akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 3381|ئىنكاس: 38

ئوغلانىمىز دىلشاد قۇتلۇق سەپىرىنى باشلىدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
        
تېلىفون نومۇرۇم ___ 13899714511 _ ھۈسەنجان .

بۈگۈن خىجىڭدىن كورلىغا قاراپ يولغا چىقىدىكەن ئەگەر ھەر قايسى جايدىكى بۇرادەرلەر ئالاقىلاشماقچى بولسا مۇشۇ نۇمۇر بىلەن ئالاقىلاشساڭلار بولىدۇ !!
  ئەسسالامۇ ئەللەيكۈم پۇتبول ئەھلى ياخشىمۇسىلەر ؟
   بۈگۈن كۆپچىلىكنى نەچچە كۈندىن بېرى خەۋەردار قىلىپ كېلىۋاتقان دېلشاد ئىنىمىزنىڭ پوتپول تېپىپ شىنجاڭنى ئايلىنىش سەپىرىدىن خەۋەردار قىلماقچىمەن .
بىز نەچچە ۋاقىتتىن بېرى دېلشاد ئىنىمىزنىڭ بۇ قۇتلۇق سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ،ئۇتۇقلۇق بولۇشى ئۈچۈن كۆپ مۇڭداشقان ۋە سەپىرىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ دېلشادنى غۇلجا شەھىرىگە تەكلىپ قىلىپ بۇ توغرۇلۇق پىكىرلىشىپ ئەتراپلىق پىلانلارنى تۈزگەن ئىدۇق ، 6- ئاينىڭ  30- كۈنى دېلشادنىڭ سەپەر تەيارلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى تۇيۇقسىز مېنىڭ تېلفونۇم سايراپ كەتتى تېلىفوندا سۆزلىشىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بەزىبىر كۆڭۈلسىلىكلەرگە يولۇقانلىغىنى بولسا مېنى تېزىراق سەپەرگە ئاتلىنىپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق ناھىيەگە كېلىشكە دەۋەت قىلغان ئىدى ،مەن خەۋەرنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ، ھۇررا كۇلۇبىمىزنىڭ ساددىق ئەزاسى ۋە قولۇغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان مەردان مۇئەلىم بىلەن غۇلجا شەھىرىدىن 200 كېلومىتىر يىراق ئارلىقتىكى كۈنەس ناھىسىگە جىددى يولغا چىقىپ  سائەت 8 لەر بىلەن كۈنەس ناھىيىسىگە يېتىپ كەلدۇق ،بىز يېتىپ كەلگەندە دېلشاد بىزنى خۇددى ئۇزاقتىن كۈتۈۋاتقان ئۇرۇق- تۇقانلىرىدەك تەشنالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان ئىككەن ،بىز  دېلشاد بىلەن تىنىچلىق _ ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن تېزدىن ياتاققا ئورۇنلۇشۇپ ئۇنىڭ سەپەر ئەھۋالى ۋە تەيارلىغى توغرۇلۇق توختالدۇق ،بىز دېلشاد بىلەن پىكىرلىشىش ئارقىلىق يول بويى مەردان ئىككىمىز ئويلىغاندەك ئىش يۈز بەرگەن بولۇپ دېلشاد بىلەن بىرگە سەپەرگە چىقماقچى بولغان ھەمرىيىنىڭ ئاتا - ئانىسى ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىلەردە بۇ مۈشكۈل سەپەرگە بالىسىنى يولغا سېلىشتىن يالتايغانلىغىنى ئۇقتۇق ،دېلشادتا بولسا ئۇلارغا نىسبەتەب قىلچە ئاغرىنىش يوق بولۇپ پەققەت سەپەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا بۇ خىل قارانىڭ چىقىرىلىشىغا بولغان مەيۈسلىنىشىنىلا ئىپادىلىدى ، بىز بولساق دېلشادنىڭ كۆڭلىنى ياسساپ ئۇنى ھەرگىز يالغۇز يولغا سالمايدىغانلىغىمىزنى چوقۇم بىرەر ئامال تېپىلىدىغانلىغىنى ئېيتتۇق لېكىن دېلشاد ئىنتايىن قەتتئى ئىرادىگە كەلگەن بولۇپ ئۆزىنىڭ يالغۇز بۇ سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇش نىيىتىگە كەلگەنلىگىنى ئېيتتى ،بىز دېلشاد بىلەن يېرىم كېچىگىچە ئەتىكى سەپەر توغرۇلۇق پىلانلارنى تۈزۈپ سائەت شىنجاڭ ۋاقتى بىر بولۇپ كەتكەنلىگىنى ئۇقماي قاپتۇق ئاخىرى مەردانىڭ دەۋەت قىلىشى ۋە دېلشادنىڭ ئەتىكى سەپىرىدىكى روھى ھالىتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ئۇخلاشقا مەجبۇ بولدۇق ،كۈنەس ناھىيىسى غۇلجا شەھىرىنىڭ ئەڭ يىراق بىر تاغلىق ناھىيىسى بولۇپ ھۆل يېغىن كۆپ جاي ئىدى شۇ كۈنىمۇ تاڭ ئاتقىچە قاتتىق يامغۇر ياغدى ،بىز  بۇ ئۆزگىرىشچان تاغلىق رايۇننىڭ ھاۋا كېلىماتىغا قاراپ دېلشادنىڭ بۇندىن كېيىنكى سەپىرىنىڭ قانچىلىك مۈشكۈلىكىنى ۋە قانچىلىك جاپا مۇشەقەتلەرنىڭ ئۇنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىغىنى تەسەۋۇر قىلىپ يەتتۇق ،تاڭمۇ ئاتتى دېلشاد يەنىلا ناھايىتى سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ بولغان بولۇپ ،ئۇنىڭ تۈنۈگۈن تالدى يېزىسىدىن كۈنەس ناھىيىسىگە پىيادە كەلگەن سەپەر ھارغىنلىغىدىن قىلچىمۇ ئەسسەر يوق ئىدى ،بىز يۈز - كۆزلىرىمىزنى يۇيۇپ ئەتىگەنلىك ناشتا قىلىش ئۈچۈن سىرتقا چىقتۇق بۇ چاغدا دېلشادنىڭ تېلىفۇنى يەنە جىددى سايراپ كەتتى ئۇنىڭ چىرايىدىن بىز بەزى بىر خوشالىق جىلۋېسىنى سەزگەندەك بولدۇق كېيىن ئۇقساق دېلشادنىڭ تىجارەت ئىشى بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتكەن تاغىسى دېلشادنىڭ بۇ ئەھۋالىنى ئۇققاندىن كېيىن بالىسىنى دېلشادقا ھەمرا بولۇپ سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىككەن ،  بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ناھايىتى خوشال بولدۇق ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلارمۇ كەلدى بىز بىرگە ناشتا قىلغاندىن كېيىن  دېلشادنى ئۇزۇتۇش ئۈچۈن كۈنەس خەلىق مەيدانىغا كەلدۇق ،ئەپسۇس بىزنى ئۈمۈدسىزلەندۈرگىنى بۇ يەرگە دېلشادنى ئۇزۇتۇش ئۈچۈن كەلگەن ئۇرۇق - تۇققانلىرىدىن باشقا ھىچكىمنى ئۇچراتمىدۇق ، بىز دېلشادنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرى دېلشادقا ياخشى تىلەكلەرنى تىللىدۇق ، ۋە ئۇللۇغ ئاللاھدىن دېلشادنىڭ سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تىللىدۇق ! دېلشادنىڭ ئاتا - ئانا ئۇرۇق تۇقانلىرى بىرەر قۇر كۆز يېشى قىلىشقاندىن كېيىن دېلشاد جىددى سەپەرگە ئاتلاندى ، مەردان ئىككىمىز قىيمىغان ھالدا دېلشادنى تاغ باغرىغىچە ئۇزۇتۇپ قويدۇق ، خەيرى - خوش يىگىت سەن مىلىتىمىزنىڭ قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەن تەۋەكۈلچىلىك روھىنى ئويغۇتۇش ،مىللىتىمىزنىڭ پوتپولغا بولغان يۈكسەك قىزغىنلىغىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلىش ئۈچۈن بۇ ئېغىر يۈكنى زىمەڭگە ئېلىپ مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلاندىڭ سېنى ھۇررا كۇلۇبىمىز قانداق ئۇزۇتۇپ قويغان قولىغان بولساق ئاخىرىغىچە قوللاپ يەنە شۇنداق داغ- دۇغۇلۇق كۈتۈۋېلىشقا تىرىشىمىز !
     ئەمدى يەنە بۇ يەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىرنەچچە ئىشلارنى تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمەن ، بۇ قېتىم دېلشادنىڭ سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن جەمىيىتىمىزدىكى مىلەتپەرۋەر ساخاۋەتچى كىشىلىرىمىز دېلشادتا بولغان سېخى ياردىمىنى ئايىمىدى يەنى غۇلجا شەھىرى «ئانا - يۇرت »كوماندىسنىڭ قۇرغۇچىسى سىدىقجان ئەپەندىم ئۆزى غۇلجا شەھىرىدە بولمىسىمۇ دېلشادنىڭ بۇ ئىش - ئىزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىككىلەنمەي 2000 يۈئەن ياردەم قىلدى ۋە بۇندىن كېيىن يەنە ھەرقانداق قىيىنچىلىغى بولسا ياردىمىنى ئايىمايدىغانلىغىنى ئېيتتى ،شۇڭا بۇ يەردە سىدىقجان ئەپەندىگە بولغان رەھمىتىمنى ۋە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرمەي تۇرالمايمەن، رەھمەت سىدىقجان سىزنىڭ غۇلجا پوتپولچىلىقىغا قىلىۋاتقان سېخىلىقىڭىزنى خەلىق ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ ،ئۇللۇغ ئاللاھدىن تىجارىتىڭىزگە بەركەت تىللەيمىز !
     ئۇندىن باشقا ھۇررا كۇلۇبىمىز باشتىن - ئاخىر دېلشادنىڭ ئىشلىرىغا يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ كەلدى ۋە غۇلجىدىكى ھۇررا تەنتەربىيە دۇكىنىمىز  ھۇررا كۇلۇبىمىزغا ۋاكالەتەن 1000 يۈئەن نەق پۇل ۋە ھۇررا كىيىم كېچەكلىرى بىلەن تەمىنلىدى ھەمدە دېلشادنىڭ بۇ قۇتلۇق سەپىرى ئاخىرلاشقىچە شىنجاڭنىڭ ھەر - قايسى جايلىرىدىكى ھۇررا ئەزالىرى دېلشادنى ئىزچىل قوللاپ - قۇۋەتلەيدىغانلىغىنى بىلدۈردۇق ، مەن بۇ قېتىم دېلشادنى ئۇزۇتۇش جەريانىدا ماڭا يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ كەلگەن ھۇررا مۇنبىرىمىزنىڭ ساددىق ئەزاسى ۋە قوللىغۇچىسى مەردان مۇئەلىمگە كۆپتىن - كۆپ رەھمىتىمنى بىلدۈرۈمەن ! ئاخىرىدا دېلشادنى قوللاپ كەلگەن ۋە ھۇررانى قوللاپ كېلىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئالى ئېھتىرام بىلدۈرۈمەن.









سىز كۆرۋاتقان بۇ تېمىنىڭ مەنبەسى★ھۇررا مۇنبىرى  http://www.urraclub.com/bbs
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-7-3 13:31:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلشادنىڭ بۇ قېتىملىق سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ، تۈنۈگۈن بارى توپ ئۇرۇپ بىزنى شۇنداق خۇشال قىلغان بۈگۈن بۇ ئەزىمىتىمىزمۇ قۇتلۇق سەپىرىنى باشلاپتۇ ، ئالغا ئۇيغۇرۇم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-7-3 13:32:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرگە بۇ يىگىتنىڭ بۇ قېتىملىق سەپەردە قايسى يۇرىتلارغا بارىدىغانلىقىنى ئېنىق ئەسكەرتىپ قويساڭلار، بىزنىڭ يۇرىتلارغا كەلگەنلىكىنى ئۇقماي قالمايلى، بىزنىڭمۇ كۈڭۈل سوۋغىمىز بار ئەلۋەتتە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-7-3 13:33:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلشادنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى قەيەر   قەشقەرگىمۇ كېلەمدۇ يا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-7-3 13:34:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەپىرىگە ئوڭۇشلۇق تىلەيمەن ، ئالغا ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى  !!!!!!!!!!
يەكەندىن ئۆتسە ئالدىغا ئۆزۈم چىقىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-7-3 13:35:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلشات ئىشلىرىىڭ ئوڭشلۇق بولسۇن، ھۈسەنجان ساڭىمۇ كۆپ رەھىمەت سەن ئۇيغۇر پۇتپۇلنى تونۇتۇش ئۇچۇن جىق ياخشى ئىشلارنى قىلىۋاتىسەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-7-3 13:36:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-7-3 14:03:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى سىرداشدە2011-07-03 13:32يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
مۇنبەرگە بۇ يىگىتنىڭ بۇ قېتىملىق سەپەردە قايسى يۇرىتلارغا بارىدىغانلىقىنى ئېنىق ئەسكەرتىپ قويساڭلار، بىزنىڭ يۇرىتلارغا كەلگەنلىكىنى ئۇقماي قالمايلى، بىزنىڭمۇ كۈڭۈل سوۋغىمىز بار ئەلۋەتتە.
بىلىدىغانلار بولسا مۇنبەرگە يوللاپ قويىشىڭلارنى ئۇمۇد قىلىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-7-3 14:07:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى سىرداشدە2011-07-03 13:32يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
مۇنبەرگە بۇ يىگىتنىڭ بۇ قېتىملىق سەپەردە قايسى يۇرىتلارغا بارىدىغانلىقىنى ئېنىق ئەسكەرتىپ قويساڭلار، بىزنىڭ يۇرىتلارغا كەلگەنلىكىنى ئۇقماي قالمايلى، بىزنىڭمۇ كۈڭۈل سوۋغىمىز بار ئەلۋەتتە.
ماۋۇ ياخشى گەپ!يەكەگە كەلسە بەك ياخشى بولاتتى!كەپ قالسا توتتى دىققەت! بۇ دوستۇمنىڭ سەپىرىگە ئاقيول تىلەيمەن!غەيرەت قىل!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-7-3 14:09:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى ronaldo10دە2011-07-03 13:34يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
سەپىرىگە ئوڭۇشلۇق تىلەيمەن ، ئالغا ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى  !!!!!!!!!!
يەكەندىن ئۆتسە ئالدىغا ئۆزۈم چىقىمەن
يالغۇز چىقمايدىغانسەن؟بىز چۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-7-3 14:18:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈرۈگۈڭ بار دوستۇم      ساڭا بەخىت تىلەيمەن ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-7-3 14:23:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق تەسىرلىك ئشلارنى شۇ يەرلىك ئورۇنلار قوللاپ قويسا بولمامدۇ دەيمەن    ئۇنىڭ سەپىرنى نەق مەيدان تارتىپ خەۋەرقىلپ تۇرامدۇ يا؟؟؟؟ بولسا پۈتۈن مەملىكەت ۋە خەلىقئارا تارقىتىپ بىزنىڭ پۇتبولغا بولغان ئشتىياقمىزنى بىلدۈرۈش كېرەك  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 12:36

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش