akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 20760|ئىنكاس: 47

مىرئەخمەت ۋە بارى دۆلەت كوماندىسىدا مەشىقتە،،،،،،

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
2011-يىلى 9- ئاينىڭ 30- كۈنى جۇڭگۇ ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ 2- كوماندىسى يەنى 22- ياشلىقلار كوماندىسى بىيجىڭغا يىغىلدى ، بۇ كوماندىدا بىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانلىرىمىزدىن مىرئەخمەتجان بىلەن بارى مۇ بار .
ئۇلار 10- ئاينىڭ 8 - كۈنىدىكى بىرازىلىيە ئا دەرجىلىكلەر كۇلۇبىدىكى پالمىراس كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان دوسلۇق مۇسابىقىسى ئوينايدۇ . پالمىراس كوماندىسىنىڭ بىرلەشمىدىكى دەرىجىسى ھازىر 8- ئورۇندا . بۇ كوماندا 1914 -يىلى قۇرۇلغان بىزنىڭ 22 ياشلىقلار دۆلەت كوماندىمىز بولسا تىخى نەچچە كۈن بولدى .................................... بۇلارنىڭ مۇسابىقىسىگە ئۇتۇق تىلەيمەن !
ئۇلار  بىيجىڭغا كىلىپلا 8- چىسلادىكى مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن  10 - ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ مەشىقنى باشلىۋەتتى .  6- چىسلا شەنشى تەييۈئەنگە قاراپ يولغا چىقىدۇ .
مەن بۇلارنىڭ بىيجىڭغا كىلىدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپلا ، بىزنىڭ بۇ ئىككى يىگىتىمىزنىڭ مەشىق ئەھۋالىنى بىر كۆرۈپ كىلىش نىيىتىدە 2- چىسلا بىيجىڭغا كەلدىم .  مەندە ئۇ ئىككەيلەننىڭ ئالاقىلىشىش نۇمۇرى يوق بولغانلىقى ئۈچۈن (چۈنكى ئۇلار بىلەن ئالدىن ئالاقىلىشىۋىتىپ- بارسام قولايلىقمۇ، كۆرۈشۈشكە بولامدۇ يوق تەپسىلى ئەھۋالنى ئۇقۇپراق باراي دىگەن نىيەتتە ) مىڭ تەسلىكتە ئەكرەمدىن بارىنىڭ نۇمۇرىنى تاپسام ، ئۇ نۇمۇرى توختىتىغلىق چىقتى .
شۇنىڭ بىلەن ئەلەكمۇللا ، بارغاندا بىر گەپ بولا دەپ 4- چىسلا ئۇلارنىڭ مەشىق مەيدانىغا بىرىۋەردىم .
مەن تىخى 香河训练基地  نى يىقىنلا يەردە ، ھەقىچان 1-2 كىلومىتىر كىلەمدىكى دەپتىمەن ، تور خەرىتىسىدىن ئادىرىسنى ئىزدەپ ، بارىدىغان يولنى تىپىپ قارىسام ، بىيجىڭدىن 70 كىلومىتىر كىلىدىغان بىر ناھىيەدە ئىكەن .
مەن سائەت 11 لەر بىلەن بىيجىڭدىن يولغا چىققان ، 1 سائەتتە شىياڭخى ناھىيىسىگە كەپتىمەن . ئۇلارنىڭ مەشىق مەيدانىغا ناھىيەدىن يەنە 1 سائەت مىنبوسقا ئولتۇرۇپ بارىدىكەن .
مەن ئۇلارنىڭ مەشىق مەيدانىغا بارسام ئۇلار مەشىقنى باشلاپ بوپتىكەن ، دەل شۇ ۋاقىتتا  قايسى بىر كوماندىسى ئىش قىلىپ جۇڭگۇ تەرەپ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ ئەككەلگەن كوماندىمۇ بۇ مەشىق مەيدانىغا يىتىپ كەلدى( بۇ جۇڭگۇ ئا دەرجىلىكتىكى  بىيجىڭ باشى كوماندىسى ئىكەن ، شۇ ۋاقىتتا باشى كوماندىسى دىسە مەن تىخى پالمىراس كوماندىسى بىلەن 8 - چىسلا ئوينايتى ، بۇ نىمە مۇسابىقىدۇ دەپتىكەنمەن . )  ، ئەسلى بۈگۈنمۇ بۇيەردە بىر مەيدان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ئوينىلىدىكەن ئەمەسمۇ ،،،،،،،،،، كىيىن مىرئەخمەت ۋە بارىلاردىن سورىسام ئولارمۇ ئىنىق ئۇقمايدىكەن ، ئىشقىلىپ ئۇلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن بىر قىتىملىق مەشىق ھىساۋىدىكى بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ئىكەن   .
شۇنىڭ بىلەن مەيدانغا كىرەي دەپ مەغرۇر قەدەملىرىم بىلەن ماڭسام دەرۋازىدىكى ئىشىك باقار ساقچى  excuse me  ،،،،،،،،،،،،،دەيدا    شۇنىڭ بىلەن مەن كىرسە بولمامدۇ دەپ سورىسام ، ياق كىرىشكە بولمايدۇ ، بىردەمدىن كىيىن مۇسابىقە بار ! باشلىقىمىزنىڭ رۇخسىتىسىز ھىچكىمنىڭ كىرىشىگە بولمايدۇ دەپ كىرگىلى قويمىدى . شۇنىڭ بىلەن  مەن مىرئەخمەتنىڭ ئاكىسى دىدىم ، دەرۋازىۋەن ئۇنداق بولسا ئۇنىڭغا تىلفۇن قىل ئۇ چىقىپ ئىلىپ كىركىتىدۇ ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،، ئىشقىلىپ ئۇ ئارلىقتىكى تالاش تارتىشلىرىمىز بەك جىق   پەقەتلا كىرگۈزمىدى ، يا مەندە ئۇلارنىڭ تىلفۇن نۇمۇرى يوق ،،،،،،،،،،،،،،،،،
ئاڭقىچە مۇسابىقىمۇ باشلاپ كەتتى ، ئامال يوق مۇسابىقىنى دەرۋازىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ كۆردۇم . مىنىڭ ئارلىقىم بىلەن مەيداننىڭ ئارلىقى 100-200 مىتىرچە كىلىدىغۇ دەيمەن  .
بىر 10-15 مىنۇتتىن كىيىن  بىر تىلفۇن كىلىپ بۇ دىيۋانى  دارۋازىنىڭ ئالدىدىمۇ تۇرغىلى قويمىدى ، مەن مۇسابىقە ئەھۋالىنى رەسىمگە تارتىۋاتاتتىم ، باشلىقتىن تىلفۇن كەلدى ، رەسىمگە تارتساڭ بولمايدىكەن دەپ ......... يامان ئاچچىقىم كەلدى .
ئامال يوق بىر بۇلۇڭ - پۇچقاقلاردىن بۇ مۇسابىقە ئەھۋالىنى  كۆپچىللىك بىلەن خەۋەرلەندۈرەي دەپ مۇشۇنچىلىك رەسىمگە تارتتىم ، ئاپىراتىممۇ تازا ياخشى ئەمەس، ھەم ئارلىق بەك يىراق بولغاچ رەسىملەر ئانچە ئىنىق چىقمىدى .
شۇنداق بولسىمۇ ، ئانداقكىن - مانداقكىن  دىمەي كۆرەپ تۇراسىلە . كەچۈرۈڭلار !!!!!!!!!!!

مۇسابىقە تۈگەپ ، ئۇلار مەشىقتىن يانغاندىن كىيىن ھەممىسى ياتاقلىرىغا كىرىپ كىتىشتى ،  مەن ئاتايىتىن ئۇلارنى دەپ كىلىپ كۆرۈشمەي كىتەمدىم ،،،،،،، قاراڭغۇمۇ چۈشەي دىدى  شۇنىڭ بىلەن ئۇنى دەپ بۇنى دەپ  ئاخىرى ھىلىقى دەرۋازىۋەننى قايىل قىلىپ ،  دەپ ئىچىگە تىلفۇن قىلغۇزۇپ ئۇلارغا خەۋەر قىلىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشتۈم .  مەن ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەندە بەك كەچ بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار كۆپرەك ئەھۋاللىشىپ بىرگە تاماققا چىققۇدەكمۇ پۇرسەت بولمىدى ، بىريىرىم سەئەتتەك پاراڭلاشقاندىم كىيىن قايتىپ كەلدىم .  
ئاللا ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن ، تىنىنى سالامەت قىلسۇن ! ئۇلارنىڭ مۇسابىقىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن ! ئۇلارنىڭ مۇسابىقىدە  ئەڭ ياخشى ئىپادىسى بىلەن ئوينىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن !


香河国家足球训练基地  دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىنىڭ مەشىق بازىسى ئىكەن ،  بۇيەر ئۆزى بىر چەت يىزىدا بولغىنى بىلەن ئۇلارنىڭ شارائىتى  بەك ياخشى ئىكەن ، ياتاق، ياماق ھەمىسى ئاشۇ مەشىق بازىسىنىڭ ئىچىدا ئىكەن .  
ئۇلارنىڭ مەشىقلىرى شۇنداق جاپالىق ، ھەم ئىغىر ئىكەن ، بۇ بازىنىڭ تۈزىمىمۇ شۇنداق چىڭ ، ئادەتتە سىرىتقا چىققان كىرگەن ۋاختى تىزىملىنىدىگەن سائەت - مىنۇت بويىنچە .  خۇددى ھەربى تۈزۈمدەك !

ئۇلار بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ تەپسىلى مەزمۇنىنى تولۇق يازمىدىم ئاساسلىق قىسقىچە دەپ ئۆتۈپ كىتەي :

بۇيەردىكى تۇرمۇش ئەھۋالىقلار قانداقراق ؟ ! مەشىقىڭلارچۇ ؟
بارى- مىرئەخمەت : بۇيەر بەك زىرىكىشلىك ، مۇشۇ سەھرادا شۇ كۈندە ئىغىر مەشىق ! مەشىقتىن يىنىپ ياتاقتا زىرىكىپ ئولتۇرىمىز شۇ ،  سىرىتقا چىقساقمۇ نىمە بار بۇ سەھرادا،،،،،،،،،،،،،
مەشىقىقىمىز بەك ئىغىر ھەم شۇنداق جاپالىق ، بۇيەر چەت بولغاچقا شۇنداق شۇنداق زىرىكىشلىك !  ھىرىپ ئۆلەي دىدۇق .  
شۇنچە يىراق دىمەي بىزنى كۆرگىلى كەپسىز ، بىز بەك خوش بولدۇق !!!!!!!!!!!!  

ئىككىڭلارنىڭ كۇلۇبتىكى ئەھۋالىڭلارچۇ ؟ ئىككىڭلار تۇرىۋاتقان كومانداڭلارنىڭ بۇقىتىم ئاسىيا چىمپىيونلىققا كىرىشىگە يەنە ئۈمۈد باردەكمۇ ؟
بارى- مىرئەخمەت :  خاڭجۇ يىشىل شەھەردە ئۈمۈد ئاساسەن قالمىدى دىيەرلىك ، شەندۇڭ لۇنىڭغا يەنە ئۈمۈد بار . 足协杯 دا چىمپىيون بولساق ، ئاسىيا ئۇزغۇنلۇققا كىرەلەيمىز . ئۇنىڭدا چىمپىيون بولىشىمىزدا ئۈمۈد زور !
بارى ھازىر خاڭجۇدا ئاساسلىق ئەزا بولۇپلا ئويناۋاتىدۇ ، مەن بۇ يىل ئاساسەن دىگۈدەك مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمىدىم . ئىشىنىمەن كىيىنچە يەنە پۇرسەت چىقىپ قالار !!!!!!!!!!

شىنجىن قىزىل ئالماس كۇلۇبى دەرىجە چۈشۈپ كىتىش رايونىدا تۇرىۋاتىدۇ ، ئۇلار راستىنلا دەرىجە چۈشۈپ كىتەرمۇ ؟  خۇنەن شىياڭتاۋ دەرىجە ئۆرلەپ چىقالارمۇ ؟
بارى- مىرئەخمەت : ئامال يوق !!!!!!!  中超دا پۇل بولمىسا دەرىجە ساقلاپ تۇرغىلى بولمايدۇ .  بارى:-  مەن ئۇ ئۈچەيلەنگە  توختامنى بىر يىللىق تۈزۈپ تۇرۇڭلار دىسەم ئۇنىماي ئۈچ يىللىق تۈزىۋاپتۇ ! بوپتۇ بىريىل ئا دەرجىلىك ئويناپ چىقمىسۇنما،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،ئەكرەم ئاكاملار قانداق  چىداۋاتقاندۇ دەيمەن  30 ياشقا كىرىپ تۇرۇپمۇ   شۇنداق  ياخشى ئويناۋاتىدۇ ،  ئالدىنقى بىر ئايلانمىدا تىخى شۇنداق چىرايلىق ئارقىچە ،موللاق توپتىن بىرنى ئۇرۇپتۇ ، نەدىن كەلگەن كۈچكى تاڭ ئۇ ! مەنمۇ باشتا شۇنداق يۈگۈرۈپ ، ياخشى ئويناپ كىلىۋاتىتىم ، ھازىر ئويلاپ باقسام بەك چارچاپ كەتكەندەك ، بەدىنىمنى كۆتۈرەلمەيۋاتقاندەك بىر خىل سىزىم بار .
ئەكرەم ئاكاملار ئەسلى 中超 ، دۆلەت كوماندىسىدا  ئوينايدىغان ئىشتى .  بارلىق توپچىلار ئەكرەم ئاكامدىن ئۈگەنسە بولىدۇ ،  بۇيىل دەرجە ئۆرلەپ قالار قىنى ،،،،،،،        

مىرئەخمەتجان  توردا سىزنىڭ ئارگىنتىناغا بىرىپ مەشىققە قاتنىشىدىكەن دىگەن گەپ چىقىپتۇ ، مۇشۇ ھەقتە خەۋەر بارمۇ ؟!
ۋاي تاڭ !!!!!!! ئۇنى مەن ئۇقمۇدۇم ،  مەن ئۇنداق خەۋەرنى ئاڭلىمىدىم ، ھەم كۆرمىدىم .  ماڭا بىرسىمۇ ئۇنداق گەپ قىلمىدى .
لىكىن بىرىپ بىرەر يىل مەشىق قىلىپ كەلسەمغۇ بەك ياخشى بولاتتى .


تامام !!!


مىرئەخمەت 18 نۇمۇر ( ئۇتتۇرا مەيدان ) ، بارى 25 نۇمۇر  ( ئوڭ قانات ).
مىرئەخمەت تولۇق مەيدان ئوينىدى ، بارى كىيىنكى يىرىم مەيداندا چۈشتى . مىرئەخمەت كىيىنكى يىرىم مەيداندا كوماندا باشلىقىلىق ( كاپىتان ) لىق ۋەزىپىسىدە مەيدانغا چىقتى .
كىيىنكى يىرم مەيداندا بارى بىلەن مىرئەخمەت ئىككىسى شۇنداق ياخشى ماسلىشىپ ئوينىغان ، بىر نەچچە قىتىم توپ ئۇرىدىغان ياخشى پۇرسەتلەرمۇ كەلگەن ، مىرئەخمەتكە بىر نۇرختا توپ بىر ئختىيارى توپ تىپىش پۇرسىتى كەلگەن ، ئەپسۇس،،،،،،،،،،،،
نۇختا توپنى ئۇرالمىدى . 90 مىنۇت مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق 3-0 نەتىجە بىلەن ئاخرلاشتى .  ( لىكىن بۇگۈن قارىسام خەۋەردە 3-0 ئۇتتى دەپ چىقىرىپ قوياپتۇ ، مەنغۇ تولۇق كۆرگەندەك قىلىۋاتاتتىم ، ھەرئىككى تەرەپتىن بىرەر توپمۇ چۈشمىگەن،  يا توپ چۈشكەن ۋاقىتتا كۆرەلمەي قالدىممۇ ئارلىق يىراق بولغاچ . ئىشقىلىپ ئۇقمىدىم قالغىنىنى،،،،،،،،،،،،http://sports.sohu.com/20111006/n321354074.shtml )بىزنىڭ كوماندىدىن بىر يىتىم ، ئىسمى نىمىكى ئىشقىلىپ بىرسى ، چەت ئەللىك بىلەن كاللا سوقاشتۇرۇپ بىشى يىرىلىپ  دوختۇرخانغا ئىلىپ كىتىلدى .


























بارى توپ ساقلاۋاتىدۇ ،،،


مىرئەخمەت ئىختىيارى توپ تىپىشكە تەييارلىنىۋاتىدۇ ،،،
بارى ئورۇن ئىلىۋاتىدۇ ،،،


مىرئەخمەت كورنى توپ تىپىۋاتىدۇ ،،،،،



بارى مۇداپىيە قىلىۋاتىدۇ ،،،


بارى :-  ئاداشششششش  پاس بىرە !!!!!!!!!!!!!!!!!!
مىرئەخمەتنىڭ كىرگۈزەلمىگەن نۇختا توپى ،،،،،،،،،،،




مەن ئۇ ئىككەيلەن بىلەن ،،،،،،،






بۇ تىمىدىكى سۈرئەتلەر گەرچە ئانچە ياخشى تارتىلمىغان بولسىمۇ لىكىن ، ئوغۇرلىقچە ، تارتساق بولمايدۇ دىگەن ئەھۋال ئاستىدا تارتىلغان .تىمىدىكى مەزمۇننى ۋە سۈرئەتلەرنى ھەرقانداق بىر شەخىس ۋە تور بەتنىڭ ، تىما ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىسىز  كۆچۈرىشىگە رۇخسەت يوق !!!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +20 يىغىش سەۋەبى
سىرداش + 20 ئەجىرلىك تىما

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-10-6 14:33:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلار قاچانمۇ 1-كوماندىغا كىرە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-10-6 14:34:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىشتىن بىر نى قىپسەن  بۇرەدەر  
ئاللا خالىسا بىزگىمۇ  ئوغلانلىرىمىز بىلەن كۇرۇشۇش  نىسىپ بۇلار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-10-6 14:35:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋۇييۇ ھەجەپ ياخشى قىپسىز، ئۇلارمۇ ھارغىنىدا سىزدىن قانچە خوش بولغاندۇ ھە،سىز سودا قىلدىكەنسىزدە،  سىزدەك بايۋەچچىلەر مەبلەغ توپلاپ ئۆزىمىزنىڭ بىر كومانسىنى قۇرۇۋالغان بولساققۇ     
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-10-6 14:36:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە، ھەقىقەتەن جاپا چىكىپسىز، لىكىن ئىككى باتۇرىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشۈشكە مۇيەسسەر بولۇپسىز،
ئۇلارنىڭ تىخىمۇ تىرىشىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-10-6 14:40:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىدىگەن ياخشى خەۋەر بۇ؟  بەكلا جاپا چىكىپسىز..رەھمەت سىز گە....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-10-6 14:45:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك   پەيزى  بولۇپتۇ  ،،،  

        بارى   بەدىنىم  ئېغىرلىشىپ  قالغاندەك  دەپتىما  ،،     جىق    مۇسابىقە  ئويناپ  كەتتە  ئىشقىلىپ   ،،

      ئەنقار غا   رەھمەت  .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-10-6 14:46:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەلەيسىز ئۇيغۇررۇمىنىڭ ئازرۇلىرىنى يۇدۇپ جاپا چىكىۋاتقان شۇ قىرىنداشلارغا ئامانلىق تىلەيمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-10-6 15:27:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئككى ئوغلانمزنىڭ ئشلرغا ئۇتۇغلۇق تئلەيمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-10-6 15:35:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر بېرىپ مۇسابىقىسىنى كۆرىمەن دىگنتىڭىز،كۆرۈپ كەپسىزدە...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-10-6 15:38:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى چىناردە2011-10-06 15:35يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
  بىر بېرىپ مۇسابىقىسىنى كۆرىمەن دىگنتىڭىز،كۆرۈپ كەپسىزدە...


ھەئە بىرىپ كەلدىم ،
لىكىن ئاسانغا توختىمىدى جىما بۇ مۇسابىقىنى كۆرۈش،،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-10-6 16:34:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسىگە جاسوسلۇق مىدالىدىن بېرىدىغان ئىشمىكىن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 09:14

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش