تورداشلارنىڭ تېما يېزىپ ياكى چ چ توپىدا ياماق توغرىلىق سوئاللارنى سورىغىنىنى كۆپ كۆردۈم، ئەمەلىيەتتە مۇنبەردا ياماق قاچىلاش ئۇسۇلى چۈشەندۈرۈلگەن تېمىمۇ بار ئىكەن، ئەمما ياردەم سورىغۇچىلار چۈشەنمىدىمۇ ياكى قانداق، ئىشقىلىپ قاچىلىيالمىغان ئوخشايدۇ، شۇڭا مەن ھازىر ئۆزۈم ئىشلىتىۋاتقان نۇسخىدىكى we8نىڭ تولۇق نۇسخىسىنى مۇنبەرداشلارغا سۇنماقچى.
بۇ نۇسخىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى:
بۇرۇنقى نۇسخىلاردىكى كىيىم نۇمۇرى خاتالىقى تۈزىتىلگەن.
ئىشلەتكەن توپلىرى بولسا 2002، 2006،2010دىكى ۋە بۇ يىللىق ئۇزغۇنلۇقتا ئىشلەتكەن توپ نۇسخىلىرى.
ئۈچ دانە ئالاھىدە مەيدان قۇشۇلغان، يەنى سۇ مەيدان، تاختاي مەيدان ۋە مۇز مەيدان.
توپچىلارنىڭ ئورنى ئىنگىلىسچە ئىپادىلەنگەن، سەپ تىزغاندا تېخىمۇ قولايلىق بولىدۇ.
يۆتكىلىش جەھەتتە: بۇ نۇسخا 6-ئايدا چىققان بولۇپ شۇ ۋاقىتتا پۈتۈپ بولغان سودىلار كىرگۈزۈلگەن، يەنى ماردىتقا ئالتۇنتوپ، ساھىن؛ پىرلو يۇۋىنتۇستا ....دېگەندەك...قالغىنىنى ئويناش جەريانىدا بايقىۋىلىڭ.
ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى: بۇ نۇسخىدا چۈشەندۈرۈلىشى ئىسپان تىلىدا ، ئىسپان تىلىدىكى مۇسابىقىنى كۆرۈپ باققانلار بۇنىڭ قانداق پەيزىلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. توپ ئۇرسىڭىز غور غور غور غور غور!~!~!~ دەپ قويۇشلىرى بار
ئويۇن سىرتىغا ھەر قايسى كۆرۈنۈشلەردىكى سۈرەت ئېنىقلىقىنى تەڭشەش قورالى قوشۇپ بېرىلگەن،( بەزى چاغلاردا يىراقتىن قارىسا تاقىرباش بولۇپ قالىدىغان ئەھۋالنى ئەسلىسىڭىز چۈشىنىسىز) ئۆزىڭىزنىڭ تەلىپى ۋە سۈرەت كارتىڭىزغا ئاساسەن تەڭشەپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
چۈشەنمىگەن يەر بولسا ئىنكاس ئارقىلىق ياكى چ چ 84495084 ياكى 451197985 ياكى پۇتبول چ چ توپىدىن ياردەم سورىسڭىز بولىدۇ.
قوشۇمچە رەسىملەر:











مۇنبەر ئەزالىرىنىڭلا پايدىلىنىشى ئۈچۈن يۇشۇرۇن قىلىپ قويۇلدى .
يارىسا ئىنكاسنى چىرايلىق يېزىپ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى ئېلىۋىلىڭ، ئۇنداق پارچە پۇرات چىراي ئىپادىسىنىلا ياكى قالايمىقان ھەرپ ۋە مانا ئىنكاس دېگەندەك گەپ سۆزلەرنى ئىنكاس قىلىپ قويۇشتىن ئازراق نومۇس قىلىڭ.
بۇنىڭدىن باشقا باشقا مۇنبەرلەرگە يوللاشتىن بۇرۇن مېنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويارسىز.
سەيياھ ئەگەر بۇ تېمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز، ئىنكاس يېزىڭ |