تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 10427|ئىنكاس: 56

مۇنبەر يېڭى بەلگىلىمىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2007-10-15 12:20:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ! پۇتبول مۇنبىردىكى
مۇنبىرىمىزگە قىزغىن ئشتىراك قىلىۋاتقان سۆيۈملۈك دىلكەش دوستلار ، ئالدى بىلەن ھەر بىرىڭلارنىڭتىنىڭلارغا سالامەتلىك ، پۈتۈن ئائىلەڭلارغا ئېسەنلىك تىلەيمىز .
پۇتبول مۇنبىرى ئۆزىنىڭ ئىسىل يازمىلىرى، نادىر كۆرۈنىشلىرى بىلەن پۇتبول مۇنبىرىگەھاياتى  كۈچ ئاتا قىلىۋاتقان بارىلىق  مىننەتسىز ئەجىر قىلىۋاتقان ئەزالار ،   جاپاكەش باشقۇرغۇچىلارغا ئەڭ سەمىمىي رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز .....
پۇتبول مۇنبىردىكى مۇنبەر قۇرغۇچىسى  ۋە باشقۇرغۇچىلار ئورتاق مۇزاكىرلىشىش ، كېڭىشىش ئارقىلىق ، كەڭ تورداشلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش ، مۇنبىرىمىزدىكى بىر قىسىم ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ۋاختىدا تۈگىتىپ ، بارلىق تورداشلار ۋە كەڭ كۆرۈرمەن دوستلار رازى بولغىدەك مۇنبەر كەيپىياتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ، مۇنبىرىمىز ئىلگىرى يولغا قويغان مۇنبەر قائىدە - تۈزۈملىرى ئاساسىدا تۆۋەندىكى قائىدە - تۈزۈملەرنى يېڭىدىن تۈزۈپ چىقتۇق .  كۆپچىلىكنىڭ بۇ قائىدە - تۆزۈملەرگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشىنى ، ۋە بۇسۇنىشىنى ، قوللىشىنى ئۆمۈد قىلىمىز .

مۇنبەرگە تىما ،ئىنكاس يوللىغۇچىلار دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مەسىللەر : --------------------

1. باشقىلارنىڭ يازمىسىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ ئىنكاس قىلىپ يازغان ئىنكاس. ( بۇنى ئەخلەق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندىمۇ ئىنتايىن ناچار ئىللەت )
2. تېما بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق سۆزنى ئىنكاس قىلىپ يازغان ئىنكاس.
3.باشقىلارنىڭ زىتىغا تىگىدىغان ، باشقىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان ئىنكاس.
4.يەنە ئۇرۇش چىققان تېمىلارنى چوقۇم ۋاقتىدا تاقىۋىتەيلى ! باشقۇرغۇچىلار ئۇچىراتقان ھامان ئۆچۈرۋەتسە بولىدۇ .
5. « رەھمەت » ، « ياخشى يېزىپسىز » ، « ........   » دىگەندەك دىمىسىمۇ بولىدىغان گەپنى ئىنكاس قىلىپ يازغان ئىنكاس بولسا ئازىراق يازايلى ئىلاجى بار ئۆز كۆز قارشىمىزنى ئوتتۇرغا قويغان ئاساستا مۇنازىرە ئىلىپ بارساق
6. سىياسىيغا تاقىلىدىغان ئىنكاس .
7. سېرىق مەزمۇندىكى ئىنكاس. ( ئەگەر يوللىغانلار كۆرۈلسە ئىككلەنمەي مۇنبەردىن قوغلاپ چىقىرلىدۇ )
8 . ئەگەر ئەزالار ئىنكاس يوللاپ بولۇپ بىرە گەپنى قوشۇپ قويماقچى بولسا دىگەن يەردىن ئىنكاسنى قايتا ئۆزگەرتسەك بولىدۇ .
9. باشقا مۇنبەرلەردىن قىممىتى تىما يۆتكىمەكچى بولساق چوقۇم كىلىش مەنبەسىنى ۋە ئاپتۇرىنى ئەسكەرتىش .

مۇنبەر ئەزالىرنىڭ ھوقوق مەجبۇريىتى : ----------------------------

1. مۇنبەرگە ئەزالىق سالاھېيىتى بىلەن تىزىملىتىپ كىرىپ ، نورمال بولغان مۇنبەر مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە .
2. ئەزالىق سالاھىيىتى بىلەن مۇنبەرگە توغرا بولغان ، چەكلەنمىگەن تىما ۋە ئنكاس يوللاش ، ئەسەر ئېلان قىلدۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە ھەم شۇنداق مەجبورىيىتى بار .
3. مۇنبەرنىڭ تۇرلۇك ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇش ، ھەمكارلىشىش ، مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ھوقۇقىغا ئىگە ھەم شۇنداق ۋە مەجبورىيەتلىرى بار .
4. مۇنبەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش غەرىزىدە بولغان ، يامان نىيەتلىك بولغانلارنى بايقىغان ھامان باشقۇرغۇچىلارغا پاش قىلىش ۋە ئەھۋال ئىنكاس قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ھەم شۇنداق مەجبورىيىتى بار .
5. باشقۇرۇشقا بويسۇنۇش ، توغرا بولغان تەنقىدى - تەربىيىنى قوبۇل قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ھەم شۇنداق مەجبورىيىتى بار .
6. باشقۇرغۇچىلارنى نازارەت قىلىشى ، تەكلىپ - پىكىر بىرىش ، مۇنبەرنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى ئۈچۈن قىممىتى بار ئۇچۇر ، بىلىملەر بىلەن ۋە ياخشى يازمىلار بىلەن تەمىنلەش ھوقۇقىغا ئىگە ھەم مەجبورىيىتى بار .
7. تەستىقلانمىغان ، ئۆچۈرۈلگەن تىمىلىرىنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈش ، دېرىگىنى قىلىش ھوقۇقى بار .
8. مۇنبىرىمىزگە ئەزا بولغان ھەر قانداق ئەزا باشقۇرغۇچىلار چوقۇم چ چ توپىغا قىتىلىش مەجبۇريىتى بار ،ئىسمى چوقۇم مۇنبەردىكى بىلەن ئوخشاش بولۇشى كىرەك .
9. مۇنبەرگە تىما يوللىغاندا چوقۇم مۇنبەرگە مۇناسىۋىتى بولغان تىما يوللاش ، مۇنبەرگە مۇناسىۋەتسىز تىما يوللىماسلىق مەجبۇريىتى بار .

باشقۇرغۇچىنىڭ ھوقۇق - مەجبورىيەتلىرى:---------------------------

1. باشقۇرغۇچىلىق سالاھىيىتى بىلەن مۇنبەرگە كىرىپ ، ئۆزىگە بىرىلگەن ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدە ، تۈرلۈك باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئىشلەش ھوقۇقىغا ئىگە ھەم شۇنداق مەجبورىيىتى بار .
2. قۇبۇل قىلغان تىمىلارنى تەھرىرلەش ، تەستىقلاش ، تەستىقلاشقا تېگىشلىك بولمىغان تىمىلارنى تەستىقلىماسلىق ، ئىلگىرى تەستىقلىنىپ قالغان ئەھمىيەتسىز ، ۋاختى ئۆتكەن ، كۈچىدىن قالغان تىمىلارنى ئۆچۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە ھەم شۇنداق مەجبورىيىتى بار .
3. تەستىقلىپ ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم نادېر ، موھىم قىممەتكە ئىگە ، پايدىلىنىش ئۆنۈمى يوقىرى بولغان تىمىلارنى جەۋھەرلەش ، چوقىلاش ياكى باش چوققىلاش ،نادىرلاش ھوقۇقىغا ئىگە ھەم شۇنداق مەجبورىيىتى بار .
4. بىر قىسىم كۆرۈشكىلا بولىدىغان ئەمما ، ئىنكاس قوبۇل قىلىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان نازۇك تىمىلارنى تاقىۋېتىش ھوقۇقىغا ئىگە ھەم شۇنداق مەجبۇرىيىتى بار .
5. قالايمىقان ئىنكاس ، ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈش ، ئۆزلىرى مەسئۇل بولغان سەھىپىلەرنى قەرەلىك تەكشۈرۈپ ، تازلاپ تۇرۇش ، مۇنبەر بوشلۇقىنى ئاسىراش ھوقۇقى ۋە مەجبورىيىتى بار .
6. مۇنبەردە ئورۇنسىز جېدەل - ماجىرا چىقارغان ، مۇنبەر بەلگىلىمىلىرىگە ئىخلاپ تىما يوللىغان ، دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە زىت بولغان ۋە شەھۋانى مەزمۇندىكى تىما ، ئىنكاس ۋە ئۇچۇر يوللىغان ھەر قانداق بىر كىشىگە مۇشۇ بەلگىلىمە بويىچە ، يازمىلىرىنى ئۆچۈرۈش ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش ،مۇنبەر مەسئوللىرىغا تەكلىپ بىرىش ھوقۇقى ۋە مەجبورىيىتى بار .
7. نازارەت قىلىش ، پىكىر - تەكلىپ بىرىش ، ۋە پىكىر - تەكلىپلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش ، ئەزالار ئىنكاس قىلغان ياكى پاش قىلغان مەسىلىلەرگە تەدبىر قوللىنىش ، ئەزالارنى يىتەكلەش ، ئىتىپاقلاشتۇرۇش ، ياردەم بىرىش ھوقۇقى ۋە مەجبورىيىتى بار .
8. ئۆزى مۇۋاپىق دەپ قارىغان ، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كىلىدىغان باشقا ھوقۇق - مەجبورىيەتلىرىنى ئادا قىلىش ۋە شۇ خىل توغرا ھەركىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ھوقۇقىغا ئىگە ۋە مەجبورىيىتى بار .
9. مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى ئۆزى مەسئۇل بولغان سەھىپىگە ۋاختىدا كىرىپ تىما تەستىقلاپ تۇرۇش ، تىما تەستىقلىغاندا چوقۇم ئىسمىنى قالدۇرۇپ قويۇش مەسئۇليىتى بار .

بۇ تىما مۇنبەرگە بۇ تىما بۇرۇن يوللىنىپ بولغان لىكىن مۇنبەر توختاپ قىلىش سەۋەبى بىلەن ئۆچۈپ كەتكەن شۇڭا قايتا يوللىدۇق . مۇنبەردىكى ئەزالار ، باشقۇرغۇچىلارنىڭ باشقىچە پىكىرى بولسا قالدۇرساڭلار بولىدۇ .

بۇ تىمىنى تەپسىلى كۆرۈپ ئىنكاس قايتۇرشىڭلارنى ئۆمۈد قىلىمەن .
ۋاقتى: 2007-10-15 12:52:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلۈمدىكىدەك گەپلەرنى قىلۋىتىپسىزغۇ .بۇرادەر
ۋاقتى: 2007-10-15 12:55:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھەم ھەممىمىز دىققەت قىلىشقا نوقتىلار بائىكەن. بۇرۇن كۆرگەن بولسامچۇ ھوقۇقۇمنى.
ۋاقتى: 2007-10-15 13:00:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولدىغان گەپلەركەن...
مۇنبەر ئۇچۇن كۆپ پايدىلىق بوپتۇ...
   ئۆزمىزنىڭ بولغانكەن  ئۆزىمىز ئاۋاتلاشتۇرايلى......
ۋاقتى: 2007-10-15 14:57:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرگە تېما تەستىقلىغاندا تېمىنىڭ ئاستىغا تەستىقلىغۇچىنىڭ نامى قوشۇلۇپ چىقىدىغان ئىقتىدار قوشساق بولاتتى.
ئۇندىن باشقا يەنە يېڭى تېما بارلىقىنى ھەربىر سەھىپىگە كىرمەيلا،مۇنبەر باش بېتىدىن قاراپ بىلگىنى بولماسمۇ؟ [s:18]
ۋاقتى: 2007-10-15 17:42:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمون 2 جى قەۋەتتىكى nur110 نىڭ 2007-10-14 20:55 دە يوللىغان يازمىسى“”:
مەن ھەم ھەممىمىز دىققەت قىلىشقا نوقتىلار بائىكەن. بۇرۇن كۆرگەن بولسامچۇ ھوقۇقۇمنى.

ۋوي سىز ئالى ئەزاكەنسىزغۇ . ئۆسىپسىز ھە .مەن شۇنچە قىلساممۇ ...........

بالدۇر چىققان قۇلاقتىن كېيىن چىققان مۈڭگۈز ئېشىپ كېتىپتۇ دىگەن بىكار گەپ ئەمەسكەن ھە . [s:3]  [s:3]  [s:3]
ۋاقتى: 2007-10-16 00:59:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقانداق يەر نىڭ ئۆزگە تۇشلۇق قائىدە-بەلگىلمىرى بولىدۇ...بۇتىمىنى يۇللاپ ناھايىتى ياخشى قىپسىز !!!
مەن چوقۇم ئەمەل قىلىمەن،ھەم باشقىلارنىڭمۇ ئەمەل قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن....
مۇنبېرمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئاغىنىلەر بىرلىكتە چۈچ چىقىرايلى!!!
ۋاقتى: 2007-10-17 01:40:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمون 5 جى قەۋەتتىكى karlos نىڭ 2007-10-15 17:42 دە يوللىغان يازمىسى“”:


ۋوي سىز ئالى ئەزاكەنسىزغۇ . ئۆسىپسىز ھە .مەن شۇنچە قىلساممۇ ...........

بالدۇر چىققان قۇلاقتىن كېيىن چىققان مۈڭگۈز ئېشىپ كېتىپتۇ دىگەن بىكار گەپ ئەمەسكەن ھە . [s:3]  [s:3]  [s:3]


سىزمۇ مەندەك كېچىنى كېچە، كۈندىزنى كۈندۈز دېمەي مۇنبەر ئۈچۈن ئاددى بولسىمۇ ئىنكاس يېزىڭ، بىرنەچچە كۈگە قالماي رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالىسىز!! ھا ھا  [s:13]
ۋاقتى: 2007-10-19 15:32:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي تەس جۇمۇ!!! [s:3]
ۋاقتى: 2007-10-19 17:23:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  بارلىق سەھىپىلەرنىڭ  تۇزمىنى ئايرىم  يېزىپ تېمىلارنى  بىر  رەتلەيمىكىن  دەۋاتىمەن!
ۋاقتى: 2007-12-19 16:36:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:[چوقۇم كۆرۈڭ]  مۇنبەر يېڭى بەلگىلىمىسى

مەندەك يىڭى كىرگۇچىلە ئۇچۇن بىر ياخشى نەرسىنى يوللاپبىرىپسىز....مەن چوقۇم دىھقەت قىلىمە...
ۋاقتى: 2007-12-26 11:02:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:[چوقۇم كۆرۈڭ]  مۇنبەر يېڭى بەلگىلىمىسى

مۇنبەر باشلىقلىرىىغا بىر تەكلىپ
مۇمكىن بولسا مۇنبەرنىڭ قائىدە تۇرزۇملرىنى
پۇل جەۋھەر شۇھرەت توھپە ۋە ئەزلارنىڭ دەرىجسىنى كونكىرىت چۇشەندۇرۇپ قويساڭلار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-9-26 15:37 , Processed in 0.125710 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش