پۇتبۇل دۇنياسىدىكى «ياللانما قوشۇنلار» بۈگۈن «ياللانما ئەسكەر»دىگەن ئويۇننى ئويناۋىتىپ تۇيۇقسىزلا پۇتبۇل دۇنياسىدىمۇ نۇرغۇن «ياللانما قوشۇن»لارنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلىپ قالدىم.ئەلۋەتتە ھەربىر ئۆز نۆۋىتىدە بىر «ياللانما ئەسكەر». شۇڭا ئويلىغانلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشش يۈزىسىدىن بۇ قالايمىقان نەرسلەرنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
ئالدى بىلەن«ياللانما قوشۇن»لارنىڭ قۇرلىشىدىكى شەرتلەرنى قىسقىچە ئىزاھلاپ ئۆتمەكچىمەن. بۇ يەردە تىلغا ئالغان «ياللانما قوشۇن» پۇتبۇل كۇلۇبلىرىنى كۆزىدە تۇتقاچقا «ياللانما قوشۇن»لارنىڭ قوماندانلىرى تىرنىرلارنى، «ياللىغۇچىلار»بولسا شۇ كۇلۇبنىڭ رەئىسلىرىنى كۆزدە تۇتىدۇ.
1.«ياللىغۇچىلار»ھازىرلايدىغان ئاساسلىق شەرىت پەقەت بىرلا: مۇقىم بولغان مالىيە كىلىش مەنىبەسى ياكى مالىيە ئارقا يۆلەنچۈكى. مەسىلەن: ئىنتىردىكى مورادىنىڭ نىفىت سودىسى، مادىرتنىڭ ئارقا تىرىكى بولغان ئىسپانيە خان جەمەتى بانكىسى، ئەرەب بايلىرى ۋە رۇسىيە بايلىرىنىڭ شەخسىي مۈلىكى قاتارلىقلار.
2.«ياللانما قوشۇن»قوماندانلىرىنىڭ ھازىرلايدىغان ئاساسلىق شەرتلىرى: كاللىسى سەگەك، ئوچۇق بولغان مالىيە ئىڭى بولىشى، تەۋەككۇلچى، غەلبىگە ھىرسمەن، ئۆزىگە خاس جەڭ تاكتىسى بولىشى ،پىسخىكا جەھەتتىن تولۇق يىتىشكەن بولىشى كىرەك. مەسىلەن: مورىنيو،ۋىنگىر،فۇگىسىن،
3.«ياللانما ئەسكەرلەر»گە مۇقىم شەرىت يوق، سىز پەقەت ئۇلارنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلسىڭىزلا سىز ئۇلارنىڭ ئىشلىتىشگە ئىرىشەلەيسىز. تۆۋەندە سىلەرگە سۇنىدىغىنم پۇتبۇل دۇنياسىدىكى داڭلىق «ياللانما قوشۇنلار»
1. تەسىر دائىرىسى ئەڭ چوڭ«ياللانما قوشۇن»-خان جەمەتى مادىرد كوماندىسى.
ھازىرقى مادىرد كوماندىسى باش تىرىنىرى مورىنيونى مەركەز قىلغان ھالدا تۆت چوڭ «ياللانما قىسىم»دىن تەركىپ تاپقان، ئۇلار:پۇرتۇگال تىل سىستىمىنى ئاساس قىلغان،كىرستىيانو رونالدو، كاكا، يىگۇايىن ،دىمالىيا،پىي پىي،مارسلىو،كاۋالۈ،كوئىنتىراۋ...قاتارلىقلار، ئىسپانىيەنى ئاساس قىلغان كاشىلياس، ئالونسۇ،رامۇس،ئالبىرول،ئاۋلىرو،كالىخۇڭ.....قاتارلىقلار. تۈرك تىلنى ئاساس قىلغان قىدىرا،ئۆزىل،ساخىن،ئالىنتوپ قاتارلىقلار، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەيدانغا چۈشىدىغانلارنىڭ ئىچىدە ئۆز دۆلەت تەۋەلىكدىن پەقەت ئۈچلا ئاساسلىق ئەزا بار، ئۇلار: كاشىلياس، رامۇس.ئالونسۇ، ئەگەر مارسلو مەيدانغا چۈشمىگەن ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ ئىگەللەيدىغان سان نىسبىتى تۆتكە كۆپىيدۇ،
مادىرد مەستانلىرى ۋە مادىرد كۇلۇبىنىڭ پۇتبۇل دۇنياسى ۋە سودا دۇنياسىدا تۇتقان ئورنى كۇلۇبلار ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغاچقا ھەم «ياللانما ئەسكەر»لىرىنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى باشقا «قوشۇن»دىكلەرنى بىسىپ چۈشكەچكە تەسىر دائىرسى ئەڭ چوڭ «ياللانما قوشۇن»ئايلاندى، بۇ قوشۇنغا ئاساس سالغۇچى كاپىرلو، تەرەققىي قىلدۇرغۇچى مورىنيو، ئارقا تىرىكى فولورىندۇ.
مورىنيو ئۆزىنىڭ يۇقىرى بولغان كۆزىتىش قابىلىيتىگە تايىنپ «قوشۇن»دىكى ئارتۇقچە يەرلىك قوشۇنلارنى تازلاپ، مەسىلەن:گۇتى، رائۇل ، ئىشلىتىش قىممىتى يوق بولغان ئەسكەرلەرنى سىتىپ چىقىرىپ ھازىرقى «ياللانما قوشۇن»نى قۇرۇپ چىقتى.
ئۇنىڭغا سىلشتۇرغاندا ئۇلارنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بولغان بارسلونا ئادەم كىرگۈزۈش جەھەتتە ئارقا-ئارقا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ «ياللانما قوشۇن»بولۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدى. بارسلونانىڭ داڭلىق مەغلۇپ بولغان ئادەم كىرگۈزشلىرىدىن ئىبرايىموۋىچ،جىگلىنسىجى، كاسەلەيس،خىىلىپ قاتارلىقلار بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسپانىيە «يەرلىك ئەسكەرلىرى»نىڭ ئىپادىسى باشقىلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئىلىشغا توسالغۇ ئىلىپ كەلدى.
بىر نۇقتىدىن قىلىپ ئىيتقاندا بارسلونا مەستانىلرى مادىردتىن كۆپ تەلەيلىك، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئالغان لوڭقىسىدا ئىسپانىيەلىكلەرنىڭ قان-تەرى ھەقىقەتەن كۆپ.
قوشۇمچە:ئىسپانىيەدىكى ئەڭ ساپ قوشۇن:بىرباخ رىقابەت.
2. ئىتالىيەدىكى ياللانما قوشۇن-ئىنتىر مىلان.
مەنچىنىدىن كىين مورىنيو ئىنتىرغا ئاز بولمىغان ئۆزگىرشلەرنى ئىلىپ كىردى، مەنچىنى باشلىغان ئىسلاھاتنى ئۇ يۇقىرى بىر بالداققا كۆتىردى، ئىتالىيەنىڭ ئويناش ئۇسلۇبىغا ماس كىلدىغان ئىشلىتىش ئۈنىمىگە ئىگە «ئەسكەر»لەرنى يىتەكلەپ كىرگۈزدى. يەرلىك «ئەسكەر»لەردىن تازلاشقا كىرەكلىكلەرنى تازلىدى، ئەڭ مۇۋەپىقىيەت قازانغان سودىسى مىلىتو، سىنىيدىر، لۇسىيۇ،ئىيتوۋ قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈپ بىر يولىلا ئۈچ لوڭقىنى قولغا چۈشەردى.
بۇ «ياللانما قوشۇن»دا ئىتالىيەنىڭ يەرلىك ئەسكەرلىرىدىن ئىگەللىگەن سان خۇدايىم توۋا، بىرنىمۇ ئەسلىيەلمىدىميا. جەنۇبىي ئامرىكا گۇرۇھى:سەيسار، لوسىيۇ،سامۇئىل،مىلىتۇ،مايكۇن،سانىتى،موتتا ھازىر بىر ئوتتۇرا بىكى بار ئىسمى نېما:لىۋيانوما؟
ياۋرۇپا گورۇھى:سىتانكوۋىچ، سىنيدىر،پەندىف. چىۋۇ. ئافرىقا قىتئەسى رايۇنىدىن: ئىيتئو،كىردوبا
ئۈچ لوڭقىنى قولغا كەلتۈرگەندە ئىنتىر ساپلا «ياللانما قوشۇن»نىڭ رولىغا تايىنىپ مۇۋەپىقىيەتكە ئىرشتى. «ياللانما ئەسكەر»لەرنىڭ رولىدىن ئەڭ ئۈنۈملۈك پايدىلانغان كوماندا دەل ئىنتىر
ئۇنىڭغا سىلشتۇرغاندا ئىنتىرنىڭ ئىككى دۈشمىنى مىلان بىلەن يۇۋىنتۇس بىر قەدەر يەرلىكلەشكەن. يۇۋىنتۇستا كۆپ قىسمى يەرلىك توپچىلار ئىگەللەيدۇ. ھازىر ئاز بىر قىسىم توپچىلارنى كىرگۈزگەن بولسىمۇ لىكىن يەنلا«ياللانملىقىتىن »كۆپ يىراق.
مىلاندا«ياللانما»قوشۇنلارنى ئاساسلىق ئىگەللىگەن يىرى ئوتتۇرا مەيداندا بىر ئورۇن، ھوجۇمدا بىر ئورۇن. ھازى ھوجۇمدىكى بىر ئورۇن ئىككىگە كۆتىرلدى، پاتو ئىبراھىموۋىچ، ياكى روبىنيو ئىبراھىموۋىچ.
ئەنگىليە بىرلەشمىسى
1. لوندون «ياللانما قوشۇنلىرى»ئوتتۇرسىدىكى قانلىق جەڭ.
مەستانىلىرى ئەڭ كۆپ، قۇرۇلمىسى ئەڭ مۇرەككەپ بولغان «ياللانما قوشۇن»ئارسىنال بۇ ئۇرۇشنىڭ پىرسۇناژلىرىنىڭ بىرى، ئۇنىڭ«ياللانما ئەسكەرلىرى»ھەر قانداق بىر دۆلەتتىن چقىدۇ، ئۆز دۆلىتىنڭ «ئەسكەرلىرى»دىن ئىگەللىگەن سان بىرلا:ۋولكوت. بۇ قوشۇننى بارلىققا كەلتۈرگۈچى شەخىس ۋىنگىر، ئەڭ بۇرۇن «ياللانما قوشۇن»دەۋرىگە قەدەم قويغۇچى. بۇ قوشۇننىڭ تارىخىدىكى داڭلىق شەخسىلەردىن بىرسىمۇ ئەنگىليەدىن ئەمەس: مەسىلەن: ھىنىرى(فىرانسىيە،)بىرگامىپ(گوللاندىيە) ۋەن پىرس(گوللاندىيە)، پىرسى(فىرانسىيە)، فابىرگاس(ئسىپانىيە)، گاللاس(فىرانسىيە)
ئۇلارنىڭ دۈشمىنى بولغان چىلسى ئابىلاباينىڭ زامانسىدىن باشلاپ «كۆپ خىللىشش»قاراپ يۈزلەندى، ھازىر ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئەزاسىدا ئىگەللەيدىغان ئادەم سانى: تىررىي،ئاشلى كول،لەمپارد قاتارلىقلارلا بار. بۇلارنىڭمۇ ئۆز تەۋەلىكىدىن چىققان توپچىلىرى ئاز. ۋەكىللىك توپچىسى زولا(ئىتالىيە)، روبىن(گوللاندىيە) دۇف(ماۋۇسى نەلىك) دىروگبا(كوتىدىۋا).
ئاندىن ئۇلارنىڭ ئورتاق دۈشمىنى توتىنھاممۇ «ياللانما قوشۇن»تىپىدىكى كوماندا.
مانچىستىردىكى ئىچكى ئۇرۇش-يىڭى «ياللانما قوشۇن»لارنىڭ ھىكايىسى.
ئۆزىنىڭ ئالتۇن ئەۋلاتلىرنى يولغا سىلىپ بولغاندىن كىيىن مانچىستىر بىرلەشمىسىمۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق «ياللانما قوشۇن»غا ئايلاندى. سىكولىس، خاگىلفۇس،گالى نىۋرنىڭ چىكىنىشى يەرلىكلەرنىڭ مانچىستردا تۇتقان ئورنىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتۋەتتى. ھازىر بۇ كوماندىدا ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىدىغان ئەزالاردىن:فىردىنانىد، رونىي. كارىك ئۈچلا ئادەم بار. قالغان سەككىزى«ياللانما ئەسكەر»، ياللانما ئەسكەرلەر بىلەن مۇۋاپىقىيەت قازانغان ئىككىنچى كوماندا(ئىنتىر ئۈچ لوڭقا بىلەن بىرىنچى ئورۇندا)
يىڭدىن «ياللانما قوشۇن»يولىغا كىرگەن مانچىستىر شەھەر كوماندىسى بىراقلا تونۇلۇپ كەتتى، زەردارلاغا خىرىس قىلىشقا باشلىدى، ئاۋال ئادىبايور، تىۋىز، يايا تۇرى، بالوتىلى، سىلۋا، .جىكو ھازىرقى ئاگۇيرۇ، ناسىرى قاتارلىقلار بۇ «ياللانما قوشۇن»نىڭ سەۋىيىسىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتىردى، ئارقا سەپنى دىمىگەندە بۇ «قوشۇن»ھەر قانداق بىر قوشۇنغا تامامەن خىرس قىلالايدۇ، بۇ يەردىكى مەسىلە پەقەت ئۇلارنىڭ قوماندانىنىڭ مەسىلىسى. بۇ قانلىق جەڭدە كىم كۈلىدۇ، بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى بولۇپ قالدى خالاس.
ئۇنىڭدىن باشقا لىۋرپولمۇ دىققەت قىلشقا ئەرزىيدۇ
گىرمانىيە بىرلەشمىسى
يەرلىك ۋە «ياللانما»ئۇرىشى
بۇ بىرلەشمىنى مەن بەك چۈشىنىپ كەتمەيدىكەنمەن. لىكىن گىرمانىيەدە بىر «ياللانما قوشۇن»ناھايىتى تىزلا باش كۆتىرىپ چىقتى، ئۇ بولسىمۇ دورتمونىد كوماندىسى.كورىيەلىك ۋە تۈركىيەلىك پۇتبۇلچىلارنىڭ رولىغا تايىنىپ گىرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى« ئەنئەنىۋى يەرلىك قوشۇن»-بايرىن كۇلۇبىنىڭ ھۆكىمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلغانكەن بۇلارنىڭ كۈچىنىمۇ سەل چاغلاش مۇمكىن ئەمەس. بۇ پەسىل بىر قىسىم «ئەسكەرلىرى»قوشۇن يۆتكەلدى. بۇ پەسلدە كىم غەلبە قىلىدۇ كىم ئەمەس بۇنىڭغا ئەڭ ياخشىسى ۋاقىت جاۋاپ بەرسۇن.
ئەسكەرتىش: كۆزدە تۇتقىنىم پەقەت مۇشۇ بىرنەچچە يىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ-خالاس.
ئۇششۇق يازمىسى |