elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2805|ئىنكاس: 40

بۈگۈن ماڭا قىزىل كارتا بىرىلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كىچىچە مۇسابىقە  كۆرگەچكىمىكىن  ئەتتىگەن ئورۇمدىن تۇرالماي  4ياشلىق ئوغلۇم  بېشىمغا  تىپىپ چاچلىرىمنى يولغاندىلا ئاران ئورنۇمدىن تۇردۇم  ، مىڭ تەسلىكتە كۇزۇمنى ئېچىپ چاپاق باسقان كۆزلىرىمنى ئۇۋۇلىغىنىمچە سائەتكە قارىسام سائەت ئىستىرلكىسى 8نى كۆرسۇتۇپ تۇرۇپتۇ.ئاپلا بۇگۇن يۇقۇردىن كەلگەن باشلىقلار ‹«ھەممە ئائىلىلەرگە يۇرۇقلۇق يەتكۇزۇش » مەخسۇس تۇرى ئۇچۇن سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچماقچى ئىدى .  يۇزلۇرۇمنى چالا-پۇلا يۇدۇمدە  چاپىنىمىنى قولتۇقلىغىنىمچە ئىدارىگە يۇگۇردۇم .
يىغىن زالىنىڭ ئالدىغا كىلىشىمگە بىزنىڭ ئىشخانا مۇدىرى كۆزلىرنى چەكچەيتكىنىچە بىر تۇتام ماتىريالنى ئېلىپ يىغىن زالىغا كىرىپ كەتتى . مەنمۇ ئاستا كىرىپ ئاخىرقى رەتكە بېرىپ ئۇلتۇردۇم . يىغىن ئاللىقاچان باشلانغان بۇلۇپ بىزنىڭ باشلىقمۇ ئېغىزلىرىدىن تۇكۇرۇكلىرىنى چاچىرىتىپ سۆزلەۋاتاتتى .مانا ئۇنىڭ سۆزلىرىمۇ تۇگەپ  يولداشلار قىنى **** باشلىقنى سۆزگە تەكلىپ قىلايلى  ، گۇلدۇراس ئالقىشلار ئىچىدە **** باشلىق  گېلىنى قىرىپ قۇيۇپ سۆزىنى باشلىدى ، مانا ئىش مۇشۇ يەردىن باشلاندى . كۆزلىرىم ئۇيقۇدا . چۇشلۇرۇمدە ئاخشامقى مۇسابىقە   تارت-تارت خورەكنىڭ سايرىشى بىلەن تەڭلا مۇسابىقە باشلاندى  .
تۇيۇقسىز   توپ كىردى  ،  خۇشاللىقىمدىن توۋلىغىنىمچە ئۇرۇندۇق كەينىگە سەنتۇرلۇپ تىك موللاق بىلەن چۇشتۇم . ھەممىنىڭ كۆزى مەندە   يۇقۇردىن كەلگەن باشلىقلا بولسا بۇرنىنىڭ ئۇستىگە تاقىۋالغان كۆز ئەيىنىسىنىڭ ئۇستىدىن ماڭا قارىغىنىچە ھاڭۋېقىپ قاپتۇ ، يىغىن زالىنىڭ ئىچى -كۇسۇر-كۇسۇر پاراڭلار . قاقاقلاپ كۇلۇشلەر .مەسخىرىلىك قاراشلار  ، مانا  ئەمدى راسلا ئۇزۇل كىسىل تۇگەشتىم  . يىغىنمۇ ئاخىرلاشتى .
چۇشلۇك دەم ئېلىشقا يەنە يېرىم سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت بار   كۆڭلۇم دەككە-دۇككە .تۇيۇقسىز  ئىشخانىدىكى نايناق كاتىپ ئەلى سىزنى باشلىق چاقىرۋاتىدۇ
ئىم!!! ئىشىكنى ئاستا چەكتىم --توك ---توك   .   كىرە  . ياۋپانا----------  ئادەم يەيدىغاندەك تولاۋاتاتتى   .
نوچىغۇ  ئېلى ئەپەندى  ، سىلىنىڭ تۆھپىللىرى بىلەن  مانا  يىرىم يىللىق باھالاشتا   . خىزمەت ئىستىلى . خىزمەت مەسئۇليىتى تۇرلىرىدە 0 نۇمۇر ئالدۇق  .

باشىلىق  ئاخشام شۇ !!   دىيىشىمگە بىر ۋاراق قەغەزنى ئالدىمغا تاشلىدى ، كۇزۇم بىرىنجى قۇردىكى چارە كۇرۇش ئۇقتۇرۇشى  دىگەن خەتكە چۇشتى  ، مانا بىر كىچە ئۇخلىماي مۇسابىقە كۆرگەننىڭ پايدىسى .

ئەتتىگەن يىغىنغا كىچىكىپ كەلگەنلىكىمگە بىر سېرىق كارتا   ،  يىغىن زالىدا خورەكنى بۇلۇشىغا سايرىتىپ ئۇيۇن قويغىنىمغا بىر سېرىق كارتا  ، 2 سېرىق كارتا بىر بۇلۇپ يېرىم يىللىق مۇكاپات قىزىل كارتا ئىستىمال قىلىۋالدى  ، يەنە تېخى ناھىيە مەركىزىدىن 20 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى يېزىغا 3 ئايلىق ئىجارىگە بىرىلدىم .   



ھەي بۇ دەردىمنى ھەرقايسىڭلارغا دىمەي  كىمگە دەرمەن  

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
ئاتېللا + 50 تېخىمۇ ئىلگىرلەڭ

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-9-27 17:42:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    يۇمۇرمۇ يا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-9-27 17:44:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەستاغپۇرۇللا  ئۇماققارى ،  ما  كىلىشمەسلىكنى. .......   

                                 سەۋىر  قىلىڭ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-9-27 17:46:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى تەنھادە2011-09-27 17:42يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
    يۇمۇرمۇ يا
نەدە  يۇمۇر  بۇلىدۇ   

شۇ ئاچچىقىمدا  جىلە بۇلۇپ تۇرسام
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-9-27 17:51:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلاپتا پۇتبول ئۈچۈن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-9-27 18:16:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇۋال بۇپتۇ سىلگە     
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-9-27 18:27:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سائەتنى 6 گە توغۇرلاپ ياتماي... مەنغۇ ھازىر مۇسابىقە كۆرۈپ قالسام ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزۋىتىدىغان بولدۇم. ئۇخلاپمۇ قالدىم بولدى... تۈگەشكىنىم شۇدە... چۈنكى مەنمۇ ھەر كۈنى ئەتىگىنى 6 تىدە قوپۇپ 7 گىچە 20 كېلۇمىتىر يولنى ماشىنىدا بېسىپ خىزمەتكە چىقمىسام كۆردىغان كۈنىم بار....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-9-27 18:28:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ   پۇتبول  دىگەننىڭ   مۇشۇنداق    بەزىدە   ئاچچىق  ،  بەزىدە  تاتلىق  يەرلىرىنى  دىمىسەك   كىممۇ  ياخشى  كۈرىدۇ  بۇنى  ....  
  ھە  بوپتۇ  ،  پۇتبول  ئۈچۈن  ھېچىقىسى  يوق  !!    ئىشلىرىڭىزنىڭ   ئوڭۇشلۇق  بۇلىشىنى   ئۈمۈد  قىلىمەن   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-9-27 18:40:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ما كىلىشمەسلىكنى ھەقىقەتەن چاتاق بۇپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-9-27 18:54:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر يۇمۇركەنغۇ،       
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-9-27 18:57:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانداق  بولسا  بولمايتى...خىزمەت -تۇرمۇشقا  تەسىر  يەتكۇۇزۇپ  پۇتبول  مەستانىسى  بۇلۇش...بۇ  سەل  ئاخمىقانلىق  جۇمۇ......
  خوتۇن  باللىنى سىلى  باقمىساڭلار....رونالدولار  بېقىشىپ  بەرمەيدۇ..........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-9-27 19:09:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى  قوقىدىغان  يېرىڭلا   قامماپتۇ ! توپ دىگەننى  تازا  كۆرەڭلا  ئالدىرىماي  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 19:28

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش