akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 4058|ئىنكاس: 37

شىرئەلىجان يېڭى تارىخ ياراتتى !

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بايا ئاخىرلاشقان 2011- يىللىق « سىتانكېۋىچ » لوڭقىسىنى تالىىشش مۇسابىقىسىنىڭ 3-لىكنى تالىىشش ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىسى 49-50 نەتىجە بىلەن ، يەنى جۇڭگو كوماندىسى 1 نۇمۇر پەرىق بىلەن رەقىبىگە ئۇتتۇرۇپ قويدى .
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىپادىسى ئەڭ ياخىشى بولغان ماھىر يەنىلا پەخىرلىك ئوغلانىمىز شىرئەليجان بولدى .  شىر ئەليجان ئەڭ ئۇزاق مەيدانغا چىقىپ ، جەمئي 16 نۇمۇر ئېلىپ مۇسابىقىدىكى ئەڭ يۇقىرى نۇمۇر ئالغان ماھىر  بۇلۇپ قالدى ، يەنە 6 قېتىم قارشى تەرەپنىڭ توپنى يۇلۇپ تارتىۋالدى ، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپنى تارتىۋالدى . كىشىنى ئەڭ ھاياجانغا سالىدىغىنى مۇسابىقە ئاخرىلىشاي دىگەندە شىرئەليجان قارشى تەرەپ ھۇجۇمچىسىنىڭ ھۇجۇمغا چىققان توپىنى ئۈنۈملۈك تارتىۋالدى . قاتتىق جىددىيلەشكەن قارشى تەرەپ ماھىرى شىر ئەليجانغا ئېسىلىۋالدى . رىپىر بۇ ۋاقىتتا شىرئەليجانغا جازا توپ ئېلىپ بەردى ، شىرئەليجان ئىككىلا جازا توپنى كىرگۈزۈپ ئارقىدا قالغان جۇڭگو كوماندىسىغا ئۇمۇد ئاتا قىلدى بىراق ، نەتىجە 49- 50 شارائىتتا ، مۇسابىقە ئاخىرلاشقىلى 6 سىكونىت قالغان ۋاقىتتا ، جۇڭگو كوماندىسى يەنە بىر قېتىم جازا توپقا ئېرىشكەن بولسىمۇ ، جاڭبو دىگەن قاقۋاش ماھىر ئىككى جازا توپنى كىرگۈزەلمەي غەلبىنى مەغلۇبىيەتكە ئايلاندۇردى .  
تۆۋەندىكىسى شىرئەليجاننىڭ ئارقىمۇ - ئارقا 7 نۇمۇر ئالغان كۆرۇنىشى .

مەنبە : ھۇررا مۇنبىرى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +5 تۆھپە +1 يىغىش سەۋەبى
putbolqiman + 5 + 1 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-8-5 01:41:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسەن ئەزمەت    داۋاملىق تىرىشقىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-8-5 01:42:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-8-5 01:42:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسەن شىرئېلى.......  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-8-5 06:53:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىر ئەليجان 16+6+6 پەۋقۇلئاددە نەتىجىسى بىلەن جۇڭگو كوماندىسىنىڭ 7 يىللىق رىكوتىنى بۇزۇپ تاشلىدى .  سىنا قاتارلىق داڭلىق تور بەتلەرنىڭ ھەمىسىدە ساپلا  مەخسۇس شىرئەليجاننى تەھلىل قىلدىغان خەۋەرلەر يامغۇردەك يېغىپ كېتىپتۇ .  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-8-5 07:44:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزمەت،خەلقىڭ سەندىن پەخىرلىنىدۇ،ئىلاھىم كۆز تەگمىسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-8-5 08:29:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر بولغىنىمدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن،تاكى مەڭگۈ..............
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-8-5 10:14:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىرئەلىجان يارايدۇ ....بولسا يەنە 1-2 ئوغلانىمىز چىقسا تازا..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-8-5 10:17:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەركەن    دوستۇم جاپا تارتپسىز ئامال بار مۇنبەرنىڭ خاسلىقنى ساقلىساق بولاتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-8-5 11:00:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى ahmat007دە2011-08-05 10:17يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
ياخشى خەۋەركەن    دوستۇم جاپا تارتىپسىز    
  ئامال بار مۇنبەرنىڭ خاسلىقىنى ساقلىساق بولاتتى    

ئۇيغۇر تەنھەركەتچى توغۇرلۇق ھەرقانداق ياخشى خەۋەر بولسا يوللانسا بولىدۇ ... ئۇلار  مەيلى پۇتبول ياكى ۋاسكىتبول ۋەياكى بوكىس توغۇر لۇق بولسۇن چوقۇم يوللاش كىرەك  ئۇلار نۆۋىتىدە مىللىتىمىز  خەلقىمىز نىڭ پەخىرلىك ئوغۇلانلىرى  ..بىزنىڭ روھى ئوزۇقىمىز  .............
مۇنبىرىمىز  پۇتبول مۇنبىرى شۇنداقلا ئۇيغۇر تەنتەربىيە مۇنبىرى  شۇڭا بۇ تۇردىكى خەۋەرلەر يوللانقىنى ياخشى ....مۇنبەر خاسلىقىنى يوقىتىش دىگەن  تەنتەربىيە بىلەن پۇتبول بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ..شىئېر  رەسىم  مۇزىكا  ئەدەبىي ئەسەرلەرنى مۇنبەرگە يوللىسا ئاندىن مۇنبەرخاسلىقىنى يوقاتتى دەيمىز ..
  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-8-5 11:01:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەن بىزنىڭ پەخرىمىز شىر ئەلى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-8-5 11:02:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى ahmat007دە2011-08-05 10:17يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ياخشى خەۋەركەن     دوستۇم جاپا تارتىپسىز     
  ئامال بار مۇنبەرنىڭ خاسلىقىنى ساقلىساق بولاتتى     

نىمانداق تېتىقسىز گەپ بۇ ، سىز ساقمۇ يا ؟؟؟ چىژلىقتۇ ؟؟؟
ئادەتتە قارىسا ۋاي ئۇيغۇرۇم ، ئۇيغۇرۇم ئۈچۈن ئۆلىمەن ... دەپ كېتىمىز ، ئەمدى بىر ئەزىمىتىمىز 1مىلىيارد 300 مىلىيۇن ئادەمدىن 16  ئادەمنىڭ ئىچىگە كىرىپ ، جان تىكىپ ئويناپ ، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ قەددىنى تىك تۇتۇپ مەغرۇر ياشىشى ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتسا ...
مۇنبەر دېگەنگە مۇشۇنداق خەۋەرنى يوللىمىسا قانداق خەۋەرنى يوللايدۇ ئەمىسە ؟؟؟ پۇتبۇل ، ۋاسكىتبول ، ۋالىبول ھەممىسى چوڭ توپ تۈرلىرى ھېساپلىنىدۇ، ۋاسكىتبولغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرنى يوللاپ قويسا نېمە بوپتۇ ؟ ياكى مۇنبەر قوللانمىسىدا چوقۇم پۇتبۇلغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلا يوللايسەن دەپ بارمىكەن يا ؟ ئالدىنقى كۈنلەردىمۇ شىنجاڭ كالتەك توپ كوماندىسىنىڭ كاتتا خوش خەۋەرلىرى تارقالغان چاغدا ھەمممىز شۇنداق خۇشاللىقلارغا چۈمدۇققۇ ! بىرەر خەۋەر ئارتۇق كەتكەنگە مۇنبەرنىڭ بىلى ئوشتۇلۇپ كېتەمدىكەن يا ؟!
بەزىدە قاتتىق ھەيران قالىمەن ، مۇشۇ مۇنبەردە ئاجايىپ ماڭقۇرۇت ئادەملەر بار ... ئاتا- بوۋىسى كۆرۈپ باقمىغان ، چەتئەللەردىكى دادا باشقا ، ئانا بۆلەك ئاللىكىملەر ئۈچۈن شالىنى ئىقىتىپ ، ئۇلارنىڭ ئانچىكىم خەۋەرلىنى تىڭتىڭلاپ قالسا ، ئالتۇن تېپىۋالغاندەك بولۇپ ، نەچچە كۈنگىچە ئۆزىدىن پەخىرلىنىپ يۈرۈيدىغان ، ئۇلارنىڭ كىملەر بىلەن ئاشنا ئويناپ تۇتۇلۇپ قالغانلىقى ، قانداق پايپاق كەيگەنلىكى ، يۈزىنى يۇماي كوچىغا چىققانلىقى ... دېگەندەكلەرنى تىپىۋالسىغۇ بولدى ، نەچچە ۋاخلارغىچە ھوزۇرلىنىپ يۈرۈشىدۇ ... خۇددى ئاچىسىنىڭ ئىرىدەك ...
ئۆزىنى چوقۇنىدىغان مەبەۇدىغا مۇناسىۋەتلىك پايدىسىز گەپ - سۆزلەر بولۇپ قالسىغۇ مۇنبەر پۇراپ كېتىدۇ ، بىر - بىرسىنى تىللاشقان ، غاجاشقان ، ھاقارەتلەشكەن گەپلەرنىڭ سېسىقلىقىدىن ...
بولدى سۆزلىمەي ... بىكار ئۇلۇغ ئاي ، ئۇلۇغ كۈنلەردە ئۆزۈمگە ئوشۇق گۇناھ ئارتىۋالماي...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 04:25

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش