ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 501 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردكى بارلىق دوسلار،مېنىڭ بۇ تېمىنى يېزىش ئويۇم بۇرۇنلا بارتى،لېكىن يېزىپ بولالمىغان،بۇگۈن يازدىم.
مەن ئۆزەمنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي، ئىسمىمنى دېمىسەممۇ بىلىسىلەر ھەقاچان مۇنبەردىكى ئىسمىم شۇ ئۆزەمنىڭ ئىسمى بولىدۇ. مەن ئوقۇش پۈتتەرگەندىن كىيىن ئۆزەمنىڭ قىزىقىشى بويىچە بىر خەن دوستۇم بىلەن بىرلىشىپ تاۋباۋدا بىر دۇكان ئاچقان،ئاساسلىق شىنجاڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساتىمەن، ئىش باشلىغىلى بىر ئايلا بولدى.
مەن ئۆزەم پۇتبولغا ناھايىتى قىزىقىمەن،مىلان بىلەن ئىتالىيە مىنىڭ پۇتبولنى تۇنۇغاندىن باشلاپلا قىزىققان ئىككى كوماندا.
پۇتبول تېپىشكە كەلسە مەن تازا ياخشى ئەمەس لېكىن پۇتبول بىلىملىرى دېسە خېلى بىلىمەن .
مېنىڭ بۇ تېمىنى يېزىشتىكى مەقسىتىم مەن ئۆزەم بىر پۇتبول بىلىملىرى توغۇرلۇق زېھىن سىناش پائالىيىتى ئېلىپ باراي دېگەن مۇنبەردە،سوئاللار خېلى قىيىن،سوئاللارنى تەييارلاۋاتىمەن. يەنە بىر تېمامدا تۇلۇق يازىمەن. بۇ مۇسابىقە ئارقىلىق 3نەپەر سوئالغا توغرا ھەم كۆپ جاۋاپ بەرگەن دوستىمىزنى تاللاپ چىقىمەن، مۇكاپات بۇيىمى بولسا ئاشۇ 3دوستىمىز ياخشى كۆرىدىغان كوماندىنىڭ مۇسابىقە كىيمى توپچىنىڭ ئىسمى چۈشۈرۈلگەن.
مېنىڭ تىل بىلەن ئىپادىلەش قابىلىيىتىم ياخشى ئەمەس، شۇڭا بۇ تېمامنى بەك ياخشى يازالمىدىم،لېكىن مېنىڭ مۇشۇ پائالىيەتنى بىر قىلغىم بار.بولسا باشقۇرغۇچىلارنىڭ قوللىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن،ئىشلىرىم ياخىش مېڭىپ قالسا بۇندىن كىيىنمۇ ئۆتكۈزىمەن،ھەم مۇنبەرگىمۇ كۆڭۈل سوۋغام بار . |
|