akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2995|ئىنكاس: 24

مادرىد كالتا كاتتا خەۋەرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1. مادرىد ۋاقىتنىڭ سوزلۇپ كېتىشىنى ياقتۇرمايدۇ

نىيمار دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىغا قاتنىشىپ، بارسانى يېڭىپ چىمپىيون بولغاندىن كېيىن ئاندىن مادرىدقا قوشۇلماقچى بولغان. مۇسابىقە ۋاقتى 12- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن  18 - كۈنىگىچە. ئەگەر بارسادىن كۇلۇبلار لوڭقىسىنى تارتىۋالسا ئۇنىڭ تېخىمۇ نامى چىقىش بىلەن بىرگە باھاسىمۇ ئۆسۈشى مۇمكىن.
مادرىد نىيمارنىڭ بۇ خىيالىغا ئانچە قىزىقىپ كەتمىدى، لېكىن نىمىلا بولمىسۇن ئۇنىڭ پىلانىنى ئاڭلاپ باقتى. مەقسەت شۇكى كۇلۇبلار لوڭقىسىدىن كېيىن يەنى كىلەر يىلى 1- ئايدا مادرىدقا قوشۇلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.  






2. ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىدا مادرىد مۇتلۇق ئۈستۈنلۈكتە

بۇ يىل مادرىد - بارسادىن ئىبارەت بۇ ئىككى كۇلۇب 5 - قېتىملىق ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىدا ئۇچرىشىدۇ. بۇ مادرىدنىڭ 2 - قېتىم شاھلىق لوڭقا چىمپىيون سالاھىيىتىدە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ئوينىشى.
مادرىد - بارسا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقا ئۇچرىشىشىدا مادرىد مۇتلۇق ئۈستۈنلۈكتە. ئىككى كۇلۇب 1- قېتىم 1988- يىلى ئۇچرىشىپ مادرىد چىمىيون بولغان. ئارقىدىنلا 1990- 1993- 1997- يىللىرى يەنە ئۇچراشقان.
1- قېتىملىق ئۇچرىشىش: 1988 - يىلىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىدا، مادرىد بىرلەشمە چىمپىيونى، بارسا شاھلىق لوڭقا چىمپىيونى سالاھىيىتىدە ئۇچراشقان بولۇپ، تۇنجى ئايلانما بېرنابو مەيدانىدا مىگىر ۋە سانچىس لارنىڭ توپ كىرگۈزۈشى بىلەن 2 - 0 ئۇتقان. 7 كۈندىن كېيىن نوكامپو مەيدانىدا 2 - 1 ئۇتتۇرغان بولسىمۇ، ئومۇمىي نومۇر 3 - 2 بولۇپ چىمپىيون بولغان.
2- قېتىملىق ئۇچرىشىش: 1990- يىلى 12 - ئاينىڭ 5- كۈنىدىكى ھەل قىلغۇچتا تۇنجى ئايلانما نوكامپو مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان مىگىر 1 توپ ئۇرۇپ مادرىد 1 - 0 ئۇتقان، بىر ھەپتىدىن كېيىن بېرنابوغا قايتىپ كېلىپ 4 - 1 نەتىجە بىلەن ئۆز مەيدانىدا ئۇتقان، شۇنىڭ بىلەن مادرىد ساھىبخان - مېھمان ھالەتتە بارسا يېڭىپ يەنە چىمپىيون بولغان.
3- قېتىملىق ئۇچرىشىش: 1993- يىلى ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى ئايلانما ئافىنسۇ ۋە سامۇرانو لارنىڭ توپ ئۇرۇشى بىلەن مادرىد 3 - 1 ئۇتقان. ئىككىنجى ئايلانمىدا 1 - 1 تەڭلىشىپ ئومۇمىي نومۇردا ئۇتۇپ يەنە چىمپىيون بولغان. بۇ مادرىد نىڭ تۇنجى قېتىم شاھلىق لوڭقا سالاھىيىتىدە بارسا بىلەن دەرىجىدىن تاشقىرى ھەل قىلغۇچتا ئۇچرىشىشى.
4- قېتىملىق ئۇچرىشىش: بۇ ئەڭ يېقىنقى ئۇچرىشىش يەنى بۇنىڭدىن 14 يىل ئىلگىرى 1997- يىلى 8- ئاينىڭ 20- كۈنى تۇنجى ئايلانما نوكامپو مەيدانىدا بارسا ئۆز مەيدانىدا 2- 1 مادرىدنى ئۇتقان. مادرىد بېرنابوغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن 4 -1 بارسانى ئۇتۇپ يەنە چىمپىيون بولغان.



1988 - يىلى     مادرىد  2 - 0 بارسا      مىگىر، سانچىس
1988 - يىلى     مادرىد  2 - 1 بارسا      بۇتراگىنو

1990 - يىلى     بارسا  0 - 1 مادرىد      مىگىر
1990 - يىلى    مادرىد 4 - 1 بارسا        بۇتراگىنو 2 توپ، سانچىس، يالاگېن

1993 - يىلى    مادرىد 3 - 1 بارسا       ئافىنسۇ 2 توپ، سامۇرانو
1993 - يىلى    بارسا 1 - 1 مادرىد       سامۇرانو

1997- يىلى      بارسا 2 - 1                رائول
1997- يىلى     مادرىد 4 - 1               رائول 2 توپ، شىدروف، مىگاتوۋىچ




3. لىنىس رەئىسى: رائافىل ۋالانى مادرىدقا قوشۇلىدۇ



فرانسىيە لىنىس رەئىسى ۋاتىر مۇنداق دېدى: زىدانى بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن رافائىل ۋالانى بۇ يىل يازدا مادرىدقا قوشۇلىدۇ.
18 ياشلىق بۇ بېكنىڭ ياۋرۇپادا خېلى نامى بار. ئۇنىڭغا قىزىققانلار ۋە قولغا چۈشۈرمەكچى بولغانلاردىن مانچىستىر بىلەن لىئارنادو يېقىندا قوشۇلغان پارىژ كوماندىسى بار.
ب دەرىجىگە چۈشۈپ كەتكەن لىنىس كۇلۇبى مادرىد بىلەن سۆھبەت باشلانغاندا رافائىل ۋالانى نىڭ باھاسى جەھەتتىكى ئېگىز - پەسلىك سەۋەبلىك ئانچە مۇۋاپپىقىيەتلىك بولمىغان. لېكىن زىدانى نىڭ ئارىغا چۈشىشى تۈپەيلى بۇ سودا مۇۋاپپىقىيەت باسقۇچىغا بارغان.
رافائىل ۋالانى 2010 - يىلى 11 - ئايدا فرانسىيە 21 ياشلىقلار كوماندىسىغا كىرگەن ۋە كوماندىنىڭ يادورسىغا ئايلانغان.




4. ئالتۇنتوپ ئوپراتسىيە قىلىنىدۇ

مادرىد كوماندىسى كوماندا ئەزاسى ئالتۇنتوپ نىڭ 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى گېرمانىيە دە بەل ئومۇرتقا ئوپراتسىيەسى قىلدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بەل قىسمىنىڭ ئاغرىق تۈپەيلى داۋاملىق ئالدىنى ئېلىش ۋە پات - پات داۋالىنىپ تۇرۇش سەۋەبلىك جاراھەتنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش ئۈچۈن ئوپراسىيەگە چۈشمەكچى. مادرىد داۋالاش گورۇپپىسى ئۇنى يازلىق تەتىل ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئوپراتسىيە قىلدۇرماقچى.




5 . ئۆزېل - بورت ئىرگىنا نىڭ رىكورتى بىلەن تەڭلەشتى



ئۆزېل بۇ يىللىق ئىسپان بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ يارقىن نۇقتا. يېڭى توپچىلار كوماندىغا كەلگەندە چوقۇم بەلگىلىك ۋاقىتتىن كېيىن ئۆز ئىپادىسىنى تېپىشى شۇنداقلا كوماندىغا ماسلىشىشقا ۋاقىت كېتىدۇ دىگەن قاراشقا رەددىيە بەردى. مادرىدقا يېڭى قوشۇلۇپلا مەيدانغا چىققان مۇسابىقىلەردە غەلبە قىلىش سانى 27 مەيدانغا يېتىپ بورت ئىرگىنا نىڭ رىكورتى بىلەن تەڭلەشتى. (بورت ئىرگىنا مۇ مادرىدنىڭ توپچىسى)
ئۆزېل 38 مەيدان ئىسپان بىرلەشمىسىدە 36 مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان. 31 - ئايلانمىدىكى بېرباۋ رىقابەت بىلەن 33 - ئايلانمىدىكى ۋالۇنسىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىگە چۈشمىگەن.  36 مەيدان مۇسابىقىدە 27 مەيدان يېڭىپ سابىق مادرىد ۋارتارى بورت ئىرگىنا ساقلاپ كېلىۋاتقان 1996 - 1997 يىللىق رىكورتى بىلەن تەڭلەشتى. بىراق بورت ئىرگىنا بولسا 40 مەيدان مۇسابىقىدە 27 مەيدان غەلبە قىلغان. ئۆزېلنىڭ 36 مەيداندا 27 مەيدان ئۇتۇش رىكورتى.


ئۆزېل مادرىدقا قوشۇلغان تۇنجى پەسىلدە ئۇتۇش رىكورتى دىمارىيا، شىدروف، چوڭ رونالدو (بارساغا تۇنجى قوشۇلغان يىلى)، ۋە پاندىچ (مادرىد رىقابەتكە تۇنجى قوشۇلغان يىلى). يۇقارقىلار كوماندىغا قوشۇلغان تۇنجى پەسىلدە جەمئى 26 مەيدان غەلبە قىلغانلار. يەنى ئۆزېلدىن 1 مەيدان كام.
تۆۋەندىكىسى ئىسپان بىرلەشمىسىدىكى يۇقارقى رىكورتنىڭ ئالدىنقى 10 ئادەملىك سىتاتىستكىسى. جەمئى 10 ئادەم بۇنىڭ 7 سى مادرىد توپچىلىرى.

ئۆزېل                    مادرىد                         2010  - 2011   27 مەيدان ئۇتۇش  36 مەيدان مۇسابىقىدە
ئىرگىنا                   مادرىد               1996 - 1997         27 مەيدان ئۇتۇش 40 مەيدان مۇسابىقىدە
دىمارىيا                 مادرىد               2010 - 2011          26مەيدان ئۇتۇش 35 مەيدان مۇسابىقىدە
رونالدو                  بارسلونا             1996 - 1997         26 مەيدان ئۇتۇش 37 مەيدان مۇسابىقىدە
شىدروف                 مادرىد                1996 - 1997         26 مەيدان ئۇتۇش 38 مەيدان مۇسابىقىدە
پاندىچ                  مادرىد رىقابەت     1995 - 1996         26 مەيدان ئۇتۇش 41 مەيدان مۇسابىقىدە
ئوۋىن                   مادرىد                 2004 - 2005         25 مەيدان ئۇتۇش 36 مەيدان مۇسابىقىدە
ۋىتو بىيا                 بارسلونا              1996 - 1997         25 مەيدان ئۇتۇش 37 مەيدان مۇسابىقىدە
سىنىيدىر                 مادرىد                2007 - 2008         24 مەيدان ئۇتۇش 29 مەيدان مۇسابىقىدە
س. رونالدو            مادرىد                2009 - 2010         24 مەيدان ئۇتۇش 30 مەيدان مۇسابىقىدە




6. 10 يىلدا 18 لوڭقا

ئۆتۈپ كەتكەن 10 يىلدا كاۋالو كوماندىنىڭ بەخت يۇلتۇزى بولۇپ كەلدى. ئالاھىدە بېك بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ يىللاردا جەمئى 18 قېتىم چىمپىيون بولغان. ئەڭ ئاخىرقىسى مۇشۇ قېتىملىق ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى چىمپىيونى.
كاۋالو 5 - ئايدا 33 ياشقا كىردى. مادرىدتىكى يېشى چوڭ توپچى. شۇڭا ئۇنىڭ بوۋاي دەپ چاقىرىدۇ.
2001 - 2002 - مۇسابىقە پەسلى پورتودىكى كاۋالو كەسپى ھاياتىدىكى تۇنجى لوڭقا پورتۇگالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى قولغا ئالدى. مورىنخو قوشۇلغاندىن كېيىن كاۋالو تېخىمۇ كۆپ لوڭقىلارغا ئېرىشتى. بىرلەشمە چىمپىيونى، ئۇزغۇنلۇق چىمپىيونى، 2 قېتىم پورتۇگالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى چىمپىيونى، پورتۇگالىيە لوڭقىسى چىمپىيونى.. قاتارلىق.
ئارقىدىن مورىنخو چېلسى كېتىپ كاۋالونىمۇ چېلسىغا ياندۇرۇپ ئەكەلگەن. چېلسىدىمۇ تۇنجى يىلى ئىنگىلاند چىمپىيونى، بىرلەشمە چىمپىيونى بولدى. مورىنخو كەنكەندىن كېيىنمۇ چېىمپىيون بولدى. پەقەت 2007 - 2008 - يىلىلا كاۋالو ئۈچۈن لوڭقىسىز بىر يىل بولدى. چېلسى ھەممە مۇسابىقىلەردە 2- بولدى. بىراق ئۇنىڭ مۇسابىقىدىكى ئالاھىدە ئىپادىسى چېلسى ئەزالىرىنى تەسىرلەندۈرۈپ شۇ يىللىق چېلسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەزا  مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.


پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-6-26 16:24:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاچاننىڭ ياقى يىغىلىپ قالغان خەۋەر بۇ ئاتىللا قارى ؟  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-6-26 16:26:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېيمار دىگەن بۇ بالا ھەجەپ ھەددىدىن ئېشىپ كەتتىغۇ ئەمدى...داڭلىق كۇلۇبلار ئەكىلىمىز دەپ قويسا مەن بارمايمەن دەپ...1-ئايدا كېلىپ نىمە قىلىدۇ بۇ..يازدىلا كەلمەي.....بارسانى يەڭگۈسى بار ئىكەندە بۇنىڭ.......
ھە راست..ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى قاچان ئوينىلىدۇ.. ؟؟؟؟؟؟؟؟  ئىسپانىيەدە ئوينامدىكەن ياكى دۆلەت سىرتىدىمۇ ؟؟؟؟؟؟؟
كارۋالخو يامان گۇي جۇمۇ بۇ........ مۇداپىيە ئىقتىدارى خىلى ياخشى.......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-6-26 16:31:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ نىيمار دېگەن  ھۆپۈپ ئەجەپ خوشام كەتتى...كەلمە  بولدى..قارشى  ئالمايمىز سەندەك ساختىنى...
  كېلىپلا تورىستەك بولامدىكى دەيمەن بۇ .  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-6-26 16:32:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى دونادە2011-06-26 16:26يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
نېيمار دىگەن بۇ بالا ھەجەپ ھەددىدىن ئېشىپ كەتتىغۇ ئەمدى...داڭلىق كۇلۇبلار ئەكىلىمىز دەپ قويسا مەن بارمايمەن دەپ...1-ئايدا كېلىپ نىمە قىلىدۇ بۇ..يازدىلا كەلمەي.....بارسانى يەڭگۈسى بار ئىكەندە بۇنىڭ.......
ھە راست..ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى قاچان ئوينىلىدۇ.. ؟؟؟؟؟؟؟؟  ئىسپانىيەدە ئوينامدىكەن ياكى دۆلەت سىرتىدىمۇ ؟؟؟؟؟؟؟
كارۋالخو يامان گۇي جۇمۇ بۇ........ مۇداپىيە ئىقتىدارى خىلى ياخشى.......
چەت ئەلدە ئوينايدىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-6-26 16:33:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى ئوسكاردە2011-06-26 16:32يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :

چەت ئەلدە ئوينايدىكەن
ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىمۇ چەت ئەلدە ئوينىدىغۇ......شۇڭلاشقا ئىسپاننىڭكىنىمۇ ئوخشاشمىكىن دەيمەن......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-6-26 16:34:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىنىڭ مەيدىنى ۋە مېھمان مەيدان قىلىپ 2 مەيدان ئوينامتى يا ؟؟؟؟؟   ئەمىسە ئىتالىيەنىڭكىگە ئوخشىمايدىكەن بۇ ئىسپاننىڭ......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-6-26 16:38:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى ئوسكاردە2011-06-26 16:31يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
ماۋۇ نىيمار دېگەن  ھۆپۈپ ئەجەپ خوشام كەتتى...كەلمە  بولدى..قارشى  ئالمايمىز سەندەك ساختىنى...
  كېلىپلا تورىستەك بولامدىكى دەيمەن بۇ .  
توررىس ھىچ قانداق ئەمەس.
گەپ چىلسىدا،توررىس ساختا مال ئەمەس،ساختا مال دەل......

نىمارنىڭ ئارزۇيى بويۇنچە باسىلونا بىلەن بىر تۇتۇشۇپ بېقىپ 1-ئايدا كەلسىمۇ بولدىغۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-6-26 16:49:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمار بارسانى يىڭەمدىكەن قىززىق گەپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-6-26 17:04:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتۇش توغرا دەيدۇ، توررېسنى ساختا مال دېسە دۇنيادا ھەقىقى مال دەپ ئۇقۇم بولمايدۇ.
بۇ پەسىل چوقۇم ئېچىلىپ كېتىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-6-26 17:10:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى 1314520دە2011-06-26 16:49يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
نىمار بارسانى يىڭەمدىكەن قىززىق گەپ

بۇ گەپنىڭ نەرى قىززىق ؟    ئىرادىسى بەكرەك كۈچلۈككەن شۇ !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-6-26 17:18:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەر ئەزالاردىن سوراپ باقسام  نىمىشقا بۇ مۇنبەردە بارسا لۈكچىكى دەپ مىدال يوق ؟   تەسىس قىلمىدىڭلارمۇ يا  بېرىدىغان ئادەم چىقمىدىمۇ ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-28 04:05

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش