- تىزىملاتقان
- 2010-8-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 167
- نادىر
- 0
- يازما
- 167
|
تىما ماۋزۇسىدىن باشلاي :
بارسىلونا خەلقنىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندى؟ ئىسپانىيە خەلقىگە نىسبەتەن دۈشمەن بولىشى مۇمكىن. باشقا خەلق قەۋملەرگە نىسبەتەن بارسىلونانىڭ يۇقارقى قىلمىشلىرى دۈشمەن دەرىجىسىسدە ئىپادىلەشكە كەملىك قىلىدۇ،
يالغان يىقىلىش ھەركىتى ھەممە كۇلۇپتا بار، يالغان يىقىلىدىغان توپچىسى يوق پۇتبول كۇلۇبى يوققۇ دەيمەن، ھەممە كۇلۇپتا يالغان يىقىلىدىغان توپچى تۇرۇپ بارسىلونا نىمىشقا بۇنچىلىك كۆزگە چىلىقىپ قالىدۇ، ؟
بارسىلونانىڭ ئاتالمىش ئادەمنى زىرىكتۇرىدىغان پاسلىرى ، توپ كونتورۇل قىلىشى قارشى تەرەپنى يۈگۈرتۈپ ھالسىزلاندۇرۇپ بەدەن كۈچىنى خورىتىشى قارشى تەرەپ توپچىلىرىغا بولغان بىسىمنى ئاشۇرۇۋىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قارشى تەرەپ توپچىلىرى توپ تارتىۋىلىش ئۈچۈن نورمالسىز ھەركەت قىلىدۇ، ئەلۋەتتە بۇنداق ھەركەت بۇسكىسنىڭ يىنىدا يۈزبىرىپ قالسا قەتئىي پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيدۇ، قارشى تەرەپنىڭ قائىدىسىز ھەركىتىنىڭ قوپاللىق دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولغانسىرى بارسىلونا دىكى بۇسكىس، ئارۋىس، لارنىڭ يىقىلىش ھەركىتىمۇ شۇنچە ئىچىنىشلىق دەرىجىدە ئادەمنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ، ئەجىبا بۇنىڭدىكى خاتالىق بارسىلونادىما؟ بىز بۇيەردە بارسىلونانىڭ يىقىلىشىنى تىلغا ئالىمىزيۇ، قارشى تەرەپنىڭ نورمالسىز ھەركىتىنى تىلغا ئىلىپمۇ قويمايمىز.
رىپىرنىڭ يىنىغا بىرىپ سىرىق ، قىزىل يىگىزۈش؟ بۇ گەپ جىڭ باسمايدىغان گەپ، قارشى تەرەپ توپچىسىنىڭ نورمالسىز ھەركىتى بولغان كەن رىپىرنىڭ كارتا چىقىرىش چىقارماسلىق ھوقوقى بولىدۇ، بارسىلونا توپچىلىرىنىڭ رىپىرنىڭ يىنىغا بىرىۋىلىشى قوشۇمچە كاتالىزاتور، ئاساسلىقى بولسا ھەتكەتنىڭ قائىدىسىز بولىشى.
مەيدان سىرتىدىكى ھاكاۋۇرلۇقتا بارسىلونا باشقا كۇلۇپلارغا سىلىشتۇرغاندا خىلىلا كەينىدە تۇرىدۇ بۇنىڭغا ئارتۇقچە جۆيلۈپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.
ياۋرۇپا پۇتبول چىلار جەمىيتىنىڭ كۆڭۈل بۆلىشىگە ئىرىشتى، رىپىر يان باستى دىگەندەك ئەپ قاشتى گەپلار بارسىلونادىن تاياق يىگەنلەرنىڭ تاپقان باھانىسى خالاس ! |
|