەت بولغان. بىراق ئۇزاق ئۆتمەي ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولغان، يەنى بولشىۋېكلار ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەپ ئەينى ۋاقىتتىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرگەن. 1923-يىلىدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ شىنجاڭنىڭ ئالىي رەھبىرى ياڭزېڭشىن ھۆكۈمىتىگە ئۆزئارا  كونسۇل تۇرغۇزۇش توغۇرلۇق ئەلچى ئەۋەتكەن. نەتىجىدە«1925-يىلى9-ئاينىڭ1-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى باش كونسۇلى ماكىس دومپىس 9 نەپەر كونسلۇل خادىمىنى ئېلىپ قەشقەرگە كەلگەن.10-ئاينىڭ10-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى رەسمىي ھالدا ئىشقا كىرىشكەن،ئورنى ئىلگىرىكى چارروسىيە باش كونسۇلخانىسى بولغان».سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ قەشقەردە باش كونسۇلخانىسىڭ قۇرلۇشى جوڭگو، ئەنگىلىيە سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۋەتكەن.ياڭزېڭشىن ھۆكۈمىتى يەنىلا ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنى ھىمايە قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلخانىسىڭ تەسىرنى چەكلەپ تۇرغان، ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسى ئۆزىنىڭ ئۈستۈن ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھىندىستاندىن 30 ئەتىراپىدا ئەسكەر ئەكىلىپ كونسۇلخانىسىدا تۇرغۇزغان.بۇ ئەسكەرلەر كونسۇلخانا خادىملىرى بىلەن بوش ۋاقىتلاردا پۇتبول ئوينايتتى،شۇنىڭ بىلەن تۇرسۇن ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ئۈستۈن ئاتۇشلۇق پۇتبولچىلار قەشقەرنى زىلزىلغا سالغان مۇسابىقە شەكىللەنگەن،چۈنكى مۇسابىقدە ئۈستۈن ئاتۇشلۇق پۇتبولىچلار يوقۇرى ماھارىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، جان پىدالىق بىلەن ئويناپ ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسى ئادەملىرىنى يېڭۋالغان، كۆپ يىللاردىن بۇيان ھېچقانداق بىر ئىشتا غەلبەمېۋېىسى تېتىپ باقمىغان قەشقەر خەلقى ئۆز ئوغلانلىرىنىڭ، ھاكاۋۇر ھەر زوراۋان ئەنگىليەلىكلەر ئۈسىتىدىن قازانغان غەلبىسىدىن ئالەمچە شادلىققا تولغان.



ئابدۇراخمان شادى ئەپەندىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن غولجىدا باشلانغان پۇتبول ھەركىتى1930-يىللاردا ئەۋجىگە چىققان. شۇ يىللاردا يېڭىچە مەكتەپلەر كەينى-كەينىدىن ئىچىلغاچقا پۇتبول ھەركىتى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار قىززىقىپ ئوينايدىغان تەنتەربىيە تۈرى بولۇپ قالغان. ماتىرياللاردا يېزىلىشىچە، غۇلجا شەھەر ئىچىدىكى ۋاڭ قادىرنىڭ بېغىدا ھەر ھەپتىسىدە پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزلۈپ تۇرغان، شىنجاڭنىڭ پۇتبولىچىلىقى ئەنە شۇ  ئاساستا تەرەققىي قىلىپ 1950-يىللارغا كەلگەندە كەڭ ئاممىۋى تەنھەركەتكە ئايلانغان.1951-يىلى 10-ئايدا مۇرات ، جاپپار، ئېزىز، ھەمدۇل قاتارلىق 18 كىشىدىن تەشكىللەنگەن شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى جوڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن غەربىي شىمال پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ چېمپىيون بولغان. كېيىنكى قېتىملاردىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. «دېمەك ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى ۋقىتلىرىدا شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسىنىڭ يوقارقىدەك ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشى ۋە داڭلىق پۇتبولچىلار يېتىشىپ چىقىپ، دۆلىتىمىز پۇتبول ھەركىتىنىڭ راۋاجلىشىنىغا كۈچ قۇشۇپ تۈرتكە بولىشى، دۆلەتلىك تەنتەربىيە كومىتىتنىڭ ئاتۇش ئىكساق ۋە غۇلجىنى (پۇتبول يۇرتى) دەپ تىلغا ئېلىشى- پۇتبولنىڭ شىنجاڭدا ئۇزۇن تارىخقا ھەم كۈچلۈك ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ» ئىكساق كەنتىدە 1990-يىللىرغىچە 60-70 ياشلىق بوۋايلارنىڭ ئۆزئارا مۇسابىقىلشىپ پۇتبول ئويناش ئادىتى دائىم كۆرلۈپ تۇردىغان ئەۋاللار ئىدى. ھېلىمۇ ئىكساقلىقلار پۇتبولنى بارلىق تەنتەربىيە تۈرنىڭ ئالدىغا قويۇپ مۇئامىلە قىلىدۇ، ئىكساق ياشلار-ئۆسمۈرلەر پۇتبول ئويناشنى يىگىتلىكنىڭ ئەڭ روشەن بەلگىسى دەپ قارىشىدۇ....







تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ تەرجىمالى:

/read.php?tid-16329-fpage-12.html
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-11-16 03:55:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تېمىدىن بىرنى يېزىۋىتىپسىزغۇ       
باشلىق بولغان بولسام نادىرلەپ قوياكەنمە  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-11-16 11:17:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما ئىنتايىن ئېسىل چىقىپتۇ ئىنتايىن تەسىرلەندىم!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-11-16 11:26:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما تىمىنى بىرەسىڭلا نادىرلىمىدىڭلىما ... كىم بىلىدۇ مۇشۇ 7- تۆھپىنى ،.،،
ئۇنداق قىلماڭلا دەيمەن ....


ئاداش پىچە تىمىدىن بىرنى يىزىپسىلە جۇما .... پۇلۇم جىق بوغان بوسا 100 مىلىيون پۇلنى بىرىپ پىچەت مىدالدىن بىرنى بىرىتىم ئەمما ....


ئۈزەم ئاتۇشلۇق مۇشۇنچىلىك ئىزدىنىپمۇ باقمىدىم ...رەھمەت سېللىگە ئاداش
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-11-16 13:22:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە سىز بىزگە ئۆزىمىزنىڭ پۇتبولچىلىقى ھەققىدە ئىسىل تىمىدىن بىرنى سوغا قىلدىڭىزنادىر تىمىكەنمۇبارەك بولسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-11-16 14:12:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۇ ئۇزىمىزنىڭ تېمىسىكەن،تەپسىلى كۇرۇپ چىقتىم،بولسا مۇشۇنداق تېمىلارنى كوپرەك يوللىشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-11-16 15:18:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىل پاچاق يوقاپ كەتتىڭغۇ ؟‹  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-11-16 15:41:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رايۇنىمىزنىڭ پۇتبولچىلىق ئىشلىرى بىر توختاپ قىلىپ ئەمدىلەتىن يەنە قايتا ئىچىلىشقا باشلىدى ، خەلىقنىڭ قىزغىنلىقى بارغانسىرى ئۇلغايدى ، تىمىڭىزغا رەخمەت ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-11-16 18:20:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تېما      
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-11-16 18:25:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر   
ھازىرقى زامان شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىغا زور تەسىر كۆرسەتكەندە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-11-16 20:20:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تېما!!!   
ئۆتكەندە گېزىتتە كۆرسەم، ئەنگىلىيلىكلەر ھازىرقى زامان  پۇتبولى 19-ئەسىردە ئەمەس، 16-ئەسىردە بارلىققا كەلگەن دەپتۇ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-11-16 21:12:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ مەدىنيىتى ژورنىلدا ئوقۇغان مۇسابايلانىڭ 7چوڭ تۆھپىسى ...........  ئىشقىپ ئويغۇرلارغا نۇرغۇن يىڭلىقلارنى يەتكۈزدى بۇلا ..........،ئاتۇشتىن  ھازىرقى بايلا نىممۇ قىلۋاتقاندۇ ......... ئىخلاسمۇ شىنجاڭدىكى چوڭ شىركەت ............ئىچبولمىدى دىگندە  بىركوماندا قۇرۇپ مەملىكەتلىك ب دەرجىلىك مۇسابىقىگە تىزىملاتسىچۇ ........ئۆزگىمۇ بەك كۆپ پايدا بولاتى . تايىنى يوق تىلۋىزۇر ئىلانىغا پۇل خەجلەۋەمەي ........  گۇاڭخۈيمۇ ۋاسكىتبولغا مەبلەغ سىلىپ ئازبولمىغان پايدىغا ئىرىشتىغۇ  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-11 09:42

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش