ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3972 |
تۆھپىسى: سەر |
|

زاراگوزا كوماندىسىنى چوڭ پەرق بىلەن يەڭگەن مۇسابىقىدە كاكانىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆتكەن بىر مەزگىل مەشىق سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى بولغان، ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدا ئارگىنتىنا بىلەن ۋېنسوئېلا ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان دوستلۇق مۇسابىقىسىدە دىمارىيا پۈتۈن مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان،شۇڭلاشقا 6-سىنتەبىر نەشىر قىلىنغان ئىسپانىيەدىكى ئاخبارات ۋاستىسى «ماكا گېزىتى»ئاشكارىلىغان خەۋەرگە قارىغاندا، كاكانىڭ ھالىتى ۋە دىمارىيانىڭ بەدەن قۇۋۋىتىنى ئويلىشىپ، مورىنىئو مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى ساھىبخان مەيداندا خىدافىي كوماندىسى بىلەن ئوينىلىدىغان مۇسابىقىدە كاكانىڭ دەسلەپتە مۇسابىقىگە چۈشۈشنى ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.
خان مادېرىدنىڭ زاراگوزا كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە كاكا 78-مىنوتتا ئۆزىلنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ چىققان، بۇ بىرازىلىيىلىك مەيدانغا چۈشكەندىن كېيىن ئۈچ مىنوتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، توپ ئېلىپ يۈرۈپ قارشى تەرەپنىڭ ئىككى مۇداپىئەچىسىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ ناھايىتى چىرايلىق توپتىن بىرنى كىرگۈزگەن، ئارقىدىن كاكا يەنە C رونالدۇنىڭ قالپاق ئويۇنى ئوينىشغا ياردەم بەرگەن.
بۇ كاكاغا نىسبەتەن ئاز ئۇچرايدىغان ياخشى بىر پۇرسەت، چۈنكى كاكا FIFA ۋېروسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دىمارىيانىنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. ئۆتكەن ھەپتىدە كاكا بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىزىملىكىگە كىرەلمىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ مەشىق مەيدانىدا جاپالىق مەشىق قىلدى؛ دىمارىيا ئارگىنتىنا كوماندىسى بىلەن ھىندىستانغا بارىدىغان بولغاچقا، ئىككى كۈندىن كېيىنكى خىدافىي كوماندىسى بولغان مۇسابىقىدە مورىنىئو كاكانى دىمارىيانىڭ ئورنىنى ئېلىپ مەيدانغا چىقىشىنى ئورۇنلاشتۇرغان.
2010-يىلى ياررلانغان ئافرىقىدا ئۆتكۆزۆلگەن دۇنيا لوڭقىسىدا يارلانغان كاكا مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇرۇنقى ئەسلىگە قايتىپ مادرىدتتا ۋە بىرازىليە كوماندىسىدا ئۈزىنىڭ ئورنىنى تىلىكلەش ئۈچۈن قاتتىق كۈرەش قىلماقتا . شۇڭا كاكانىڭ بۇقىتىملىق پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ئۈزىنى ئىسپاتلاپ بىرىشىگە تىلەكداشمەن . |
|