ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 980 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئارسىنال توپچىسى سانىيە ئالدىنقى قىتىملىق مۇسابىقىدە يارلانغان بولۇپ تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا 3ئاي مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدىكەن. ئادەملىرىنىڭ تولاسى ياردار ئارسىنالغا نىبسبەتەن بۇ بىر زەربە ھىسابلىنىدۇ. ۋىنگىر ئارسىنالنىڭ تاماق تىزىملىكىگە «قوي پاچىقى» دىگەن تاماق تۈرىنى قىتىپ قويسا بولغۇدەك
بارسلونا كۇلۇبىنىڭ ئەترەت دوختۇرلىرىنىڭ خەۋىرىچە ئىنستا ھازىر ئەسلىگە كەلگەن بولۇپ بۇندىن كىينكى مۇسابىقىلەرگە قاتنىشالايدىكەن. ئۇندىن باشقا كوماندىدىكى گوللاندىيەلىك توپچى ئافىللەينىڭمۇ ئوپراتسىيەسى مۇۋاپىقىيەتلىك بولوپ ئەتىدىن باشلاپ دوستىلىرى «تۇفىڭ گۇمىگەي»نى ئىلىپ يوقلاپ كەلسە بولدىكەن.
ئىتالىيە تەنتەربىيە سوتو مەھكىمىسنىڭ قارارىغا ئاساسەن ئىنتىرنىڭ تىرىنىرى لانىرى ۋە ئوبى بىر مەيدان مۇسابىقىدىن توختاش جازاسى بىرلگەن، ئۇندىن باشقا سانىدى،كىردوبا،مىلتولارمۇ جازالانغان.(ئىنتىرچىلار بىرەر مەيدان زىياپەت ھازىرلاپ ھال سوراپ قوياڭلار)
توتىنھامدىكى بىل«ئارسىنال ناسىرى بىلەن فابىرگاسنى سىتۋىتىپ بەدەل تۆلىدى، لىكىن ئارسىنال ھامان ئۆز ئەسلىگە قايتىدۇ»دىدى. ئۈمۈتسىزلەنمەڭلار «دىھقانلار»، «مايسىلىرىڭلار» قىشتىن ئۆتۈپ كەتسىلا چوقۇم ھوسۇل بىرىدۇ.
پارىژ كىشىلىرى گىزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا زىدانى ئۆزىنىڭ فىرانىسىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىرىنىرى بولغۇسى بارلىقىنى ئاشكارلىغان(ئاڭلىسام ئۇ تىرىنىرلىقنىڭ ئۆزلىكىدىن ئوقۇش بويىچە تولۇق كۇرسنى ئەپ بوپتۇ)
خان جەمەتى مادىرد كوماندىسىكى كىرستىيانو رونالدو ماكا گىزىتى تارقاتقان ئىسپانىيە ئا دەرىجىلكلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ ياخشى مەرگەن مۇكاپاتىغا ئىرىشتى، تىرىنىرى مورىنيو ئۆتكەن يىلقى مۇسابىقە پەسلىدىكى ئەڭ ياخشى تىرنىر دىگەن مۇكاپاتقا ئىرشتى.(مادىردلىق مەستانىلار ئاخشاملىققا لەغمەنگە بىرەر زىخ كاۋاپنى قوشۇپ بۇيرۇپ تەبىرىكلەپ قويۇڭلار)
توتىنھامدىكى دىفۇ ئۆزىنىڭ ئەنگىليە دۆلەت كوماندىسىغا كىرەلمىگەنلىكىگە قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ كاپللونىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشىش ئۈچۈن قاتتىق تىرشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.(كۆڭلى يىقىنلار بولسا تەسەللى بىرىپ قويۇڭلار،) |
|