روزا ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم كومپىيۇتېر ساھەسىدكى بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلار ، ئەتە بىزنىڭ ئۇلۇغ روزا ھېيىتىمىز ، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتدىكى بارلىق كومپىيۇتېرچىلارنىڭ ھېيىتىنىڭ كۆڭۈللۈك ، خاتىرجەم ئۆتۈشىنى تىلەيمىز . ۋەتەن سىرتىدكى تورداشلارنىڭ شارائىت يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا بىر-بىرىنى يوقلىشىپ ، يۈز كۆرۈشۈپ ، ھېيىت مۇناسىۋېتى بىلەن قېرىنداش ئىللىقلىقنى ھېس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ، ۋەتەن سىرتىدا ۋە ياقىا - يۇرتتا يۈرگەن دوستلارنىڭ ھەر قاچان خوشال يۈرۈشىنى ،ئۇرۇق - تۇغققانلىرىنى ۋە بىزدەك قېرىندىشنى يېنىدىكىدەك ھېس قىلىپ خوشال يۈرۈشنى تىلەيمىز ....
روزا ھېيت مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى. ئۇ خەلقىمىزنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت تۇپرىقىغا ئۆزگىچە يىلتىز تارتىپ ئېسىل ئۆرپ- ئادەتلىرىمىزنىڭ دۇردانىسى بۇلۇپ كەلمەكتە. ئايەم خاسىيىتى جىمى ئەلگە شادلىق ، پاراۋانلىق تەمىنى تېتىتىپ ، قۇلۇن- قوشنا ، ئۇرۇق- تۇغقان، قەۋم- قېرىنداشلارنى جەملىك، ئىناق- ئىتتىپاقلىق ، مېھماندوستلۇق روھى بىلەن يۇغۇرۇپ ، كۆڭۈلدىكى كىر داغلارنى ، ئاداۋەتلەرنى تۈگىتىپ ، چوڭ- كىچىك ، قېرى - ياشلارغا خۇش ئىللىق تەنتەنىسى ئاتا قىلغۇسى.
ئۇلۇغ ۋە شەرەپلىك رامىزان ئېيىنى ئۇزىتىپ، يەر شارى تۇپرىقىدا ياشاۋاتقان ھەر بىر مۇسۇلمان كىشىگە خاس ۋە ھالال بولغان شۇنداقلا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنىڭ بىرى سانالغان، باي- نامرات، شەھەر- يېزا تەڭ ئايەم تەنتەنىسىگە چۆمگەن، ھەرقانداق ئائىلىدە خۇشاللىق ،بالىلارنىڭ چىرايىدا كۈلكە- شاتلىق چاقناپ تۇرىدىغان بىر ئۇلۇغ كۈن « رۇزى ھېيت» يىتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرماقتا ، مەن مۇشۇنداق ئۇلۇغ كۈندە ئالەمدىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ جۈملىدىن پۇتبول مۇنبىرىدىكى بارلىق دوستلارنىڭ روزا ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! تېنىگە سالامەتلىك ،ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن!
ھېيت تەنتەنىسىگە چۆمۈش ئالدىدا تۇرغان جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۆگىنىش ، خىزمەت، تۇرمۇش بېسىملىرى بىلەن تۇرغىنىمىزدا خاسىيەتلىك ھېيىتىمىزنىڭ بىزنى يوقلاش ئالدىدا تۇرغانلىقىدىن ھەممىمىز مەمنۇن بۇلىمىز ئەلۋەتتە...
يېڭى ئەسىر ئېسىل ئەنئەنىسىدە خەلقىمىز كۈنسېرى گۈللەپ مىللى ئەنئەنىلىرىنى ئىجادىي بېيىتىپ دۇنياغا يۈزلەندۈرۋاتقان بولسىمۇ ، ئىجتىمائىي ئەخلاق ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزدە بەزى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەرمۇ يوق دېيەلمەيمىز.شۇ ۋەجىدىن ھەر بىر مۇسۇلمان قېرىنداشنىڭ ھېيت كۈنى ئالدى بىلەن ئۆز ئائىلىسىگە ھېيتلىق سالامغا بېرىپ ، ئاندىن ئۇرۇق - تۇغقان، تۇنۇش - بىلىشلەرنى ھېيتلىشىنى ،ئۇلۇغ ئايەم كۈنلىرىدە ھا+رامغا ھەرگىز ئارىلاشماسلىقىنى ، بولۇپمۇ ھېيتنى ھاراق-شارابسىز ئۆتكۈزۈشىنى، ئانىسى يوقلارغا ئانا بۇلىشىنى، تۇل خۇتۇن، يىتىم، مىسكىن، پېقىرلارغا ساخاۋەتلىك قوللىرىنى سۇنۇپ ئۇلارغا قەلب خۇشاللىقى بېغىشلىشنى، كۆڭۈلسىز ئىشلار بولسا ئۇنتۇپ كېتىپ، ئازارلىشىپ قالغانلارنىڭ ئۇلۇغ ھېيت خاسيىتىدە يارىشىۋېلىشنى، جامائەت بىلەن ھېيتلاپ قائىدە ئۆگىنىشىنى، قىسقىسى ئەنئەنىمىز بۇيىچە ساۋاپلىق ئىشلار بىلەن ھېيتنى خەيرلىك ئۆتكۈزۈشىنى چىن دىلىمدىن سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن!
ھېيتىمىز ھېيتتەك بولسۇن. قەلبىمىز خۇشاللىققا تولسۇن. دىدارلار غەنىيمەت بولسۇن. قەلبىمىز مۇھەببەت گۈللىرى بىلەن پۈركەلسۇن. سىلە رەھىم قوللىرىمىزنى نامراتلىق بىچارىلىك پاتقاقلىرىدا يالىڭاياق يۈرگەنلەرگە سۇنايلى. ھېيتىمىز كۆڭۈللۈك ئۆتسۇن. قەلبىمىز شادلىققا تولسۇن . ھەممىمىزنىڭ رۇزى ھېيتنى خۇشال خۇراملىق ئىچىدە ئۆتسۇن. ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ كېلىۋاتقان رۇزى ھېيىتىغا مۇبارەك بولسۇن.
ئاللا ھەر ئىككىلى دۇنيالىق بەخت سائادىتىمىزنى بەرسۇن. ئۇلۇغ ئاللا ھەممىمىزنى كېلەر يىلقى ھېيت تەنتەنىسىنى كۆرۈشكە نېسىپ قىلسۇن!
خوش مۇبارەك ئۇلۇغ روزا ھېيتىمىز!
شادلىقتىن دوستلارغا تەبرىك ئېيتىمىز.
شەرەپلىك رامىزان ئاينى ئۇزىتىپ،
يىتىپ كەلدى شاتلىق، ساۋاپ پەيتىمىز.
بولسا مۇنبەر باشلىقلىرى ئايەم ناخشىسىدىن بىرنى قىستۇرۇپ قويساڭلا... |