akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1806|ئىنكاس: 17

ئوتتۇرا ھۇجۇمچىلارمۇ ھەسەت قىلىدىغان 100 توپلۇق 10 توپچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2011-11-15 20:36:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

س رونالدو مادرىتتىكى 100 توپلۇق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەندىن كىيىن قۇياش گىزىتى كۇلۇپلاردىكى 100 توپ قامۇسىغا كىرگەن 10 توپچىنى تىزىپ چىقتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىق ۋەزىپىسى يان كىراي بولاۋاتقان ھازىرقى زامان پۇتبۇل ئەركىللىرى س رونالدو بىلەن مىسسىمۇ بار
1- كىرىستىيانو رونالدو

مانچىستىر دا229 مەيداندا 118 توپ مادرىتتا 106 مەيداندا 104 توپ كىرگۈزگەن ھەم داۋاملىشىۋاتىدۇ
ئۇنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى توپچى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلالايدىغان ئادەم يوق، يان كىرايدىكى ئەقەللى بولۇشقا تىگىشلىك سۈرئەت ۋە تېخنىكىدىن سىرت ئۇنىڭ توپ ئۇرۇشقا بولغان پەۋقۇلاددە سىزىمى ئۇنى بۆگۈنكى دەۋر پۇتبولچىلىقىدىكى ئەڭ ۋەھىمىلىك قاتىللارنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغان
ۋەكىللىك توپى ئۇنىڭ گۈزەل توپلىرى خېلى بار بەلكىم ئەڭ نوچىسى 2008 يىلى مانچىستىر بىلەن پورتىسماۋۇزئارىسىدىكى مۇسابىقىدىكى كىشىنى تاڭ قالدۇرىۋىتىدىغان تىرايۇكتىرىيەلىك سىنارەت شەكلىدىكى ئۇرۇن توپى بولىشى مۈمكىن


2- مىسسى

بارسىلونادا 287 مەيداندا 203 توپ ئۇرغان ھەم داۋاملاشماقتا
كىشىلەر ئاغىزىدا مىسسىنى پىلى ۋە مارادونادىن كىيىنكى ئەڭ قالتىس توپچى دىگەندەك گەپلەر تارقىلىپ يۈرىدۇ
ۋەكىللىك توپى مارادونانىڭ ئەسىر توپىنى ئەسلىتىدىغان 2007 يىلى گىتافىغا   ئۇزى يېرىم مەيداندىن ئەكىرىپ ھەم بۆسۈپ كىرىپ ئۇرغان توپى


3- لەمپارد

چىلسىدا 524 مەيداندا 177 توپ ئۇرغان ھەم داۋاملاشماقتا
چىلسىدىكى بۇ ماياك قا بولغان گۇمان ساداسى پەسەيمەي كەلگەن بولسىمۇ لېكىن ھېچكىم بۇ توپچىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئىپادىسىغا كۆز يۇمالمايدۇ، جىرراد بىلەن بىرلىكتە، ھۇجۇمسىمان ئوتتۇرا مەيداننىڭ ھەيۋىسىنى دۇنياغا تۇنۇتقان بۇ توپچى 2006- يىلىدىن 2010 يىلىغىچە ئۇدا بەش پەسىل ھەر قايسى تۈرلەردە 20 ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق توپ ئۇرۇشتەك، داڭلىق قاتىللارمۇ يىتەلمەيدىغان بىر رىكورتنى قالدۇرۇپ قويدى، 2010 يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۇزۇن مۇددەت يارا داۋالىتىش ۋە ياش  تۈپەيلىدىن رىكورتى توختاپ كۇلۇپ ۋە دۆلەت كوماندىسىدىكى ئورنى تەۋرەپ قالغان بولسىمۇ يېقىنقى ئۇدا 2 مەيدان مۇسابىقىسىدە  ئىككىلى قېتىم بىردىنبىر توپنى ئۈسسۈپ كىرگۈزۈپ كۇلۇپ ۋە دۆلەت كوماندىسىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملىدى
ۋەكىللىك توپى 2006- يىلى ئۇزغانلىقتا بارساغا 0 گىرادۇستىن ئۇرغان ئاسما توپى.

 4- جىگىس

مانچىستىردا 885 مەيداندا 161 توپ ئۇرغان ھەم داۋاملىشىۋاتىدۇ
ئالۋاستىلارنىڭ بۇجەڭچىسى توپ مەيدانىدا قېرىمايدىغادەكلا كۆرىنىدۇ، بۇ پەسىلدە بىنىفكا ۋە لىۋىز بىرلەشمىسىگە توپ ئۇرغاندىن كىيىن ئۇنىڭ ئۇدا توپ ئۇرۇش پەسلى رىكورتى 22گە يەتتى، ئۇنىڭ يەنە قانچىلىك داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ھېچكىم بىر نەرسە دىيەلمەيدۇ
ۋەكىللىك توپى 1999 يىلى ئۇيۇشما لوڭقىسى ھەلقىلغۇچتا ئارسىنالغا ئۇرغان يېرىم مەيداندىن توپ ئەكىرىپ ئارسىنالنىڭ بىر پۈتۈن مۇداپىئە سىستىمىسىنى بىتچىت قىلىپ يەڭگىلگىنە ئۇرغان توپى


5- سىكولىس

مانچىستىردا 676 مەيداندا 150 توپ ئۇرغان
ئۇنىڭدەك ئادەتتىن تاشقىرى پاس ماھارىتى ۋە چەكلەنگەن رايۇنغا قىستۇرۇلۇپ كىرىش سەزگۈسىنى ھازىرلىغان ئوتتۇرا مەيدانچى ئېنگىلانتتا كەمدىن كەم تېپىلىدۇ
ۋەكىللىك توپى 2006- يىلى تاشلانغان كوربىر توپنى بوشلۇقتىلا  بىۋاستە تىپىپ ئاستۇنۋىلا ۋارتارىنىڭ ئاۋال توغرا لىمغا تىگىپ ئاندىن كىرىپ كەتكەن توپى

6-جىرراد

لىۋىرپولدا 561 مەيداندا 141 توپ ئۇرغان داۋاملىشىۋاتىدۇ
ئۇلىمپىكىس، غەربى ھام مىلانلارغا كىرگۈزگەندەك مۆجىزىلەرچە توپ كىرگۈزىشىگە تايىنىپ قىزىل ئارمىيەنى سانسىز قېتىملاپ قۇتقۇزۇپ قالغان قىزىل گىنرال مەيدانغا چۈشسىلا مۆجىزە يارىتىدىغاندەكلا تەسىر بىرىدۇ
ۋەكىللىك توپى 2006 يىلى ئۇيۇشما لوڭقىسى ھەل قىلغۇچتا غەربى ھام بىلەن تەڭلىشىپ قۇشۇپ بىرىلگەن مۇسابىقە ئويناش پۇرسىتى ۋە چىمپىيۇن بۇلۇش پۇرسىتى ياراتقان  ئەڭ ئاخىرقى پەيتلەردىكى 30 يارد يىراقتىن كۈچ بىلەن ئۇرۇپ نۇمۇر تەڭلەشتۈرگەن توپى

 7- لېدىشىر

غەربى ئامپىتۇندا 540 مەيداندا 210 توپ ئۇرغان
بىر ئوتتۇرا مەيدان توپچىسىغا نىسبەتەن بۇ ئادەتتىكى سان ئەمەس،
ئېنگىلاندتىكى ئەڭ قەلتىس تېخنىكىلىق پۇتبول ماھىرلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن چىلسى توتتىنھام قاتارلىق كۇلۇپلار ئۇنىڭ پېيىدە خېلىغىچە يۈرگەن بولسىمۇ باشتىن ئاخىر غەربى ئامپىتونغا سادىق بولۇپ ئايرىلىشنى خالىمىغان بولمىسائېنگىلاند كوماندىسىدا تېخىمۇ كوپ مەيدانغا چىقىش ۋە داڭىق چىقىرىش پۇرسىتى بولغان بولاتتى
ۋەكىللىك توپى1994- يىلى بىلەكبورنىغا ئۇرغان بۆسۈپ ئۆتۈپلا يىراقتىن ئۇرغان توپى

8- رىۋالدو

بارسىلونادا 235 مەيداندا 130 توپ ئۇرغان
ۋەكىلىك توپى ۋالۇنسىيەنى 3-2 بىلەن يەڭگەن مۇسابىقىدە قالپاق كەيگەن بولۇپ بىر ئۇرۇن توپ، بىر 30 ياردلىق يىراقتىن ئۇرۇلغان توپتىن باشقا ئەڭ ئاخىرقى پەيتلەردە چەكلەنگەن رايۇن سىزىقى ئەتراپىدىن ئارقا موللاقچە بۇغۇزلىغان توپى 

 
9- رونالدىنىئو

بارسىلونادا 254 مەيداندا 107 توپ ئۇرغان
ئالتۇن دەۋرى تىزلا ئاخىرلاشقان بولسىمۇ توڭكايچاق پۇتبول ساھەسىدىكى ئەڭ يارقىن ئوبرازلارنىڭ بىرى سانىلىدۇ
ۋەكىلىك توپى ئۇنىڭ قالتىس توپلىرىنىڭ سانى بەك كۆپ بەلكىم 2006- يىلى ۋىللا رىئالغا ئۇرغان كۆكرىكىدە توپ توختىتىپ ئارقىچىلاپلا  ئۇڭدىسىغا موللاق ئېتىپ ئۇرغان توپىىنى چىمەنلەرنىڭ ئىچىدىكى نازۇك چىمەن دەپ كۆرسىتىش مۇمكىن


10- چىنى

ساۋپاۋلودا 1007 مەيداندا 103 توپ ئۇرغان
ئۇرغان توپى بەك ئازمىكەن، ئۇنىڭ بىر قاپقىچى ئىكەنلىكىنى بىلگىنىڭىزدە داڭ قېتىپ قالماي قالمايسىز، 38 ياشلىق بىرازىليىلىك قاپقىچى 1992- يىلىدىن بۇيان ئۇرۇن توپ ۋە نوختا توپلىرى بىلەن 100 لىك ئۆتكەلنى بېسىپ ئۆتكەن
ۋەكىللىك توپى 2006- يىلى كىروزىروغا  25 يارد يىراقتىن ئۇرغان ئۇرۇن توپى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +51 تۆھپە +10 شۆھرەت +10 تەجرىبە +10 يىغىش سەۋەبى
tunkizi + 1 + 10 + 10 + 10 قالتىس!
dilhux + 50 جاپا تارتىپسىز ...

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-11-15 20:38:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىنىڭ ۋاختى ئۆتۈپ كەتتى توپچىلارمۇ 2 3 تىن ئۇرۇپ بولدى ئەمما يوللاي دىگەندە چاتاق چىقىپ3- قېتىم قايتا يازدىم مۇشۇنچىلىك بولسىمۇ يوللىۋالاي
2- قېتىمدا ئەڭ ئاخخرقى توپچىغا فىلەش قىستۇرىۋاتقاندا كومپىيوتېر قېتىپ 0 بولدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-11-15 20:53:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئاۋۇ ۋارتاغا قايىل ۋرتار تۇرۇپ پۇت تېخنىكىسىنى ئىنتايىن ياخشى!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-11-15 21:51:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توتتىنىڭ توپى نەچچە بولغىيتتى بۇ يەردە يوقكەن
مارادونامۇ ئوتتۇرا ھۇجۇمچى ئەمەستى 100 توپ ئۇرمىغان بولغىيمىدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-11-15 21:54:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولارغا كىممۇ ھەۋەس قىلماي تۇرالىسۇن   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-11-15 23:15:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەمما باشلىقلار بۇ تېمىنى نادىرلىمىساڭلا دەيدىغان گېپىم بار!
توپ تەپكۈچى سىلىگە گەپ كەتمەيدۇ جۇمۇ!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-11-15 23:29:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىنى ئالامەت پەيزى جۇما لىكىن.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-11-16 01:35:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرلىك تېما   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-11-16 10:48:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدو مانچېستىردىن ئايرىلىپ رونىيغا چوڭ بىر چىقىش يولى ئىچىلىپتىكەن-دە.  رونالدو نوقتا توپتىىن تارتىپ ئېىختىيارى توپقىچە مونۇپول قىلىۋاپتىكەن ئەمەسمۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-11-16 12:36:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدىنخونى 1-ئورۇنغا مىسسى،س. رونالدو لارنى رونالدىنخونىڭ كەينىدىن ئالغان بولسىڭىز ياخشى يېزىپسىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-11-16 13:59:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاراتورغا ئامال  يوقكەن !!!!ھا ھا  ....راسا كۈلۈۋالدىم !!  ئىسىت ھۇجۇم ئوينىمىغىنى !!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-11-16 14:16:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى salkin2011دە2011-11-15 23:15يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
ھەمما باشلىقلار بۇ تېمىنى نادىرلىمىساڭلا دەيدىغان گېپىم بار!
توپ تەپكۈچى سىلىگە گەپ كەتمەيدۇ جۇمۇ!
سەلكىنجان سىزگە كوپ رەخمەت..لېكىن بۇ تېمىنى ئىلىميار ئۇكىمىز يېزىپتۇ..ياخشى تېما بوپتۇ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 22:02

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش