پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 1205|ئىنكاس: 0

پۇل ئۇتقىلى بولىدىغان تېما ! (بۇغرا)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

130

تېما

1

دوست

4086

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  68
يازمىسى: 4086
نادىر تېما: 8
ياۋرۇ: 10052813
تۆھپە: 126
ۋاقتى: 1392
h
ھالەت

مادرىد لۈكچىكى ئالاھىدە تۆھپە ئۆمۈرلۈك شەرەپ تەشۋىقات ئەلچىسى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2007-10-10 12:39:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاستىدىكى < بىرگە ئون > دېگەن پۇللۇق تېمامنىڭ مەزمۇنى مۇنداق:
======================================================================
   ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسى ئىككى مەيدان ئوينىلىپ بولدى، گەرچە سەل كېچىككەن بولساقمۇ تۆۋەندىكى 13 كوماندىدىن قايسى كوماندىنىڭ ئۆز گۇرۇپپىسىدىن چىقالمايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىپ باقايلى ! ئىنكاسىڭىزدا بىرلا كوماندىنى تاللايسىز!

1.لېۋىرپۇل
2.ماسەي
3.چېلسى
4.ۋالېنسىيا
5.خانلىق مادرىد
6. مىلەن
7.بارسېلونا
8. گېراسكو سەرگەردانلار كوماندىسى
9.مانچېستېر
10.رىم
11.ئېنتىر مىلەن
12.ئارسىنال
13. سېۋىللا

  ھەراس، قانداق پۇل ئۇتىمەن دەپ ئويلاۋاتقانسىز؟ ماۋۇ تېمىنى لاتارىيە خاراكتېرىدە قىلىپ يوللىدىم، بىر قېتىم تاللىشىڭىز (ئىنكاس يېزىشىڭىز) 50 مۇنبەر پۇلى، تاللىغان كوماندىڭىز راستلا ئۆز گۇرۇپپىسىدىن چىقالمىسا مەن سىزگە 500 مۇنبەر پۇلى يوللاپ بېرىمەن.
 
  ھەر بىر ئەزانىڭ بىرلا قېتىم تاللىشى ھېساب قىلىنىدۇ، ئىنكاسىنى تەھرىرلەشكە بولمايدۇ، تاللاش ۋاقتى چېمپىيونلار لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 3- ئايلانمىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن بولىدۇ. ( شۇ ۋاقىتقا ئاز قالغاندا تېما تاقىلىدۇ)

  ھازىرقى گۇرۇپپا ئەھۋالىنى تۆۋەندىكى تور بەتنى چېكىپ كۆرۈڭ.
http://sports.sina.com.cn/g/2007-09-19/04583157232.shtml


ئەگەر يۇقارقى 13 كوماندىنىڭ ھەممىسى ئۆز گۇرۇپپىسىدىن چىقالىسا، 50 دوللارىڭىزنى 100 دوللار قىلىپ قايتۇرۇپ بېرىمەن.

  بۇ تېمىنى يوللاشتىكى مەقسىتىم پۇل تېپىش ئەمەس، ( ئۆزىڭىزمۇ كۆرگەنسىز، يۇقىرىدىكى ھەممە كوماندا ئۆز گۇرۇپپىسىدىن چىكىتىپ قالسا ،ياكى توغرا تېپىۋالغانلار كۆپ چىقىپ قالسا مەن زىيانغا بوغۇلىمەن.)

  مۇنبەر بىر مەزگىللىك كىرزىستا نۇرغۇن ئەزالارنى ۋاقتىنچە يۈتتۈرۈپ قويدى، بۇ تېمىنى مۇنبەرنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئازراق بولسىمۇ ئاشۇرارمىكىن دەپ يوللىدىم....

قېنى باشلاپ كەتتۇق ئەمىسە~ باشقۇرغۇچىلار پىخسىقلىق قىلماي ئەزالارغا باش بولۇپ تاللاڭلار جۇمۇ ! < بىر كويغا ئوم كوي، بەش كويغا ئەللىك كوي> دېگەندەك........ (چاخچاق )  [s:12]
=====================================================================

  دوسلارغا چۈشەنچە :
  مەن مۇنبەرنىڭ تېما سېتىش دېگەن ئىقتىدارىنى ئىنكاس سېتىش دەپ خاتا چۈشىنىۋېلىپ باشتا ئاستىدىكى تېمىنى يوللاپ قويۇپتىمەن، ئۆچۈرىۋەتكۈم كەلمەي بۇ يەرگە كۆپەيتىپ يازدىم، قىزىققانلار كىرىپ سېتىۋېلىڭلار. 
  تېما ئادرىسى:
   http://www.putbol.cn/read.php?tid=1942

       بۇ تېما تاقاق،ئىنكاس يازماڭ ! قىزىقىدىغانلار يۇقارقى ئادرىسقا كىرىپ تەلىيىڭلارنى سىناڭلار.



 
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى
  
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Putbol.Cn ( 新ICP备12001847号-1 )