ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1644 |
تۆھپىسى: سەر |
|
فابرىگاس بارسىلوناغا يۆتكىلىشى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر خائىن، مۇناپىق، شەرمەندى دېگەن قوپال سۆزلەر بىلەن تىللىدى، لېكىن ئويلاپ باقتىڭلارمۇ؟ فابرىگاسنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن يەر قايەردە؟ ئۇرۇق - تۇققان، دوست يارەنلىرى قايەردە؟ 16 يىللىق تۇرمۇش كارتىنىسى قايەردە؟ ...
لاماسىيادا، بارسىلونا كۇلۇبىدا، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ ئۆيىگە قايتىپ كەلسە، يەنە نەرى خاتا؟
ئەلۋەتتە، فابرىگاس ئارسىنالدا تۇرغان سەككىز يىل ئىچىدە لوندۇنغا نىسبەتەن مۇھەببىتى يوق دېگىلى بولمايدۇ،لېكىن ئۇ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئۆتكۈل باسقۇچ ھېسابلىنىدۇ. خۇددى ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى ئۆيىدىكىلەردىن ئايرىلىپ، باشقا بىر مۇھىتتا ئۆتكۈزىدىغانغا ئوخشاپ قالىدۇ. ھەممەيلەن تۆت يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىمىزدا ئۆمۈرلۈك دوستلار بىلەن تونۇشقان بولۇشىمىز مۇمكىن،لېكىن ھامىنى ئايرىلىمىز، فابرىگاسمۇ ئوخشاش ئۇ ئارسىنالدا شەخسى تېخنىكىسى جەھەتتە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېقىنلاشتى، ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى، پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى ئىدى خالاس.
تۆۋەندىكى فىلىمنى كۆرۈپ باقارسىلەر، فابرىگاس بىلەن پېك نىڭ«مۇھەببەت»ى سۆزلەنگەن.
|
|