ئىران بۇلازىۋىچنى تەكلىپ قىلدى!
بۇلازىۋېچ دېگەن بۇ ئىسىم كۆپچىلىككە ناتونۇش بولمىسا كېرەك، ئۇ يېقىندىلا ئاياقلاشقان لوندۇن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ پۇتبۇل تۈرى تاللاش مۇسابىقىسىدە جۇڭگۇ ئولىمپىك كوماندىسىغا يېتەكچىلىك قىلغان، ئەزىمەتلىرىمىزدىن بارى ۋە مىرەخمەتجانلارنى بايقاپ ئۇلارغا چوڭ بىر پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن كېرودىيىلىك داڭلىق پۇتبۇل تېرنېرى. ئىران مېھىر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى شەنبە، ئىران دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى كېرىمان كوماندىسى بۇلازىۋېچنى يېڭىدىن باش تېرنېرلىققا بېكىتكەن. بۇ بۇلازىۋېچنىڭ 2001-يىلى ئىران دۆلەت كوماندىسىغا يېتەكچىلىك قىلىپ 10 يىلىدىن كېيىن قايتا ئىران پۇتبۇل مۇنبىرىگە قايتىىشى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ يىل 23-ئىيۇن ئومان بىلەن بولغان مۇسابىقىدە جۇڭگۇ كوماندىسى غەلبە قىلالماي، بۇلازىۋېچنىڭ جۇڭگۇ ئولىمپىك كوماندىسى بىلەن بولغان توختامى تەبىئىيلا ئاياقلاشقان ئىدى. يېقىنقى ئىككى ئىچىدە ئۇ ماكىدۇنىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تەكلىپى، شەنشى چەنبا كوماندىسى ۋە ئافرىقىدىكى بىر كوماندىنىڭ تەكلىپىنى تاپشۇرىۋالدى، بىراق ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ تەكلىپلەر ئىشقا ئاشماي قالدى، ئەمما ھازىر ئىران دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى كېرىمان كوماندىسىنىڭ 76 ياشلىق بۇ كېرودىيىلىك تېرنېرغا كۆزى چۈشتى.
1998-يىلى قۇرۇلغان كېرىمان كوماندىسى ئىران بىرلەشمىسىدىكى ئوتتۇرا ھال كوماندا بولۇپ ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە ئىران دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە 7-ئورۇندا تۇرغان. يېڭى مۇسابىقە پەسلىدىكى ئالدىنقى 5 ئايلانمىدا بىر مەيدان تەڭلىشىپ، 4مەيدان ئۇتتۇرۇپ، بىرلەشمىدىكى 18 كوماندا ئىچىدە ئارقىدىن سانىغاندا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان، ئەسلىدىكى باش تېرنېر مافاۋېى بېسىم تۈپەيلى 3 كۈننىڭ ئالدىدا ئىستىپا بەرگەن بولۇپ، كېرىمان كوماندىسى دەرھال يېڭى تېرنېر ئىزدەشنى باشلىۋەتكەن بىراق بۇنچىلىك تېز بېكىتىپ بولۇشنى ھېچكىم خىيالىغا كەلتۈرمىگەن
مەنبە:http://www.hinews.cn/news/system/2011/08/29/013234612.shtml
كوماچو جۇڭگۇ پۇتبۇل كوماندىسى تارىخىدىكى ئىمتىيازى ئەڭ چوڭ چەتئەللىك تېرنېر
كاماچوغا نىسبەتەن جۇڭگۇ پۇتبۇلچىلار جەمئىيىتى بەرگەن ھەرخىل «ئالاھىدە ئىمتىيازلار» ھەم بىر پۇرسەت ھەم چوڭ بىر خىرىس.
20 كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسىگە 18 كۈن قالغاندا ئالدىنقى تېرنېر قىستاپ چىقىرىۋېتىلگەن، جۇڭگۇ كوماندىسى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ چەتئەللىك تېرنېرلار گۇرۇپپىسىى يېتەكچىلىك قىلىشنى باشلىغان بولسىمۇ بىراق توختامدا ھىچقانداق ئېنىق كۆرسەتكۈچ يوق، مۇسابىقىگە رەسمىي يېتەكچىلىك قىلىشنى باشلىمىغان بولسىمۇ، ئېنىقكى كاماچو جۇڭگۇ پۇتبۇل كوماندىسى تارىخىدىكى ھوقۇقى ئەڭ چوڭ بولغان باش تېرنېر بولۇپ قالدى.
كاماچو بىلەن جۇڭگۇ پۇتبۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ توختامى بىر ھەپتە بۇرۇن خۇڭچىننىڭ ئىسپانىيىگە بېرىش سەپىرىدە بېكىتىلىپ بولغان. يەنە تۆت ئايدىن كېيىن روژدېستۋو بايرىمى يېتىپ كېلىدۇ، بىراق بۇ توختام كاماچوغا مۇددەتتىن بېرىلگەن روژدېستۋو بايرىمى سوۋغىسى بولۇپ قالدى.
سوۋغىنىڭ ئەڭ كاتتا يېرى ئەلۋەتتە كاماچونىڭ يىللىق مائاشى، پۈتۈن تېرنېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ يىللىق مائاش 4 مىليۇن 300 مىڭ ياۋرو، پەقەت كاماچو ئۆزىنىڭلا يىللىق مائاشى 2 مىليۇن 800 مىڭ ياۋرو (باج تۇتۇپ قېلىنغاندىن كېيىنكىسى)، بۇنداق بولغاندا، ۋەندا گۇرۇھى كاماچو گۇرۇپپىسى ئۈچۈن يىلدا 70 مىليۇن خەلق پۇلىدىن ئوشۇقراق مائاش بېرىدۇ، كاماچونىڭ ئەينى چاغدا خان مادېرىد كولۇبىدىكى يىللىق مائاشى 1 مىليۇن 200 مىڭ ياۋرو بولۇپ (باج تۇتۇپ قېلىنمىغاندىكىسى)، ھازىرقى مائاشىدىن ھەسسە ئاز دېگەن گەپ.
سوۋغىنىڭ ئىككىنچى قىسىمى ئۇنىڭ يېتەكچىلىك نىشانىغا مۇناسىۋەتلىك، توختامدا ھېچقانداق نەتىجە تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان، مۇددىتى 3 يىل بولغان بۇ توختامدا توختامنى بىكار قىلىش شەرتلىرى پەقەت ئىككى تۈرلۈك بىرى كاماچو جۇڭگۇنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلسا، يەنە بىر ئىككى تەرەپ ئۆزلۈكىدىن توختامنى ئەمەلدىن بىكار قىلىشنى خالىسا ئاندىن توختام كۈچتىن قالىدۇ.
كاماچونىڭ ئېرىشكەن ئۈچىنچى سوۋغىسى ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى كۈچلۈك چەتئەللىك تېرنېرلار گۇرۇپپىسى: ياردەمچى تېرنېر كاسىلۇن، بەدەن قۇۋۋەت تېرنېرى كاسىپا، ئالاقىلاشقۇچى گالىگ، يىل ئاخىرىدا يەنە بىر ياردەمچى تېرنېر قوشۇلىدۇ. كاماچونىڭ ياراتقان ئىككى رېكورتى: بىرىنچىسى چەتئەللىك ياردەمچىلەر ئەڭ كۆپ ، ئىككىنچىسى جۇڭگۇ تەرەپ تېرنېرلار گۇرۇپپىسى باشلىقى بۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدۇ.
سىنگاپۇر بىلەن بولغان مۇسابىقە ئىنتايىن مۇھىم، ئەگەر يېڭىپ قالسا، جۇڭگۇ كوماندىسى 3 نومۇر ئېلىپلا قالماي، يەنە كوماچۇغا بولغان ئىشەنچمۇ كۈچىيىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا ئاپەت خاراكتېرلىك ئەھۋالدا قالىدۇ، كوماچو ئۈچۈن 20 كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسىدىكى ھەربىر مەيدان مۇسابىقە ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ جەڭ......   |