akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 7003|ئىنكاس: 50

ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى 10 چوڭ يېڭى چولپان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
      ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە نۇرغۇن پىشقەدەم توپچىلار بار،بۇنىڭغا ئەگىشىپمۇ نۇرغۇن يېڭى چولپانلارمۇ بار،مەن بۈگۈنكى تېمامدا ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە يېڭىدىن كۆزگە كۆرۈنگەن يېڭى چولپانلارنى تونۇشتۇرماقچىمەن.


                          

ئىسمى : لىبور كوزاك
كۇلۇب:لازىئو
تۇغۇلغان ۋاقتى:1989-يىلى
ئورنى:ھۇجۇم

    چېخ دۆلىتى ياۋروپا پۇتبولچىلىقىدا خېلى كۆزگە كۆرۈنگەن پۇتبول يۇرتى،بۇ دۆلەتتە ئاساسلىق ئىگىز قاۋۇل ھۇجۇمچىلار چىقىدۇ،ئەمما چېخ تارىخىدىكى داڭلىق ئىگىز ھۇجۇمچى كوللېردىن كېيىن بۇنداق ھۇجۇمچىلارنىڭ چىقىشى ئۈزۈلۈپ قالدى،تاكى كوزاك ئىسىملىك بىر يىگىت چىققۇچە،1989-يىلى تۇغۇلغان كوزاكنىڭ بوي ئىگىزلىكى 193 سانتېمىتېر،بىر مۇۋاپىق بولغان بۇ ئىگىز ئوتتۇرا ھۇجۇمچى،ئوتتۇا ھۇجۇمچىلارغا خاس ئالاھىدىلىكنى ياراتقان،كاللا توپى ياخشى،توپ قوغدىشى ئالاھىدە،ئوفسايتتىن ھالقىش ۋە يوللارغا توغرا كىرىش ئالاھىدىلىكلىرىمۇ خېلى ھۇجۇمچىلاردىن پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ،چەكلەنگەن رايون ئىچىدە ئۇ تەمكىنلىكنى ساقلىغان،ھەر قانداق ياخشى پۇرسەتلەرنى قولدىن چىقارمايدۇ،ئالدىنقى پەسىل ئۇ بىرېسسىيەگە ئىجارە بېرىلىپ،30 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 4 توپ ئۇرىدۇ،مۇشۇ ئىشلارغا ئاساسلىنىپ لازىئو ئۇنى ئاستىلا ئەكىلىۋالىدۇ،بۇ پەسىل ئۇنىڭ ئىپادىسى ئالدىنقى پەسىلدىكىندىنمۇ ياخشى بولىدۇ،ئۇ 6 توپ ئۇرىدۇ، بولۇپمۇ لازىئو فىلورىنسانى قوش بوغۇزلىغان ئىككىلى مەيداندا 3 توپ ئۇرىدۇ.

                        

ئىسمى : گومېز
كۇلۇب:كاتانىيە
ئورۇن:ئوتتۇرا مەيدان
تۇغۇلغان ۋاقتى:1988-يىلى

    بۇلتۇر يازدا كاتانىيە مارتېينىسنى كەتكۈزىۋېتىدۇ،مۇشۇ سەۋەبلىكتىن كاتانىيە كوماندىسنىڭ يان ھۇجۇملىرى ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ،شۇنىڭ بىلەن كاتانىيە ئارگېنتىنا بىرەشمىسىدىكى سان لورىنېس كۇلۇبىدىن گومېز ئىسىملىك بۇ بالىنى ئەكىلىدۇ،ئاساسلىق كېتىپ قالغان مارتىيېنىسنىڭ ئورنىنى تۇلۇقلاش،1988-يىلى تۇغۇلغان گومېزنىڭ بوي ئىگىزلىكى ئارانلام 164 سانتېمېتىر.ئەمما ئۇنىڭ سۈرئىتى تېز،تېخنىكىسى قولىنىشچان،ئۇ ئارگېنتىنادا توپ تەپكەن ۋاقتىدا سان لورېنىس كومانسىسى ئۈچۈن 47 مەيدان مۇسابىقىگە چىقىپ 8 توپ ئۇرغان،بىر ئوتتۇرا مەيدان توپچىغا قارىغاندا بۇ ئاسان ئىش ئەمەس،بۇ پەسىل گومېزنىڭ ئىپادىسى كېتىپ قالغان مارتىيېنىسنىڭ ئىپادىسىدىن ئالاھىدە ياخشى بولدى،ئۇ 4 توپ ئۇرۇپ،4 ياردەمچى پاس بەردى،ئەڭ تىلغا ئېلىشقا ئەزىيدىغىنى ئۇ بۇ 4 توپنى ئىنتېر،يۇۋېنتۇس،نابلېس،رىم قاتارلىق بۇ 4 زەردارغا ئۇرغان.

                    

ئىسمى:لاجاجىچ
كۇلۇب:فىلورېنسا
ئورۇن:ئالد بەل \ ھۇجۇم
تۇغۇلغان ۋاقتى:1991-يىلى

  لاجاجىچ بولسا ھۇجۇمغا بەكراك ئېغىپ كېتىدىغان توپچىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، ئۇ مەيلى ئوڭ سول قانات بولسۇن،ئالدى بەل بولسۇن،مەيلى ھۇجۇم تەشكىللەش بولسۇن ھەممىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان توپچى،بۇنداق توپچىلار ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ،بۇ پەسىل ئۇ فىلورىنسا قوشۇنىدا كام بولسا بولمايدىغان توپچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى،ئالدىنقى يېرىم پەسىلدە ئىنتېرمۇ ئالاھىدە ئۇنى كۆزىتىشكە ئادەم ئەۋەتكەن،ئۇ ھازىر ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىن چىقىدىغان يېڭى ۋېرون دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.


                    

ئىسمى:خېرنەندېس
كۇلۇب:پالېرمو
ئورنى:ھۇجۇم
تۇغۇلغان ۋاقتى:1990-يىلى

      پالېرمو قوشۇنىدا مىكېلدىن ئىبارەت ھەم توپ تارقىتالايدىغان،ھەم ھۇجۇم تەشكىللىيەلەيدىغان،ھەم توپ ئۇرالايدىغان ھۇجۇمچىلار ئاز ئۇچرايدۇ،ۋە يەنە ئالدىنقىپەسىل ب دىن ئېلىپ چىقىلغان پىنيامۇ بار.ئەمدى بۇ ياش چولپان خېرنەندېسمۇ ناھايىتى ئىستىقباللىق بولغان توپچىلارنىڭ بىرى،ئىتالىيەدە خېرنەندېسنى ھېنرىغا ئوخشىتىپ كەلمەكتە،ھېنرىغا ئوخشاش چاقماق تېزلىكتىكى سۈرئەت،ۋە توپ ئۇرۇشلار ھەقىقەەن ھېنرىغا ئوخشايدۇ،رىم تەنتەربىيە گېزىتىمۇ مۇنداق ئىشنى ئاشكارىلىغان،ئۇ بولسىمۇ رىم كوماندىسى نىمىلا بولمىسۇن ئۇنى رىمغا ئەكەلمەكچى.

                    

ئىسمى:سىتراسسېر
كۇلۇب:AC مىلان
ئورنى:ئوتتۇرا مەيدان
تۇغۇلغان ۋاقتى:1990-يىلى

   بۇ پەسىللىك مۇسابىقىنىڭ 18ئايلانمىسىدا مىلان مېھمان مەيداندا كالىيارى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە اسانو ياردەمچى پاس بېرىپ سىراسسېر بىر دىنبىر توپنى ئۇرۇپ كالىيارىنىڭ يەڭگەن،مۇسابىقىدىن كېيىن مىلان مەشقاۋۇلى ئالېگېرى ئۇنىڭغا ناھايىتى يۇقىرى باھا بەرگەن. يەنى :«ئۇ بىزنىڭ مىلاننىڭ ياشلار بازىسىدىن قىزىپ چىقىلغان بىر توپچى،ئۇ بىزنىڭ ھۆرمەتلىشىمىزگە ئەرزىيدۇ».بۇ توپچىغا كوماندىدىكى ئەزالارمۇ ئامىراق،دائىم ئۇنى بوزەك قىلىپ ئوينايدۇ،ئۇمۇ ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىن چىققان يېڭى بىر نوتا،ئەمما بۇنىڭ يېرىم ئىگىلىك ھوقوقىنى رېناياغا سېتىۋەتكەن،شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كېلەر پەسىل رېنايادا توپ تېپىشى مۇمكىن.


                  

ئىسمى:ۋىۋىئانو
كۇلۇب:بولونىيە
ئورنى:قاپقىچى
تۇغۇلغان ۋاقتى:1985-يىلى

    ۋىۋىئانونىڭ يېشىدىن قارىساق،1985-يىلى تۇغۇلغان ۋىۋىئانونى بەك ياش دەپ كېتىشكە بولمايدۇ،ئەمما،ۋاراتارلىق ئورنىدىن ئېيتقاندا 25 ياش تۇرۇپ ۋاراتارلىق ئورنىدا بۇنداق داڭ چىقىرىش ناھايىتىمۇ تەس ھېسابلىنىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭغا ئۇ تاللىنىشقا ھەقلىق،گەرچە بولونىيە كۇلۇبى بىر كۈچلۈك كوماندا ھېسابلانمىسىمۇ ئەمما ۋىۋىئانو بولسا ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ دىققىتىنى تارتقان،ھەم پىراندىرى يىتەكچىلىك قىلغان دۆلەت كوماندىسىغىمۇ تاللانغان،بۇففۇن يوق ۋاقىتلاردا ئۇ ئاساسلىق ئاساسلىق ۋاراتار بولغان،تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى ۋىۋىئانونىڭ يېرىم ئىگىلىك ھوقۇقى دەل ئىنتېردا،ئۇ بۇ يىل يازدا ئىنتېرغا قايتىشى مۇمكىن،ئۇنىغا نىسبەتەن ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى مېئاززادا باشلانغۇسى.


                  

ئىسمى:سورىنسېن
كۇلۇب:يۇۋېنتۇس
ئورۇن:بېك
تۇغۇلغان ۋاقتى:1992-يىلى

   يۇۋېنتۇسنىڭ بۇ پەسىلدىكى ئىپادىسى بەكمۇ ناچار،ئەمما مەشقاۋۇل دېرنىلى ئاز بولسىمۇ كوماندىغا بەلگىلىك نەرسىلەرنى تەغدىم قىلدى،ئۇ بولسىمۇ سورېنسېندەك ياش نوتىنى تەربىيلەپ چىقتى،1992-يىلى تۇغۇلغان سورېنسېن باشتا كوماندىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى بولالمىدى،ئەمما كوماندىنىڭ ئارقا مۇداپىيەسىدىن چاتا چىققاندا دېرنىلى ئامال يوق سورېنسېننى چىقارغان،ئويلىمىغان يەردىن بۇ كىچىك شۇمنىڭ ئوتتۇرا بېكلىق ئورنىدا ناھايىتى ياخشى ھالىتىنى ساقلىغان،ئارقىدىن ئوڭ بېكلىققا چىققاندىن كېيىنمۇ ناھايىتى ياخشى ئوينىغان،شۇنىڭ بىلەن سورېنسېن تاغىل ئات قوشۇنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ قالدى.


                  

ئىسمى:ئىلىشىچ
كۇلۇب:پالېرمو
ئورنى:ئوتتۇرا مەيدان
تۇغۇلغان ۋاقتى:1988-يىلى

  بۇ پەسىلنىڭ بېشىدا ئىلىشىچ ئىسىملىك بۇ بالىنى ھېچكىم ئاڭلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن،ئەمما ھازىر بۇ سىلوۋىنىيەلىكنى تونۇمايدىغان ئادەم يوققۇ دەيمەن،ھازىر ئۇ ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى بارلىق زەردارلار قوغلىشىۋاتقان نىشان بولۇپ قالدى،يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان پالېرمو كوماندىسى ياشلارنى يىتىشتۈرۈپ چىقىشقا ئالاھىدە قاراۋاتىدۇ،ئالدىنقى يىلى ئۇلار پاستورىنى بايقىدى،مانا بۇيىل ئىلىشىچنى بايقىدى،كاۋانى كەتكەندىن كېيىن پالېرمونى ھۇجۇم سېستىمىى ئاجىزلىدى،ئەمما ئىلىشىچ ۋە پاستورىدىن ئىباردەت بۇ ئىككى ياش بۇ ئىشلارنى ئانچە بىلىندۈرمىدى،ئۇ ھازىرئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى كېيىنكى نېدۋېد دە قارىلىۋاتماقتا.


                    

ئىسمى : باسىنوۋىچ
كۇلۇب:پالېرمو
ئورۇن:ئوتتۇرا مەيدان
تۇغۇلغان ۋاقتى:1989-يىلى

   21 ياشلىق باسىنوۋىچ بۇلتۇر يازدا مالىبور كۇلۇبىدىن پالېرموغا قۇشۇلغان،ئىلىشىچقا ئوخشاش ئۇ ۋاقىتتا بۇنداق ئىسىمنى ھېچكىم ئاڭلاپ باقمىغان،ئەمما ئىتالىيەگە كەلگەندىن كېيىن بارلىق مەستانىلەرنى قايىل قىلدى،ئارقا بەل ئورنىدا 183 سانتېمېتىرلىق،73 كىلوگراملىق بۇ يىگىت ناھايىتى مۇستەھكەم بولغان مۇداپىيە سېپىنى ھاسىل قىلغان،كوماندىنىڭ ئارقا مۇداپىيەسىنى كۈچەيتتى،ھازىر ئۇمۇ ئىلىشىچ ۋە پاستورىغا ئوخشاش كوماندىدا بولسا بولمايدىغان توپچىلارنىڭ بىرى،ئۇ ھەتتا مۇشۇ ئىپادىسى بىلەن سىلوۋىنىيە دۆلەت كوماندىسىغىمۇ تاللاندى،ئۇ بارا بارا ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىى جارى قىلدۇرماقتا.


                    

ئىسمى : مېركېل
كۇلۇب: AC مىلان
ئورنى:ئوتتۇرا مەيدان
تۇغۇلغان ۋاقتى:1992-يىلى

   بۇ پەسىل گېرمانىيەلىك بۇ شاكىچىك ئالېگېرىنىڭ قوشۇنىدىكى بىر يېڭى نوتا،بۇ 20 ياشلىق يىگىت ئالېگېرىنىڭ قوشۇنىدا 2 ئورۇننى ئوينايدۇ،بىرى سول كىراي، يەنە بىرى ئالدى بەل.ئالېگېرى مېركىلغا قارىتا مۇنداق باھا بەردى:«بۇ شاكىچىك ئەڭ ئالدى بىلەن تەجرىبە توپلىشى كېرەك،ئەمما ھەر بىر قېتىم مەن ئۇنى مەيدانغا چىقارساملا ئۇ مېنىڭ قايىل قىلىدۇ» دىگەن.ئىسپانىيە پۇتبول ژۇرنىلىمۇ ئۇنى ئالاھىدە تونۇشتۇرغان،ئۇنىڭ ھۇجۇم ۋە مۇداپىيە ئىقتىدارى تەڭ جەھەتتە تۇرىدۇ.نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ ھۇجۇم ۋە سۈرئىتىگە قايىل بولغان،ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا مەيداندا مېركىلغا ئوخشاش توپچىلارنى تاپماق ناھايىتى تەس.

2010-2011 پەسىللىك يېڭىدىن بايقالغان 10 كىچىك چولپاننىڭ تونۇشتۇرۇلىشى مۇشۇ يەرگىچە،كۆرگىنىڭلارغا رەھمەت !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-6-17 17:06:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دونا ساقام ئىمتىھاننى بېرىۋىلىپلا ...... تورغا چۈشۈپتۇدە....  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-6-17 17:10:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ كەلگۈسى چولپانلىرى!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-6-17 17:10:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق گېپىڭ بارما ؟؟؟؟؟     ..مۇشۇ ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە بۇ يىل ئەڭ ياخشى يىتىشىپ چىققان يېڭى چولپان دېسە ئاۋۇ بولونىيەدىكى قاپقىچى ۋىۋىئانو بولىدۇ....بۇففۇندىنمۇ ئېشىپ چۈشكىدەك ئۇ...... ئىنتېر ئەىلىۋالسا بولاتتى تېز.....     ..مىلاندىكى ئاۋۇ گېرمانلىق مېركىلمۇ خىلى ياخشىكەن....... ئىلىشىچقا لېئو ۋە موراتتىنىڭ كۆزى چۈشكەن..قانداق قىلدىكىن......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-6-17 17:13:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋېۋىئانونىڭ يېرىم ھۇقۇقى ئېنتېردىغۇ! ئەكىلىش ئۇنچە تەسكە توختىماس!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-6-17 17:15:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى چىناردە2011-06-17 17:13يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
ۋېۋىئانونىڭ يېرىم ھۇقۇقى ئېنتېردىغۇ! ئەكىلىش ئۇنچە تەسكە توختىماس!  
شۇڭلاشقا ئەكىۋالسا بولاتتى دەيمەنغۇ .......يەنە پىشسۇن دەپ ئەكەلمەسمىكىن دەيمىنا......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-6-17 17:18:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاچانغىچە پىشىدۇ! ئېنتېر ۋاقتىدا ئەكىلۋالمىسا قاراقچىلار بۇلاپ كەتمىسۇن دەيمەن     
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-6-17 17:20:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېرىم ئىگىلىك ھوقۇقى بىزدە.بۇلايمەن دېسىمۇ بۇلىيالمايدۇ........     شۇڭا قوقمايمىز.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-6-17 17:43:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىستىقپالى بىلەن كارى يوق ياش توپچىلار بولسا... قارا ئۆڭكۈرنىڭ قارا ئىشىكى ئۇلارغا مەڭگۈ ئوچۇق..!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-6-17 17:49:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى چوكىناتدە2011-06-17 17:43يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئىستىقپالى بىلەن كارى يوق ياش توپچىلار بولسا... قارا ئۆڭكۈرنىڭ قارا ئىشىكى ئۇلارغا مەڭگۈ ئوچۇق..!!!

شۇنداق ئوخشادۇ...سەن ھەجەپ بىلىدىكەنسىنا ؟؟؟ ئارسېنالدىن ئىنتېرغا ئەۋەتكەن ئىشپىيون ئەمەسسەن..... ...... بىزنىڭ ئىستىقبالى بىلەن كارمىز يوقكەن تېخى....... ..ئەمىسە سىلەرچە قانچىلىك ئىستىقبالى بار توپچىلارنى يىغدىڭلار؟؟؟؟ يەنە شۇ ئىستىقباللىق توپچىلارمۇ بىرەر لوڭقا ئالالماي يۈرىدىغۇ ؟؟؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-6-17 17:56:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


  توسىك بىلەن مانچستىرغا قوشۇلغان راجىچ شۇ ۋاقىتتىلا ئۆز ئانا كۇلۇبىغا ئىجارىگە بىرىلىپ ھازىرغىچە خەۋىرى بولمىغان. قاچان فىلورىنسىيەگە ئۆتۈپ كەتتى. قانداق ئۆتۈپ كەتتى؟ بىلدىغانلار دەپ بەرگەن بولساڭلار.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-6-17 18:05:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا لاجاجىچنىڭ  تارىخى.......  http://baike.baidu.com/view/3172770.htm

ئۇ 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى 贝尔格莱德游击  كوماندىدىن فىلورېنساغا قوشۇلغان ئىكەن...... 5يىللىق توختامىمۇ بار ئىكەن.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-28 19:26

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش