ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1807 |
تۆھپىسى: سەر |
|

"كۈندىلىك ئەينەك گېزىتى"نىڭ ئاشكارىلىغان خەۋىرىگە قارىغاندا ،ئەنگلىيە داڭلىق كوماندىسى مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى داڭلىق كوماندا خەلقئارا مىلان كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى گوللاندىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇمچىسى سېنىدىرنى كوماندىغا قېتىۋېلىشتىن ئىبارەت بۇ چۈشى بولسا قىشلىق يۆتكىلىش بازىرىدا ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىشلار قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.خەۋەرلەرگە قارىغاندا سېنىدىر دوستىغا مۇنداق دېگەن "بۇ قېتىم مانچېستېر بىرلەشمىسى كۇلۇبىغا يۆتكىلىشى ئىش مەغلۇپ بولدى ،ئەمدى 1-ئايدىكى قىشلىق يۆتكىلىش بازىرىدا مەن چوقۇم مانچېستېر بىرلەشمىسى كۇلۇبىغا يۆتكىلىمەن."بۇ يىل يازلىق يۆتكىلىش بازىرىدا مانچېستېر بىرلەشمىسى ھەققى يوسۇندا پۈتۈن كۈچى بىلەن سېنىدىرنى سېتىۋالماقچى بولغان بولسىمۇ ئەمما سېنىدىرنىڭ مائاش تەلىپى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتكەنلىكتىن مانچېستېر بىرلەشمىسى كۇلۇبى بۇ توپچىنىڭ سېتۋلىش ئىشىدىن يانغان ئىدى.ئەسلىدە ئەنگلىيە چېمپىيونى مانچېستېر بىرلەشمىسى سېنىدىرنىڭ يۆتكىلىش ھەققى ئۈچۈن خەلقئارا مىلان كوماندىسىغا 30مىليون فوندستېرلىڭ باھا قويغان ئىدى.ئەمما سېنىدىر ئۆزى بولسا مانچېستېر بىرلەشمىسى كۇلۇبىدىن مەخسۇس بىر ئايروپىلان ئاجرىتىپ ئۆزىنى ئىلىپ كېتىشنى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئىتاليەدە تۇرۇۋاتقان ئۆينى مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ سېتىۋېلىشى قاتارلىق بىر قاتار قوشۇمچە توختام تەلىپىگە مانچېستېر بىرلەشمىسى قوشۇلمىغان بولۇپ ئاخىرى بۇ سودا يوق بولغان .ئەمما توپچى ئۆز ئېغزى بىلەن مەن ئاخىرى مانچېستېر بىرلەشمىسى كۇلۇبىغا يۆتكىلىپ بارىمەن دەپ ئېيتقان.ئۇنىڭ يېقىن بىر دوستىغا ئېيتقان سۆزىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ئۇنىڭ ئىلگىرى قويغان قوشۇمچە توختام تەلىپى قاتارلىق بىر قاتار ئىشلارنى يوق قىلىپ ياكى بولمىسا ئازايتىپ مانچېستېر بىرلەشمىسى كۇلۇبىغا يۆتكىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.خەلقئارا مىلان كۇلۇبىمۇ يېقىندىن بۇيان توپچىلارنىڭ مائاش مەسىلىسىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق بىر قاتار پىلانلارنى ئويلاپ قويغان.بۇنىڭ بىرىنچى نىشانى بولسا سېنىدىر .خەلقئارا مىلان كوماندىسى مانچېستېر بىرلەشمىسى كۇلۇبنىڭ سېنىدىرغا قويغان باھاسىدىن باشقا يەنە ئوخشاش بىرلەشمىدىكى مانچېستېر شەھەر كۇلۇبنىڭ ئۇنىڭغا قويغان باھاسىغا ئېرىشكەن.ئېنىق بولغان يېرى شۇكى مانچېستېر بىرلەشمىسى بىلەن مانچېستېر شەھەر كۇلۇبى ئوخشاشلا سېنىدىرنىڭ ھەپتىلىك مائاشى ئۈچۈن 250مىڭ فوندستېرلىڭ پۇل تەييارلىغان.ئەمما مانچېستېر شەھەر كوماندىسىنىڭ باش تېرنىرى كۇلۇبنىڭ خوجايىنغا سېنىدىرنى سېتۋلىش ئىشىغا ئەمدى قىزىقمايدىغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلمايدىغانلىقنى ئېيتقان.ئالدىنقى ئايدا يەنى خەلقئارا مىلان كۇلۇبى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم يەنى ئۈچىنچى قېتىم مانچېستېر شەھەر كۇلۇبى بىلەن سېندىر ۋە تېۋىزنىڭ ئالماشتۇرۇش ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئەمما بۇ تەلەپ مانچېستېر شەھەر كۇلۇبنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچۇرغان.
مەنبە: http://www.espnstar.com.cn/pub/international/2011/0904/235936.htm
سوخو تەنتەربىيىسى مۇخبىرىنىڭ 4-سېنتەبىر ئامماندىن بەرگەن خەۋىرى:شۇ يەر ۋاقتى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى سەھەردە جۇڭگو ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى 14 سائەتلىك ئۇزۇن سەپەردىن كىيىن ئىئوردانىيە پايتەختى ئاممانغا يىتىپ كەلدى.ئىككى كۈندىن كىيىن دۆلەت كوماندىسى ئىئوردانىيە كوماندىسى بىلەن دۇنيا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى 20 كۈچلۈك مۇسابىقىسىنىڭ 2-مەيدان مۇسابىقىسىنى ئوينايدۇ.
بۇ قېتىم دۆلەت كوماندىسى كۇنمىڭدىن يولغا چىققان بولۇپ، ئايروپىلاندا14 سائەت يول يۈرۈپ بۇ يەرگە يىتىپ كەلدى.دۇبەي ئايرودرومىدا 3 سائەت تۇرۇپ قالدى.بۇ قېتىمقى سەپەرگە جەمئىي 16 سائەت كەتتى.
تۇنجى مەيداندا سىنگاپور كوماندىسىنى ئۇتقاندىن كىيىن،كوماندا ئەزالىرى يول بويى مۇشۇ مۇسابىقىنىڭ پارىڭىنى سوقۇپ كەلگەن.ئايرودرومدا شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان جۇڭگولۇق مەستانىلەر كوماندىنى قىزغىن قارشى ئالغان.دۆلىتىمىز كوماندىسى بار بۇ گۇرۇپپىدا ئىراق كوماندىسى ئەڭ كۈچلۈك كوماندا سانىلىدۇ،بىراق تۈنۈگۈنكى مۇسابىقىدە ئىراق كوماندىسى ئىئوردانىيە كوماندىسىغا 2:0 ئۇتتۇرۇپ قويدى.بۇنىڭدىن كوماندا ئەزالىرى ۋە كاماچاۋ ئىئىوردانىيەنىڭمۇ بوش رەقىب ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغان.گەرچە ئىئوردانىيە كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولسىمۇ بىراق،كاماچاۋ ۋە كوماندا ئەزالىرى ئىئوردانىيىنى ئۇتۇپ 3 نومۇر ئىلىپ،ۋەتەنگە غەلىبە بىلەن قايتىشقا ئىشەنچ باغلىغان.بۇ قانداق بولىدۇ،ئىككى كۈندىن كېيىنكى مۇسابىقىگە باغلىق.

http://sports.sohu.com/20110904/n318284625.shtml |
|