ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 501 |
تۆھپىسى: سەر |
|
تۈنۈگۈن مەن سوئال چىقىرىپ مۇنبەردىكى كەڭ جامائەتلەرنىڭ زېھنىنى سىناپ باققان،جاۋاب بېرىدىغان مۆھلەتمۇ ئاخىرلاشتى،ئەسلى ئەتتىگەنلا يوللىۋېتەي دىگەن،بىراق سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم..ئەپۇ قىلغايسىلەر ،ئەمسە مەن سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىنى دەپلىۋەتمەيمۇ....  
1-سوئال: تۆۋەندىكى 5 بەلگە قايسى دۆلەتلەنىڭ بىرلەشمەمۇسابىقىلىرى؟ چوقۇم توغرا جاۋابى بۇلۇشى لازىم !
جاۋاب: ئوڭدىن سولغا : بېلگىيە بىرلەشمىسى،شىۋىتسارىيە بىرلەشمىسى ، پورتۇگالىيە بىرلەشمىسى ، تۈركىيە بىرلەشمىسى ،سەئۇدى ئەرەبىستان بىرلەشمىسى
2-سوئال :95-96 ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپا مۇسابىقىسىدە قايسى كوماندا ھۇجۇمچىسى 9مىنۇت ئىچىدىلا قالپاق كەيگەن؟ توپچىنىڭ ئىسمى ۋە كوماندىنىڭ ئىسمى ؟
جاۋاب : نېۋىل ( بىلەركىبون كوماندىسى )
3-سوئال : 65-66 پەسىللىك ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى پورتۇگالىيە بېنفىكا كوماندىسى بىلەن گوللاندىيە ئۇدىرىچ كوماندىسى ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە جەمى قانچە توپ كىرگەن؟
جاۋاب: 18 توپ
4-سوئال : ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئىككى كوماندا گۇرۇپا مۇسابىقىسىدە 19 توپ كەتكۈزۈپ،ئەڭ كۆپ توپ كەتكۈزگەن ئىككى كوماندا بۇلۇپ قالغان،بىرى بولسا بىزگە تۇنۇش بولغان كىيىف دىنامو يەنە بىرى بولسا فېرنسىۋاروس كوماندىسى، فېرنسىۋاروس كوماندىسى قايسى دۆلەتنىڭ كوماندىسى؟
جاۋب : ۋېنگىرىيەنىڭ كوماندىسى
5-سوئال: 96-97 پەسىلدىكى ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپا مۇسابىقىسىدە acمىلان گۇرۇپىدا3-بۇلۇپ قېلىپ گۇرۇپىدىن چىقالمىغان،مىلاننىڭ گۇرۇپتىكى رەقىبلىرى قايسى قايسى كوماندلار؟
جاۋاب: بورتۇ ، لوسىنبۇرگ ، گوتېبورگ IFK
6-سوئال : 2006-يىلى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى گۇرۇپا مۇسابىقىسىدەئامېركا بىلەن گانا ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە دېمپۇسى ئۇرغان توپ دۇنيا لوڭقىسىنىڭ قانچىنجى توپى؟
جاۋاب : 100-توپ
7-سوئال : 98-يىلى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە بىرازىلىيە بىلەن ماراكەش ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىنىڭ رېپىرى كىم قايسى دۆلەتلىك؟
جاۋاب : رېپىرنىڭ ئىسمى نىكولاي لېفچىنكو ...دۆلىتى روسىيە
8-سوئال : 94-95 پەسىللىك ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە 16- بولغان كوماندا قايسى؟
جاۋاب : فۇجا كوماندىسى
9-سوئال: 96-97 پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە 10- بولغان كوماندا؟
جاۋاب : ۋالۇنسىيە
10-سوئال :شېفچىنكونىڭ مىلانغا ۋەكالەتەن چۈشكەن تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى قايسى كوماندا بىلەن چۈشكەن،نەتىجىسى قانداق بولغان؟
جاۋاب : 1999-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى( پارما بىلەن بولغان ئىتالىيە دەرىجىدى تاشقىرى لوڭقىسى مۇسابىقىسى) ...ACمىلان 2:1 پارما
بۇ سوئاللارغا جەمىي 9 ئەزا جاۋاب بەرگەن...... يەنى vieri كۆك بۆرە پارلاق tarimi سان سىرو ankar528 muhammad114 salkin2011 dilhux
vieri: سەككىز سوئالغا جاۋاب توغرا جاۋاب بەرگەن
كۆك بۆرە : 4 سوئالغا جاۋاب توغرا جاۋاب بەرگەن
پارلاق : 7 سوئالغا جاۋاب توغرا جاۋاب بەرگەن
tarimi: يەتتە سوئالغا جاۋاب توغرا جاۋاب بەرگەن
سان سىرو : 3 سوئالغا توغرا جاۋاب بەرگەن
ankar528: ئالتە سوئالغا توغرا جاۋاب بەرگەن
muhammad114: يەتتە سوئالغا توغرا جاۋاب بەرگەن
salkin2011 : ئۈچ سوئالغا توغرا جاۋاب بەرگەن
dilhux : يەتتە سوئالغا توغرا جاۋاب بەرگەن
بۇلارنىڭ ئىچىدە 8 سوئالغا توغرا جاۋاب بەرگەنلەردىن بىرى چىقتى..يەنى vieri
بۇلارنىڭ ئىچىدە 7 سوئالغا توغرا جاۋاب بەرگەندىن تۆتى چىقتى......يەنى پارلاق tarimi muhammad114 dilhux
8 سوئالغا توغرا جاۋاب بەرگەن vieri بىۋاستە مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغان 3 ساننىڭ ئىچىگە كىردى...
7سوئالغا توغرا جاۋاب بەرگەن پارلاق tarimi dilhux muhammad114 لارغا كەلسەك بۇلارنىڭ ئىچىدە قايسى ئىككىسى ئەڭ بالدۇر جاۋاب يېزىپ بولغانلىقىغا قارىدۇق،شۇنداق بولغاندا پارلاق بىلەن tarimi مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغان يەنە 2 ساننىڭ ئىچىگە كىردى !!!!!!!!! بۇ ئىككىسىنىڭ جاۋابلىرىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگەن ۋە يېزىپ بولغان ۋاقىتلىرى dilhux بىلەن muhammad114 لارنىڭكىدىن بالدۇر ..شۇنىڭ ئۈچۈن پارلاق بىلەن tarimi ئەڭ ئاخىرقى ئىككى ساننىڭ ئىچىگە كىردى.
بۇ قېتىملىق زېھىن سىناش مۇسابىقىسدا مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر vieri پارلاق tarimi قاتارلىقلار !!!
مۇكاپات بويۇمى : ياخشى كۆرىدىغان كوماندىنىڭ كىيمى، ئاشۇ كوماندىدىكى ياخشى كۆرىدىغان توپچىنىڭ ئىسمى ۋە نومۇرى بولغان بىر قۇر پۇتبول كىيىمى !!!! قايسى كوماندىنىڭ،قايسى پۇتبولچىنىڭكىنى ئالماقچى بولسىڭىز ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قويۇڭ، QQ نومۇرۇڭىزنىمۇ ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ قويۇڭ..... مەن 1 ھەپتىگىچە يەتكۈزۈپ بېرىمەن ! |
|