ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 5943 |
تۆھپىسى: سەر |
|
مەنمۇ 2002-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسىدىن باشلاپ گېرمانىيە كوماندىسىغا ۋە كېلوز بىلەن باللاكقا ئامراق بولۇپ قالغان . لىكىن شۇنىڭدىن كىيىنمۇ پۇتبولغا ئانچە قىزىقىپ كەتمىگەن . 2006-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسىدىن كىيىن پۇتبول مىنىڭ قەلبىمگە ئەبەدىي ئورناپ كەتتى . 2008-يىلدىكى ياۋروپا لوڭقىسىدا پۇتبولنىڭ سېھرى كۈچىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم بولۇپمۇ تۈركىيەنىڭ روھقا تايىنىپ ئوينىغان مۆجىزىلىك مۇسابىقىلىرىنى كۆرۈپ ئۆزەمنى تۇتالماي يىغلاپ كەتكەن ئىدىم .
گېرمانىيەگە بەك ئامراق بولساممۇ ئاشۇ قېتىمقى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تۈركىيەنىڭ ئۇتۇشىنى ئۇلۇغ ئاللادىن تىلىدىم .. 3- توپنى لام ئۇرىۋەتكەندىن كىيىنمۇ مۆجىزە يۈز بېرىدىغىنىغا شەكسىز ئىشەنگەن ئىدىم .. ئەپسۇس لىكىن 2010-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسى ماڭا تۈزۈك ھۇزۇر ئاتا قىلالمىدى ..  |
|