ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1662 |
تۆھپىسى: سەر |
|
مۇنبەرگە كىرمىگىلىمۇ خىلى ئۇزۇن بۇلۇپ قاپتۇ. بۇ يىللىق (2007\2008 ) ياۋرۇپا چىمپىيۇنلار لوڭقىسىمۇ باشلىنىپ بولدى.
شۇنداق بولسىمۇ ،مەن تۆۋەندە بىر قانچە كەلىمە ..جۆيلۈپ باقاي... بۇ مەن كۆرگەن ماتىرىياللارھەم ئۆزەمنىڭ چۈشەنچىسىنى ئاساس قىلغان.
قېنى ئەمىسە ... باشلىدىم :
----------------------------------------------------------------------------------------------------
2007ئ2008 چىمپىيۇنلار لوڭقىسى كىچىك گۇرۇپپا ھەققىدە
A گورۇپپا :
لىۋىرپول كوماندىسى ، پورتۇ كوماندىسى ، مارسىل كوماندىسى ، بىشىكتاش كوماندىسى
مانچىستىر بىرلەشمىسى ھەم چىلسى كوماندىلىرىدىن كىيىن لىۋىرپول كوماندىسى قۇشۇمچە مۇسابىقىنى غەلبىلىك تاماملاپ، چىمپىيۇنلار لوڭقىسىنىڭ بۇ قىتىملىق جىڭىگە قاتنىشىش شەرىپىگە ئىرىشتى.
پورتو كوماندىسى بولسا 2004-يىلىدىكى چىمپىيۇن. شۇڭا بۇ قىتىم «قارا تۇلپار » بولالماسلىقى مۇمكىن.
مارسىل كوماندىسىدا بولسا شىسەي ھەم زىندىن دىن ئىبارەت لىۋىرپولنىڭ كونا ئەزالىرى بار . بۇ لىۋىرپول كوماندىسىنىڭ بىشىنى ئاغرىتىۋاتقان مەسلىنىڭ بىرسى. بىشىكتاش كوماندىسىغا كەلسەك ، كىشىلەر دەرھال ئىستانبول شەھىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. بۇ لىۋىرپول كوماندىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا بەخىتكە چۈمگەن جايى.
بۇ گۇرۇپپىدىكى كوماندىلارنىڭ تارىخىتىكى ئۇچىرشىش ئەھۋالىغا قاراپ باقايلى :
ۋاقىت كوماندىلار ساھىبخان مىھمان ئومومىي نەتىجە
2000/2001 ياۋرۇپا بىرلەشمە لوڭقىسى يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى
لىۋىرپول - پورتۇ 2-0 0-0 2-0 (لىۋىرپول يەڭگەن )
2004/2003 ياۋرۇپا بىرلەشمە لوڭقىسى تۆتىنچى ئايلانمىسى
لىۋىرپول - مارسىل 1-1 1-2 3-2 (مارسىل كوماندىسى يەڭگەن )
2003 /2004 ياۋرۇپا چىمپىيۇنلار لوڭقىسى كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسى
مارسىل - پورتۇ 1-0 2-3 2-4 (پورتۇ كوماندىسى يەڭگەن )
B گۇرۇپپا :
چىلسى كوماندىسى ، ۋالونسىيە كومانسى شارىك04 كوماندىسى ، لىيۇكسىنبىرگ كوماندىسى (罗森博格 نى قانداق تەرجىمە قىلىشنى بىلمەي ، لىيۇكسىنبىرگ دەپلا ئالدىم )
نورۋىگىيە نىڭ لىيۇنسىنبىرگ كوماندىسى چىمپىيۇنلار لوڭقىسى كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ دائىملىق مىھمىنى. ئۇلارنىڭ چىمپىيۇنلار لوڭقىسى سەپىرى كىچىك گۇرۇپپىدا باشلىنىپ ، يەنە كىچىك گۇرۇپپىدا ئاخىرلىشىدۇ.ئەگەر تاساددىبىيلىق يۈز بىرىپ قالمىسىلا ، 16 كۈچلۈككە كىرىشنىڭ ئىككى بېلىتى چىلسى ، ۋالونسىيە ياكى شارىك04 كوماندىلىرىگە مەنسۈپ بولىشى مۇمكىن. ئۆتۈپ كەتكەن تۆت يىل مابەينىدە چىلسى كوماندىسى ئۈچ قىتىم چىمپىيۇنلار لوڭقىسىنىڭ يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرگەن. بۇ قىتىممۇ ئۆزىنىڭ گۇرۇپپىدىكى ئەمەلىي كۈچىنىڭ كۈچلۈكلىكىگە تايىنىپ، 16 كۈچلۈككە كىرىشى مۇمكىن. ۋالونسىيە كوماندىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچىمۇ چىلسىدىن كىيىنلا تۇرىدۇ.
بۇ گۇرۇپپىدىكى كوماندىلارنىڭ تارىخىتىكى ئۇچىرشىش ئەھۋالىغا قاراپ باقايلى :
ۋاقىت كوماندىلار ساھىبخان مىھمان ئومومىي نەتىجە
2006/2007 ياۋرۇپا چىمپىيۇنلار لوڭقىسى يىرىم ھەل قىلغۇچقا كىرىش مۇسابىقىسىدە :
چىلسى - ۋالونسىيە 1-1 1-2 2-3 (چىلسى كوماندىسى يەڭگەن )
1996/ 1997 ياۋرۇپا بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ يىرىم ھەل قىلغۇچقا كىرىش مۇسابىقىسى :
ۋالونسىيە - شارىك04 1-1 2-0 3-1 (شارىك04 كوماندىسى يەڭگەن )
C گۇرۇپپا :
خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى ، بىرىمىن كوماندىسى ، لازىئو كوماندىسى ،ئولىمپىك كوماندىسى
بۇ گۇرۇپپا ئانچە خەتەرلىك گۇرۇپپا ئەمەس ، ئەمما بۇ گۇرۇپپىدىكى كوماندىلارنىڭ ھەممىسى چىمپىيۇنلار لوڭقىسىغا قاتنىشىش تەجىربىسىگە ئىگە. ئەمەلىي كۈچى بار ماھىرلارمۇ ئاز ئەمەس . كىچىك گۇرۇپپىنىڭ تۆتىنچىسى بۇلۇش ئىھتىمالى يۇقىرى بۇلغان ئولىمپىك كوماندىسىدا بۇلاۋۇ ، كۇۋاسەيۋىچ، گىرەيد قاتارلىق ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە توپ تەپكەن ماھىرلار بار. دىققەت قىلمىسا بولمايدۇ.
بۇ گۇرۇپپىدىكى كوماندىلارنىڭ تارىخىتىكى ئۇچىرشىش ئەھۋالىغا قاراپ باقايلى :
ۋاقىت كوماندىلار ساھىبخان مىھمان ئومومىي نەتىجە
2000/2001 ياۋرۇپا چىمپىيۇنلار لوڭقىسى كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسى :
خان جەمەتى مادىرىد - لازىئو 2-3 2-2 4-5 (خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى يەڭگەن )
1998/1997 ياۋرۇپا چىمپىيۇنلار لوڭقىسى كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسى :
خان جەمەتى مادىرىد - ئولىمپىك 5-1 0-0 5-1 (خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى يەڭگەن )
2000/1999 ياۋرۇپا چىمپىيۇنلار لوڭقىسى كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسى :
خان جەمەتى مادىرىد - ئولىمپىك 3-0 3-3 6-3 (خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى يەڭگەن )
2005/ 2006 ياۋرۇپا چىمپىيۇنلار لوڭقىسى كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسى :
خان جەمەتى مادىرىد-- ئولىمپىك 2-1 1-2
D گۇرۇپپا :
AC مىلان كوماندىسى ، بىنفىيكا كوماندىسى ، «كىلىتلىقلار» كوماندىسى ، كان كوماندىسى
ACمىلانغا تەلەي بۇ قىتىم سەل قۇچاق ئاچماي قالدى. ئالدىنقى نۆۋەت لىئىر ، ئافىنا AEK ، ئەندىخلىد قاتارلىق كوماندىلار بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن مىلان كوماندىسى ئانچە كۈچىمەيلا كىچىك گۇرۇپپىدىن چىققان.
ئەمما بۇ قىتىم بۇلتۇرقىغا سەل ئوخشىمايدۇ. بۇ يىل كىچىك گۇرۇپپىدىن چىقىشقا سەل كۈچىمىسە بولمايدىغان ئوخشايدۇ.
قالغان بىنفىيكا ، «كىلىتلىقلار » ، كان قاتارلىق كوماندىلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا كىچىك گۇرۇپپىدىن چىقىش ئىھتىمالى بار.
بۇ گۇرۇپپىدىكى كوماندىلارنىڭ تارىخىتىكى ئۇچىرشىش ئەھۋالىغا قاراپ باقايلى :
ۋاقىت كوماندىلار ساھىبخان مىھمان ئومومىي نەتىجە
1962/ 1963 ياۋرۇپا چىمپىيۇنلار لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى :
AC مىلان - بىنفىيكا 2-1 (مىلان چىمپىيۇن بولغان )
1989/ 1990 ياۋرۇپا چىمپىيۇنلار لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى :
AC مىلان - بىنفىيكا 1-0 (مىلان چىمپىيۇن بولغان )
1994\1995 ياۋرۇپا چىمپىيۇنلار لوڭقىسى 4\1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى :
AC مىلان - بىنفىيكا 2-0 0-0 2-0 ( مىلان يەڭگەن )
1968\1969 ياۋرۇپا چىمپىيۇنلار لوڭقىسى 4\1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى :
AC مىلان-«كىلىتلىقلار » كوماندىسى 0-0 0-1 1-0 (مىلان يەڭگەن )
2004\2005ياۋرۇپا چىمپىيۇنلار لوڭقىسى كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسى :
AC مىلان-«كىلىتلىقلار » كوماندىسى 3-1 0-0 3-1 (مىلان يەڭگەن )
2006\2007 ياۋرۇپا چىمپىيۇنلار لوڭقىسى 8\1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى :
AC مىلان-«كىلىتلىقلار » كوماندىسى 1-0 0-0 1-0 (مىلان يەڭگەن )
2004\2005 ياۋرۇپا چىمپىيۇنلار لوڭقىسى كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسى :
AC مىلان--كان كوماندىسى 4-0 1-0 5-0 (مىلان يەڭگەن )
1969\1970 ياۋرۇپا چىمپىيۇنلار لوڭقىسى كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسى ئىككىنچى ئايلانما :
«كىلىتلىقلار » كوماندىسى --بىنفىيكا 3-0 0-3
2006\2007ياۋرۇپا چىمپىيۇنلار لوڭقىسى كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسى :
«كىلىتلىقلار » كوماندىسى --بىنفىيكا 3-0 0-3
2004\2005 ياۋرۇپا چىمپىيۇنلار لوڭقىسى كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسى :
« كىلىتلىقلار » كوماندىسى -- كان كوماندىسى 1-0 0-3 1-3 (كان كوماندىسى يەڭگەن )
بۇ گۇرۇپپىىدىن « رەقىبلەر تار يولدا ئۇچراشتى » دىگەننى كۆرۋىلىش تەس ئەمەس. كونا رەقىبلەر قايتا «جەم » بولدى.
مىلان يەنىلا ئۆز ئۈستۈنلىكىنى ساقلاپ قالامدۇ ياكى كونا رەقىبلىرىگە «يەم » بۇلۇپ كىتەمدۇ ؟؟؟
بۇنى ۋاقىت بەلگىلەيدۇ.
E گۇرۇپپا :
بارسىلونا كوماندىسى ، لىئون كوماندىسى ، سىتۇگارد كوماندىسى ، «گىلاسكو سەرگەندانلىرى » كوماندىسى (بۇ يەردە قىسقارتىپلا «سەرگەندارلار » دەپلا ئېلىنىدۇ. )
بۇ گۇرۇپپىدا ھالاكەت پۇرىقى باشقا گۇرۇپپىلارغا قارىغان سەل كۈچلۈكرەك. چۈنكى بۇ گۇرپپىدا ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئىككىنچىسى ، گىرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى ، فىرانسىيە بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى ، شوتلاندىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئىككىنچىسى قاتارلىقلار بۆلۈنگەن. بارسىلونا كۇلۇبىنىڭ رەئىسى لاپورت مۇنداق دەيدۇ : « بۇ گۇرۇپپا ئۈزۈپ چىقىشتا كۈچ خورىتىدىغان گۇرۇپپا بولدى » . بارسىلونا چىمپىيۇنلۇق نامزاتى ، بىراق دىققەت قىلمىسا بولمايدۇ. ئالدىنقى قىتىم بارسىلونا چىلسى ۋە بىرىمىن كوماندىلىرى بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن..ھەم ئەڭ ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقىسىدىكى غەلبىسى بىلەن كىچىك گۇرۇپپىدىن تەستىرەك چىققان.
بۇ چىمپىيۇنلار بىلەن چىمپىيۇن ئورۇن باسارلىرى توپلاشقان گۇرۇپپىدىن قايسى كوماندىلار ئۈزۈپ چىقالايدۇ ؟؟؟
بۇنى ۋاقىت بەلگىلەيدۇ.
بۇ گۇرۇپپىدىكى كوماندىلارنىڭ تارىخىتىكى ئۇچىرشىش ئەھۋالىغا قاراپ باقايلى :
ۋاقىت كوماندىلار ساھىبخان مىھمان ئومومىي نەتىجە
2001\2002 ياۋرۇپا چىمپىيۇنلار لوڭقىسى كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسى :
بارسىلونا --لىئون 2-0 3-2 5-2 (بارسىلونا يەڭگەن )
2003\2004 ياۋرۇپا چىمپىيۇنلار لوڭقىسى كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسى :
سىتۇگارت --- «سەرگەندانلار » كوماندىسى 1-0 1-2 2-2 (سىتۇگارت كوماندىسى يەڭگەن )
F گۇرۇپپا :
مانچىستىر بىرلەشمىسى كوماندىسى ، رىم كوماندىسى ، لىسىبىن ماھارەت كوماندىسى ، جىپۇدىنام كوماندىسى
بۇ گۇرۇپپىدىكى كوماندىلارنى كۆرگەندە كىشىلەر دەرھال ئالدىنقى يىلىدىكى رىم بىلەن مانچىسىتر بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. ياۋرۇپا بۇنچە چوڭ ، كۇلۇپلار شۇنچە كۆپ تۇرۇپ ، بۇلارنىڭ يەنە بىر گۇرۇپپىغا بۆلىنىپ قىلىشى كىشىنى يەنە ھاياجانغا سالىدۇ.
رىم كوماندىسى ئالدىنقى يىلىدىكى نومۇسىنى ئاقلاپ ، « قانلىق قىساس » ئېلىش پۇرسىتىگە ئىرىشتى. مانچىستىر بىرلەشمىسىمۇ يەنە بىر قىتىم ماھارەت كۆرسىتىش پۇرسىتىگە ئىرىشتى.
ئەمما رىم ئۆچىنى راسلا ئالالامدۇ ؟؟؟ مانچىستىر بىرلەشمىسى يەنە ماھارەت كۆرسىتەلەمدۇ ؟؟؟
بۇنىمۇ ۋاقىت بەلگىلەيدۇ.
بۇ گۇرۇپپىدىكى كوماندىلارنىڭ تارىخىتىكى ئۇچىرشىش ئەھۋالىغا قاراپ باقايلى :
ۋاقىت كوماندىلار ساھىبخان مىھمان ئومومىي نەتىجە
2006\2007 ياۋرۇپا چىمپىيۇنلار لوڭقىسى 8\1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى :
رىم --مانچىستىر بىرلەشمىسى 2-1 1-7 3-8 (مانچىستىر بىرلەشمىسى كوماندىسى يەڭگەن )
2000\2001 ياۋرۇپا چىمپىيۇنلار لوڭقىسى كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسى :
مانچىستىر بىرلەشمىسى -- جىبۇدىنام 1-0 0-0 1-0 (مانچىستىر بىرلەشمىسى يەڭگەن )
1963\1964 ياۋرۇپا غالىبلار لوڭقىسى 4\1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى :
مانچىستىر بىرلەشمىسى --- لىسىبىن ماھارەت كوماندىسى 4-1 0-5 4-6 (لىسىبىن ماھارەت كوماندىسى يەڭگەن )
2004\2005 ياۋرۇپا چىمپىيۇنلار لوڭقىسى كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسى :
رىم --- جىبۇدىنام 0-3 2-0 2-3 (جىبۇدىنام كوماندىسى يەڭگەن )
G گۇرۇپپا :
خەلق ئارا مىلان كوماندىسى ، ئەييىنخوۋىن كوماندىسى ، موسكوۋامەركىزى قۇرۇقلۇق ئارمىيە كوماندىسى ، فەنەر باغچا كوماندىسى
بۇ يىل خەلق ئارا مىلان كوماندىسنىڭ كىچىك گۇرۇپپىدىكى ئەھۋالى (تەلىيى ) بۇلتۇرقىغا قارىغاندا ياخشى. بايرىن ھەم لىسىبىن ماھارەت كوماندىسى قاتارلىق خەتەرلىك كوماندىلار بولمىغان گۇرۇپپىغا بۆلۈندى. ھەر قايسى كوماندىلارنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە قارىغاندا بۇ گۇرۇپپىدىكى ئۇرۇق كوماندا يەنىلا خەلقئارا مىلان كوماندىسى.
بۇ گۇرۇپپىدىكى كوماندىلارنىڭ تارىخىتىكى ئۇچىرشىش ئەھۋالىغا قاراپ باقايلى :
ۋاقىت كوماندىلار ساھىبخان مىھمان ئومومىي نەتىجە
1978\1979 ياۋرۇپا چىمپىيۇنلار لوڭقىسى دەسلەپكى ئايلانمىسى :
ئەييىنخوۋىن --- فەنەر باغچا كوماندىسى 6-1 1-2 7-3 (ئەييىنخوۋىن كوماندىسى يەڭگەن )
2003\2004 ياۋرۇپا چىمپىيۇنلار لوڭقىسى كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسى :
ئەييىنخوۋىن --- فەنەر باغچا كوماندىسى 2-0 0-3
H گۇرۇپپا :
ئارسىنال كوماندىسى ، سىيۋىلىيا كوماندىسى \ئافىنا AEK كوماندىسى(بۇنىڭ نىمىشلىكىنى مەنمۇ بىلمىدىم ) ، بۇ خارىست يۇلتۇز كوماندىسى ، بۇلاۋىيسلاۋىيت كوماندىسى
ئارسىنال كوماندىسى بىلەن سىيۋىلىيا كوماندىسى بۇ گۇرۇپپىدىن ئۈزۈپ چىقىدىغان نامزات كوماندىلار.
بۇخارىست يۇلتۇز كوماندىسىنىڭ نىشانى بولسا ، كىچىك گۇرۇپپىنىڭ ئۈچىنچىلىكىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، ياۋرۇپا بىرلەشمە لوڭقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئېرىشىش. ياۋرۇپا چىمپىيۇنلار لوڭقىسىغا تۇنجى قىتىم قاتناشقان بۇلاۋىيسلاۋىيت كوماندىسىغا نىسپەتەن ئىيتقاندا 32 كۈچلۈكنىڭ ئىچىگە كىرىشنىڭ ئۆزىلا ئۇلارنىڭ غەلبىسى ھەم پەخرى.
بۇ گۇرۇپپىدىكى ھەر قايسى كوماندىلارنىڭ تارىختا ئۇچىرشىپ باققان ئەھۋالى يوق. بەلكىم بۇلارنىڭ تارىختىن بۇيان تۇنجى قىتىم ئۇچىرشىشى بولسا كىرەك. |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|